البحث

عبارات مقترحة:

اللطيف

كلمة (اللطيف) في اللغة صفة مشبهة مشتقة من اللُّطف، وهو الرفق،...

المقيت

كلمة (المُقيت) في اللغة اسم فاعل من الفعل (أقاتَ) ومضارعه...

الإله

(الإله) اسمٌ من أسماء الله تعالى؛ يعني استحقاقَه جل وعلا...

مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرى

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى ، مەرھۇم ئابدۇللاھ روزى داموللا ھاجىم
القسم كتب وأبحاث
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات
بۇ كىتاپ ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «مەدارىجۇسسالىكىين»ناملىق ئەسىرىدىن "مۇناپىقلىق" دېگەن بۆلۈمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئاپتور ئەسىرىدە مۇناپىقلىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان خەتىرى، مۇناپىقلىقنىڭ تۈرلىرى، مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرى، شۇنداقلا ئەقىدىسىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغان مۇناپىقلار دۇنيادا خار بولسا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بېرىدۇ.

التفاصيل

مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرى ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن 1975-يىلى سىنتەبىر .  ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن  مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرى (ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ مەدارىجۇسسالىكىين ناملىق ئەسىرىدىن بىر بۆلۈم)تەرجىمە قىلغۇچى: مەرھۇم ئابدۇللاھ روزى داموللام خوتەنيتەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن. تەمكىنىنەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنكىرىش سوز:بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر. بىز ئۇ ئاللاھنى مەدھىيىلەيمىز، ئۇنىڭدىن ياردەم، ھىدايەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز، نەپسىمىزنىڭ ۋە ئەمەللىرىمىزنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەيمىز. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، كىمنى ئازدۇرسا، ئۇنىڭ توغرا يولغا باشلىغۇچىسى بولمايدۇ. بىر ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا، ئۇنىڭ شېرىكسىز ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن. ئى ئاللاھ! سەندىن راستچىل ئىمان، خالىس ئەمەل، سېنى زىكىر قىلىدىغان تىل تىلەيمىز، ئىككى يۈزلۈكنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەيمىز.مەقسەتكە كەلسەك: كۆرىۋاتىمىزكى، مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت بۇ نىجىس ئىللەت ئىنسانلار جەمئىيىتىگە شۇ قەدەر كەڭ تارقالغانكى، ھەق دەۋەتچىلىرى بىلەن ئۇلار كۆزلىگەن غايىلىرى ئوتتۇرىدا بۇ يامان ئىللەت تۇسالغۇ بولۇپ، ھەق تەرىپىگە بولغان جىددى ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچ-قۇۋۋەتلىرىنى يوقىتىۋەتمەكتە، توپ-توپ كىشلەرنىڭ جاپالىق مىھنىەتلىرىنى بىكار قىلىپ تاشلىماقتا.بۇ پاسكىنا كېسەلنىڭ باشقىلارغا يوقۇشى ۋە سىڭىپ كىرىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى: دۇنياۋى مەنپەئەت، نەفسانى شەھۋەت ياكى ئۆز خاھىشلىرىغا ئەگىشىشتىن ئىبارەت ئىكەنلكى ناھايىتى ئىنىقتۇر.ھەقىقەتەن بۇ كېسەل ھەق دەۋەتچىلىرىنىڭ جاسارىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، غەيرەتلىرىنى بوشاشتۇرۇپ قويغان. نەتىجىدە ھەق دەۋەتچىلىرى مۇناپىقلار بىلەن چەك-چېگرا ئايرىمايدىغان، تۈرلۈك ئادەم ئازدۇرىدىغان بىھۇدە ـ بىمەنە گەپ سۆزلەرنى قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.ھەقىقەتتە مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ مۇناپىقلىق مەيدانىنى ئىمان، ۋىجدان، دوستلۇق، مۇھەببەت ۋە خىلمۇخىل يالغان-ياۋىداق باھانەلەر بىلەن ئاقلاشقا تىرىشىدىغان ئادەملەردۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قانچە ئايەتلىرىدە، مۇناپىقلارنىڭ قەبىھ ئەپتى-بەشىرىسىنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت رەزىللىكىنى ئاشكارىلاپ رەسۋا قىلغان. مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ خەۋەپ-خەتەرلىك بالايى-ئاپەتلىرىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئەنە شۇ ئايەتلەرنى دىمەشىقلىق كاتتا ئالىم ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەوزىيە مۇناپىقلار ھەققىدىكى ئۇشبۇ رىسالىسىدە ئاساس قىلىپ پايدىلانغاندۇر.بىر قانچە قېتىم نەشر قىلىنغان بۇ رىسالىنى تەكرار نەشر قىلدۇرماقچى بولۇشىمغا تۆۋەندىكى بىرقانچە ئىش تۈرتكە بولغان: 1-ئۇستازىم ئابدۇلئەزىز بىن بازنىڭ تەكلىپىنى ئىجرا قىلىش.2-بۇ رىسالىنىڭ ھازىرقى زامانىمىزدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقى.3-موسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاشۇ مۇناپىقلارنىڭ بالايى-ئاپەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلىرىگە ئۇچراشتىن خالي بولالمىغانلىقى.4-موسۇلمانلارنى مۇناپىقلارنىڭ خەتەرلىك ئاپەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، ھەق يولدا ماڭغان بارلىق ئالىملارغا قارىتا مۇناپىقلارنىڭ پۇرسەت تاپسىلا ھەقىقەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ بىخۇتلىقىدىن پايدىلنىپ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا تەنە قىلىش، تۆھمەت قىلىش، پىتنە-پاسات ۋە ئىغۋا تارقىتىش قاتارلىق رەزىل قىلمىشلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش.بۇ رىسالە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسلۇبىغا مۇۋاپىق ھالدا مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ئاشكارىلاش جەھەتلەردە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن ئىلھام ئالغان بولۇپ، ئەسلىدە مۇئەللىپنىڭ زور پايدىلىق بولغان مدارج السالكين بين منازل إياك نعبد وإياك نستعين دېگەن كىتابىدىكى بىر بۆلۈمدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ ئىسلام دەۋىتى ۋە جىھادلىرىدا مۇناپىقلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ئاگالاھلاندۇرغان، مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىنى بىر مۇنچە ھەدىسلىرىدە بايان قىلىپ مۇمىنلەرنى ئۇلاردىن ھەزەر قىلىش ۋە ئېھتىيات قىلىشقا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن مۇناپىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى مۆمىنلەرگە روشەن ھالدا بايان قىلغاندۇر.بۇ سەۋەبتىن مۇئەللىپ بۇ رىسالىسىدە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە يانداشتۇرۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇناپىقلار ھەققىدە كەلگەن ھەدىس شەرىپلىرىدىنمۇ نەقىل كەلتۈرگەندۇر.مۇناپىقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سۈپەتلىرى بۇلاردۇر: 1 ـ سۆزلىسە يالغان سۆزلەش.2 ـ ماددى ۋە مەنىۋى ئامانەتكە خيانەت قىلىش.3 ـ ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق.4 ـ بىر كىشى بىلەن تاكاللىشىپ قالسا ئاغزىنى بۇزۇش.بۇ رىسالىنىڭ مۇئەللىپى ئىمام ئىبنى قەييىم بىلەن ئۇستازى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ بارلىق ئەسەرلىرى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدىكى كەڭ ئوقۇرمەن مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەت بەرگىنىدەكلا، بۇ رىسالىسىدىنمۇ دىيارىمىزدىكى مۇسۇلمان مىللىتىمىزگە پايدا تېگىشىنى جانابى ئاللاھتىن تىلەيمەن.ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى راستچىل، ئىخلاسمەن ۋاپادارلاردىن قىلسۇن، ئامىن.1395-ھىجرىيە رامىزان.  1975-يىلى سىنتەبىر .بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنرىسالىنىڭ مۇئەللىپى ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:ئاتاقلىق ئالىم ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ ئىسمى نەسەبى: مۇھەممەد ئىبنى ئەييۇب ئىبنى سەئد ئىبنى ھەرىز بولۇپ، دېمەشىقنىڭ بەنى زۇرئە قەبىلىسىدىن. كۇنيىتى ئەبۇ ئابدۇللاھ، باشقىلار تەرىپىدىن بېرىلگەن نامى: شەمسىددىن يەنى دىننىڭ قۇياشى، ئاتىسى ئەلجەۋزىييە مەدرىسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ۋەقپە قىلغۇچىسى ھەم مۇتەۋەللىسى بولغاچقا، ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە دەپ مەشھۇر بولغاندۇر.ئىمام ئىبنى قەييىم ھىجريە 691 ـ يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 7 ـ كۈنى دېمەشىق شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ. ئاتىسى، قېرىندىشى ۋە جىيەنى ئىلىم - مەرىپەت بىلەن تونۇلغانلاردىن ئىدى، ئۇ كىچىكلىكىدىن تارتىپلا ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ئالىملار سورۇنلىرىغا قاتنىششقا قىزىقىپ، ئىلىم مۇھىتىدا يېتىلگەن. ئۇ بىرەر ئالىمنى ئۇستاز تۇتۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي كۆپ ئالىملارغا شاگىرت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلىملىرىدىن ئالغان، ھېچ بىر ۋاقىت ئىلىمگە قېنىپ توختاپ قالمىغان.ئۇ، شىھابۇددىن نابلىسى، ئەبۇلھەججاج مىززى، شىھاب ئابىد، قازى تەقىيۇددىن سۇلايمان ھەمزى، ئەبۇ بەكرى ئىبن ئەبدۇددائىم، ئەبۇ نەسر شىيرازى، ئىسا مۇتئىم، ئەلمەجدىل ھەررازى، پاتىمە بىنتى جەۋھەر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇستازلاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئەمما ئۇ ئىلىم تەھسىل قىلغان ئالىملارنىڭ ئەڭ كاتتىسى شەيخۇل ئىسلام ئەھمەد ئىبنى تەيمىييە بولغان. چۈنكى ئۇ ئىبنى تەيمىييەگە شاگىرت بولۇپ ئەگەشكىنىچە تا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغان ۋە ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ تۇتقان يولىدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئىلىم مەيدانىدا تەۋرەنمەس بىر تاغ بولۇپ يېتىشكەن. قازى يۇسۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئىلىم بىر مەشۇققا ئوخشاش، سەن ئىلىمگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن بېرىلمىسەڭ، ئۇ ساڭا ئازراقمۇ نەپ بەرمەيدۇ. ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ ئىلمى تالانتى بىر ساھە ئىلمىي ئىختىساس بىلەنلا چەكلىنپ قالمىغان. ئۇ ساۋاقدىشى زەينۇددىن ئىبنى رەجەب ئېيتقاندەك تەپسىر، ھەدىس ئىلمىدە ئالاھىدە يېتشكىنىدەك، فىقھى ئىلمىدىمۇ مۇجتەھىد دەرىجىسىگە يەتكەن، شۇنداقلا شەرئى ئەھكاملار، ئەرەب تىلى ئەدەبىياتى، مەنتىق، كالام، بالاغەت قاتارلىق ئىلىملەردە تولۇق يېتىشكەن ئىدى. ساۋاقداشلىرىدىن بىرى: مەن ئىلىم-پەندە ئۇنىڭدەك يېتىشكەن، تەقۋادار، ئاللاھقا ھەقىقىي قۇلچىلىق قىلىدىغان بىرىنى كۆرمىدىم، دەيدۇ. ئىمام ئىبنى كەسىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى، ئىمام ئىبنى قەييىم ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ئۇ كېچە-كۈندۈز ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىبادەتبىلەن شوغۇللىناتتى. گۈزەل ئەخلاقلىق، ناھايىتى چىقىشقاق، ھەسەتتىن يېراق ئىدى، ھېچ بىر كىشىگە ئاداۋەت قىلمايتتى. بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇنىڭدەك ئىبادەت قىلىدىغان بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئۇ نامازنىڭ روكۇئ- سەجدىلىرىنى ئوزۇن قىلاتتى، بامدات نامىزىدىن كىيىن كۈن چىققانغا قەدەر ئورنىدىن تۇرماي زىكرى-تەسبىھ ئوقۇيتتى ۋە: بۇ مېنىڭ ئوزۇقۇم موشۇنداق قىلمىسام مادارىم قالمايدۇ، دەيتتى. ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى قەييىم ھەقىقەتەن بىر ئابىد بولۇپ تەھەججۇد ئاشىقى ئىدى، نامازنى ئوزۇن ئوقۇيدىغان، تىلى داۋاملىق زىكرى-تەسبىھ بىلەن مەشغۇل، تەۋبىكار، داۋاملىق ئاللاھتىن دۇئا - تەلەپ قىلىپ تۇرىدىغان، مىسالى يوق كىشى ئىدى.ئىبنى رەجەب يەنە ئۇنى مۇنداق سۈپەتلەيدۇ: بالايى-مۇسىبەتلەر بىلەن سىنالغان، رەقىبلەردىن ئازار يېگەن.ئىمام ئىبنى قەييىم ھاياتىدا ئەلجەۋزىيە مەدرىسىسىدە ئىمامەتچىلىك، سەدرىييە مەدرىسىسدە مۇدەررىسلىك ۋە پەتىۋا بېرىش قاتارلىق كۆپلىگەن مەنسەپ ۋە خىزمەتلەردە بولغان، بەزى قاراشلىرى سەۋەبىدىن تۇرمىدىمۇ ياتقان. ھىجرىيەنىڭ751- يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 13 – كۈنى ۋاپات بولغان. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا كىتاب يېزىپ قالدۇرۇشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. تۆۋەندىكىلىرى ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدۇر:«رەۋزەتۇل مۇھىببىن»، «زادۇل مەئاد»، «ئەھكامۇ ئەھلىززىممە»، «ھىدايەتۇل ھەيەرا»، «تۇھفەتۇل مەۋدۇد»، «ئەلجاۋابۇل كافى»، «بەدائىئۇل فەۋەئىد»، «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين»، «ئىغاسەتۇللەھفان»، «مەدەرىجۇسسالىكىن».ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ دىنغا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئىنتايىن چوڭدۇر، ئىمامنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان بارلىق مۇسۇلمانلارغا بىلىم بۇلىقى بولۇپ كەلمەكتە. بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ  ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن]يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ[ آل عمران:102 ئايەتنىڭ تەرجىمىسى: ]ئى مۇئمىنلەر! اﷲغا مۇۋاپىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار[.[①]]يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالاً كَثِيراً وَنِسَاءً وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَسَاءَلُونَ بِهِ وَالْأَرْحَامَ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيباً[ النساء:1 ئايەتنىڭ تەرجىمىسى: ]ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ياراتقان، شۇ ئىنساندىن يەنى ئۆز جىنسىدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى يەنى ھەۋۋانى ياراتقان ۋە ئۇلاردىن يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر-بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان اﷲدىن قورقۇڭلار، سىلە- رەھىمنى ئۈزۈب قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنى يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.[②]]يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلاً سَدِيداً يُصْلِحْ لَكُمْ أَعْمَالَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ فَازَ فَوْزاً عَظِيماً[ الأحزاب:70ا ـ71 ]ئى مۇئمىنلەر! اﷲ دىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار. اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ، كىمكى اﷲغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ[ [③]مەقسەتكە كەلسەك:مۇناپىقلىق، بىر خىل ئىچكى كېسەللىك بولۇپ، ئىنساننىڭ ئىچ-تېشىنى تولۇق قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ، كىشى ئۇنى ھېس قىلمايدۇ، چۈنكى نىپاق ئىنسانلارغا كۆرۈنمەيدىغان يوشۇرۇن بىر ئىللەت بولۇپ، كۆپىنچە نىپاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۆزىنى ئىسلاھاتچى دەپ ھېسابلايدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار بۇزغۇنچىلاردۇر.نىپاق كېسىلى چوڭ ۋە كىچىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ:كىچىك نىپاق بولسا، قەستەن بولمىغان ۋە ئادەتكە ئايلىنىپ قالمىغان، يالغان ئېيتىش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش دېگەندەك ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىلدىكى نىپاقلىق كېسىلى تەۋبە ۋە ئىستىغپار بىلەن ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ.ئەمما چوڭ نىپاقلىق بولسا دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىدا مەڭگۇلۈك قېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ موسۇلمانلارغا كۆرىنىشتە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغائىمان ئيتقاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمىلىيەتتە ئىمان ئېيتماي ئۇنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنداق ئىللەت تېپىلغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ مەلۈم شەخىسلەرگە ۋەھيى، كىتاپ چۈشۈرۈپ ئۇنى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە، ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلايدىغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.مۇناپىقلار ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن مۇسۇلمان بەندىلىرىنىڭ ئاگاھ بولىشى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ۋە ئىچكى سىرلىرىنى ئېچىپ تاشلىغان ۋە دۇنيادىكى مۆمىنلەر، كاپىرلار ۋە مۇناپىقلاردىن ئىبارەت بولغان ئۈچ خىل تائىپىنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدىلا بايان قىلىپ، مۆمىنلەر ھەققىدە تۆت ئايەت، كاپىرلار ھەققىدە ئىككى ئايەت، مۇناپىقلار ھەققىدە بولسا ئون ئۈچ ئايەت كەلتۈرگەن.بۇنداق بولىشى ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكى، نىپاقلىق كېسىلىنىڭ تارقىلىشچانلىقى، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ كىلىدىغان زىينىنىڭ چوڭلىقى سەۋەبىدىندۇر. چۈنكى ئۇلار كۆرىنىشتە، ئىسلامغا مەنسۇپ، ئىسلام تەرىپىنى ياقىلايدىغان، ئىسلامغا ياردەم قىلىدىغان كۆرۈنگىنى بىلەن، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىسلامنىڭ دۈشمىنىدۇر، پۇرسەت تاپسىلا ئىسلامغا زەھەرخەندىلىك قىلىدۇ، كۆرىنىشتە ئىلىم-مەرىپەت ۋە ئىسلاھ قىلىش تونىنى يېپىنچاقلىۋالغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇلار جاھالەت ۋە بۇزغۇنچىلىق ئامىللىرىدۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۇناپىقلارنىڭ ئىسلام دىنىغا قىلغان زىيانكەشلىكلىرى ئازمۇ؟ ئۇلارنىڭ زەھەرخەندىلىكى تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان ئىسلام قورغانلىرى ئازمۇ؟ ئۇلار ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنغان ئىلىم-مەرىپەت مەشئەللىرى غۇۋالىشىشى تۈپەيلىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا قانچىلىك ئاپەتلەر كەلمىگەن؟ ئۇ مۇناپىقلار قانچىلىغان ئىسلام سىموۋلنى يۇقۇتۇپ، لەپىلدەۋاتقان نۇرغۇن ئىسلام بايراقلىرىنى سۇندۇرمىغان؟ ئىسلامنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش ئۇچۈن نۇمۇسسىزلارچە پالتا سالمىدىمۇ؟ ئىسلامنىڭ سۈپ-سۈزۈك بۇلاقلىرىنى زەھەرلىرى بىلەن بۇلغىمىدىمۇ؟ .بۇ مۇناپىقلارنىڭ سەۋەبىدىن ئىسلام ۋە ئىسلام ئەللىرى ئايىغى ئۈزۈلمىگەن پالاكەت ۋە ئاپەتلەرگە مۇپتىلا بولدى. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئۇرغان زەربىلىرى ھېچقاچان توختاپ قالمىدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار تېخى ئۆزلىرىنى ئىسلاھاتچى، تۈزىگۈچى دەپ ئاتىشىدۇ، ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:]أَلا إِنَّهُمْ هُمُ الْمُفْسِدُونَ وَلَكِنْ لا يَشْعُرُونَ[ البقرة:12 ]بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ[.[④]ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ:]يُرِيدُونَ لِيُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَاللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ[ الصف: 8 ] ئۇلار اﷲنىڭ نۇرىنى اﷲنىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كافىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، اﷲ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر يەنى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر[. [⑤]  يەنى: مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك پىتنە-ئىغۋا، بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى يوقاتماقچى بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىرادىسنىڭ ئەكسچە ئىسلام دىنىنى چوقۇم كامالىغا يەتكۈزمەي قويمايدۇ. مۇناپىقلار ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن يۈز ئۆرۈشكە ئىتتىپاقلاشقان. ئۇلار ۋەھيىدىن ئىبارەت توغرا يولغا ئەگىشىپ ھىدايەت تېپىشنى خالىمايدۇ،]فَتَقَطَّعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ زُبُراً كُلُّ حِزْبٍ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ[ المؤمنون:53 ] ئۇلار نۇرغۇن پىرقىلەرگە بۆلۈندى، ھەر پىرقە ئۆز دىنى بىلەن خوشالدۇر [ [⑥]]يُوحِي بَعْضُهُمْ إِلَى بَعْضٍ زُخْرُفَ الْقَوْلِ غُرُوراً[ الأنعام:112 ]ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ[[⑦]ئۇلار دائىم پايدىسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ تەكەببۇرلارچە ياشايدۇ . ۋەھيىگە ئەگەشكۈچىلەرنى مازاق قىلىدۇ: بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]اللَّهُ يَسْتَهْزِئُ بِهِمْ وَيَمُدُّهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ[ البقرة:15 ]مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بىرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ.[[⑧]ئۇلار خۇددى زۇلمەتلىك كىچىدە كاسات تىجارەت ئۈچۈن چىقىپ، شەك ـ شۈبھە كىمىسىگە مىنىپ خىيال دۇلقۇنلىرىدا ئۈزىۋاتقان پەيتتە قاتتىق بۇران چىقىپ كېتىپ كىمىنى ئۆرىۋىتىپ ھالاك بولغان كىشىلەردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]أُولَئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلالَةَ بِالْهُدَى فَمَا رَبِحَتْ تِجَارَتُهُمْ وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ[ البقرة:16 ]ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ، گۇمراھلىقنى ئالدى، شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى[[⑨]. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئۆرىگەنلەردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]وَقَالَ الرَّسُولُ يَا رَبِّ إِنَّ قَوْمِي اتَّخَذُوا هَذَا الْقُرْآنَ مَهْجُوراً[ الفرقان:30  ]پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى[[⑩].  دېمەك مۇناپىقلار ئىنتايىن رەزىل ۋە پەسكەش نېمىلەرردۇر. ئۇلارنىڭ دىللىرىدىن ئىمان دېگەن نەرسىدىن ھېچقانداق ئەسەر قالمىغان بولغاچقا، ئۇلار ئىماننى تونۇيالماس بوپ قالغاندۇر، ئىمان مەكتەپلىرى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا خاراب بولغان بولۇپ، ئۇلار ئىمان مەكتەپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى بىلىشمەيدۇ، ئىماننىڭ پارلاق يۇلتۇزلىرى ئۇلارنىڭ قەلىپلىرىدىن ئۆچۈپ بولغاچقا، ئۇلار ئۇ يۇلتۇزلارنى قايتا يورۇتالمايدۇ، ئىماننىڭ قۇياشى ئۇلارنىڭ زۇلمەتلىك پىكىر ۋە خاھىشلىرى جۇغلانغاندا پېتىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلار ئۇنى كۆرەلمەس بولۇپ قالغاندۇر.مۇناپىقلار ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ئارقىلىق ئىبەرگەن توغرا يولدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىغان، ئۇنى مەنسىتمەي پەرۋا قىلمىغان. ئاللاھنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن توغرا يولىدىن يۈز ئۆرۈپ ئۆزلىرىنىڭ باتىل ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت بۇ ئېغىر قىلمىشلىرىغا سەل قارىغان، ئۇلۇغ وەھىينىڭ ھەقىقىي مەزمۇنىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك باتىل تەئۋىللەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ۋەھىيگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ ۋەھيى ھۆججەتلىرىگە قىلغان يوشۇرۇن ھوجۇم، سۇيىقەستلىرى ھەر دائىم داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ۋەھىي ھىدايىتى ئۇلارغا نىسبەتەن خۇددى ئەزىز مېھماننىڭ ئىنتايىن پەس، نائەھلى بىرسىگە چۈشكىنىگە ئوخشايدۇ، مۇناپىقلار بۇ ئەزىز مېھماننى ئۆز لايىقىدا ئىززەتلەپ كۈتىۋالماستىن، ئەكسىچە چىرايىنى تۈرۈپ، ئۇرۇپ-تېپىپ قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان، ھەتتاكى باشقىلارنىڭ ئۇنى كۈتىۋېلىشىغىمۇ چىدىماي، زەھەرخەندىلىك قىلغان، ئۆتىۋېلىشىغىمۇ يول بەرمىگەن.مۇناپىقلار قۇرئان-ھەدىسنى رەت قىلىش ئۈچۈن خىلمۇخىل تەييارلىقلارنى قىلىپ، ھەرخىل قائىدىلەرنى پەيدا قىلغان. قۇرئان-ھەدىس قاچانىكى ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلسە: بىلەرمەنلىك قىلىشقىنىچە: بىزلەرنىڭ زاھىر لەۋزىلەر بىلەن نېمە كارىمىز، زاھىر ئىبارە دېگەن شەكسىز ئىمانغا دالالەت قىلمايدۇ. بىزلەرگە پوشتى ئەمەس، ئىچكى مەنىلىرى، مېغىزى كېرەك دەپ تۇرىۋېلىشقان،[11] ئاۋاملىرى بولسا: بىزلەرگە كېيىنكىلەرنىڭ تۇتقان يولى كۇپايە قىلىدۇ. ئۇلار ئىلگىرىكىلەردىن ئالىمراق، دەلىل-ئىسپاتلاش جەھەتتە ئىلگىرىكىلەردىن كۈچلۈك ھەم ئۆتكۈررەك دەپ كەجلىك قىلىشقان. ئىلگىرىكىلەر تۈز، ساددا شۇنداقلا كۆڭلى ساغلام ئىدى. قۇرۇق نەزىرىيە، قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى يەكۈنلەپ بېكىتىپ ئولتۇرۇشقا ۋاقتىنى چىقىرىپ يۈرمەي پۈتۈن ھىممىتىنى ئىسلام بۇيرىغاننى بىجانىدىل ئىجرا قىلىش، چەكلىگەننى قىلماسلىققا قاراتقان ئىدى، شۇڭا كېيىنكىلەرنىڭ تۇتقان يولى ئىلمىي نەزەرىيە جەھەتتىن پۇختىراق، ئىلىگىرىكىلەرنىڭ يولى بولسا، ئىلمىي نەزەرىيە جەھەتتىن تۆۋەن كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بىخەتەرراقتۇر.[12] شۇنداق قىلىپ ئۇلار قۇرئان-ھەدىس كۆرسەتمىلىرىنى بەئەينى ھازىرقى زاماندىكى ئىسمى تەڭگە-تىللاغا ئۇرۇلغان، مۇنبەرلەردە خۇتبىدە تىلغا ئېلىنىپ يۈكسەك ئاۋازلار بىلەن توۋلىنىدىغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھۆكمى ئىجرا قىلىنمايدىغان، بەزى قورچاق خەلىپىلەردەك ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.مۇناپىقلارنىڭ دىللىرى ئازغۇن، زالالەت، زەھەرخەندىلىك ۋە كۇپۇر ئەھلىنىڭ دىللىرىدەك تۇرۇقلۇق، ئۈستى - بېشىغا ئەھلى ئىمان تونلىرىنى كىيىۋالغاندۇر، شۇڭا ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى گويا ئەنسارلاردەك، ئىچكى دۇنياسى بولسا كاپىرلار سېپىدىن يەر ئالغان. تىللىرى دوستانە، دىللىرى بولسا ئورۇش ھالىتىدىكى دۈشمەننىڭ دىلىدۇر. مۇناپىقلار ئېغىزلىرىدا بىر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېتتۇق دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۆمىنلەردىن ئەمەس، ئاللاھ تائالا دەيدۇ:]وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَا هُمْ بِمُؤْمِنِينَ[ البقرة:8 ]كىشىلەر ئارىسىدا اﷲغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتەن ئۇلار ئىشەنمەيدۇ يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ.[[13]مۇناپىقلارنىڭ دەسمايىلىرى ئالدامچىلىق بىلەن ھىيلە-مىكىر، بازارغا سالغان مال-تاۋارلىرى بولسا، يالغانچىلىق بىلەن خىيانەتتىن ئىبارەتتۇر. مۇناپىقلارنىڭ ھاياتتا ياشاش پەلسەپەسى شۇكى، ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدا بەھوزۇر ياشاشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:]يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ[ البقرة:9  ]ئۇلار اﷲنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.[[14]ئۇلارنىڭ دىللىرىنى شەك-شۈبھە، نەپسى يامانلىق شەھۋەتلىرى چىرمىۋالغان، يامان نىيەت ۋە رەزىل غەرەزلەر ئىرادىسىدىن ئۈستۈن كېلىپ دىللىرىنى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن. نەتىجىدە ئۇلاردىكى خەستەلىك ھالاكەت گىرداۋىغا بېرىپ قېلىپ ئۇستا دوختۇرلارمۇ داۋالىيالمايدىغان ھالەتكە چۈشكەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّهُ مَرَضاً وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ[ البقرة:10 ]ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش بار، اﷲ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە اﷲنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.[[15] ئۇلارنىڭ شەك ـ شۈبھە تىرناقلىرى قانداق بىر كىشىگە سانچىىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئىمانىنى تىتما ـ تىتما قىلىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ پىتنە ـ پاساتلىرىنىڭ ئۇچقۇنلىرى قانداق بىر كىشىنىڭ قەلبىگە چاچرايدىكەن، ئۇ كىشىنى جەھەننەمنىڭ ئوت ئازابىغا تاشلىۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىغۋا، ئازدۇرۇشلىرى قانداق بىر كىشىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدىكەن، ئۇنىڭ دىلىنى ئىماندىن توسۇۋالىدۇ، دېمەك، ئۇلارنىڭ زېمىندا قىلىدىغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئىنتايىن زور ۋە كۆپ تۇرۇقلۇق، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن بىخەۋەر غەپلەتتە تۇرىۋاتقاندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]أَلا إِنَّهُمْ هُمُ الْمُفْسِدُونَ وَلَكِنْ لا يَشْعُرُونَ[ البقرة:12  ]ئۇلارغا: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ.[[16]قۇرئان كەرىم ۋە رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلغانلارمۇناپىقلارنىڭ نەزىرىدە، يېراقنى كۆرەلمەيدىغان ئەقلى چولتا، كالتا پەم كىشلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار: قۇرئان بىلەن ھەدىسنى تۇتۇپ ماڭغانلار خۇددى كىتابلارنى ئۈستىگە يۈكلىۋالغان ئىشەككە ئوخشاش پۈتۈن چۈشىنىدىغىنى قۇرئان بىلەن ھەدىسنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتىن ئىبارەت، دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالدىدا قۇرئان بىلەن ھەدىستىن ئىبارەت ۋەھىينى سەرمايە قىلغان تىجارەتچىنىڭ بازىرى كاساتتۇر، ئۇلار ئۇنداق مالنى ئالمايدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈننىتىگە ئەگەشكۈچىلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دۆت، كالۋالاردۇر، بۇنداقلار ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا قەدەم بېسىپ قالسا، مۇناپىقلار شۇملۇق ھېس قىلىشىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ]وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا كَمَا آمَنَ النَّاسُ قَالُوا أَنُؤْمِنُ كَمَا آمَنَ السُّفَهَاءُ أَلا إِنَّهُمْ هُمُ السُّفَهَاءُ وَلَكِنْ لا يَعْلَمُونَ[ البقرة:13 ]ئۇلارغا يەنى مۇناپىقلارغا: «ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك يەنى ساھابىلاردەك چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر، لېكىن بۇنى ئۇلار تۇيمايدۇ.[[17]ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىككى يۈزى بولىدۇ، بىر يۈزىدە مۆمىنلەر بىلەن كۆرىشىدۇ، يەنە بىر يۈزى بىلەن خۇداسىز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا بارىدۇ، ھەربىرىنىڭ ئىككى تىلى بولىدۇ، بىر تىلىنىڭ تاشقى ئىپادىسىگە قاراپ مۇسۇلمانلار ئۇنى مۇسۇلمانكەن دەپ قاتارغا قوشىدۇ، يەنە بىر تىلىدا بولسا، دىلىدىكى مەخپىي سىرنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آمَنُوا قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا إِلَى شَيَاطِينِهِمْ قَالُوا إِنَّا مَعَكُمْ إِنَّمَا نَحْنُ مُسْتَهْزِئُونَ[ البقرة:14 ]ئۇلار مۇئمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، شاياتۇنلىرى، يەنى مۇناپىق كاتتىباشلىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، پەقەت تىلىمىزنىڭ ئۇچچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز» دەيدۇ.[[18]بۇ مۇناپىقلار، قۇرئان ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تۇتۇپ ماڭغانلارنى كۆزگە ئىلماي، قۇرئان بىلەن سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگەن، ئۆزلىرىدىكى كۆپ ئۈگەنسىمۇ پايدىسى يوق قۇرۇق بىلىمنى يوغان بىلىپ تەكەببۇرلۇق ۋە ھارامزەدىلىك قىلىپ قۇرئان بىلەن سۈننەتكە بوي ئەگمىگەن، شۇڭا بىز دائىم ئۇلارنىڭ قۇرئان بىلەن سۈننەتنى چىڭ تۇتۇپ ماڭغانلارنى مەسخىرە قىلىشقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]اللَّهُ يَسْتَهْزِئُ بِهِمْ وَيَمُدُّهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ[ البقرة: 15]مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بىرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ.[ [19] مۇناپىقلار مىسالي شۇكى، ئۇلار زۇلمەت قاراڭغۇلۇق دېڭىزلىرىدا كاسات تىجارەتنى قىلىمىز دەپ چىققان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار شەك-شۈبھە كىمىلىرىگە ئولتۇرغان، كىمىلەر ئۇلارنى خىيال دولقۇنلىرىدا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا تۇساتتىن كېمىلىرىنى بورانلىق جۇدۇن ئۆرۈپ، ئۇلارنى ھالاك بولغانلار قاتارىغا تاشلىۋەتكەندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]أُولَئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلالَةَ بِالْهُدَى فَمَا رَبِحَتْ تِجَارَتُهُمْ وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ[ البقرة:16 ]ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ، گۇمراھلىقنى ئالدى، شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى.[[20] ئىمان نۇرى ئۇلارغا ئەتراپنى يورۇتۇپ بەرگەندە، ئۇنىڭ يورۇقىدا توغرا يول بىلەن گۇمراھلىقنىڭ جايىنى ئېنىق كۆرىۋالغان، كېيىن ئىمان نۇرى ئۆچۈپ قېلىپ لاۋۇلداپ يېنىپ كۆيىۋاتقان ئوت قالغان، مۇناپىقلار ئەنە شۇ ئوت بىلەن ئازاپلانغۇچىلاردۇر، ئاشۇ قاراڭغۇلۇقتا تېڭىرقاپ قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇناپىقلار ھەققىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: ]مَثَلُهُمْ كَمَثَلِ الَّذِي اسْتَوْقَدَ نَاراً فَلَمَّا أَضَاءَتْ مَا حَوْلَهُ ذَهَبَ اللَّهُ بِنُورِهِمْ وَتَرَكَهُمْ فِي ظُلُمَاتٍ لا يُبْصِرُونَ[ البقرة:17 ]ئۇلار گۇياكى كېچىدە ئىسسىنىش ۋە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، اﷲ ئۇلارنىڭ ئوتىنىڭ يورۇقىنى ئۆچۈرىۋەتتى، ئۇلارنى ئەتراپتىكى ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى.[[21]دىللىرىنىڭ قۇلاقلىرى پەردىلەنگەن بولغاچقا، ئىمان چاقىرىقىنى ئاڭلىماس بولۇپ قالغان، دىللىرىنىڭ كۆزلىرىنى ئەمالىق غۇۋاسى قاپلاپ كەتكەن بولغاچقا قۇرئاننىڭ ھەقىقەتلىرىنى كۆرەلمەس بولۇپ قالغان، تىللىرى ھەقكە زۇۋان سۈرمەس بولۇپ گاچىلاشقاندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ]صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لا يَرْجِعُونَ[ البقرة:18]ئۇلار گاستۇر يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك، ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ، گاچىدۇر يەنى گاچا سۆزلىيەلمىگەندەك، ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ، كوردۇر يەنى كور بولۇپ قالغاندەك، توغرا يولنى كۆرمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار گۇمراھلىقتىن قايتمايدۇ.[[22] ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دىللار ۋە رۇھلارنى ياشارتىدىغان ۋەھىي يامغۇرى ياغقان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن پەقەتلا تەھدىت بىلەن ئەتىگىنى-ئاخشىمى ئورۇندايدىغان ۋەزىپىلەرنىلڭ گۈلدۈرمامىلىرىنىلا ئاڭلاپ بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋېلىپ، كىيىملىرىنى بېشىغا يۆگىۋالغىنىچە بەدەر قېچىشقان، ئارقىسىدىن ئىز قوغلاپ كېلىپ ۋارقىراپ - جاقىرىلغان، ئاندىن پۈتۈن خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى چاقىرىلىپ، ھەقىقىي ھال-ئەھۋالى ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈچىلەرگە ئېچىپ تاشلانغان. ئۇلارغا مۇناپىقلار ئارىسىدىكى بەس-مۇنازىرىچىلەر گۇرۇھىي بىلەن تەقلىتچىلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھنىڭ ئەھۋالى مۇنداق مىسال قىلىپ بېرىلگەن:]أَوْ كَصَيِّبٍ مِنَ السَّمَاءِ فِيهِ ظُلُمَاتٌ وَرَعْدٌ وَبَرْقٌ يَجْعَلُونَ أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ مِنَ الصَّوَاعِقِ حَذَرَ الْمَوْتِ وَاللَّهُ مُحِيطٌ بِالْكَافِرِينَ[ البقرة:19]ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گۇيا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. اﷲ كافىرلارنى يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.[[23] ئۇلارنىڭ دىللىرىنىڭ كۆزلىرى ۋەھىي يامغۇرىدىكى نۇرانە چاقماقلارنى، مەنىۋىي يورۇقلۇقلارنى كۆرەلمەي، قۇلاقلىرى ۋەھىينىڭ ساۋاب ۋە جازا ۋەدىسىنى، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى ئىشىتەلمەي قېلىپ، ئازغۇنلۇق ۋادىسىدا يا قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغاندىن پايدىلىنالماي، يا كۆزى كۆرۈپ تۇرغان يولنى تېپىپ ماڭالماي ھەيرانۇھەس تۇرۇپ قالغاندۇر. ئاللاھ تائائالا مۇنداق دەيدۇ: ]يَكَادُ الْبَرْقُ يَخْطَفُ أَبْصَارَهُمْ كُلَّمَا أَضَاءَ لَهُمْ مَشَوْا فِيهِ وَإِذَا أَظْلَمَ عَلَيْهِمْ قَامُوا وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمْعِهِمْ وَأَبْصَارِهِمْ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ[ البقرة:20 ]چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ. ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ؛ قارڭغۇلۇق قاپلىغاندا تۇرۇپ قالىدۇ. اﷲ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى. اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر.[[24]ئۇلارنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ئالامەتلىرى بار بولۇپ، بۇ ئالامەتلەر ئىمان بەسىيرىتى بىلەن مۇلاھىزە قىلغۇچىلارغا ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى رىياخورلۇق ھەرىكەتلەندۈرگەن بولۇپ، بۇ ئىنسانغا تۈرتكە بولغان ئەڭ قەبىھ ئىللەتتۇر، يەنە ئۇلار راھمان بولغان جانابى ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى قىلىشتىن ھۇرۇۇنلۇق قىلىپ ئولتۇرىۋالغان بولغاچقا، ئىخلاس بىلەن ئىش قىلىش ئۇلارغا ئېغىر كەلگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]إِنَّ الْمُنَافِقِينَ يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَهُوَ خَادِعُهُمْ وَإِذَا قَامُوا إِلَى الصَّلاةِ قَامُوا كُسَالَى يُرَاؤُونَ النَّاسَ وَلا يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلَّا قَلِيلاً[ النساء:142]شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار اﷲنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا خۇشياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ، نامازنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ، اﷲنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ.[[25]مۇناپىق دېگەن خۇددى ئىككى قوچقارنىڭ ئوتتۇرىدا قاتناپ، ئۇنىڭغا بىر مەرەپ قويۇپ، بۇنىڭغا بىر مەرەپ قويىدىغان، يا ئۇنىڭغا، يا بۇنىڭ بىلەن مۇقىم تۇرمايدىغان ساغلىققا ئوخشاش بولۇپ، قايسى تەرەپ كۈچلۈك ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولسا، شۇنىڭغا قاراپ ئىش تۇتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]مُذَبْذَبِينَ بَيْنَ ذَلِكَ لا إِلَى هَؤُلاءِ وَلا إِلَى هَؤُلاءِ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ سَبِيلاً[ النساء:143 ]مۇناپىقلار كۇفرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، نە ئۇلارغا، نە بۇلارغا مەنسۇپ ئەمەس يەنى مۇئمىنلەرگىمۇ، كافىرلارغىمۇ مەنسۇپ ئەمەس، كىمنى اﷲ گۇمراھ قىلغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن.[[26]مۇناپىقلار مۆمىنلەرنىڭ ھەر ۋاقىت مۇسىبەت ۋە بالايى ئاپەتلەرگە دۇچار بولۇپ تۇرىشىنى كۈتىدۇ. ئاللاھ تەرەپتىن مۆمىنلەرگە بىرەر غەلىبە-نۈسرەت كېلىپ قالسا، دەرھال بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ دەپ قەسەم قىلىپ، ئولجا ۋە غەنىمەتلەرگە كۆز قىزارتىپ تەڭ شېرىك بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر كاپىرلارنىڭ ئىشى ئازراق ئوڭ كېلىپ قالسا دەرھال ئۇلار تەرەپكە ئۆتۈپ: ۋاي بىز سىلەرنى مۆمىنلەردىن قوغداپ قالمىدىقمۇ؟ سىلەر بىلەن ئارىمىزدا قېرىنداشلىق توختامى بارغۇ؟ بىز يېقىن تۇققانلاردىنغۇ، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىپ، خۇشامەت قىلىپ ئۇلارنى ئالدايدۇ. مۇناپىقلارنىڭ بۇ خىل سۈپەتلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدىن بىلىۋالالايمىز:]الَّذِينَ يَتَرَبَّصُونَ بِكُمْ فَإِنْ كَانَ لَكُمْ فَتْحٌ مِنَ اللَّهِ قَالُوا أَلَمْ نَكُنْ مَعَكُمْ وَإِنْ كَانَ لِلْكَافِرِينَ نَصِيبٌ قَالُوا أَلَمْ نَسْتَحْوِذْ عَلَيْكُمْ وَنَمْنَعْكُمْ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ فَاللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَنْ يَجْعَلَ اللَّهُ لِلْكَافِرِينَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ سَبِيلاً[ النساء:141 ]ئۇلار يەنى مۇناپىقلار سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر اﷲنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ كافىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ بېرىڭلار» دەيدۇ. ئەگەر كافىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار كافىرلارغا: «بىز سىلەردىن غالىب بولۇپ تۇرۇپ سىلەرنى ئۆلتۈرمىدۇق ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى مۇئمىنلەردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ. اﷲ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىدۇ، اﷲ كافىرلارغا ھەرگىز مۇئمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ.[ [27]مۇناپىقلار شىرىن - شېكەر سۆزلۈك بولۇپ ئاڭلىغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەيدۇ، ھەقنى سۆزلەشتە يېتىۋالىدۇ، باتىلنى ئاڭلاش ھەم سۆزلەشتە يۈگۈرۈپ ماڭىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُعْجِبُكَ قَوْلُهُ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيُشْهِدُ اللَّهَ عَلَى مَا فِي قَلْبِهِ وَهُوَ أَلَدُّ الْخِصَامِ[ البقرة:204 ]ئى مۇھەممەد! كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ لېكىن ئۇ يالغانچى مۇناپىقتۇر، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە يەنى دىلى باشقا تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە اﷲنى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرگە ئەشەددىي دۈشمەندۇر كۆرۈنۈشتە ئۇ شېرىن سۆزى ئارقىلىق دىندار قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.[[28] مۇناپىقلار ئۆزىنىڭ لەشكەرلىرىنى جەمئىيەتتە ۋە ئىنسانلار ئارىسىدا پاساتچىلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئىنسانلار ۋە جەمئىيەتنىڭ گۆللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ياخشى ئىشلاردىن توسىدۇ، بەزىلىرى مۇمىنلەر سېپىگە كىرىۋېلىپ ناماز ئوقۇپ، زىكرى-تەسبىھ ئېيتىپ، تەقۋادار،زاھىد كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنىدۇ. مۆمىنلەر توپىدىن ئايرىلغان ھامان يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ شەررىدىن نە ئادىمزات، نە ھايۋان، دەل-دەرەخ، زىرائەت ھېچقانداق بىر نەرسە ساق قالمايدۇ.]وَإِذَا تَوَلَّى سَعَى فِي الْأَرْضِ لِيُفْسِدَ فِيهَا وَيُهْلِكَ الْحَرْثَ وَالنَّسْلَ وَاللَّهُ لا يُحِبُّ الْفَسَادَ[ البقرة:205 ]ئۇ ھوزۇرۇڭدىن قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. اﷲ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ.[[29]مۇناپىقلار خۇددى جىندەك ھەممىسى بىر- بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يامانلىقنى ئۆزى قىلىپ تۇرۇپ باشقىلارنىمۇ يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقنى ئۆزىمۇ قىلماي، باشقىلارنىمۇ ياخشىلىقتىن توسىدۇ. ئاللاھ يولىدا، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خەيرى-ئېھسان قىلماي، بېخىللىق قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىنى ۋە نېمەتلىرىنى شۇنچە ئەسلەتكەن بولسىمۇ ئۇلار ئاللاھنى ئەسلەشتىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنۇتقان، ئاللاھ مۆمىن بەندىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆپ قېتىم ئېچىپ بەرگەن، مانا بۇنى ئاڭلاپ بېقىڭلار ئى مۆمىنلەر!:]الْمُنَافِقُونَ وَالْمُنَافِقَاتُ بَعْضُهُمْ مِنْ بَعْضٍ يَأْمُرُونَ بِالْمُنْكَرِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمَعْرُوفِ وَيَقْبِضُونَ أَيْدِيَهُمْ نَسُوا اللَّهَ فَنَسِيَهُمْ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ هُمُ الْفَاسِقُونَ[ التوبة:67 ]مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار مۇناپىقلىقتا ۋە ئىماندىن يىراق بولۇشتا بىر- بىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، ئۇلار قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ يەنى بېخىللىق قىلىپ سەدىقە بەرمەيدۇ. ئۇلار اﷲنى ئۇنتۇدى يەنى اﷲنىڭ تائىتىنى تەرك ئەتتى، اﷲمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى يەنى اﷲ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ پەزىلىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى. شۈبھسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلاردۇر.[[30] مۇناپىقلارنى ئېنىق ۋەھىي ۋە ئاللاھنىڭ كىتابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرى بىلەن ھۈكۈم قىلدۇرۇشقا چاقىرسىڭىز، ئۇلار دەرھال ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا قارايدىغان بولسىڭىز، ھىدايەت بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ ئارىلىق بارلىقىنى كۆرىسىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَى مَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ رَأَيْتَ الْمُنَافِقِينَ يَصُدُّونَ عَنْكَ صُدُوداً[ النساء:61 ]ئۇلار يەنى مۇناپىقلارغا: «اﷲ نازىل قىلغان كىتاب تەرەپكە ۋە پەيغەمبەر تەرەپكە كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇناپىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرىگەنلىكىنى كۆرىسەن.[[31]ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنداق يامان تۇرسا، ئەقىل ئىدراك ۋە دىن – دىيانەتتىن ئايرىلغان تۇرسا، گۇمراھلىققا چۈمۈپ، ئىمانىنى كۇفرىلىققا سېتىۋەتكەن تۇرسا، ئۇلارغا قانداقمۇ ھىدايەت ۋە بەخت ـ سائادەت كەلسۇن؟ ئۇلار قانداقمۇ ئازغۇنلۇق ۋە ھالاكەتتىن قۇتۇلالىسۇن؟ ئۇلار جەننەتنىڭ شېرىن شەربەتلىرىگە دوزاخ ئوتنى تېگىشكەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كاسات تىجارىتى نېمىدىگەن زايانلىق-ھە! ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]فَكَيْفَ إِذَا أَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ثُمَّ جَاءُوكَ يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ إِنْ أَرَدْنَا إِلَّا إِحْسَاناً وَتَوْفِيقاً[ النساء:62  ]قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ اﷲ بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا: «بىز پەقەت ياخشىلىق ۋە يارىشىشنىلا ئىرادە قىلغان ئىدۇق» دېگەنلەرنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟[ [32] ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ئاللاھقا شەك قىلىشتىن ئىبارەت زەققۇم مېۋىلىرى تۇرۇپ قالغان بولغاچقا، ئۇلار شەك-شۈبھىلەرنى يۈتۈۋېتەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]أُولَئِكَ الَّذِينَ يَعْلَمُ اللَّهُ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَعِظْهُمْ وَقُلْ لَهُمْ فِي أَنْفُسِهِمْ قَوْلاً بَلِيغاً[ النساء:63 ]ئەنە شۇلار يەنى مۇناپىقلار يالغان ئېيتىدۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى يەنى مۇناپىقلىقنى، مىكرىنى بىلىدۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرىگىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارغا تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلغىن.[[33]مۇناپىق بەتبەختلەر قۇرۇپ كەتكەي ئىلاھىم! ئۇلار ئىماندىن نېمىدېگەن يىراق ھە! ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىلىم-ئىرپان، تەتقىقاتچى دەۋېلىشى نېمىدېگەن چوڭ يالغان ھە! چۈنكى بۇ نېمىلەر نېمە كويدا، پەيغەمبەرلەر يولىنى تۇتۇپ مېڭىۋاتقانلار نېمە كويدا؟ ئاللاھ تائالا ئۆزنىنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئۇلۇغلىقى بىلەن قەسەم قىلغانكى، بۇ قەسەمنىڭ مەزمۇنىنى ئەقىل ئىگىلىرى بىلگەچكە، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن داۋاملىق ئېھتىيات قىلىپ، ھەزەر ئەيلەپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا مۆمىن بەدىلىرىنى ئاشۇ مۇناپىق بەتبەختلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئاگالاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:]فَلا وَرَبِّكَ لا يُؤْمِنُونَ حَتَّى يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لا يَجِدُوا فِي أَنْفُسِهِمْ حَرَجاً مِمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيماً[ النساء: 65 ]ئى مۇھەممەد! پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار يەنى مۇناپىقلار ئۆز ئارىسىدىكى دە-تالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.[[34]مۇناپىقلار نارازىلىققا ئۇچرىمىغان ئەھۋالدىمۇ دەرھال قەسەم قىلغىلى تۇرىدۇ، چۈنكى ئەھلى ئىماننىڭ كۆڭۈللىرى ئۇلارغا خاتىرجەم بولالمايدىغانلىقىنى ئۇلار ئوبدان بىلگچكە، قەسەم قىلىپلا ئۆزلىرىنى ئاقلىماقچى بولۇشىدۇ، ئادەتتە چاتاق ئىش قىلىدىغانلارمۇ يالغاننى ئېيتىۋېتىپ ئارقىدىن ئۆزلىرىنى راستچىل كۆرسىتىش ئۈچۈن قەسەم قىلىشقا باشلايدۇ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ]اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ[ المنافقون:2 ]ئۇلار ئۆزلىرىنڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، كىشىلەرنى اﷲنىڭ يولىدىن يەنى اﷲنىڭ دىنىدىن توستى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![[35]  مۇناپىق بەتبەختلەر قۇرۇپ كەتكەي ئىلاھىم! ئۇلار مۆمىنلەر كارۋېنى بىلەن چۆل-باياۋانلارغا سەپەرگە چىقىپ يولنىڭ ئۇزۇن ھەم جاپالىق ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ ئارقىغا يېنىپ قايتىپ كېتىپ، ئۆز دىيارلىرىدا راھەت-پاراغەت ۋە ياخشى تۇرمۇشتا ياشاشنى ئويلاشقان، بىراق ئۇلار ئويلىغان ئارزۇ قىلغان ھۇزۇر-ھالاۋەتنىڭ كەيپىنى سۈرۈپ بولغىچە كەلگۈلۈك كېلىپ، داستىخاندىن قورساقلىرى ئاچ ھالدا تۇرۇپ كېتىشكەن، ئەمدى بۇلارنىڭ ھالى ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچراشقاندا قانداق بۇلار؟ ئۇلار ھەقنى تۇنۇغاندىن كېيىن تېنىپ تۇرىۋالغان، ھەقنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ بولۇپ كۆرمەس بولىۋالغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا فَطُبِعَ عَلَى قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لا يَفْقَهُونَ[ المنافقون:3 ]بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئېغىزلىرىدا ئىشىنىپ، ئاندىن دىللىرىدا ئىنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پىچەتلەندى يەنى دىللىرىغا ھىدايەت يېتىپ بارالمايدۇ، ئۇلار ئىماننى چۈشەنمەيدۇ.[[36] مۇناپىقلار بەدەن قورۇلىش سالاپىتى ئەڭ كېلىشكەن، تىلى ئەڭ پاساھەتلىك، ھىيلىگەرلىكتە ئەڭ ئۇچىغا چىققان، يۈرىكى ئەڭ قورقۇنچاق كىشىلەردۇر. ئۇلار خۇددى يىلدىزىدىن قومۇرۇلۇپ يولۇچىلارنىڭ دەسسەپ سالماسلىقى ئۈچۈن تامغا يۈلەپ قويغان قورۇپ كەتكەن مىۋىسىز ياغاچقا ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ وَإِنْ يَقُولُوا تَسْمَعْ لِقَوْلِهِمْ كَأَنَّهُمْ خُشُبٌ مُسَنَّدَةٌ يَحْسَبُونَ كُلَّ صَيْحَةٍ عَلَيْهِمْ هُمُ الْعَدُوُّ فَاحْذَرْهُمْ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ أَنَّى يُؤْفَكُونَ[ المنافقون:4 ]ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرلۇشى سالاپەتلىكى سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، سۆزىنىڭ پاساھەتلىكىدىن سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، ئىلىمسىز، ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان چىرىپ قالغان ياغاچلاردۇر، ئۇلار قورقۇنچتىن ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ، ئۇلار ساڭا ۋە مۇئمىنلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، اﷲ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ![[37]مۇناپىقلار نامازلىرىنى ئەۋۋەلقى ۋاقىتلىرىدا ئوقۇماي، ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتەي دېگەندە ئوقۇيدۇ، بامداتنى كۈن چىقىۋاتقاندا، ئەسىرنى كۈن پېتىۋاتقاندا ئوقۇيدۇ. تۇخا چۇقىلىغاندەك چوقۇلاپ ئوقۇيدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نامازلىرى دىللار خۇشۇئدا تۇرىدىغان ناماز بولماستىن بەلكى بەدەن چېنىقتۇرىدىغان نامازدۇر. ئۆزىنىڭ قوغلاندى ھەم تۇتۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلىپ يەتكەچكە تۈلكە ئۇياق-بۇياققا قارىغاندەك ئۇياق-بۇياققا قاراپ ئوقۇيدۇ، ئۇلار جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇماي، ئوقۇغان تەقدىردە يا ئۆيىدە يا دۇكىنىدا ئوقۇيدۇ، جېدەللىشىپ قالسا دەرھال ئاغزىنى بوزىدۇ. قىلغان توختاملىرىغا ئەمەل قىلمايدۇ. يالغان سۆزلەيدۇ. ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ. ئىشەنچ قىلىپ ئامانەت قويولسا خىيانەت قىلىدۇ. ماۋۇلار ئۇلارنىڭ خالايىققا قىلىدىغان مۇئامىلىسىدۇر، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىز ئۇلارنىڭ خالىققا قىلىدىغان مۇئامىسىلى ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاللاھ تائالادىنمۇ ئوبدانراق بىلىدىغىنى يوقتۇر، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىنى مۇنافىقۇن سۈرىسىنىڭ بېشىدىن تارىق سۈرىسىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئايەتلەردىن بىلىۋېلىڭلار. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:]يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ جَاهِدِ الْكُفَّارَ وَالْمُنَافِقِينَ وَاغْلُظْ عَلَيْهِمْ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ[ التوبة:73 ]ئى پەيغەمبەر! كافىرلارغا، مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قارشى غازات قىلىش ۋە قورقۇنچ سېلىش بىلەن قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي![[38]مۇناپىق بەتبەختلەر ئاز سانلىق تۇرۇقلۇق قانداقسىگە كۆپ بولۇپ قالغاندۇ؟ خار تۇرۇقلۇق قانداقسىگە زومىگەر بولۇپ كەتكەندۇ؟ ئۆزلىرىنى بىلەرمەن چاغلايدىغان تۇرۇقلۇق قانداقسىگە كۆڭلى قارا نادان بولۇپ قالغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ مەغرۇرلىنىشىغا نېمە سەۋەب بولغاندۇ؟ ئەسلىدە ئۇلار ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى ۋە ئولۇغلىقىنى بىلىشمەيدۇ.]وَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ إِنَّهُمْ لَمِنْكُمْ وَمَا هُمْ مِنْكُمْ وَلَكِنَّهُمْ قَوْمٌ يَفْرَقُونَ[ التوبة:56 ]ئۇلار: «بىز چوقۇم سىلەر يەنى سىلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمانلار دىن» دەپ، اﷲ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار سىلەردىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار زىيان - زەخمەتكە ئۇچراشتىن قورقۇپ ، ئاغزىدا مۇسۇلمان بولغان قورقۇنچاق قەۋمدۇر.[[39] ئەگەر مۆمىنلەرگە خاتىرجەملىك، غەلىبە ۋە كۈچلىنىش نېسىپ بولسا، مۇناپىق بەتبەختلەر بىئارام بولۇپ غەمگە چۆكىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ بېشىغا گۇناھلىرىنى تازىلايدىغان بەزىبىر سىناق ۋە ئېغىر كۈنلەر كېلىپ قالىدىغان بولسا، بۇنىڭدىن مۇناپىق بەتبەختلەر بەك خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. مانا بۇ ئۇلار بىلەن باشقىلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىراسىدۇر، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن مىراس ئالىدىغانلار بىلەن مۇناپىق بەتبەختلەر مىراس ئالىدىغانلار ھەرگىزمۇ باراۋەر بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]إِنْ تُصِبْكَ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ وَإِنْ تُصِبْكَ مُصِيبَةٌ يَقُولُوا قَدْ أَخَذْنَا أَمْرَنَا مِنْ قَبْلُ وَيَتَوَلَّوْا وَهُمْ فَرِحُونَ قُلْ لَنْ يُصِيبَنَا إِلَّا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَنَا هُوَ مَوْلانَا وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ[ التوبة: 50 -51 ]ئەگەر سەن بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ؛ ئەگەر ساڭا بىرەرمۇسىبەت كەلسە: «ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىپ خۇشال قايتىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «بىزگە پەقەت اﷲنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۇئمىنلەر اﷲغا تەۋەككۈل قىلسۇن يەنى مۇئمىنلەر ھەممە ئىشنى اﷲغا تاپشۇرسۇن، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن.[[40]ھەقىقەت دېگەن كالىپاي سۆزلەيدىغان ئازغۇنلارنىڭ ھارامزادىلىكى بىلەن رەت قىلىنىپ كەتمەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئوخشاش بولمىغان يۇقىرىقى ئىككى خىل كىشىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:]إِنْ تَمْسَسْكُمْ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ وَإِنْ تُصِبْكُمْ سَيِّئَةٌ يَفْرَحُوا بِهَا وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا لا يَضُرُّكُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئاً إِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ[ آل عمران:120 ]ئەگەر سىلەرگە كەڭچىلىك، مولچىلىق، نۇسرەت، غەنىمەت قاتارلىق بىرەر ياخشىلىق يەتسە ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە ئېغىرچىلىق، قەھەتچىلىك ۋە مەغلۇبىيەت قاتارلىق بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە سەۋر قىلساڭلار ۋە سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا اﷲدىن قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر. [[41] مۇناپىق بەتبەختلەرنىڭ دىللىرى بۇزۇق بولغاچقا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىنى ياقتۇرماي، ئۇلارغا تائەت-ئىبادەتنى ئېغىر كۆرسىتىپ قىلدۇرمىغان، ئۇلار ئاللاھنىڭ دۈشمىنىگە مايىل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يېقىن تۇرىشىنى يامان كۆرۈپ، ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ ۋەيران قىلىۋەتكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ چاقىرىقىدىن يۈز ئۆرىگەن بولغاچقا. ئاللاھمۇ ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇلارنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرمەي، بەتبەختلەردىن قىلىۋەتكەن. ئۇلارغا ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، بۇ ھۆكۈمدىن كېيىن ئۇلار تۆۋە قىلمىغان ئەھۋالدا قۇتۇلۇشتىن ئۈمىد يوقتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]وَلَوْ أَرَادُوا الْخُرُوجَ لَأَعَدُّوا لَهُ عُدَّةً وَلَكِنْ كَرِهَ اللَّهُ انْبِعَاثَهُمْ فَثَبَّطَهُمْ وَقِيلَ اقْعُدُوا مَعَ الْقَاعِدِينَ[ التوبة:46 ]ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن اﷲ ئۇلارنىڭ چىقىشنى ياقتۇرمىدى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھورۇنلۇقنى سېلىپ ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇردى، ئۇلارغا «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى.[[42] ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھۇرۇنلۇقنى سېلىپ ئارقىدا قالدۇرۇش. ئۆيلىرىدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش، ئۆز دەرۋازىسىدىن ھەيدەش قاتارلىقلارنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلغان، ئۇنىڭدىكى ھېكمەت: ئاللاھنىڭ دوستلىرى بولغان مۆمىنلەرنى خوش ۋە بەختىيار قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:]لَوْ خَرَجُوا فِيكُمْ مَا زَادُوكُمْ إِلَّا خَبَالاً وَلَأَوْضَعُوا خِلالَكُمْ يَبْغُونَكُمُ الْفِتْنَةَ وَفِيكُمْ سَمَّاعُونَ لَهُمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ[ التوبة:47 ]ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىققان بولسا، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە- پاساتنى كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك بىلەن شۇغۇلللىناتتى، ئاراڭلاردا ئۇلار ئۈچۈن تىڭ- تىڭلايدىغانلار بار، اﷲ زالىملارنى يەنى مۇناپىقلارنىڭ ئېچى- تېشىنى ئوبدان بېلگۈچىدۇر.[[43] مۇناپىقلارغا ئايەت ھەدىسكە ئەمەل قىلىش بەك ئېغىر كەلگەن بولغاچقا، ئايەت ھەدىسكە ئۆچ بولۇپ قالغان، ئايەت ھەدىسنى كۆتۈرۈپ مېڭىپ بولالماي ھېرىپ قېلىپ ئۇچىسىدىن چۆرىۋەتكەن سۈننەتلەرنى تۇتۇپ مېڭىپ بولالماي ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغان، ئايەت ھەدىس ئۇلارغا ھەيۋېتىنى كۆرسەتكەندە، ئۇنى رەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى بەزىبىر قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى پەيدا قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايەت ھەدىسلەرگە تاقابىل تۇرماقچى بولغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، سىرلىرىنى پاش قىلىۋەتكەن، مۆمىن بەندىلىرىگە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى مىساللار بىلەن بايان قىلغان، بىلگىنكى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ يوقىلىشىغا، ئورنىغا شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر گۇرۇھ دەسسەيدۇ، شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۆز دوستلىرى بولغان مۆمىنلەرگە ئۇلاردىن ئاگاھ بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۈپەت-ئالامەتلىرىنى ئېنىق بايان قىلىپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:]ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ كَرِهُوا مَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ[ محمد:9 بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار اﷲ نازىل قىلغان كىتابنى يەنى قۇرئاننى يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى.[ [44] ئايەت ھەدىسلەرنى ئېغىر كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى ھەۋەس بىدئەت ـ باتىل قىلىقلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئايەت ھەدىسلەرنى تۇسالغۇ دەپ قارىغانلارنىڭ ھالى ئەنە شۇنداقتۇر. ئايەت ھەدىسلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاتار تىزىلغان ئىمارەتلەردەك تۇرسا، ئۇنى قۇرۇق باتىل گەپ-سۆزلەرگە سېتىۋېتىپ، ئورنىغا ماجانلارنى تېگىشكەن، نەتىجىدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغان پۈتۈن پىلانلىرىنى بىكار قىلىۋەتكەن.]ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لِلَّذِينَ كَرِهُوا مَا نَزَّلَ اللَّهُ سَنُطِيعُكُمْ فِي بَعْضِ الْأَمْرِ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِسْرَارَهُمْ فَكَيْفَ إِذَا تَوَفَّتْهُمُ الْمَلائِكَةُ يَضْرِبُونَ وُجُوهَهُمْ وَأَدْبَارَهُمْ ذَلِكَ بِأَنَّهُمُ اتَّبَعُوا مَا أَسْخَطَ اللَّهَ وَكَرِهُوا رِضْوَانَهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ[ محمد: 26-28 ]بۇ يەنى شەيتاننىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار اﷲ نازىل قىلغان نەرسىنى يامان كۆرگەن كافىرلارغا: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى، اﷲ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ. ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ئازاب شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار اﷲنى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، اﷲنىڭ رازىلىقىنى يەنى اﷲنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن اﷲ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى.[[45]مۇناپىق بەتبەختلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇناپىقلىق سىرلىرىنى يوشۇرسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارنىڭ يۈز-كۆزلىرى ھەم تىل سەۋەنلىكلىرىدە ئاشكارىلاپ قويغان. دىللىرى روشەن، ئىمانى كامىل موسۇلمانلار ئالدىدا يوشۇرۇنىۋالالمايدىغان قىلىپ ئۇلارنىڭ چېكىسىگە تامغۇلارنى ئۇرىۋەتكەن، ئۇلار ئىماننى كۆرسىتىپ، كۇپۇرنى يوشۇرساق، راست بىلەن ساختا پۇلنى ئايرىيدىغان ئۇستاملارنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالغان، ئىش قانداقمۇ ئۇلار ئويلىغاندەك بولسۇن؟ راست بىلەن ساختىنى ئايرىغۇچى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى ئېچىپ بەرگەن تۇرسا.]أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ أَنْ لَنْ يُخْرِجَ اللَّهُ أَضْغَانَهُمْ وَلَوْ نَشَاءُ لَأَرَيْنَاكَهُمْ فَلَعَرَفْتَهُمْ بِسِيمَاهُمْ وَلَتَعْرِفَنَّهُمْ فِي لَحْنِ الْقَوْلِ وَاللَّهُ يَعْلَمُ أَعْمَالَكُمْ[ محمد: 29-30]دىللىرىدا كېسەل بارلار يەنى مۇناپىقلار اﷲ ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامغا بولغان دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ، سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن، اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.[[46]ئۇچرىشىش كۈنىدە توپلىنىپ، ئاللاھ تائالا پۈتۈن بەندىلىرىگە تەجەللى قىلىپ، ئىشلار قىيىنلىشىپ، مۇناپىقلار ئاللاھقا سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىپ، سەجدە قىلالمىسا، بۇ مۇناپىقلارنىڭ ھالى قانداق بولۇپ كېتەر؟]خَاشِعَةً أَبْصَارُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ وَقَدْ كَانُوا يُدْعَوْنَ إِلَى السُّجُودِ وَهُمْ سَالِمُونَ[ القلم:43 ]ئۇلار قورقۇنچتىن تىكىلىپ قارىيالمايدۇ، ئۇلارغا خارلىق يۈزلىنىدۇ، ئۇلار دۇنيادا ساغلام چاغلىرىدا سەجدىگە دەۋەت قىلىنغان ئىدى ئۇلار سەجدىدىن باش تارتتى.[[47]ئۇلار جەھەننەمنىڭ قىلدىن ئىنچىكە، قېلىچتىن ئىتتىك، پىلسىرات كۆۋرىكىگە توپلانغان چاغدا ئۇلارنىڭ ئەھوالى قانداق بولۇر؟ پىلسىرات كۆۋرىكى پاتقاق، تېيىلغاق ھەم قاراڭغۇ بولۇپ، قەدەم باسىدىغان جاينى كۆرىدىغان نۇر بولمىسا، ھېچكىم ئۇنى بېسىپ ئۆتەلمەيدۇ. شۇ چاغدا كىشىلەرگە تېز ياكى ئاستا ئۆتەلەيدىغان ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە نۇر تەقسىم قىلىپ بېرىلىپ، مۇناپىقلارغىمۇ خۇددى مۇشۇ دۇنيادا ناماز، روزا، ھەج ۋە زاكات قاتارلىق ئىبادەتلەرنى مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە قىلغاندەكلا، ئەھلى ئىسلام قاتارىدا سىرتقى نۇر بېرىلىدۇ، ئەمما كۆۋرۈكنىڭ يېرىمىغان كەلگەندە قوللىرىدىكى چىراقلارنى نىپاق ھاۋالىرى ئۇرۇپ ئۆچۈرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىپ ئۆتەلمەيدۇ، ئاندىن ئۇلار بىلەن ساپ مۆمىنلەر ئوتتۇرىسىغا دەرۋازىسى بار سېپىل نام سېلىنىپ، مۇناپىق بەتبەختلەر ئاچقۇچلارغا ئېرىشەلمەيدۇ،بۇ تۇسالغۇنىڭ مۆمىنلەر بار ئىچكى تەرىپىدە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، پەزلى كەرەمى بار. مۇناپىق بەتبەختلەر بار سىرتقى تەرىپىدە بولسا، ئازاب بىلەن كايىش بار. توسۇلۇپ قالغان مۇناپىقلار ئالدىلىرىدا يۈرۈپ كەتكەن ئەھلى ئىمانلارنى چاقىرىشىدۇ، مۆمىنلەر توپىدىكى مەشئەللەر يىراقتىن قارىغان مۇناپىقلارغا يۇلتۇزلاردەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ.]يَوْمَ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالْمُنَافِقَاتُ لِلَّذِينَ آمَنُوا انْظُرُونَا نَقْتَبِسْ مِنْ نُورِكُمْ[ الحديد:13]ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۇئمىنلەرگە: «بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئالايلى» دەيدۇ.[[48] مۇشۇ تار يەردىن ئۆتىۋالايلى، چىراقلىرىمىز ئۆچۈپ قالدى، چىراق يورۇقلىقى بولمىسا ئۆتۈش مۇمكىن بولمايدۇ، دېيىشىدۇ. ]قِيلَ ارْجِعُوا وَرَاءَكُمْ فَالْتَمِسُوا نُوراً[ الحديد:13]ئۇلارغا مەسخىرە يۈزىسىدىن: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ.[[49] يەنى: ئارقاڭلارغا قايتىپ ھېلىقى نۇر تەقسىم قىلىنغان جايدىن نۇر تىلەڭلار، دېيىلىدۇ، بۇنداق بەيگىگە چۈشكەندەك ئالدىراش چېپىۋاتقان بىر تار يولدا، بىركىم بىركىمگە توختاپ تۇرىدىغان ئىش نەدىمۇ بولسۇن؟ بۇنداق تار يولدا توختاپ تۇرۇشنى قانداقمۇ ئىلتىماس قىلغىلى بولسۇن؟ بۇنداق يولدا بىر ئادەم بىر ئادەمگە بۇرۇلۇپ قارايدىغان ئىش بولامدۇ؟ دوستمۇ دوستىغا قارامدۇ؟ ئاخىرى خۇددى غۇرىبانە كىشى شۇ يۇرتلۇق كىشىگە بىللە قىلغان سەپەرلەردىكى ھەمراھلىقىنى ئەسلەتكەندەك مۇناپىق بەتبەختلەرمۇ مۆمىنلەرگە دۇنيادا بىللە بولغان سورۇنلىرىنى، ھەمراھلىقىنى ئەسلەتكىلى تۇرىدۇ.]يُنَادُونَهُمْ أَلَمْ نَكُنْ مَعَكُمْ[ الحديد:14  ] ئۇلار مۇئمىنلەرنى: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ توۋلايدۇ.[[50]ئۇلار: بىز سىلەر روزا تۇتقاندەك روزا تۇتقان، سىلەر ناماز ئوقۇغاندەك ناماز ئوقۇغان، سىلەرگە ئوخشاش ھەج قىلغان، سەدىقە قىلغان ئىدۇق. ئەمدىلىكتە بىزنى سىلەردىن نېمە ئايرىۋەتتى؟ پىلسىرات كۆۋرىكىدىن سىلەر يالغۇز ئۆتتۈڭلار، بىز ئۈتەلمىدۇق، دەپ ھەيران بولوپ مۆمىنلەردىن سورايدۇ. مۆمىلەر جاۋاپ بېرىپ: ]قَالُوا بَلَى[ الحديد:14] مۇئمىنلەر: «شۇنداق» دەيدۇ.[[51]راست شۇنداق ئىدى، لېكىن سىلەرنىڭ تاشقى كۈرىنىشىڭلار بىز بىلەن بىرگە بولغىنى بىلەن، ئىچكى دۇنيايىڭلار دىنسىز، زالىم كاپىرلار بىلەن بىرگە ئىدى، دېيىشىدۇ.]وَلَكِنَّكُمْ فَتَنْتُمْ أَنْفُسَكُمْ وَتَرَبَّصْتُمْ وَارْتَبْتُمْ وَغَرَّتْكُمُ الْأَمَانِيُّ حَتَّى جَاءَ أَمْرُ اللَّهِ وَغَرَّكُمْ بِاللَّهِ الْغَرُورُ فَالْيَوْمَ لا يُؤْخَذُ مِنْكُمْ فِدْيَةٌ وَلا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا مَأْوَاكُمُ النَّارُ هِيَ مَوْلاكُمْ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ[ الحديد: 14ـ15 ]لېكىن سىلەر ئۆزەڭلارنى پىتنىگە سالدىڭلار يەنى كۆرۈنۈشتە بىز بىلەن بىللە بولساڭلارمۇ، لېكىن ئۆزەڭلارنى مۇناپىقلىق بىلەن ھالاك قىلدىڭلار، مۇئمىنلەرگە بالايى ئاپەت كېلىشنى كۈتتۈڭلار، ئىسلام دىنىدىن شەكلەندىڭلار، اﷲنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىگە بولغان قۇرۇق ئارزۇلار سىلەرنى ئالدېدى، تاكى سىلەرگە ئۆلۈم كەلدى، شەيتان سىلەرنى اﷲنىڭ ئەپۇ قىلىدىغانلىقى ۋە ئازاب قىلمايدىغانلىقى بىلەن ئالدېدى» دەيدۇ . بۈگۈن سىلەردىن ۋە كافىرلاردىن فىدىيە ئېلىنمايدۇ، جايىڭلار دەۋزەختۇر، دەۋزەخ سىلەرگە ئەڭ لايىقتۇر، دەۋزەخ نېمىدېگەن يامان جاي![[52] مۇناپىق بەتبەختلەرنىڭ يامان سۈپەتلىرىنى سۆزلەپ بەك ئۇزارتىۋەتتى، دەپ قالمىغىن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغانلاردىن تىلغا ئېلىىنمىغانلىرى نەچچە ھەسسە كۆپتۇر. ئۇلار زېمىن ئۈستىدە بولسۇن، قەۋرىلەردە بولسۇن ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاشۇ مۇناپىقلار ھەققىدە نازىل بولۇشقا تاس قالغان. گۇياكى مۆمىنلەر يوللاردا يالغۇز مېڭىپ غېرىپسىنىپ قالمىسۇن، تېرىكچىلىك، تۇرمۇش ئىشلىرى توختاپ قالمىسۇن، چۆل-باياۋانلاردا يالغۇز قېلىپ يىرتقۇچلارغا يەم بولۇپ كەتمىسۇن دېگەندەك، زېمىننىڭ ھېچبىر يېرى ئۇلاردىن خالىي ئەمەستۇر. ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بىر ئادەمنىڭ: «ئەي ئاللاھ! مۇناپىقلارنى ھالاك قىلغىن!» دەپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: ئۇنىڭغا: «ئەي جىيەنىم! ئەگەر مۇناپىقلار ھالاك بولۇپ تۈگەپ كېتىپ قالسا، يولدا ماڭىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئازلىقىدىن يوللىرىڭلاردا يالغۇزلۇق تارتىپ قالىسىلەر» دېگەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، نىپاق ئىللىتىنىڭ يامانلىقىنى ئىنچىكە ۋە چوڭ-كىچىك يەرلىرىگىچە بىلگەچكە، ئۇنىڭغا مۇبتىلا بولۇپ قېلىش ئەندىشىسى دەسلەپكى دەۋرلەردە ئۆتكەنلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئۆزلىرىگىمۇ كۆڭۈللىرى خاتىرجەم بولالماي، مۇناپىقلاردىن بولۇپ قېلىشتىن قۇرققان. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ئى ھۇزەيفە! ئاللاھنىڭ نامىنى شېپى كەلتۈرۈپ سەندىن سورايمەنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساڭا مېنىڭ ئىسمىمنى مۇناپىقلار قاتارىدا ئاتاپ بەرگەنمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ھۇزەيفە: ياق، سەندىن باشقا ھېچكىمنى ئاقلىمايمەن، دېگەن. ئىبنى ئەبۇ مۇلەيكە مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن ئوتتۇزچە كىشىنى كۆرگەنمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىگە نىپاقلىق ئىللىتىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىبىرى ئۆزىنىڭ ئىمانىنى جىبرىل بىلەن مىيكائىلنىڭ ئىمانىدەك نىپاقسىز دەپ جەزمىلەشتۈرەلمەيتتى. ھەسەن بەسرىدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇ مۇنداق دېگەن: نپاقلىقتىن مۆمىنلا قورقىدۇ، مۇناپىقلا خاتىرجەم بولىدۇ. بۇلارنى بۇخارى رىۋايەت قىلغاندۇر.بەزى ساھابىلارنىڭ: ئى ئاللاھ! مەن مۇناپىقلارچە خۇشۇئدىن پاناھلىق تىلەيمەن، دەپ دۇئا قىلغانلىقى، ئۇنىڭدىن: مۇناپىقلارچە خۇشۇئ دېگەن نېمە ئۇ؟ دەپ سورالغاندا، بەدەن ئىنتايىن خۇشۇئ قىلغان كۆرۈنۈپ، قەلبنىڭ خۇشۇئ قىلماسلىقىدۇر، دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ساھابىلارنىڭ قەلبى ئىمان بىلەن تولغان ئىدى. ئۇلار مۇناپىقلىقتىن قاتتىق قورققاچقا، چوڭ غەم-ئەندىشە قىلاتتى، باشقا نۇرغۇن كىشىلەر بولسا، ئاغزىدىكى ئىمان بوغۇزىدىن ئۆتمەيدىغان تۇرۇغلۇق، ئۆزىنىڭ ئىمانىنى جىبرىل بىلەن مىيكائىلنىڭ ئىمانىدەك نىپاقسىز دەپ دەپ دەۋا قىلىشاتتى. نىپاق دەرىخى ئىككى چاقپىلەكتىن سۇ ئىچىپ ئۆسىدىغان بولۇپ، چاقپىلەكنىڭ بىرى يالغانچىلىق، يەنە بىرى رىياخورلۇقتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىككى چاقپىلەكنىڭ سۈيىنىڭ مەنبەسىمۇ ئىككى بولۇپ، بىرى دىلى ئەمالىق بۇلىقى، يەنە بىرى ئىرادە ئاجىزلىق بۇلىقىدۇر. قاچانىكى مۇشۇ تۆت ئاساس تولۇق بولىدىكەن، مۇناپىقلىق دەرىخى تولۇق ئۆسۈپ مۇناپىقلىق بىناسى مۇستەھكەم قۇرۇلغان بولىدۇ. لېكىن بۇ بىنا كەلكۈن سۈلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان جايدىكى يىقىلاي دەپ قالغان يارنىڭ گىرۋىكىگە سېلىنغان بىنادۇر. ئۇلار سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان، يوشۇرۇن غەرەزلەر پاش بولىدىغان، قەبرىدىكى ئۆلۈكلەر تىرىلدۈرۈلۈپ سىرتقا چىقىرىلىدىغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان شۇ كۈندە ھەقىقەت ۋە ئىسپاتلارنى ئارقا-ئارقىدىن كۆرگىنىدە، دەسمايىسى نىپاقلىق ئىللىتى بولغان كىشىلەرگە دۇنيادىكى قولغا كىرگۈزگەن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ چۆللەردە كۆزگە كۆرىنىدىغان سەرابتەك ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.]وَالَّذِينَ كَفَرُوا أَعْمَالُهُمْ كَسَرَابٍ بِقِيعَةٍ يَحْسَبُهُ الظَّمْآنُ مَاءً حَتَّى إِذَا جَاءَهُ لَمْ يَجِدْهُ شَيْئاً وَوَجَدَ اللَّهَ عِنْدَهُ فَوَفَّاهُ حِسَابَهُ وَاللَّهُ سَرِيعُ الْحِسَابِ[ النور:39 ]كافىرلارنىڭ ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ يەنى سۇ كۆرۈنمەيدۇ، ئۇ اﷲنىڭ ئۆز ئەمەلىنىڭ يېنىدا كۆزىتىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، اﷲ ئۇنىڭ قىلمىشىغا تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، اﷲ تېز ھېساپ ئالغۇچىدۇر.[[53]مۇناپىقلارنىڭ دىللىرى ياخشى ئىشلاردىن غاپىل، تەنلىرى يامان ئىشلارغا ھەرىكەت قىلىدۇ. زىنا-پاھىشىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرىدا كەڭ يامرىغان. قاچانىكى ھەقىقەت سۆزلەنسە ئۇلارنىڭ دىللىرى قاتتىق بولغاچقا ئۇلارغا سىڭمەيدۇ، ئەگەر ناھاق ئىشلار قىلنىپ، يالغان گۇۋاھلىق بىرىشكە كەلگەندە دىللىرىنىڭ تۆت كۈزى يوغان ئېچىلىپ قۇلاقلىرى دىڭ تۇرۇپ كېتىدۇ.مانا بۇ، -ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،-مۇناپىقلارنىڭ ئالامەتلىرىدۇر. شۇڭا ئەي ئادەم بالىسى! ئۆلۈم بېشڭغا كېلىشتىن بورۇن بۇ ئىللەتلەردىن ھەزەر قىل. يەنە تەكرارلىساق مۇناپىقلار ئەھدە-پەيمانلىرىغا ۋاپا قىلمايدۇ، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىدۇ. گەپ-سۆزلىرىدە ئىنساپ بىلەن سۆزلىمەي يالغان سۆزلەيدۇ. تائەتكە، توغرا ئىبادەتكە چاقىرىلسا ماڭماي تۇرىۋالىدۇ. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرەپكە چاقىرىلسا يۈز ئۆرۈيدۇ. قاچانىكى ئۇلارنىڭ يامان غەرەزلىرى ئۆز ھاۋايى ھەۋەسلىرى تەرەپكە چاقىرسا، شۇ تەرەپكە يۈگىرۈپ كېتىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئۆزلىرى تاللىۋالغان خارلىق، ئار-نۇمۇس ۋە زايان ئىچىدە قويۇپ قويغىن، ئۇلارنىڭ ئەھدۇ-توختاملىرىغا ئىشەنمە، يالغان ۋەدىلىرگە ئالدىنىپ كەتمە، چۈنكى ئۇلار ۋەدىلىرىدە يالغانچىلاردۇر، ئۇلارنىڭ بۇسۈپەتلىرى ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:]وَمِنْهُمْ مَنْ عَاهَدَ اللَّهَ لَئِنْ آتَانَا مِنْ فَضْلِهِ لَنَصَّدَّقَنَّ وَلَنَكُونَنَّ مِنَ الصَّالِحِينَ فَلَمَّا آتَاهُمْ مِنْ فَضْلِهِ بَخِلُوا بِهِ وَتَوَلَّوْا وَهُمْ مُعْرِضُونَ فَأَعْقَبَهُمْ نِفَاقاً فِي قُلُوبِهِمْ إِلَى يَوْمِ يَلْقَوْنَهُ بِمَا أَخْلَفُوا اللَّهَ مَا وَعَدُوهُ وَبِمَا كَانُوا يَكَذِبُونَ[ التوبة: 75-77 ]ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: «ئەگەر اﷲ بىزگە ئۆز پەزىلىدىن ئاتا قىلسا يەنى رىزقىمىزنى كەڭ قىلسا ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق»دەپ اﷲغا ئەھدە قىلدى. اﷲ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان يەنى باي قىلغان چاغدا، بېخىللىق قىلىشتى يەنى ئەھدىنى بوزۇپ، اﷲغا ۋە اﷲنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى. ئۇلارسەدىقە قىلىمىز، ياخشىلاردىن بولىمىزدەپ اﷲغا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى،ئىمانىنى، ئېھسانىنى دەۋا قىلىشتىكى يالغانچىلىقلىرى ئۈچۈن، اﷲغا مۇلاقەت بولىدىغان كۈن يەنى قىيامەت كۈنىگە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا يېلتىز تارتىپ تۇرۇشنى اﷲ ئۇلارنىڭ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى قىلدى. [[54]تۈگىدى. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ساھابىلىرىگە جانابى ئاللاھنىڭ دۇرۇت-سالاملىرى بولغاي![①] سۈرە ئال ئىمران 102-ئايەت.[②] سۈرە نىسا 1-ئايەت.[③] سۈرە ئەھزاب 70-71-ئايەتلەر.[④] سۈرە بەقەرە 12-ئايەت.[⑤] سۈرە سەپ 8-ئايەت.[⑥] سۈرە مۇئمىنۇن 53-ئايەت.[⑦] سۈرە ئەنئام 112- ئايەت.[⑧] سۈرە بەقەرە 15-ئايەت. [⑨] سۈرە بەقەرە 15-ئايەت.[⑩] سۈرە فۇرقان 30-ئايەت.[11] بۇ يەردە مۇئەللىپ ئىسلام دىنىدىكى باتىنى مەزھەپكە رەددىيە بىرىدۇ. [12] ئىمام ئىبنى قاييىم بۇ سۆزىدە ئايەت-ھەدىسلەردىكى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالانىڭ بەزى سۈپەتلىرىنى تەئۋىل قىلىش مەسىلىسىدە سەلەف بىلەن خەلەفنىڭ تۇتقان يوللىرىنى باھالىغان.[13] سۈرە بەقەرە 8-ئايەت. [14] سۈرە بەقەرە 10-ئايەت. [15] سۈرە بەقەرە 10-ئايەت.[16] سۈرە بەقەرە 11-12-ئايەت. [17] سۈرە بەقەرە 13-ئايەت.[18] سۈرە بەقەرە 14-ئايەت.[19] سۈرە بەقەرە 15-ئايەت.[20] سۈرە بەقەرە 16-ئايەت.[21] سۈرە بەقەرە 17-ئايەت.[22] سۈرە بەقەرە 18-ئايەت. [23] سۈرە بەقەرە 19-ئايەت. [24] سۈرە بەقەرە 20-ئايەت.[25] سۈرە نىسا 142-ئايەت.[26] سۈرە نىسا 143-ئايەت.[27] سۈرە نىسا 141-ئايەت.[28] سۈرە بەقەرە 204-ئايەت.[29] سۈرە بەقەرە 205-ېايەت.[30] سۈرە تەۋبە 67-ئايەت. [31] سۈرە نىسا 61-ئايەت.[32] سۈرە نىسا 62-ئايەت.[33] سۈرە نۈسا 63-ېايەت.[34] سۈرە نىسا 64-ئايەت.[35] سۈرە مۇناپىقون 2-ئايەت.[36] سۈرە مۇناپىقۇن 3-ئايەت.[37] سۈرە مۇناپىقۇن 4-ئايەت.[38] سۈرە تەۋبە 73-ئايەت.[39] سۈرە تەۋبە 56-ئايەت.[40] سۈرە تەۋبە 50-51-ئايەت.[41] سۈرە ئالى ئىمران 120-ئايەت.[42] سۈرە تەۋبە 46-ئايەت.[43] سۈرە تەۋبە 47-ئايەت.[44] سۈرە مۇھەممەد 9-ئايەت. [45] سۈرە مۇھەممەد 26-27-28-ئايەتلەر.[46] سۈرە مۇھەممەد 30-ئايەت. [47] سۈرە قەلەم 43-ئايەت.[48] سۈرە ھەدىيد 13-ئايەت. [49] سۈرە ھەدىد 13-ئايەت.[50] سۈرە ھەدىد 14-ئايەت.[51] سۈرە ھەدىد 14-ئايەت.[52] سۈرە ھەدىيد 14-15ـ ئايەتلەر.[53] سۈرە نۇر 39-ئايەت. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن شۇنى ئىنىق بىلەلەيمىزكى، ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنىڭ دۇنيادا ياخشى ئەمەل دەپ ساناپ رىيا بىلەن قىلغان ئەمەللىرىگە ئاخىرەتتە ئەجرى ساۋاپ بەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ساۋابقا ئىرىشىش ئۈمىتلىرى خۇددى چۆلدە سۇغا تەشنا بولغان كىشىنىڭ كۈزىگە كۆرۈنگەن سارابنى شەيتان سۈيى سۇ دەپ ئويلاپ يېقىنلاشسا ھېچ نەرسە يوق. قۇرۇق تەمە بىلەن ھەسرەت يىگەندەك، مۇناپىقلارمۇ توغرا نىيەت بىلەن قىلمىغان ئەمەللىرىگە ساۋاپ بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەسرەت نادامەتتە قالىدۇ. نېمە دېگەن يامان نادامەت ھە؟ ئۇ. تەرجىماندىن . [54] سۈرە تەۋبە 75-76-77ـ ئايەتلەر

المرفقات

2

مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرى
مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرى