البحث

عبارات مقترحة:

الحافظ

الحفظُ في اللغة هو مراعاةُ الشيء، والاعتناءُ به، و(الحافظ) اسمٌ...

المؤمن

كلمة (المؤمن) في اللغة اسم فاعل من الفعل (آمَنَ) الذي بمعنى...

الجواد

كلمة (الجواد) في اللغة صفة مشبهة على وزن (فَعال) وهو الكريم...

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈسۈلى

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز ، مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
القسم كتب وأبحاث
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات صفة الصلاة
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈسۈلى ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىنى، تەكبىردىن تارتىپ تا سالام بەرگەنگە قەدەر ئېخچام ۋە چۈشۈنۈشلىك قىلىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.

التفاصيل

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلى تاھارەت ئېلىش. قىبلىگە يۈزلۈنۈش. ئېھرام تەكبىرى، تەكبىر بىلەن بىرگە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش ۋە ئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىدە قويۇش. ناماز باشلاش دۇئاسى. رۇكۇغا بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن بىشىنى كۆتۈرۈش. سەجدىگە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن بېشىنى كۆتۈرۈش. ئىككى رەكئەتلىك نامازدا تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى. ئۈچ ۋە تۆت رەكئەتلىك نامازلاردا تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى.  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىuyghur >پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز—™تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۇسۇپتەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلى بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلى ھەققىدە توختالغان كىچىك بىر رىسالە بولۇپ، بۇنى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئىختىيار قىلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «نامازنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار،» دېگەن. [بۇخارىي رىۋايىتى]. تۆۋەندە يۇقىرىقى ھەدىسنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ نامازنىڭ بايانى قىسقىچە بېرىلىدۇ: تاھارەت ئېلىش. 1- ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغاندەك تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئايەتكە ئەمەل قىلىشى لازىم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز ئوقۇماقچى بولۇپ تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار.» [سۈرە مائىدە 6-ئايەت]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاھارەتسىز ئوقۇلغان ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. قىبلىگە يۈزلۈنۈش. 2- پەرز ياكى نەپلە ناماز بولسۇن ناماز ئادا قىلىش نىيىتىنى قەلبىدىن كەچكۈزۈپ، كەئبە تەرەپكە پۈتۈن بەدىنى بىلەن يۈزلىنىدۇ. نامازنىڭ نىيىتىنى ئېغىز ئارقىلىق قىلمايدۇ، چۈنكى نامازدا ئېغىز بىلەن نىيەت قىلىش دىنىمىزدا يولغا قويۇلمىغان ئىشلارنىڭ تۈرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە سەھابە كىراملار نامازدا ئېغىز ئارقىلىق نىيەت قىلمىغانلىقى سەۋەبى بىلەن، باشقىلارنىڭ ئۇ ئىشنى ئىبادەت دەپ قىلىشى بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. ئىمام بولسۇن ياكى يالغۇز ناماز قىلغۇچى بولسۇن، ئالدىغا توساپ تۇرغۇدەك بىر نەرسە قويۇپ ناماز ئوقۇشى كېرەك. ئەمما ئەھلى-ئىلىملارنىڭ كىتابلىرىدا مۇستەسنا قىلىنغان مەسىلىلەردىن باشقا ئەھۋاللاردا، قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىدۇر. ئېھرام تەكبىرى، تەكبىر بىلەن بىرگە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش ۋە ئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىدە قويۇش. 3- ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ نامازغا كېرىش تەكبىرىنى ئېيتقان ھالدا، كۆزى سەجدە قىلىدىغان جايدا بولىدۇ. 4-نامازغا باشلاش تەكبىرىدە ئىككى قولىنى قۇلاقلىرىنىڭ تۈۋىگىچىلىك ياكى ئىككى دولىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ. 5- قىيامدا ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ مەيدىسىدە تۇتۇش. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سابىتتۇر. ناماز باشلاش دۇئاسى. 6- فاتىھەنى ئوقۇشتىن بۇرۇن بۇ دۇئانى ئوقۇش. ﴿سبحانك اللهم وبحمدك وتبارك اسمك وتعالى جدك ولا اله غيرك﴾ نى ياكى ﴿ اللهم باعد بيني وبين خطاياي كما باعدت بين المشرق والمغرب. اللهم نقني من خطاياي كما ينقى الثوب الأبيض من الدنس. اللهم اغسلني من خطاياي بالماء والثلج والبرد﴾ نى ئوقۇيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 711-ھەدىس].  ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبىرىمىزدىن سابىت بولغان ناماز باشلاش دۇئاسىنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ئەڭ ئەۋزىلى بىرقېتىم ئۇنى بىرقىېتىم بۇنى ئوقۇشتۇر. ئۇنىڭدىن كىيىن: (أَعوذُ باﷲ مِن الشَيطان الرجيم، بِسم الله الرحمن الرحيم) دەپ فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس،» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 723-ھەدىس].  ئۇنىڭدىن كىيىن قېرائەت ئاۋازلىق ئوقۇلىدىغان نامازلاردا "ئامىن" نى ئۈنلۈك، قىرائەت ئىچىدە ئوقۇلىدىغان نامازلاردا "ئامىن" نى ئىچىدە دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن قۇرئان سۈرىلىرىدىن خالىغان بىر سۈرىنى ئوقۇيدۇ. پىشىن، دېگەر ۋە خۇپتەن نامازلىرىدا فاتىھەدىن كىيىن ئۇزۇنلىقى نورمال سۈرىلەرنى ئەۋزەلدۇر. بامدات نامىزىدا ئۇزۇنراق سۈرىلەرنى، شام نامىزىدا گاھىدا ئۈزۈن گاھىدا قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇش رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىگە ئۈيغۇندۇر. رۇكۇغا بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن بىشىنى كۆتۈرۈش. 7- ئۇنىڭدىن كېيىن «اَللھُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر ) دەپ تەكبىر ئېيتىپ ئىككى قولىنى ئىككى دولىسىنىڭ ياكى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ ۋە رۇكۇغا بارىدۇ. رۇكۇدا ئىككى قولى بىلەن ئىككى تىزىنى بارماقلىرىنى ئاچقان ھالەتتە تۇتۇپ باش بىلەن بەل قسىمىنى ئوخشاش تەكشىلىكتە ئېگىدۇ. رۇكۇدا ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپراق ﴿سُبْحانَ رَبِّيَ الْعَظيْم﴾ (سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم) دەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ﴿سُبحانك اللهم وبِحَمدك، اللهم اغفر لي﴾ دېيىش مۇستەھەبتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى]. 8- رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە ﴿سَمِعَ اﷲُ لِمَنْ حَمِدَه﴾ (سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدەھ) دەپ ئىككى قولىنى ئىككى دولىسىنىڭ ياكى قۇلىقىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ. ئىمام بولسۇن ياكى يالغۇز ھالەتتە ناماز ئوقۇسۇن رۇكۇدىن تۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ﴿رَبَّنَا وَلَكَ اْلحَمْــدُ﴾ ( رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ ) دەيدۇ. ئەگەر بۇنى تولۇق دېسە ئەۋزەل: ﴿ربنا ولك الحمد حمدًا كثيرًا طيبا مباركًا فيه ملء السماوات وملء الأرض وملء ما بينهما وملء ما شئت من شيء بعد﴾ [مۇسلىم رىۋايىتى]. سەجدىگە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن بېشىنى كۆتۈرۈش. 9- ئۇنىڭدىن كىيىن «اَللھُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر ) دەپ تەكبىر ئېيتىپ سەجدىگە بارىدۇ. سەجدە قىلىشتا قىيىن كەلمىسە ئىككى تىزىنى ئاۋۋال يەرگە قويىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن قوللارنى قويىدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلىش قىيىن كەلسە، ئاۋۋال ئىككى قولىنى كىيىن ئىككى تىزىنى يەرگە قويۇپ، پۇت ۋە قوللىرىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىپ قول بارماقلىرىنى جەملىگەن ھالدا يەتتە ئەزاسى بىلەن سەجدە قىلىدۇ. ئۇلار: پىشانە بىلەن بۇرۇن، ئىككى قول، ئىككى تىز ۋە ئىككى تاپاندۇر. سەجدىدە يەنە ئۈچ قېتىم: ﴿سُبْحاَن رَبِّيَ الأعلى﴾ (سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا) دەيدۇ. سەجدىدە بۇ زىكىرنى ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپراق دېيىش سۈننەتتۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە: ﴿سبحانك اللهم ربنا وبحمدك، اللهم اغفر لي﴾ دېيىش مۇستەھەبتۇر. سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىش ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رۇكۇدا رەب سۇبھانەھۇ ۋەتەئالىنى ئۇلۇغلاڭلار، ئەمما سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭلار.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. ئاللاھ تائالادىن، ئۆزىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق تىلەيدۇ. مەيلى ناماز پەرز ناماز بولسۇن ياكى نەپلە بولسۇن ئۇنىڭدا دۇئانى كۆپ قىلىش ياخشىدۇر. سەجدىدە ئىككى تىزنى قوساقتىن يىراقراق تۇتىدۇ. ئىككى جەينەكنى يەردىن ئۈستۈن كۆتۈرگەن ھالدا سەجدە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەجدىدە بەدەنلىرىڭلانى تۈز تۈتۈڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن بىرەر كىشى ئېشىت ياتقاندەك بىلەكلىرىنى يەرگە قويمىسۇن.» [بۇخارى رىۋايىتى]. 10- سەجدىدىن «اَللھُ اَكْبَرْ» دەپ تەكبىر بىلەن تۇرىدۇ. سول پۇتىنى يېيىپ، ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ ئولتۇرىدۇ. ئىككى قولىنى ئىككى تىزى ئۈستىدە تۇتىدۇ ۋە: ﴿رَبِّ اغفِرليِ، وَارْحَمْنيِ وَاھْدني وارزقْنيِ وَعافِنيِ وَاجْبُرْني﴾ تەرجىمىسى: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى ئەپۇ قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، ماڭا رىزىق بەرگىن، مېنى سالامەت قىلغىن ۋە تائېتىڭگە مۇيەسسەر قىلغىن» دېگەن دۇئانى ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. بۇ ئولتۇرۇشتا پۈتۈن ئەزالار ئۆز ئورنىغا چۈشۈپ بولغىچىلىك ئالدىرىماستىن ئولتۇرۇش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلاتتى. [تىرمىزى رىۋايىتى]. 11-«اَللھُ اَكْبَرْ» دەپ ئىككىنچى سەجدىگە بېرىپ يەنە بىرىنچى سەجدىدە قىلغان ئىشلارنىڭ ئۆزىنى قىلىدۇ. 12- سەجدىدىن كىيىن يەڭگىل ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىن كىيىن ئورنىدىن تۇرىدۇ. بۇ ئولتۇرۇشنى راھەت ئىلىش ئولتۇرۇشى دەپ ئاتايدۇ. ئەگەر ئىككىنچى سەجدىدىن كىيىن ئولتۇرماستىنلا قىيامغا تۇرسىمۇ بولاۋېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن تىزىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئەگەر قىيىن بولاپ قالسا يەرگە تايىنىپ ئورنىدىن تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن سۈرە پاتىھەنى ۋە خالىغان سۈرىلەرنى ئوقۇيدۇ. شۇنداقلا بىرىنچى رەكئەتتە قانداق قىلغان بولسا ئىككىنچى رەكئەتتىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئىككى رەكئەتلىك نامازدا تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى. 13- ئەگەر ناماز بامدات، جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىغا ئوخشاش ئىككى رەكئەتلىك ناماز بولسا، ئىككىنچى رەكئەتنىڭ سەجدىسىدىن كېيىن ئوڭ پۇتنى تىك تۇتۇپ، سول پۇتىنى ياتقۇزۇپ بېسپ ئولتۇرىدۇ. ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە ئەركىن قويۇپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتىگە ئىشارەت قىلىدۇ ۋە تۆۋەندىكى تەشەھھۇد دۇئاسىنى ئوقۇيدۇ: ﴿ اَﻟﺘَّﺤِﻴَّﺎتُ ﻟِﻠّٰﻪِ وَاﻟﺼَّﻠَﻮَاتُ وَاﻟﻄَّﻴِّﺒَﺎتُ٠ اَﻟﺴَّﻠﺎَمُ ﻋَﻠَﻴْﻚَ اَﻳُّﻬَﺎ اﻟﻨَّﺒِﻰُّ وَرَﺣْﻤَﺔُ اﻟﻠّٰﻪِ وَﺑَﺮَﻛَﺎﺗُﻪُ٠ اَﻟﺴَّﻠﺎَمُ ﻋَﻠَﻴْﻨَﺎ وَﻋَﻠَﻰ ﻋِﺒَﺎدِ اﻟﻠّٰﻪِ اﻟﺼَّﺎﻟِﺤﻴﻦَ٠ اَﺷْﻬَﺪُ اَنْ ﻟَﺎٓ اِﻟٰﻪَ اِﻟّٰﺎ اﻟﻠّٰﻪُ وَاَﺷْﻬَﺪُ اَنَّ ﻣُﺤَﻤَّﺪاً ﻋَﺒْﺪُهُ وَرَﺳُﻮﻟُﻪ.﴾ تەرجىمىسى: «ئىبادەتلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر، سالام ۋە دۇرۇتلار ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىزگە بولسۇن ئى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر‍‍‍. ئامانلىق بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە بولسۇن. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن.» [بۇخارىي رىۋايىتى]. (ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكە، ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋەئەلا ئىبادىللاھىسسالىھين. ئەشھەدۇ ئەن لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ). ئۇنىڭدىن كىيىن: ﴿اللهم صل على محمد وعلى آل محمد كما صليت على إبراهيم وآل إبراهيم إنك حميد مجيد. اللهم وبارك على محمد وعلى آل محمد كما باركت على إبراهيم وآل إبراهيم إنك حميد مجيد﴾ (ئەللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد. ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد). [بۇخارىي رىۋايىتى 797-ھەدىس]. ئۇنىڭدىن كىيىن ئاللاھقا سېغىنىپ تۆۋەندىكى تۆت نەرسىدىن پاناھ تىلەيدۇ: ﴿اللهم إني أعوذ بك من عذاب جهنم ومن عذاب القبر ومن فتنة المحيا والممات ومن فتنة المسيح الدجال﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ساڭا يالۋۇرۇپ قەبرە ئازابىدىن ۋە جەھەننەم ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن، ھاياتلىق ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. پەزر ياكى سۈننەت ناماز بولسۇن ئاللاھ تائالادىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيدۇ. ئاتا-ئانا ۋە مۇسۇلمانلارغا خالىغانچە دۇئا قىلسا بولىدۇ. يوقىرىقىلار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوڭ ۋە سول تەرەپكە: «السلام عليكم ورحمة اﷲ» (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ) دەپ ئوخشاش سالام بېرىدۇ. ئۈچ ۋە تۆت رەكئەتلىك نامازلاردا تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى. 14- ئەگەر شام نامىزىغا ئوخشاش ئۈچ رەكئەتلىك ياكى پىشىن، دېگەر ۋە خۇپتەن نامازلىرىغا ئوخشاش تۆت رەكئەتلىك نامازلار بولسا، يوقىرىقى تەشەھھۇد دۇئالىرىنى ئوقۇپ بولۇپ، تىزىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئىككى قولىنى دولىسىنىڭ باراۋىرىدە ياكى قۇلىقىنىڭ باراۋىرىدە «اَللھُ اَكْبَرْ» دەپ كۆتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلگىرى بايان قىلغىنىمىزدەك ئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ ۋە سۈرە پاتىھەنىلا ئوقۇيدۇ. ئەگەر پىشىن نامىزىنىڭ ئۈچۈنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلىرىدە پاتىھەدىن كىيىن سۈرە ئوقۇپ سالسا ھېچگەپ بولمايدۇ. شام نامىزىدا ئۈچ رەكئەتتىن كىيىن، پىشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامازلىرىدا تۆت رەكئەتتىن كىيىن خۇددى ئىككى رەكئەتلىك نامازنىڭ ئۇسۇلىدا بايان قىلىنغاندەك ئوڭ ۋە سول تەرەپلەرگە "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ" دەپ سالام بېرىدۇ.  نامازدىن سالام بېرىپ بولغاندىن كىيىن: «اَسْتَغفِرُ ﷲ» نى ئۈچ قېتىم دەپ، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن: ﴿اَللَھُمِّ اَنْتَ السِّلاَمُ، وَ مِنْكَ السَلاَمُ، تَباَرَكْتَ ياَذاَ الْجَلاَل وَالإِكْراَمُ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سەن تېنچلىق بەرگۈچىسەن، تېنچلىق زادى سېنىڭدىن. ئى ئۇلۇغلۇق ۋە پەزلى ـ كەرەم ئېگىسى بولغان ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن كاتتىلارنىڭ كاتتىسىسەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. ﴿لاَإله إلاَّ اﷲُ وَحْدَهُ لاَشَرِيْكَ لَهُ، لَهُ المُلْكُ ولَهُ الحَمْدُ وَهُوَ عَلى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ . الَّلھُمَّ لاَ مَانِعُ لِمَا أعْطَيْتَ، وَلاَمُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلاَيَنْفَعُ ذا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ، لاحَوْلَ ولا قُوَّةََ إلا باﷲ، لا إله إلا اللّه ولاَ نَعْبُدُ إِلَّا إِيَّاهُ، لَهُ المَنُّ، وَلَهُ النِّعْمَةُ، وَلَهُ الفَضْلُ وَلَهُ الثَنَاءُ الْحَسَن، لَا إِلٰهَ إِلَّا اللَّھُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ، ولَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئېگىسىدۇر. بارلىق مەدھىيەلەر ئۈنىڭ ئۈچۈندۇر. ئۇ ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئى ئاللاھ! سەن ئاتا قىلغاننى توسىۋالغۇچى يوق، سەن توسقاننى بەرگۈچى يوق، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ. بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇسانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. كۈچ ـ قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھتىندۇر. بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، ئۇ نېمەت ۋە پەزلى ـ كەرەم ئىگىسىدۇر، ئۇ ئەڭ ئېسىل ھەمدۇسانالارغا لايىقتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر. كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ بىز ئىبادەتنى يەككە-يېگانە ئاللاھقا خالىس قىلىمىز.» [بۇخارىي رىۋايىتى].  ئۇنىڭدىن كىيىن: 33 قېتىم تەسبىھ ئېيتىدۇ (يەنى سۇبھانەللاھ دەيدۇ). 33 قېتىم ھەمدى ئېيتىدۇ (يەنى ئەلھەمدۇ لىللاھ دەيدۇ). 33 قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ (يەنى ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ). ئەڭ ئاخىرىدا: ﴿لاَإله إلاَّ اﷲُ وَحْدَهُ لاَشَرِيْكَ لَهُ، لَهُ المُلْكُ ولَهُ الحَمْدُ وَهُوَ عَلى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ ﴾ دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئايەتۇل كۇرسى، قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل فەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىنناس قاتارلىق سۈرىلەرنى ئوقۇيدۇ: ﴿اللَّـهُ لَا إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لَا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِندَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَلَا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ﴾ تەرجىمىسى: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن ئاللاھ ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.» [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت]. ﴿قُلْ هُوَ اللَّـهُ أَحَدٌ . اللَّـهُ الصَّمَدُ . لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ . وَلَمْ يَكُن لَّهُ كُفُوًا أَحَدٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئۇ - ئاللاھ بىردۇر . ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر . ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس . ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ .» [سۈرە ئىخلاس]. ﴿قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ . مِن شَرِّ مَا خَلَقَ . وَمِن شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ . وَمِن شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِي الْعُقَدِ . وَمِن شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ﴾ تەرجىمىسى: «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، دېگىن.» [سۈرە فەلەق]. ﴿قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ . مَلِكِ النَّاسِ . إِلَـٰهِ النَّاسِ . مِن شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ . الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ . مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ﴾ تەرجىمىسى: «ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى ئاللاھقا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن، دېگىن.» [سۈرە ناس]. يۇقىرىدىقى ئۈچ سۈرىنى بامدات ۋە شام نامىزىدىن كىيىن ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇش توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، نامازدىن كىيىن ئوقۇيدىغان زىكىرلەرنىڭ ھەممىسى پەرز ئەمەس بەلكى سۈننەتتۇر.نامازنىڭ سۈننەتلىرى بولسا؛ پىشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت سۈننەت، پەرزدىن كىيىن ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇلىدۇ. شام نامىزىنىڭ پەرزىدىن كىيىن ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇلىدۇ. خۇپتەن نامىزىدىن كىيىن ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇلىدۇ. جەمئى 12رەكئەت سۈننەت نامىزى ئوقۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نامازلارنى مۇقىم ۋاقىتلىرىدا تەرك قىلمىغان، ئەمما سەپەر ئۈستىدە سۈننەت نامازلاردىن بامداتنىڭ سۈننىتى ۋە ۋېتىر نامىزىدىن باشقا سۈننەت نامازلارنى ئوقۇمىغان. بەش ۋاخ نامازنىڭ پەرزلىرىنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇش ناھايىتى مۇھىم بولغىنىدەك، بۇ نامازلارنىڭ سۈننەتلىرىنى ۋە ۋېتىر نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پەرزدىن باشقا نامازلارنى ئۆيدە ئوقۇش ئەۋزەلدۇر،» دەپ كۆرسەتكەن. [بۇخارى رىۋايىتى]. بەش نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى كەم قىلماي ئوقۇش جەننەتكە كېرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كىمىكى ھەر كۈنى ئون ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر قەسىر تەييارلايدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى]. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلىپ، ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا، سەھابە كىراملارغا ۋە قىيامەتكىچە ھەقىقەتتە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. ئامىن...

المرفقات

2

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈسۈلى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈسۈلى