البحث

عبارات مقترحة:

البارئ

(البارئ): اسمٌ من أسماء الله الحسنى، يدل على صفة (البَرْءِ)، وهو...

القادر

كلمة (القادر) في اللغة اسم فاعل من القدرة، أو من التقدير، واسم...

المقدم

كلمة (المقدِّم) في اللغة اسم فاعل من التقديم، وهو جعل الشيء...

شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىنمىغان.

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئەللامە شەيخ دوكتۇر ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلجېبرىن ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات مناسبات دورية - شهر شعبان
مەن بىر كىتابتا شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)نىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتۇشنى بىدئەتنىڭ قاتارىدىن دەپ ئوقۇدۇم، يەنە بىر بىر كىتابتا شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)نىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئوقۇدۇم، بۇ ھەقتىكى كەسكىن ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھۆكۈم قايسى، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا؟.

التفاصيل

    شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىنمىغان.   8907 نومۇرلۇق سوئال سوئال: مەن بىر كىتابتا شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)نىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتۇشنى بىدئەتنىڭ قاتارىدىن دەپ ئوقۇدۇم، يەنە بىر بىر كىتابتا شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)نىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئوقۇدۇم، بۇ ھەقتىكى كەسكىن ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھۆكۈم قايسى، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا؟. جاۋاپ: شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)نىڭ پەزىلىتى ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر ئىسپاتلانمىغان، ھەتتا بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنىمۇ ئىسپاتلايدىغان دەلىل يوق، بەلكى تابىئىنلارنىڭ بەزىسىدىن ئىسنادى ئۈزۈك بولغان ئەسەرلەر سۆزلەنگەن، بۇ توغرىدا كەلگەن ھەدىسلەر توقۇلما ياكى زەئىپدۇر. دۇنيانىڭ جاھالەت قاپلىغان نۇرغۇن شەھەرلىرىدە، شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)دە كىشىلەرنىڭ نام - ئەمەل سەھىيپىلىرى ئالمىشىپ ئۆمۈرلىرى يېزىلىدۇ........ دىگەندەك مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان رىۋايەتلەر مەشھۇر بولغان. بۇنىڭغا ئوخشاش، كېچىلەرنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش، كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇش ۋە بۇ كۈنلەرگە مەلۇم ئىبادەتلەرنى خاس قىلىۋېلىشنى ئىسلام شەرىئىتى بېكىتمىگەن. بىلىمسىزلىكتىن بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. (ئەگەر شۇ كىچىدە يىلنىڭ باشقا كېچىلىرىدە تۇرغاندەك تۇرۇپ ئىلگىرىدىن تارتىپ قىلىۋاتقان ئىبادەتلىرىگە شۇ كىچىدە بىرەر ئىشنى زىيادە قىلماستىن ياكى مەلۇم بىر ئىشنى خاس قىلماستىن  ئىبادەت قىلسا بۇنىڭ ھىچ زىيىنى يوق. شۇنىڭدەك شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنىنى ھەر ئايدا روزا تۇتىدىغان كۈن دەپ ئون تۆت ۋە ئون ئۈچىنچى كۈنلەر بىلەن قېتىپ ئۈچ كۈن روزا تۇتسا، ياكى ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن بولسا، شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى دۈشەنبە ياكى پەيشەنبە كۈنىگە مۇۋاپىق كېلىپ قالسا ۋە بۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە پەزىلەت ۋە زىيادە ساۋاپ بولۇشنى ئېتىقاد قىلماستىن بۇ كۈندە روزا تۇتسا بولىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.- شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مەنەججىد-).    

المرفقات

2

شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىنمىغان.
شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىنمىغان.