البحث

عبارات مقترحة:

السبوح

كلمة (سُبُّوح) في اللغة صيغة مبالغة على وزن (فُعُّول) من التسبيح،...

المليك

كلمة (المَليك) في اللغة صيغة مبالغة على وزن (فَعيل) بمعنى (فاعل)...

الأول

(الأوَّل) كلمةٌ تدل على الترتيب، وهو اسمٌ من أسماء الله الحسنى،...

جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول قىلسا بولامدۇ؟  

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين ، ئەسما بىنتى ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات المجتمع المسلم - تربية الأولاد
جەمئىيەت ناھايىتى قالايمىقان بولغاچقا، بالىلارنىڭ يېشىنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولسا بالىنى ياخشى تەربىيەلىيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەر بەش يىلدا بىر بالا ئېلىشنى پىلان قىلىپ تۇرۇپ تۇغۇتنى كونترول قىلسا بولامدۇ؟  

التفاصيل

جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول قىلسا بولامدۇ؟ 7205-نومۇرلۇق سوئالسوئال: جەمئىيەت ناھايىتى قالايمىقان بولغاچقا، بالىلارنىڭ يېشىنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولسا بالىنى ياخشى تەربىيەلىيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەر بەش يىلدا بىر بالا ئېلىشنى پىلان قىلىپ تۇرۇپ تۇغۇتنى كونترول قىلسا بولامدۇ؟ جاۋاب:مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.بىز بۇ سوئالنى شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىندىن سورىدۇق، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردىئەگەر مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت تۇغۇت چەكلەش بولسا، بۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھقا ئىشىنىشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ: « مېھرىبان ۋە تۇغۇمچان ئاياللار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇڭلار...»ئەگەر سەۋەب ئايال كىشىدە بولسا- ئۇ ئايال ئارقا-ئارقىدىن ھامىلىدار بولۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىسە- بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا يول قويۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەڭ ياخشىسى بۇنداق قىلمىغىنى ياخشى. سوئال: ئۇنداقتا سىز ئاياللارنىڭ شارائىتىنى جەمئىيەتنىڭ قالايمىقان بولۇش ئەھۋالىدىن بەكرەك مۇھىم دەپ قارامسىز؟جاۋاب: ئەلۋەتتە، چۈنكى ئۇ پەرزەنتىنىڭ ناچار ياكى ياخشى ئىنسان بولىشىنى بىلمەيدۇ، بەلكى ياخشى ئادەم بولۇپ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا توھپە قوشۇشى مۇمكىن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.

المرفقات

2

جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول قىلسا بولامدۇ؟
جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول ...