البحث

عبارات مقترحة:

الظاهر

هو اسمُ فاعل من (الظهور)، وهو اسمٌ ذاتي من أسماء الربِّ تبارك...

العليم

كلمة (عليم) في اللغة صيغة مبالغة من الفعل (عَلِمَ يَعلَمُ) والعلم...

الواحد

كلمة (الواحد) في اللغة لها معنيان، أحدهما: أول العدد، والثاني:...

پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش ھەققىدە

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المؤلف سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات
مېنىڭ ھەج قىلىش شەرتلىرىم ھازىرلاندى، لېكىن ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ھەجنى كېچىكتۈرسەم بولامدۇ؟ ئەگەر بۇ يىل ھەج قىلسام يەنە ئىككى يىلغىچە ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمايدۇ، ھەجنى كېچىكتۇرۇشۇم ياكى ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈم كېرەك. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

التفاصيل

    پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش ھەققىدە   36526- نومۇرلۇق سوئال   سوئال: مېنىڭ ھەج قىلىش شەرتلىرىم ھازىرلاندى، لېكىن ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ھەجنى كېچىكتۈرسەم بولامدۇ؟ ئەگەر بۇ يىل ھەج قىلسام يەنە ئىككى يىلغىچە ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمايدۇ، ھەجنى كېچىكتۇرۇشۇم ياكى ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈم كېرەك. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟. جاۋاپ: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. مۇسۇلمان كىشى ئىمكانىيىتى يەتكەنگە قەدەر ھەج قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى» ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:« پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراڭلار، سىلەرنىڭ بېرىڭلار كېيىن نېمە ئىشلارغا دۈچ كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ» بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد(1\314) رىۋايەت قىلغان. ئەلبانىي ئىرۋائۇل غەلىلدە (990) ھەسەن دېگەن. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.    

المرفقات

2

پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش ھەققىدە
پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش ھەققىدە