البحث

عبارات مقترحة:

الوهاب

كلمة (الوهاب) في اللغة صيغة مبالغة على وزن (فعّال) مشتق من الفعل...

الباطن

هو اسمٌ من أسماء الله الحسنى، يدل على صفة (الباطنيَّةِ)؛ أي إنه...

المؤخر

كلمة (المؤخِّر) في اللغة اسم فاعل من التأخير، وهو نقيض التقديم،...

ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات صفة الحج
ھەج ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپ، ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان كىشى ھەج قىلدى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟.

التفاصيل

  ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى   41849- نومۇرلۇق سوئال ھەج ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپ، ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان كىشى ھەج قىلدى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟. جاۋاپ: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. ھەجنى مەقسەت قىلىپ چىققان كىشىنىڭ ۋاپات بولىشى ئېھرامغا كېرىشتىن(يەنى ئىبادەتنى باشلاشتىن) بۇرۇن ياكى كېيىن بولىدۇ. ئېھرامغا كېرىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان بولسا ئاللاھ ئۇكىشىنىڭ نىيىتىگە مۇۋاپىق ھالدا ساۋاپ بېرىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنىڭ بىرى ھەج قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئەگەر ئېھرامغا كىرگەندىن كىيىن ۋاپات بولغان بولسا ئۇ كىشى ئۈچۈن ھەج قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ، بەلكى قىيامەت كۈنىدە تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ كىشى ئۈچۈن ھەج قىلىش كېرەك ئەمەس. شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھتىن ھەج قىلىش ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاپ ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان كىشى ھەققىدە سورالغاندا مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئىقتىساد توپلاپ ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھدىن ھەج قىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. چۈنكى ئۇ كىشى ياخشى ئەمەلنى مەقسەت قىلىپ كۈچىنىڭ يېتىشچە بۇنىڭ سەۋەبىنى قىلدى. كىمىكى ياخشى ئەمەلنى مەقسەت قىلىپ كۈچىنىڭ يېتىشچە بۇنىڭ سەۋەبىنى قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئۈچۈن شۇ ياخشى ئەمەلنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ، كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ياكى بۇ يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ». بۇ كىشى ھەج قىلىش ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاپ ئۆلۈپ كەتتى، بۇ كىشى ئۈچۈن ئىسلام بېكىتكەن پەرز ھەجنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق -تۇغقانلىرى ياكى باشقا بىر كىشىنى تەيىنلەش كېرەك، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر ئايال كېلىپ: يا رەسۇلۇللاھ! ئانام ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ھەج قىلالماي ئۆلۈپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلسام بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولىدۇ دېگەن. بۇ ئىش ئاخىرقى ۋىدالىشىش ھەججىدە بولغان. «شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى توپلىمى»11-توم 252-بەتكە قارالسۇن.  

المرفقات

2

ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى
ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى