تقام صلاة الفجر في مساجد بلدهم قبل وقتها، فماذا يفعلون ؟

مەسچىتتە بامدات نامىزى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

فتوى مترجمة إلى اللغة الأويغورية، عبارة عن سؤال أجاب عنه فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد - اثابه الله -، ونصه: « نظرا ليقيننا وبالدليل المُشاهد والمرئي بوجود خطأ فادح في تقاويم الصلاة في بلادنا وأخطرها تأخير أذان صلاة الفجر عن وقته الفجر الصادق (أي الأذان قبل دخول الوقت بأكثر من 30 د) فنحن نصلي مع الجماعة نافلة ثم نعيد الأذان والراتبة والفرض في دورنا أو خارج المسجد... فالذي نريد معرفته هو: 1- هل سلوكنا هذا صحيح ؟ 2- هل حديث النبي صلى الله عليه وسلم [لَعَلَّكُمْ سَتُدْرِكُونَ أَقْوَامًا يُصَلُّونَ الصَّلَاةَ لِغَيْرِ وَقْتِهَا، فَإِنْ أَدْرَكْتُمُوهُمْ فَصَلُّوا فِي بُيُوتِكُمْ لَلْوَقْتِ الَّذِي تَعْرِفُونَ، ثُمَّ صَلُّوا مَعَهُمْ، وَاجْعَلُوهَا سُبْحَةً] وهل فهمنا له صحيح أي الصلاة مع الجماعة لاتقاء الفتنة ثم الإعادة؟ 3- هل من العلماء من قال "إذا صليت صلاة مع إمام يعتقد بدخول الوقت الشرعي فصلاتك صحيحة" ولو ثبت عندك دليل يُخالف رأي إمام المسجد؟ 4- وما هو القول الفصل في وقت آذان صلاة الفجر: هل يكون عند حلول الغلس أو عند الإسفار أو ظهور الحُمرة العارضة...أو غيره؟ 5- وأحوالنا كذلك صوبونا بارك الله فيكم وأفيدونا بما ينفعنا أرجوا من الله أن يوفقكم للردّ علينا في أقرب الآجال والله المستعان. وفقكم الله وبارك لكم في جهودكم ».
ئۆز ئىشەنچىمىز ۋە ئەمەلى دەلىل-پاكىتلارغا ئاساسەن شەھرىمىزدە ناماز ۋاختىنى بىكىتىشتە چوڭ خاتالىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بامداتنىڭ ئەزىنىنى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئوقۇش، (يەنى بامداتنىڭ ۋاختى كىرىشتىن يىرىم سائەت بۇرۇن ئەزەن ئوقۇلىدۇ) بىز مەسچىتتە جامائەت بىلەن نەپلە نىيىتى بىلەن ناماز ئوقۇيمىز، ئاندىن ئەزاننى قايتا ئوقۇپ، بامداتنىڭ پەرز، سۈننەتلىرىنى ئۆيىمىزگە قايتىپ ياكى مەسچىتنىڭ سىرتىدا قايتا ئوقۇيمىز، بىز تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئوچۇق بىلىشنى مەخسەت قىلىمىز:
1-بىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمىز توغرىمۇ؟.
2- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە: «سىلەر بىر بۆلۈك كىشىلەرگە ئۇچرايسىلەر، ئۇلار نامازنى ئۆز ۋاختىنىڭ غەيرىدە ئادا قىلىدۇ، سىلەر ئۇلارغا ئۇچراشقان ۋاقىتتا، نامازنى بىلگىنىڭلارچە بويىچە ئۆز ۋاختىدا ئوقۇڭلار، ئاندىن ئۇلار بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇڭلار، ئۇلار بىلەن بىرگە ئوقۇغان نامازنى نەپلە قىلىڭلار» دىيىلگەن، بىزنىڭ پىتنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، ئاندىن يەنە قايتا ئوقۇغۇنىمىز ئاشۇ ھەدىسنى توغرا چۈشەنگەنلىكىمىزمۇ؟.
3-بەزى ئۆلىمالار: "شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە نامازنىڭ ۋاختى كىردى دەپ قارىغان ئىمام بىلەن ناماز ئوقۇغاندا، ئوقۇغان ناماز دۇرۇس بولىدۇ" دەيدۇ، ئەگەر سىزنىڭ قارىشىڭىزدىكى دەلىل مەسچىت ئىمامىنىڭ قارىشىغا زىت بولسىمۇ بولامدۇ؟.
4-بامداتقا ئەزان ئوقۇلىدىغان ۋاقىت توغرىسىدىكى تەپسىلى قاراش قايسى؟، قاراڭغۇلۇق ۋاقتىمۇ ياكى يورىغان ۋاقىتمۇ ياكى شەرقتىن قىزىللىق پەيدا بولغان ۋاقىتمۇ ياكى باشقا ۋاختى بارمۇ؟.
5-بىزنىڭ ئەھۋالىمىز مۇشۇنداق، بىزگە مەنپەئەتلىك بولغان توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولساڭلار، ئاللاھ تائالادىن: سىلەرنىڭ قىسقا ۋاقىتتا بىزگە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياردەم بەرسۇن، سىلەرنىڭ تېرىشچانلىقىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن.