البحث

عبارات مقترحة:

الكبير

كلمة (كبير) في اللغة صفة مشبهة باسم الفاعل، وهي من الكِبَر الذي...

الجبار

الجَبْرُ في اللغة عكسُ الكسرِ، وهو التسويةُ، والإجبار القهر،...

الحكم

كلمة (الحَكَم) في اللغة صفة مشبهة على وزن (فَعَل) كـ (بَطَل) وهي من...

ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش نېمىدېگەن خەتەرلىك ھە!

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف صلاح بن محمد البدير ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات الفضائل - فضائل صلة الأرحام وبر الوالدين
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ14/6/1431 ھـ 2010-يىلى05-ئاينىڭ28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئاتا-ئانىنى قاقشاتقانلىقنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى خەتىرى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇپ، ئازار قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى، ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقان كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىس روھىغا ئۇيغۇن روشەن چۈشەنچىلەرنى بېرىدۇ.

التفاصيل

ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش نېمىدېگەن خەتەرلىك ھە! 2010-يىلى 05-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلغان ئىنسان دۇنيا-ئاخىرەتتە  بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ" دېگەن ماۋزۇدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى: ئىنسان ئاتا-ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش،كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق ۋە ئېھسان قىلىشنىڭ ساۋابىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مەن ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ، ھىجرەت قىلىش ۋە جىھاد قىلىش ئۈچۈن سىلىگە بەيئەت قىلغىلى كەلدىم دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن: ئاتا-ئانىڭىزدىن بىرەرسى ھاياتمۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ كىشى: ئىككىلىسى ھايات دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىز ئاللاھدىن ساۋاپ تەلەپ قىلامسىز؟دەپ سورايدۇ، ئۇ كىشى: ھەئە دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ دەيدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. قىز-ئوغۇللارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى قاقشىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇسىبەت، بالا-قازالار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن پەيدا بولغان قەلب جاراھەتلىرى ساقايمايدۇ. بۇ ئىسلامدا چەكلەنگەن ئېغىر جىنايەت بولۇپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە قاتتىق ئازابىغا ئۇچرايدۇ. ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟دېگەندە، ئۇلار: ئېيتىپ بەرسىلە يا رەسۇلۇللاھ دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش دېگەندىن كىيىن قايتىدىن رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ، يالغان سۆزلەش ۋە يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىش دېگەن سۆزنى قايتا-قايتا تەكرارلىدى. بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كاشكى توختاپ قالغان بولسىچۇ دەپ ئۈمىد قىلىپ كەتتۇق». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:  «ئاتا-ئانىسى ياشانغان ۋاقىتتا  خىزمىتىنى ياخشى قىلماي جەننەتكە كېرىشتىن مەھرۇم بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي دېگەن سۆزنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلىدى». [مۇسلىم رىۋايىتى]. ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىنىڭ پەسكەشلىكى، دۆتلۈكى، ھاماقەتلىكى شۇكى، ئۇ ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ، ئاجىزلىشىپ قالغاندا ئۇلارغا تۇز كورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىنى ئۇنتۇپ، ياردەمسىز تاشلاپ قويۇپ، ۋاپاغا جاپا قىلىپ، ساپ قەلبىگە ئازار يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادتىن قىسىپ ئۇلارنى خارلايدۇ. ئاتا-ئانىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋەتمەسلىكنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئائىلىسى ۋە بالا-چاقىلىرىنى ھەتتا ئابرۇيلۇق پۇلدار دوست-بۇرادەرلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ئاندىن ئاتا-ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئەقىل تېپىپ، يۈز-ئابرۇيغا ئېرىشىپ مۇشۇ ھالەتكە كەلگىنىنى ئويلىمايدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن ياخشىلىق، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە ھېسداشلىق كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىلار قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىلارنى ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا ھەرخىل جازالار بىلەن جازالاپ، ئۆزلىرىنىڭ توغرا قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كاشكى ئاتا-ئانامنى قاقشاتمىغان بولسامچۇ دەيدۇ، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا پۇشايمان پايدا بەرمىگەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن دېگىن.» [سۈرە ئىسرا 24-ئايەت]. يەنى ئۇلارغا مېھرىبان بولۇپ، كەمتەرلىك بىلەن خىزمىتىنى قىلىپ، ئېسىل، كۆڭلى سۇيىنىدىغان سۆزلەرنى قىلىش كېرەك. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتىنىڭ رازىلىقى بىلەن، ئاللاھنىڭ غەزىپى ئاتىنىڭ نارازىلىقى بىلەن بولىدۇ»دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى]. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئاتا-ئانىمىزغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەھمىتىگە مۇيەسسەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.