البحث

عبارات مقترحة:

الوهاب

كلمة (الوهاب) في اللغة صيغة مبالغة على وزن (فعّال) مشتق من الفعل...

القادر

كلمة (القادر) في اللغة اسم فاعل من القدرة، أو من التقدير، واسم...

القوي

كلمة (قوي) في اللغة صفة مشبهة على وزن (فعيل) من القرب، وهو خلاف...

گۇناھ-مەسيەتتىن قانداق قول ئۇزىمەن

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ دۇۋەيش ، قۇربانجان ئابدۇلكەرىم
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات
مەن ئىسلام شەرىئىتىدە كۆرسىتىلگەن ياخشى-ياماننى بىلىمەن، لېكىن مېنىڭ سىلەردىن سورايدىغان سوئالىم: گۇناھدىن قانداق قىلغاندا  ئۇزۇل-كېسىل قول ئۇزۇش مۇمكىن بولىدۇ؟

التفاصيل

  گۇناھ-مەسيەتتىن قانداق قول ئۇزىمەن   10280-نومۇرلۇق سوئال سۇئال : مەن ئىسلام شەرىئىتىدە كۆرسىتىلگەن ياخشى-ياماننى بىلىمەن، لېكىن مېنىڭ سىلەردىن سورايدىغان سوئالىم: گۇناھدىن قانداق قىلغاندا  ئۇزۇل-كېسىل قول ئۇزۇش مۇمكىن بولىدۇ؟ جاۋاپ: جانابى ئاللاھ ئىنساننىڭ روھى گۈزەللىكىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى بەندىسىگە ھارام قىلغاندا بەندىسىنى ھەرگىزمۇ تاشلاپ قويمىدى، بەلكى بەندىسىنىڭ يامان ئىشلاردىن يىراق بولىشىغا ياردەمچى بولىدىغان، ھەر تۈرلۈك قولاي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئاسانلىقلارنى يارىتىپ بەردى. 1- جانابى ئاللاھقا بولغان ئىماننى كۈچلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئاللاھدىن قورقۇش. 2- جانابى ئاللاھنىڭ ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرغۇچى ۋە كۈزەتكۈچى ئىكەنلىكىنى، بەندىلەرنىڭ قىلغان پۈتۈن ئىش- ھەرىكەتلىرىنىڭ يېزىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىش. 3- گۇناھ ئىشلەپ ۋاقىتلىق ھۇزۇر ئىلىش بىلەن، ئۇ گۇناھ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى تارتىدىغان جازانى سېلىشتۇرۇشى، ھەمدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق تۇتقانلارنىڭ ئاللاھنىڭ بۈيۈك مەرھىمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى لازىم. 4- گۇناھ- مەسىيەتكە ھەيدەكچى ۋە ياردەمچى بولىدىغان ۋاسىتىلەردىن يىراق بولىشى، ئەرلەر يات ئاياللارغا، ئاياللار  يات ئەرلەرگە تىكىلىپ قاراشتىن، يامان ئەخلاقلىق دوستلاردىن، گۇناھ -مەسىيەت سادىر بولىدىغان ئورۇنلاردىن يىراق بولۇش، بىلىملىك، سالىھ، تەقۋادار كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا ئالدىرىشى كېرەك. ئەۋۋەل جانابى ئاللاھنىڭ پەزلى، ئىككىنچىدىن يۇقىرىقى ۋاستىلار ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنى گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلاپ قالالايدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر.  

المرفقات

2

گۇناھ-مەسيەتتىن قانداق قول ئۇزىمەن
گۇناھ-مەسيەتتىن قانداق قول ئۇزىمەن