البحث

عبارات مقترحة:

الباسط

كلمة (الباسط) في اللغة اسم فاعل من البسط، وهو النشر والمدّ، وهو...

المهيمن

كلمة (المهيمن) في اللغة اسم فاعل، واختلف في الفعل الذي اشتقَّ...

النصير

كلمة (النصير) في اللغة (فعيل) بمعنى (فاعل) أي الناصر، ومعناه العون...

ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ نەزەرىدە ئىمان كەم - زىيادە بولامدۇ؟

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين ، مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات العقيدة
ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ نەزەرىدە ئىمان كەم - زىيادە بولامدۇ، ئىماننىڭ ئېنىقلىمىسى نېمە؟

التفاصيل

  ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ نەزەرىدە ئىمان كەم - زىيادە بولامدۇ   9356سوئال نومۇرلۇق سوئال: ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ نەزەرىدە ئىمان كەم - زىيادە بولامدۇ، ئىماننىڭ ئېنىقلىمىسى نېمە؟ جاۋاب: ئىمان ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ نەزەرىدە « يۈرەك بىلەن ئىشىنىش، تىل بىلەن سۆزلەش ۋە ئەزالار بىلەن ئەمەل قىلىش»دۇر. بۇ ئۈچ نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. يۈرەكتىن ئىشىنىش. 2 . تىل بىلەن ئېلان قىلىش. 3. بەدىنى ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىش ( يەنى شەرىئەت تەكلىپلىرىنى ئورۇنلاش). ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئىمان كەم - زىيادە بولىدۇ. چۈنكى يۈرەكتىن ئىشىنىش بىرخىل بولمايدۇ. ئاڭلاپ ئىشىنىش بىلەن كۆرۈپ ئىشىنىش بىردەك ئەمەس. بىر ئادەمدىن ئاڭلاپ ئىشىنىشنىڭ كۈچى ئىككى ئادەمدىن ئاڭلاپ ئىشەنگەنگە يەتمەيدۇ. شۇڭا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن « پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىشىڭنى كۆرسەتكەن بولساڭ»دەپ سورىغان. ئاللاھ ئۇنىڭغا« مېنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىمغا ئىشەنمەمسەن؟» دەپ سورىغاندا:« ئۇنداق ئەمەس، ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن، لېكىن قەلبىم ئارام تاپسۇن ئۈچۈن سورىدىم»دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنداقتا ئىمان قەلبنىڭ چىن ئىشىنىپ ئارام تېپىشى ۋە خاتىرجەم بولىشى تەرەپتىن بىر خىل بولمايدۇ. ئىنسان بۇنى ھەمىشە ھېس قىلىدۇ. ۋەز - نەسىھەت سورۇنلىرىدا جەننەت ۋە دۇزاخنىڭ خەۋەرلىرى بايان قىلىنغاندا ئىنساننىڭ ئىمانى كۈچلىنىپ خۇددى جەننەت بىلەن دۇزاخنى كۆزى بىلەن كۆرىۋاتقاندەك ھالغا كېلىدۇ. ئۇنى غەپلەت باسقان چاغدا ياكى ۋەز - نەسىھەت سورۇنىدىن ئايرىلغان چاغدا ئۇنىڭدىكى بۇ چىن ئىشىنىش ئاجىزلاپ قالىدۇ. تىل بىلەن سۆزلەش تەرەپتىنمۇ ئىمان كەم - زىيادە بولۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھنى بىر قانچە قېتىم تىلى بىلەن ياد ئەتكەن ئادەم ئاللاھنى يۈز قېتىم زىكىر قىلىپ ياد ئەتكەن ئادەمگە ئوخشىمايدۇ.  شۇنىڭدەك ئىبادەتلەرنى تەلەبكە لايىق ھالدا تولۇق ئورۇنلىغان كىشىنىڭ ئىمانى ئىبادەتلەرنى ناقىسلىق بىلەن ۋە ياكى خوشياقماسلىق بىلەن ئورۇنلىغان كىشىنىڭكىدىن ئارتۇقتۇر. شۇنىڭدەك ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلغان كىشىنىڭ ئىمانى ئاز قىلغانلارنىڭكىدىن ئارتۇق بولىدۇ. قۇرئان ۋە ھەدىسلاردە بۇنىڭغا مىساللار كۆپ. « تاكى ئەھلى كىتاب ئىمان ئېيتسۇن، مۆمىنلەرنىڭ ئىمانى كۈچەيسۇن ئۈچۈن  بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق»(مۇددەسىر سۈرىسى 31- ئايەت). « (قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ئارىسىدا (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بۇ (يەنى سۈرە) قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى» دەيدىغانلار بار، مۆمىنلەرگە كېلىدىغان بولساق، (ھەر سۈرىدە يېڭى دەلىل - ئىسپاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن) بۇ (يەنى سۈرە) ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى، ئۇلار (سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) خۇشال بولىدۇ. دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) غا كېلىدىغان بولساق، بۇ (سۈرە) ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى (يەنى ئۇلار مۇناپىقلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، تېخىمۇ گۇمراھلاشتى)، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى»(تەۋبە سۈرىسى 124-125- ئايەتلەر). قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق ئىماننىڭ كۈچىيىپ ۋە ئاجىزلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.  

المرفقات

2

ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ نەزەرىدە ئىمان كەم - زىيادە بولامدۇ
ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ نەزەرىدە ئىمان كەم - زىيادە بولامدۇ