البحث

عبارات مقترحة:

القيوم

كلمةُ (القَيُّوم) في اللغة صيغةُ مبالغة من القِيام، على وزنِ...

الحكيم

اسمُ (الحكيم) اسمٌ جليل من أسماء الله الحسنى، وكلمةُ (الحكيم) في...

ئىمان نۇرى بىلەن چاقنىغان قەلب

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات العقيدة
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 1/7/1429 ھـ / 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئىنسان ئۈچۈن قەلب پاكلىقىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكى، قەلبنىڭ تۈرلىرى، قانداق قىلغاندا قەلبنى ئىمان نۇرى بىلەن چاقناتقىلى بولىدىغانلىقى، ئۆلۈمنى ياد ئېتىپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

التفاصيل

  ئىمان نۇرى بىلەن چاقنىغان قەلب   01 - 7- 1429ھ / 2008-يىلى7-ئاينىڭ 4-كۇنىدىكى جۇمە خۇتبىسى   ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن   بىرىنچى خۇتبە   گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھنى ماختايمىز، ئۇنىڭغا تايىنىمىز، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمىز . نەپسىمىز  ۋە ناچار ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى، ئۇ ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى يوقتۇر. ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، ئاللاھنىڭ دىنىنى ھەممە دىنلاردىن ئۈستىن قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز . ئاللاھدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز. ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھ بۇيرىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىش، چەكلىگەن ناچار، يامان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئاللاھ تەرەپكە يېقىنلىشىپ ئاللاھدىن ھەقىقى قورقۇڭلار. ھەقىقەتەن دۇنيا ھاياتى تېزلىكتە ئاخىرلىشىدۇ، ئىشلار ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھىچ نەرسىنى دۇنيادا مەڭگۈ ياشايدىغان ياراتمىدى، ياكى دۇنيادا تائەت ئىبادەتكە بۇيرۇلمايدىغان، ناچار ئىشلاردىن چەكلەنمەيدىغان بىكار تۇرىدىغان قىلىپ ياراتمىدى. بەلكى؛ ئۇلارنى ئۆزىگە قۇلچىلىق قىلىدىغان ۋە بويسۇنىدىغان قىلىپ ياراتتى. ئۇلارنىڭ بەخت سائادىتى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان مېھرى شەپقەتلىك ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن، بەختسىزلىك، شەقىلىك ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان مېھرى شەپقەتلىك ئاللاھغا گەدەنكەشلىك ۋە بويۇنتاۋلىق قىلىش بىلەن بارلىققا كىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:« كىملەركى ئاللاھغا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئىرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار(يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەر) شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمە دېگەن ياخشى ھەمراھلار، بۇ پەزلى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر. ئاللاھ ( پەزلى ئېھسانغا تىگىشلىك بولغانلارنى) بىلىشتە يىتەرلىكتۇر. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېدى:« كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلماي ئاسىيلىق  قىلىدىكەن ئۇلار ئۈچۈن جەھەننەمنىڭ ئازابلىرى بولىدۇ، ئۇلار بۇ ئازابتا مەڭگۈ قالىدۇ ». بۇ دۇنيادا ھەممە كىشىلەرگە ئۆلۈم  شارابى تەييارلانغان بولۇپ ئۇلار ئۆلۈم ئالدىدا سەكرات ئازابىنى تېتىيدۇ، دۇنيادا كۆرگەن بارلىق لەززەت ۋە نازۇ-نېمەتلەر ئۈزۈلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:« ھەربىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار( يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنىدىكەن ۋە جەننەتكە كىرگۈزىلىدىكەن، ئۇ كىشى مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر( يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كىيىن تۈگەيدۇ )».   