البحث

عبارات مقترحة:

الكريم

كلمة (الكريم) في اللغة صفة مشبهة على وزن (فعيل)، وتعني: كثير...

الحكيم

اسمُ (الحكيم) اسمٌ جليل من أسماء الله الحسنى، وكلمةُ (الحكيم) في...

الشافي

كلمة (الشافي) في اللغة اسم فاعل من الشفاء، وهو البرء من السقم،...

قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات أقسام النجاسة
مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەمۇرىي ئورۇنلاردا قىز-خانىملارنىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قىلىپ، نامازنى نىجاسەت يۇقى كېيىم بىلەن ئادا قىلغان بولسا، (خىزمەت ياكى ئوقۇش سەۋەبلىك ئۆيگە ياكى ياتاققا كەچ يەنى ناماز شامدىن كېيىن قايتىدۇ) بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئەسىر نامىزىنى قايتا ئادا قىلامدۇ؟ بۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

التفاصيل

  قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟   134228-نومۇرلۇق سوئال سوئال: مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەمۇرىي ئورۇنلاردا قىز-خانىملارنىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قىلىپ، نامازنى نىجاسەت يۇقى كېيىم بىلەن ئادا قىلغان بولسا، (خىزمەت ياكى ئوقۇش سەۋەبلىك ئۆيگە ياكى ياتاققا كەچ يەنى ناماز شامدىن كېيىن قايتىدۇ) بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئەسىر نامىزىنى قايتا ئادا قىلامدۇ؟ بۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟. جاۋاپ: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئىنساننىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئۇنىڭ نىجاسەت ئىكەنلىكىنى كەسكىن بىلسە، سۇ بولغان شارائىتتا قادىر بولالىسا نىجاسەت ئورنىنى يۇيۇپ تازىلىۋىتىپ ناماز ئوقۇشى كېرەك. ئەمما نىجاسەت ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلالمايدىكەن، بۇنداق شارائىتتا كىيىمنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىقىنى ئېتىبارغا ئېلىپ يۇماستىن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. قىز-خانىملارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىگە مەكتەپ ۋەياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ھۆل نەرسە يۇقۇپ قالسا ياكى تۆكۈلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ نىجىسلىقى تەكىتلەنمىگىچە كېيىم ئەسلىدىكى پاكلىقى بىلەن بولىدۇ(يەنى كېيىم پاك دەپ قارىلىدۇ). ئۇ نەرسىنىڭ نىجاسەتلىكى ئوچۇق بىلىنسە يۇيۇۋېتىش كېرەك. ئەگەر نىجاسەتنى تازىلاشقا سۇ تاپالمىسا ياكى بۇ ئورۇندىن مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىپ كېتىش مۇمكىن بولمىسا ياكى نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە، بۇنداق زۆرۈرىيەت ئاستىدا نىجاسەت يۇقۇپ قالغان كېيىم بىلەن ناماز ئوقۇسا بولاۋېرىدۇ. (ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇشبۇ نامازنى قايتا ئادا قىلمايدۇ). ئاللاھ  خالىسا نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. ھەممىنىڭ  توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.    

المرفقات

2

قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟
قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