البحث

عبارات مقترحة:

المجيد

كلمة (المجيد) في اللغة صيغة مبالغة من المجد، ومعناه لغةً: كرم...

الرحمن

هذا تعريف باسم الله (الرحمن)، وفيه معناه في اللغة والاصطلاح،...

الودود

كلمة (الودود) في اللغة صيغة مبالغة على وزن (فَعول) من الودّ وهو...

نۇسرەتكە ئېرىشىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات الواقع المعاصر وأحوال المسلمين - الرقائق والمواعظ
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 21/6/1431ھـ 2010-يىلى06-ئاينىڭ04-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ دىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىئىتىدىن يىراقلاشقانلىق سەۋەبلىك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق، كەمسىتىش ۋە ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. ھەرقانداق مىللەت ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى قولغا كەلتۈرەي دەيدىكەن، دىنىغا قايتسۇن ۋە ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇرسۇن، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھاياتىنى باشلىسۇن-ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن- پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرىتى ئۇ مىللەتكە بولغۇسى دېگەن مەزمۇندا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

التفاصيل

نۇسرەتكە ئېرىشىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك2010-يىلى 06- ئاينىڭ 04- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىمەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە " ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ياخشىلىققا ئېرىشىش تائەت-ئىبادەت ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ" دېگەن ماۋزۇدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ياخشىلىققا ئېرىشىش پەقەت تائەت بىلەن، يامانلىقنىڭ يۈز بېرىشى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن بولىدۇ . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىملەركى ئاللاھغا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار (يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەر)، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار. بۇ پەزل ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ئاللاھ (پەزل- ئېھسانغا تېگىشلىك بولغانلارنى) بىلىشتە يىتەرلىكتۇر.» [سۈرە نىسا 69-70- ئايەتلەر].دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە يامانلىق گۇناھ-مەسىيەت ۋە ئاسىيلىقنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.» [سۈرە زەلزەلە7-8-ئايەتلەر].ھەدىس قۇدسىىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى بەندىلىرىم! ئەمەللىرىڭلارنى سىلەر ئۈچۈن ساقلايمەن ۋە ھېسابىنى قىلىمەن. ئاندىن ئۇنىڭ نەتىجىسىنى سىلەرگە تولۇق قايتۇرۇپ بېرىمەن. كىمكى ياخشىلىققا ئېرىشسە ئاللاھقا شۈكرى قىلسۇن، كىمكى ئۇنىڭدىن باشقىغا ئېرىشىپ قالسا پەقەت ئۆزىدىن كۆرسۇن». [مۇسلىم رىۋايىتى]. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى سالىھ ئەمەل ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا قاتتىق رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: « پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان- زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار. تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل- مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.» [سۈرە ئال-ئىمران 133-134- ئايەتلەر].ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئاسىيلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھغا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دەۋزەخكە كىرگۈزىدۇ، ئۇ دەۋزەختە مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.» [سۈرە نىسا 14-ئايەت]. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ روسۇلى بەندىلەرگە دۇنيا-ئاخىرەتتە گۇناھ-مەسىيەتنىڭ جازاسىنى بېكىتىپ، ئۇلارنى بۇنىڭدىن يىراق بولۇش، سەل قارىماسلىق، دەرھال جازالىمىغانلىقتىن مەغرۇرلانماسلىققا تەۋسىيە قىلدى. ھەقىقەتەن گۇناھلار ئۇنتۇلمايدۇ. ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى ئاللاھ دائىم ھاياتتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىلگىرى ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ھەقىقى ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ، ئۇلارغا گۇناھى سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قانداق چۈشكەنلىكىنى، ئۆزلىرىگە ئازاب بولىدىغان زىيانلىق ئىشلارنى قىلىشقا قانداق جۈرئەت قىلغانلىقىنى، توپلىغان مال-دۇنيا ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ ئۇلارغا مەنپەئەت بەرمىگەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بەردى، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىش كېرەك.ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى پرىنسىپى ئىنسانىيەتكە ئورتاقتۇر. مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئەرەب جامائەسى! ئۇلار يەنى مەن ھالاك قىلغان ئۆتكەنكى ئۈممەتلەردىن سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلاردا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) كەچۈرۈم قىلىنىش بارمۇ؟.» [سۈرە قەمەر 43-ئايەت]. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئاللاھقا بولغان ئاسىيلىق كۆپىيىپ كەتتى. دىنسىز كافىرلار ئوچۇق ئاشكارا ئەيمەنمەستىن ئاللاھنى ،ئۇنىڭ رەسۇلىنى ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى ھاقارەت قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئىنسانلار پەرۋەردىگارىغا گەدەنكەشلىك قىلدى. ئاللاھ ئىلگىركى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىشقا سەۋەب بولغان گۇناھلارنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن پەقەت ئازغىنە مۇسۇلمانلارلا سالامەت قالدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئىبلىس ئۇلارنى (ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت) گۇمانىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى. چۈنكى بىر تۈركۈم مۆمىنلەردىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگەشتى. ئىبلىسنىڭ ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئۈستىدىن (ۋەسۋەسە قىلىش بىلەن) ھۆكۈمرانلىق قىلىشى پەقەت بىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقۇچىلار بىلەن ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگۈچىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر، پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى كۈزەتكۈچىدۇر.» [سۈرە سەبەئ 20-21- ئايەتلەر]. ئاللاھقا ئېشىنىدىغان ھەر بىر مۇسۇلمان كىشىلەرنى يامان ئەمەللەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك. ھەقىقەتەن ئازابنىڭ سەۋەبلىرى تولۇقلاندى. ئىنسانلارغا بالا-مۇسىبەت چۈشۈۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىپ ئاللاھنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىشى كېرەك. بۇزۇقچىلىقنى توختىتىش ئىسلام دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، مۇسۇلماندەك ياشاش ئىستىكى يېيىلدۇرۇش، ئىش-ھەرىكەت ۋە ئادەتلەردە كاپىرلارغا ئەگىشىشنى تەرك قىلىش، بارلىق ئىشلاردا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن روياپقا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (يەنى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابلىققا يۈزلىنەتتى)، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە بەقەرە 251-ئايەت]. شۈبھىسىزكى، گۇناھ-مەسىيەت دېگەن شۇملۇق، نومۇسسىزلىق، يامانلىق، خارلىق ۋە زالالەتتۇر. ئۇ ئۆز ساھىبنى نېمەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ، تىنچلىقتىن قورقۇنچقا، باياشات تۇرمۇشتىن ئاچارچىلىققا، ئىپپەت پەزىلىتىدىن يالىڭاچلىققا، بايلىقتىن كەمبەغەللىككە، ئىپپەت-ھايادىن پىسق-پۇجۇرغا، ئەقىل-پاراسەتتىن دۆتلۈككە، ئىتتىپاقلىقتىن بۆلۈنۈشكە، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشتىن ئېزىپ كېتىش ۋە بۇزۇقچىلىققا، دوستلۇق-مېھرىبانلىقتىن ئۆچ كۆرۈشكە، مولچىلىقتىن قەھەتچىلىكتە، ھاياتلىق دۇنيادا قۇلچىلىق ۋە ئاسارەتكە، ئاخىرەتتە دەھشەتلىك دوزاخقا، تائەت بىلەن خۇرسەن بولۇشتىن ئاسىيلىق بىلەن غەم-قايغۇغا، تەبىئىى ھاياتتىن قىيىنچىلىققا ئېلىپ بارىدىغان نېگىزلىك ئامىلدۇر.ئىنسان گۇناھ-مەسىيەتتىن يىراق بولالمايدۇ، لېكىن ھەر بىر كىشى قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى كېرەك. ھەدىستە: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار خاتالىق سادىر قىلغۇچى . گۇناھ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر» دېيىلگەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. مۇسۇلمانلار ئاللاھقا ھەقىقى تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم. تەۋبە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرىدىغان، بەرىكەت ھاسىل قىلىدىغان ئاساسلىق قورالدۇر. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەقىقى تەۋبىگە مۇيەسسەر قىلىپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشتۈرۈپ، جەمئىيەتتە دىنى ۋە مىللى مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن بىجانىدىل خىزمەت قىلغىلى مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىن...

المرفقات

2

نۇسرەتكە ئېرىشىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك
نۇسرەتكە ئېرىشىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك