البحث

عبارات مقترحة:

البصير

(البصير): اسمٌ من أسماء الله الحسنى، يدل على إثباتِ صفة...

المقتدر

كلمة (المقتدر) في اللغة اسم فاعل من الفعل اقْتَدَر ومضارعه...

الولي

كلمة (الولي) في اللغة صفة مشبهة على وزن (فعيل) من الفعل (وَلِيَ)،...

تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف صلاح بن محمد البدير ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات الفضائل
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ13/10/1430-ھىجرىيە 2009-يىلى10-ئاينىڭ02-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا رامزاندىن كىيىن تائەت-ئىبادەتنى ئۇزۇپ قويماسلىقنىڭ پەزىلىتى، ئەمەلنى ئاز بولسىمۇ ئۇزۇلدۇرمەستىن داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

التفاصيل

  تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا   2009-يىلى 10-ئاينىڭ 02-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاپ جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "مۇسۇلمانلار رامزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى: ئى مۇسۇلمانلار! ئىمان پۇراقلىرى بىلەن كېچىلىرى بىدار بولغان، كۈندۈزلىرى ئىبادەت بىلەن تەشنا بولغان رامزان ئېيى ئاخىرلاشتى. ئىبادەتكە قانمىغان، غاپىللىقتىن ئويغانغان ۋە سەۋەنلىكتىن ھەقىقەتكە قايتقان قەلبلەر رامزاندىن ئايرىلىشتىن بىئارام بولدى. رامزاننىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى ناھايتى ئوچۇق بولۇپ، بۇ ياخشىلىقتىن كىيىن ياخشىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش، تائەت-ئىبادەتتىن سۇسلاشماسلىق ۋە خەيرى-ئېھساننى ئۈزۈلدۈرمەي قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنغانلىقى بىلەن بىلىنىدۇ. رامزاندىن كىيىن ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىلگىرىكى ئاللاھنى ياخشى تونىغان، ئازاب-ئوقۇبىتىدىن قورققان، ئاللاھنىڭ ساۋابنى ۋە جەننەتنى ئۈمىت قىلغان كىشىلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا بولغان مۇھەببىتى كۈچلۈك، قەلبى ئاللاھ ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولغان، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلى خاتىرجەم بولغان كىشىلەردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شەيتانغا (ۋە بۇتلارغا) چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھغا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇش خەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر». رامزاندىن كىيىن ھىممەت-ئىرادىلىرى بوشاپ كەتكەن، ئەخلاقىدا بۇزۇلۇش پەيدا بولغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ رامزاندا قىلغان پەزىلەتلىك ئەمەللەر ئارقىلىق ھاسىل قىلغان روھانى پاكلىقىنى مەينەتلەشتۇرگۈچىلەردۇر. چۈنكى ئۇلار ياخشىلىقنى يامانلىققا ئالماشتۇردى، ئۆز نەپسىنى كونتۇرۇللىقتىن چىقىرىپ پىسق-پۇجۇر ۋە ئاسىيلىققا قايتتى. ئۇلار قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋېتىش سەۋەپلىك زىيان تارتقۇچى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر. ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار: « ئاراڭلاردا كىممۇ ياقتۇرسۇنكى، ئۇنىڭ خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى بولغان بىر بېغى بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى قېرىپ قالغان، بالىلىرى ئۇششاق بولۇپ، (بۇ باغ) ئوت ئېلىپ كەلگەن بىر قارا بوراندا كۆيۈپ كەتسۇن. سىلەرنىڭ ئويلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى شۇنداق (گۈزەل مىسال بىلەن) بايان قىلىدۇ (يەنى پۇل- مېلىنى رىيا ئۈچۈن سەرپ قىلغان ياكى باشقىلارغا رەنجىتىش، مىننەت قىلىش بىلەن سەرپ قىلغان ئادەم ساۋابىنى ئەڭ مۇھتاج تۇرۇقلۇق يوقىتىپ قويغان بولىدۇ) ». ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇئەنھۇ بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا قاراپ: "بۇ ئايەتكە قانداق قارايسىلەر؟ دېگەندە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ: بۇ ئايەت قىلغان ئەمەللەر ئۈچۈن مىسال بايان قىلىنغان دېدى، ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇئەنھۇ: قايسى ئەمەل ئۈچۈن؟ دەپ سورىغانتى، ئىبنى ئابباس: پۇلدار بىر كىشى ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتى ئۈچۈن كۆپ ئەمەل قىلدى، كىيىن ئاللاھ ئۇ كىشىنى سىناش ئۈچۈن شەيتاننى ئەۋەتتى، شۇنىڭدىن كىيىن شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ قىلغان بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋەتتى".» قەتادە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھغا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار.» دېگەن ئايىتىنى چۈشەندۈرۈپ: سىلەردىن كىمكى قىلغان ياخشى ئەمەللەرنى يامان ئىش قىلىش ئارقىلىق بىكار قىلىۋەتمەسلىككە قادىر بولالىسا شۇنداق قىلسۇن(يەنى بىكار قىلىۋەتمىسۇن) دەيدۇ ياخشىلىق يامانلىقنى ئۆچۈرگەنگە ئوخشاش يامانلىقمۇ ياخشىلىقنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىمى تۈگەنچىسى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئەخماق ئايال ئەتىگەندىن كەچ كىرگىچە جاپا تارتىپ تىۋىتلىرىنى پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار، يىپ قىلىپ ئېگىرىپ بولغاندىن كىيىن بۇنى بۇزۇۋېتىدۇ، ئۆزىگە تارتقان جاپا-مۇشەققەتتىن باشقا نەرسە قالمىدى، سىلەرمۇ شۇنداق ئىشنى قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار». رامزاندا كۈچەيتكەن ئىمان قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلماڭلار، توپلىغان ئەمەللەرنى ۋە روھانى ئوزۇقنى توزىتىۋەتمەڭلار. مۇسۇلمانلار رامزاندا ئادەتلەنگەن ياخشى ئەمەللەرنى ئۈزۈپ قويماستىن داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئەمەل گەرچە ئاز بولسىمۇ تاقىتى يېتىدىغان ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە بۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇرۇش تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئى ئىنسانلار! ئەمەللەردىن تاقىتىڭلار يەتكىنىنى قىلىڭلار، بۇنىڭدىن سىلەر زىرىكمىگىچە ئاللاھ ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىش ۋە ساۋاپ بېرىشتىن مالال بولۇپ قالمايدۇ، ئەمەللەردىن ئاللاھغا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغىنى ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنىدۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىرەر ئىشنى قىلسا، بۇ ئىشنى داۋام قىلاتتى». ئىلىملىك كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئادەتلەنگەن سۈننەتكە ئۇيغۇن ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشىنى ياقتۇرمايتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە مۇنداق دېگەن: «ئى ئابدۇللاھ! سەن پالانى كىشىگە ئوخشاش بولۇپ قالما. ئۇ كىشى بۇرۇن كېچىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى، كىيىن بۇ ئىشنى قىلمىدى». ئاللاھ ھەممەيلەننى قىلىۋاتقان ياخشى ئەمەللىرىمىزنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.