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:« ئۆلۈمنى كۆپ ياد ئېتىڭلار» ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەش ئنسانغا ئۆلۈم قايغۇسىنى ئازايتىدۇ، ئۆلۈمنى ئاز يادىتىش بولسا ئنسانغا ئۆلۈم قايغۇسىنى كۆپەيتىدۇ. ئۆلۈم ھەققىدىكى بۇ نەسىھەتلەر يېتەرلىك، ئۆلۈمدىن كىيىنكى ئەھۋاللار ناھايىتى بۈيۈكتۇر. ئىنسان،  ئۆلگەندىن كىيىن، ئۆز قەبرىسىنىڭ جەننەتنىڭ بوستانلىرىدىن بىر باغچا ياكى دوزاخنىڭ ئوتلۇق ئازگاللىرىدىن بىر ھاڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاخىرەت ھاياتى ئىنسان ئۈچۈن دائىملىق نېمەتلىنىش ياكى داۋاملىشىپ تۇرىدىغان مەڭگۈلۈك ئازابتىن ئىبارەت. دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن بىردىن بىر بەختلىك ھايات، قەلبنىڭ ھاياتلىقى بولۇپ بۇ قەلبنىڭ سەزگۈرلىكى بىلەن، ئىنساننىڭ دائىم ئۆز نەپسىنى كۈزۈتۈپ،  چوڭ كىچىك ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. كىمىكى دائىم ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ھېسابى يەڭگىل ۋە ئاسان بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئۆز قىلمىشلىرىنى كۈزۈتۈپ تۇرغاندا ئاللاھدىن ھايا قىلىش بارلىققا كىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق گۇناھ- مەسىيەت ئىشلەشتىن چەكلىنىدۇ.   مۆمىنلەرنىڭ رەھبىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ:« سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب قىلىنىشتىن ئىلگىرى دۇنيادا ئۆز نەپسىڭلاردىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇڭلار، قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ئۆلچەپ كۆرۈڭلار، قىيامەتتىكى يىغىلىشقا تەييارلىق قىلىڭلار». قەلب ھاياتلىقى بولسا، ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ بۈيۈك نېمەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇشۇ ھاياتلىق بىلەن ئىنسان ياخشى ئىشلاردىن سۆيۈنىدۇ، يامان ناچار ئىشلاردىن كۆڭلى بىئارام بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان( يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ(يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويۇنچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ)، قىيامەت كۈنى سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر». ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ: «دىققەت قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر». قەلبنىڭ ھاياتلىقى بولسا،  ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ ئىتىقاد قىلىش، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۆزىگە ئۈلپەت قىلىش، ئاللاھغا خۇرسەنلىك بىلەن ئىتائەت قىلىش، ئاسىيلىق قىلىشنى ئۆچ كۆرۈش، مال دۇنياغا كۆپ ھىرىسمەن بولماسلىق، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ھاسىل بولىدۇ، ئىنسان  قەلبى ھاياتلىققا ئېرىشكەندە قەلبى نۇرغا توشقان ھالدا ياخشى ھاياتتا ياشايدۇ. قىيامەتتە ئۇ كىشىگە ئاللاھ  تەرەپتىن ياخشىلىق تەييارلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كافىر) بولۇپ، بىز ئۇنى(يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە(يەنى كۇفىرنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟».  مەڭگۈلۈك ياخشى ھايات بولسا ئۆز قەلبىنى ئىمان بىلەن ياشناتقان، قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلغان كىشىگە مەنسۇپتۇر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن كۈلكە ۋە غەپلەتتىن ئىبارەتتۇر، شۈبھىسىزكى، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىقى ھايات(يۇرتىدۇر)، ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى (بۇ دۇنيانى ئۇ دۇنيادىن  ئارتۇق كۆرمەيتتى) . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە« ئاللاھنى يادىتىپ تۇرىدىغان كىشى بىلەن ياد ئەتمەيدىغان كىشىنىڭ مىسالى ھايات كىشى بىلەن ئۆلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ».  ئاللاھنى يادىتىش تىلغىلا خاس بولماستىن بەلكى ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش، گۇناھ مەسىيەتلەردىن يىراق بولۇشمۇ ئاللاھنى ياد ئېتىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.چۈنكى، ئىنسان ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىسىگە ئالغاندا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا يۇزلىنىدۇ.    بەندىنىڭ بەختسىز، شەقى بولىشى ئاللاھنى يادىتىشتىن غاپىل بولۇش بىلەن بولىدۇ، غاپىللىق ئىككى تۈرلۈك بولۇپ؛ بىرىنچى تۇردىكى غاپىللىق: كۇفۇرلۇق بىلەن نىپاقلىق، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. بۇ غەپلەت ساھىبى قەلبى ئۆلۈك، بەختسىز، ھەممە ياخشىلىقتىن مەھرۇم بولغۇچى بولۇپ ئاللاھغا تائەت- ئىبادەت قىلمايدۇ، گۇناھ مەسىيەتتىن قول ئۈزمەيدۇ، ئاخىرەتنىڭ قۇتلۇق دىيارىنى ئارزۇ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ياشاش ئىستىكى ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ، جەننەتكە كىرىش ئارزۇسىدا بولمايدۇ، دوزاخ ئازابىدىن قورقمايدۇ. ئاللاھ تائالا كۇفىر بىلەن نىپاق غەپلىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:« كىمكى ئاللاھغا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىماندىن يېنىۋالسا - قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا(ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا-كۇفىر بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا(يەنى ئىختىيارى يوسۇندا مۇرتەت بولغان بولسا) ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ، بۇ (يەنى ئازاپ) ئۇلارنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكنى  ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرگەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەنە شۇ كىشىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن دىللىرى، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرى پېچەتلىۋېتىلگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر». ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:«شەك شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا(يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار كۆزلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق( ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ، ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ( ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ، ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ ئۆتەر گۇمراھدۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر». ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:« لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ھاياتلىق دۇنياسىدىكى ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلىدۇ،ئەمما ئاخىرەت ئىشلىرىدىن غاپىللاردۇر». ئىككىنچى تۈردىكى غاپىلىق: ئۇلار ئەۋۋەلدىكى كۇفرى ۋە چوڭ نىپاق غەپلىتىدىن تۆۋەنرەك بولۇپ بىرقانچە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، بۇ جەمئىيەتكە ۋە كىشىلەرگە بولغان زىيىنى، تەسىرى خاراكتىرىگە قاراپ ئايرىلىدۇ. بۇ تۈردىكى غەپلەتلەردىن: ئاللاھنىڭ ۋە بەندىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماسلىق قاتارلىقلارغا سەل قاراش بىلەن بارلىققا  كەلگەن غاپىللىق. بۇ ھالەتتە ئىنسان ئاللاھ بېكىتكەن پەرز ۋاجىبلارنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ، كۆپلىگەن ياخشىلىق ۋە ساۋاپلاردىن مەھرۇم قالىدۇ، مۇسۇلماننىڭ ياخشىلىق ۋە ساۋاپلاردىن مەھرۇم قىلىشى قىلالمىغان ياخشى ئىشلىرىغا ئاساسەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان بۇ  غاپىللىقنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىگە كۆپلىگەن گۇناھ مەسىيەتلەرنى يۈكلىۋالىدۇ.  ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلماسلىق غەپلىتى بولسا ئىنسان نېمەتلەرنى يەيدۇ، ئىچىدۇ لېكىن نېمەت بەرگۈچىنىڭ ھەقىقەتەن بۈيۈك كاتتىلىقىنى تەپەككۈر قىلمايدۇ، ئۆزىگە بۇ نېمەتنىڭ يوللىرىنى ۋە ئىسسىق بىلەن سوغاقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىش يازدا كىيىۋاتقان كىيىم كىچەكلىرىنىڭ كېلىش مەنبىيىنى ئويلىمايدۇ، ھەر تەرەپتىن مەنپەئەتلىنىۋاتقات بۇ نېمەتلەرگە دائىم شۈكرى ئېيتمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: « بۇ كافىر ئىنسان ئۆزىنىڭ يىمەكلىكلىرىگە ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارىسۇن. بىز بۇلۇتتىن زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق، ئاندىن زېمىننى(ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق، سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق». ئاللاھنىڭ ئىنساننى باشقا مەخلۇقلاردىن ئالاھىدە قىلىپ يارىتىشى، مال-دۇنيا بىلەن ئەڭ قىممەت باھادا سىتىۋىلىشقىمۇ قادىر بولالمايدىغان سالامەتلىك، تىنچلىق ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىشتىن غاپىل بولۇش، بۇ نېمەتلەرنى زەھەرلىك ئىچىملىك ـ چېكىملىك، جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىش، ئېسىل ياخشى ئىشلارنى بۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىش، ئاللاھ بەرگەن مال دۇنياغا شۈكرى ئېيتىشتىن غاپىل بولۇش، بۇ مال دۇنيانىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك ھەققىنى تولۇق ئۆتىمەسلىك، ھارام چەكلەنگەن ئىشلارغا ئىشلىتىش، ئاللاھنىڭ دىننى كۈچەيتىدىغان، بىرلىككە چاقىرىدىغان، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىدىغان، كىشىلەر ئۆزىنىڭ جىنى، مىلى ۋە تۇرالغۇ جايلىرىدا خاتىرجەم  تۇرالايدىغان تىنىچلىقتىن ئىبارەت بۈيۈك نېمەتكە شۈكرى ئېيتىشتىن غاپىل قىلىش.بۇ نېمەتلەرگە شۈكرى ئېيتىش بولسا بۇنى جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇشقا ۋە بۇزغۇنچىلارغا ياردەملىشىشكە ئىشلەتمەسلىك.  ئەۋلاتلاردىن ئىبارەت بولغان نېمەتكە شۈكرى ئېتىشتىن غاپىل بولۇش بولسا، بالىلارنىڭ ئىسلامىي تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك، توغرا يول بىلەن ئاللاھ رازى بولىدىغان، مىللىتىگە ۋە ۋەتىنىگە ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ يېتۇلدۇرمەسلىك، بۇ نېمەتكە شۈكرى ئېيتىش بولسا ئۇلارغا توغرا يول كۆرسىتىش، ئاللاھغا تائەت ئىبادەت قىلىشقا يېتەكلەش، دۇنيا ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ بەختلىك بولىشى ئۈچۈن  ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. مۇسۇلمان كىشى غاپىللىقتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. غاپىللىق دېگەن ئىنسانلارغا زىيىنى چوڭ  ۋە ساقلىنىش قىيىن بولغان ئىبلىس شەيتاننىڭ كىرىش ئېغىزى بولۇپ، بۇنىڭدىن ساقلىنىش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنۇش، مەنپەئەتلىك ئىلىم ئۈگۈنۈپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇـ دە ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ،(شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ، شەيتانلار (كۇففار) بۇرادەرلىرىنى بولۇشىچە ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن بوشىشىپ قالمايدۇ».  ئاللاھ ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن، مەن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر ۋە بەك مېھرىباندۇر. ئىككىنچى خۇتبە                                                                   گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. ھەممىدىن ئالى ۋە كاتتا بولغان ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېسىلى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز. ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز. ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر ئاللاھتىن ھەقىقى قورقۇڭلار، ئىسلامنىڭ مۇستەھكەم يىمىرىلمەس ھالقىسىغا چىڭ ئېسىلىڭلار، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ دىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە(قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن(ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر». ئى مۇسۇلمان! ئىخلاس، راستچىللىق، توغرا يولغا ۋە سۈننەتكە ئەگىشىش بىلەن ئاللاھ تەرەپتە بولغىن، دىندا بىدئەت ئىشلارنى پەيدا قىلىشتىن ساقلانغىن، ئىخلاس بىلەن غەلبە قازانغۇچىلاردىن بولغىن،  ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش، ياخشىلىقلىرىنى زىيادە قىلىپ بېرىش، دۇنيادا بەخت-سائادەتلىك قىلىش، ئاخىرەتتە نىجاتلىق ئاتا قىلىشقا ئۆزى كەپىل بولدى.  كىمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىڭ سۈننىتىگە قارشى چىقىدىكەن ئۇ دۇنيا -ئاخىرەتتە ئوچۇق ئاشكارا زىيان تارتقۇچىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ ھىچ قانداق ئىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ.   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھغا تەقۋالىق قىلىپ، ئاللاھدىن قورقىدىكەن ئۇلارغىنە مەقسەتكە ئىرىشكۈچىلەردۇر».   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:« دىن ھەقىقەتەن ئاساندۇر، دىننى قاتتىقلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ،( دىندا ياخشى ئەمەللەرنىڭ يوللىرى كۆپ بولغاچقا ھەممىنى تەڭ قىلىمەن، دەپ ئۆزىگە ئېغىر يۈك ئارتىۋېلىشقا بولمايدۇ)». «ئەگەر كىمكى دىننىڭ قېيىن يولىنى تۇتسا ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالماي، ھامان دىن ئىشلىرى ئۇنى بېسىۋالىدۇ، شۇڭلاشقا نورمال يول تۇتۇڭلار، ئاللاھ بۇيرىغان ئىشنى قىلىشقا ھىرىس بولۇڭلار ۋە ساۋابتىن خۇش بىشارەت ئىلىڭلار، ئەتتىگەن ئاخشام  ۋە كېچىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدىن (ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن) پايدىلىنىڭلار».  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق كۆرسەتمە بەرگەن:« قەيەردە بولساڭ ئاللاھتىن قورققىن، خاتالىققا ياخشىلىقنى ئەگەشتۈرگىن ياخشىلىق خاتالىقنى ئۆچۈرىدۇ، كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن». ئاللاھ تائالا بىزنى ئالاھىدە بىر ئىشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاشتىن ئىبارەت، ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار». ئى مۆمىنلەر!بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يولباشچىسى، ئىلگىركى ۋە كىيىنكى كىشىلەرنىڭ خوجىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كۆپلەپ دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار. ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا  ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت، مەغپىرەت قىلغاندەك رەھمەت، مەغپىرەت قىلسىلا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلسىلا. ئى ئاللاھ! سىلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە گە ۋە ئۇلار نىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز. ئى ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى،ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن.  سىنىڭ سىخىلىقىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن.  ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن. دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىنى بىرلەشتۈرگىن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلغىن، بىزگە ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە، باتىلنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشقا مۇيەسسەر قىلغىن. بىزنىڭ ئىلگىركى ۋە كىيىنكى، ئاشكارا -يوشۇرۇن گۇناھلىرىمىزنى، بىز بىلمىگەن سەن بىلىدىغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلغىن. سەن ھەممىدىن ئەۋۋەل ۋە كىيىن سەندىن باشقا ئىلاھ يوق. بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغىن. بىزنى دۇنيانىڭ خارلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ساقلىغىن. ئى بۈيۈك ئىززەتلىك ئاللاھ! دىنىڭغا، كىتابىڭگە ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ياردەم بەرگىن، پەلەستىندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى مۇھاپىزەت قىلغىن، ئىراقتىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن ۋە مۇھاپىزەت قىلغىن.ئۇندىن باشقا دىكتاتۇر تۈزۈم ئاستىدا ياشاۋاتقان ۋە ئىزىلىۋاتقان، ھۆرلۇككە ئىنتىلىۋاتقان مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلىگىن ۋە نۇسرەت ئاتا قىلغىن. ئى بۈيۈك ئىززەتلىك ئاللاھ!دۇنيادىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى مۇھاپىزەت قىلغىن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلغىن، بىزنى ساڭا ئىتائەت قىلىشقا، ئاسىيلىقتىن يىراق بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى سورايمىز، مۇسۇلمانلاردىن قەرزدارلارنىڭ قەرزىنى، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرغىن. رەھمەت شەپقىتىڭ بىلەن مۇسۇلمانلاردىن كېسەللىك ئازابى تارتىۋاتقان كىشىلەرگە شىپالىق بەرگىن. بىزنى ۋە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى شەيتاندىن ۋە ئىنسان جىندىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىغىن. سەن ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك ئاللاھسەن، يۇرتلىرىمىزنى تىنىچ، خاتىرجەم، پاراۋان قىلغىن. بىزنىڭ رەھبىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغىن، قىلغان ئىشلىرىنى سەن رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاردىن قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىن دۇنيا ئىشلىرىغا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىنى ئىسلاھ قىلغىن، ئۇلار بىلەن دىنىڭغا ۋە كىتابىڭغا ياردەم بەرگىن.  سەن ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان، خەلقىگە، ۋەتىنىگە كۆيىنىدىغان قىلغىن. بىزدىن ۋە بارلىق مۇسۇلمانلاردىن ۋاپات بولغان كىشىلەرنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە دۇنيا -ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن. دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ، سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدەڭلەرگە ۋاپا قىلىڭلار، ئەھدىنى چىڭىتقاندىن كىيىن بۇزىۋەتمەڭلار، ئاللاھنى بۇ ئىشقا ۋەكىل قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر، ناھايىتى كاتتا بولغان ئاللاھنى ياد ئىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.