البحث

عبارات مقترحة:

القادر

كلمة (القادر) في اللغة اسم فاعل من القدرة، أو من التقدير، واسم...

القيوم

كلمةُ (القَيُّوم) في اللغة صيغةُ مبالغة من القِيام، على وزنِ...

الودود

كلمة (الودود) في اللغة صيغة مبالغة على وزن (فَعول) من الودّ وهو...

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات سورة الحج
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خاتالىقلار قايسىلار؟

التفاصيل

      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار.   36647-نومۇرلۇق سوئال سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلغاندا يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خاتالىقلار قايسىلار؟ جاۋاپ: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. ھاجىلاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلغاندا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت: 1- بەزەن ھاجىلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش ھەجگە مۇناسىۋەتلىك ياكى زىيارەت قىلمىسا ھەج دۇرۇس بولمايدۇ دەيدىغان خاتا ئېتىقادى كۆز قاراش بار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھەجگە ئالاقىسى يوق، ئۇنىڭسىزمۇ ھەج تامام بولىدۇ. ئەسلىدە ئىلگىرىكى زامانلاردىمۇ ھەجگە كەلگەن كىشىلەر شۇ سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىپ ئادەتلەنگەن، ھەج قىلىش ئىسلامنىڭ مۇھىم پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش ئۇنداق ئەمەس، ھېچ قانداق بىر ئالىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى ياكى قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى ئىسلامنىڭ مۇھىم پرىنسىپلىرىدىن دەپ كۆرسەتمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش مۇستەھەپ ئەمەللەردىندۇر. 2- بەزەن كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىپ ئايلىنىدۇ، بۇ جاينىڭ تاملىرى ۋە ئىشىك- دەرىزىلىرىنى تەۋەررۈك قىلىپ سىلايدۇ، ھەتتا مەڭزىنى يېقىپ سۆيۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى توغرا بولمىغان بىدئەت ئىشلاردىندۇر، چۈنكى كەبىدىن باشقا جاينى تاۋاپ قىلىش توغرا ئەمەس. شۇنىڭدەك مەڭزىنى يېقىپ سۆيۈشمۇ  كەبىنىڭ مەلۇم جايلىرىدا (مۇلتەزىم- كەبىنىڭ دەرۋازىسى بىلەن ھەجەر ئەسۋەد ئارىلىقىدىكى جاي- ۋە ھەجەر ئەسۋەد-ت-) بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ تاملىرىنى سۆيۈش قاتارلىقلارنى ساۋاپ بولىدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئىنساننى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرماستىن بەلكى ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. 3- بەزەن كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا مەسچىتنىڭ تاملىرى، مېھرابلىرى ۋە مۇنبىرىنى تەۋەررۈك قىلىپ سىلايدۇ، ( يەنى بەرىكەت بولىدۇ دېگەن كۆز قاراش بىلەن) بۇمۇ توغرا ئەمەس. 4-بەزەن زىيارەتچىلەر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە رىغبەتلەنگەن نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىدۇ، بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى رازى بولمايدىغان، ئىنساننى ئىسلام مىللىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغان چوڭ شېرىك ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مەسچىتلەر ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھغا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار» جىن سۈرىسى 18- ئايەت. «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن( تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» غاپىر سۈرىسى 60- ئايەت. «ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ كاپىر بولىشىغا رازى بولمايدۇ» زۇمەر سۈرىسى 7- ئايەت. بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كىشىگە رەددىيە بېرىپ: «مىنى ئاللاھغا شېرىك قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇ بولىدۇ» دېگەن( ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان). ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:« ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى ئۆزەمدىن دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ»(ئەراپ سۈرىسى 188- ئايەت)، «ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە پايدا- زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن(بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ)، ئېيتقىنكى،(ئەگەر مەن ئاللاھغا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھدىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن( شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن سىلەرنىڭ تەلىۋىڭلارنى قانداق قوبۇل قىلالايمەن)» (جىن سۈرىسى 21- ئايەت)، دېگەن تۇرسا نېمە ئۈچۈن  قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە رىغبەتلەنگەن  نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىدۇ؟. ئىنسان ئۆزىنىڭ بارلىق ئارزۇ- تىلەكلىرىنى  ھەممىگە قادىر ئاللاھدىن تىلىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋەسىلە قىلماستىن ۋاستىسىز ھالدا ئاللاھتىن تىلىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامگە ئېشىنىش، ياخشى كۆرۈش ۋە ھەممە ئىشلاردا قانداق ئىتائەت قىلىشنى بىلىشى، ئاللاھدىن ساغلام ئەقىدىدە مۇستەھكەم قىلىشىنى سورىشى، ئىبادەتنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن بويۇنچە قىلىشى كېرەك.                               شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ھەج- ئۆمرە قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار» دېگەن كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.    

المرفقات

2

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار