البحث

عبارات مقترحة:

المنان

المنّان في اللغة صيغة مبالغة على وزن (فعّال) من المَنّ وهو على...

الغفار

كلمة (غفّار) في اللغة صيغة مبالغة من الفعل (غَفَرَ يغْفِرُ)،...

المصور

كلمة (المصور) في اللغة اسم فاعل من الفعل صوَّر ومضارعه يُصَوِّر،...

رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئا.قارلۇقى ، نىزامىددىن تەمكىنى
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات الإعلام والصحافة
«رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز» ناملىق بۇ ماقالىدا، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، تېلۋىزىيە دىن ئىبارەت«دىلبۇزار»نى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرمەسلىككە تىرىشىشىمىز ئارقىلىق، ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ دىنىغا، پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىخلاسىمىزنى نامايەن قىلىشىمىزنى ۋە شۇنداقلا مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزنى بۇ ئارقىلىق قوغداپ قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

التفاصيل

رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز     كۈنىسىرى يېقىنلىشىپ كىلىۋاتقان رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئېلىشنىڭ كۈيىدا قىزىق چېپىۋاتقان ئاتا- ئانىلارنىڭ سەزگۈر دېققىتى پەرزەنتلىرىگە تەھدىد سۈپىتىدە تىكىلىپ تۇرىۋاتقان تېلۋىزوردىن ئىبارەت بۇ ۋاستىنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ھەققىدە ئانچە- مۇنچە ئويلىنىشقا پۇرسەت بەردىمو يوق، بۇنى بىلىپ بولمايدۇ. لېكىن، بىلمىسەك بولمايدىغان بۇ مەسىلە ھەققىدە نۇرغۇن ئىشلارغا سوغۇق قاراپ ئادەتلىنىپ قالغان خەلقىمىزگە ئانچە- مۇنچە ئەسكەرتىشلەرنى بىرىش ئارتۇقچە بولماس. پەرۋاسىزلىق قارىشى ھۆكۈمران يەردە، نىجاتلىقتىن ئۈمىد كۈتۈش تولىمۇ قېيىن. بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، بىز ئۈچۈن "خالىسانە" خىزمەت قىلىۋاتقان رادىئو- تىلۋىزىيە ئىستانسىلىرى "رامىزانلىق" تىلۋېزىيە فىلىملىرىنى ھازىرلاۋاتقان بولۇشى تولىمۇ تەبىئىي. تاللاش ھوقۇقۇڭ بولمىغان يەردە، بىچارىلەرچە ياشاش سېنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىڭ بولۇپ قالىدۇ. شۇمىكىن، بىز ئەقىدىمىزگە، ئېتىقادىمىزغا، ئۆرپ- ئادەت ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزگە يۈز پرسەنت قارىمۇ قارىشى فىلىملەرنى كۆرۈپ كۆنۈپ كەتتۇق. "غەربكە ساياھەت خاتىرىسى" نى بېخارامان ئولتۇرۇپ سەيىر قىلىش، ئۆزىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇنى كۆرۈشتىن چەكلىمەسلىكىمىز ئېتىقادىمىزغا بولغان سەمىمىيىتىمىزنىڭ بىۋاستە گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرىۋېتىپتۇ. توغرا، بىزنىڭ تاللاش ھوقۇقىمىز يوق. گەرچە ئاساسىي قانۇندا، مىللىي ئەنئەنە، دېنى ئېتىقاد، تىل ۋە باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىنىش ھەققىدە ئۇزۇن- ئۇزۇن جوملىلەر چىرايلىق قىلىپ يېزىلغان بولسىمۇ، بۇ ھۆرمەت بىزنى، يا بىز بۇ ھۆرمەتنى تېپىپ بولالمىدۇق. شۇڭا بىزگىمۇ رامىزاندا كۈنىگە ئون - ئونبەش مىنۇتلۇق رامىزان ھەققىدىكى دىنىي ۋەز- نەسىھەتلەر تىلۋىزور ئىكرانلىرىدا ئەمەس، مەسجىدلەردىمۇ راۋا كۆرۈلمىدى. ئەمما بىزنىڭ تاللاش ھوقۇقىمىز شۇ فىلىملەرنى، كۆپ قىسىملىك تېلۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرمەسلىكتە ئىپادىلەنسە، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ دىنىغا، پەيغەمبىرى كۆرسەتكەن تەلىماتلارغا بوي ئەككەن بولساق، مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزنى بۇ ئارقىلىق قوغداپ قالساق بۇنىڭ نېمىسى يامان؟!! بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىمكانىمىز بار. رامىزان ھەرگىزمۇ ئويۇن- تاماشانىڭ، كىنو كۆرۈش، ناخشا- مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ، ياخشى يەپ- ئىچىشنىڭ ئېيى ئەمەس، قۇرئان ئوقۇيدىغان، تائەت ـ ئىبادەت قىلىدىغان، كۆپ ناماز ئوقۇيدىغان، خەير- ساخاۋەت قىلىدىغان، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى تاشلىمايدىغان، ئىتىكاپ قىلىدىغان ئاي. بىز بىزنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن، ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇشتىن، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توسىدىغان بۇنداق پروگراملاردىن يىراق تورغىنىمىز بىزنىڭ دۇنيا- ئاخىرىتىمىز ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى. ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشى ئىبادەت، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن! ئامىن! گەرچە ياراتقۇچىسنى رامىزاندىلا تونۇپ، باشقا ئايلاردا ئونتۇپ كېتىدىغان لەنەتكە لايىق "سۈنئىي مۇسۇلمان" لارنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمىسەممۇ، مۇشۇ خىل باشلىنىش، بۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى كەيپىياتلار بىلەن كۆپ قاتلاملىق تەھدىدكە دۈج كىلىۋاتقان مىللىي، دىنىي مەۋجۇدلىقىمىزنىڭ بىر مىنۇت بولسىمۇ ئۇزۇن ياشىشى ئۈچۈن ئىمكان ھازىرلىغان بولۇپ قالارمىزمىكىن، دېگەن ئۈمىدىم بۇ قۇرلارنى يېزىشقا مېنى زورلاۋاتىدۇ.  ھۆرمەتلىك ئاتا- ئانىلار! پەرزەنتلەرنى ياخشى، ئېتىقادلىق ئىنسان قىلىپ تەربىيلەش سىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىڭلار. سىلەر مەككىدە ياكى مەدىنىدە ئەمەس، بەلكى قەشقەردە، خۇتەندە ئۈرۈمچى، غولجا ... قاتارلىق شەھەرلەردە ياشاۋاتىسلەر، بىزنىڭ بۇ يەردىكى تېلۋىزىيە پروگراملىرىنى ئەركىن- ئازادە ئولتۇرۇپ كۆرگىلى بولمايدۇ. رامىزان ئايلىرىدا، ئىمكان يار بەرسە باشقا ئايلاردىمۇ خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن باشقا، ئېتىقادىمىز ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزگە يات بولغان فىلىملەرنى كۆرۈشتىن بالىلارنى توسۇپ قالايلى! بىز بۇنىڭدىن ئىككى خىل پايدا  ئالىمىز؛ بىرى، ئاللاھنىڭ رازىلىقى، ئىككىنچىسى مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنىڭ كاپالىتى. ئۆزىنى سۆيمىگەنلەر ئۆزگىلەر تەرىپىدىنمۇ سۆيۈلمەيدۇ. مەنچە بولغاندا، ئۆزىنى سۆيۈش ئۆز قەدىر- قىممىتىنى بىلىشتە ئىپادىلەنسە كېرەك. ئۇنداقتا بىزنىڭ قەدرىمىز- قىممىتىمىز زادى قەيەردە؟ ئەجەبا ئۇ بىزنىڭ ئېتىقادىمىز، مىللىي، دىنىي ئەنئەنىلىرىمىزدە ئەمەسمۇ؟! ئەجەبا ئۇ، شۇلارنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ئەمەسمۇ؟! بىز بۇ يەردە ھەممە ئىشتا ئىندىئانلاردەك مىللىي ئەنئەنە دەپ باشقا ھېچقانداق تەرەققىيات بىلەن كارى بولمايدىغان بىر مىللەت توپىنى داۋا قىلماقچى ئەمەسمىز. ئەمما بىز، بىزنى ئىپادىلەيدىغان، بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئىپادىلەيدىغان تەرەققىياتلارغا مۇھتاجمىز. تەرەققىيات پەقەت سانائەتلىشىشنى كۆزدە تۇتمايدۇ. ئۇنىڭ مەنىۋى تەرىپى بىز ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم. شۇڭا بۇ يىلقى رامىزان بىز ئۈچۈن بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئۆزىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى، دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنى تېلۋىزوردىن ئىبارەت "دىل بۇزارلار" نىڭ جەھەننەمگە باشلايدىغان ئازازۇل پروگرام ۋە فىلىملىرىنىڭ تەھدىدىدىن ساقلاپ قالايلى.