البحث

عبارات مقترحة:

المعطي

كلمة (المعطي) في اللغة اسم فاعل من الإعطاء، الذي ينوّل غيره...

المبين

كلمة (المُبِين) في اللغة اسمُ فاعل من الفعل (أبان)، ومعناه:...

الوارث

كلمة (الوراث) في اللغة اسم فاعل من الفعل (وَرِثَ يَرِثُ)، وهو من...

ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون ئارقىلىق قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرتمۇ؟

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف صالح بن فوزان الفوزان ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات مباحث قرآنية متنوعة
بەزى ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلاردا قۇرئان كەرىم پىروگراممىلىرى بار، ئىنسان خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون ئېكرانى ئارقىلىق قۇرئان كەرىم بەتلىرىنى ئېچىپ ئوقۇيالايدۇ، تېلېفوندا قۇرئان ئوقۇشتىن ئىلگىرى تاھارەت ئىلىش كېرەكمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

التفاصيل

ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون ئارقىلىق قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرتمۇ؟قراءة القرآن من الجوال هل يشترط لها الطهارة؟فضيلة الشيخ صالح بن فوزان الفوزان    سوئال:    بەزى ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلاردا قۇرئان كەرىم پىروگراممىلىرى بار، ئىنسان خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون ئېكرانى ئارقىلىق قۇرئان كەرىم بەتلىرىنى ئېچىپ ئوقۇيالايدۇ، تېلېفوندا قۇرئان ئوقۇشتىن ئىلگىرى تاھارەت ئىلىش كېرەكمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.     جاۋاپ:    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.    قۇرئان كەرىمنىڭ خەتلىك ياكى ئاۋازلىق پىروگراملىرى چۈشۈرۈلگەن تېلېفونلارغا قۇرئان كەرىمگە بېرىلگەن ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەزكۇر تېلېفوننى تەرەتسىز تۇتسا ياكى ھاجەتخانىغا ئىلىپ كىرسە دۇرۇس بولىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ تېلېفونغا چۈشۈرۈلگەن يازما شەكلى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىگە يېزىلغان ئەسلى يازما خەت شەكلى ئەمەس. چۈنكى، تېلېفۇندىكى قۇرئان كەرىم پىروگراممىسى تېلېفوندا دائىم قالمايدۇ، پىروگرامما يۇيۇلسا ياكى بۇزۇلسا ئۇمۇ يوقىلىدۇ. شۇنداقلا تېلېفۇندا قۇرئان كەرىمدىن باشقا نۇرغۇن پىروگراممىلار بولىدۇ.     شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكتىن: تېلېفوندا تەرەتسىز قۇرئان ئوقۇش توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.    ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، قۇرئان كەرىمنى ياد ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولۇشى شەرت ئەمەس، ھەتتا غۇسلى قىلىشى زۆرۈر بولغان كىشىمۇ يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى قۇرئان ئايەتلىرىنى ياد ئوقۇسا بولىدۇ. ئەمما قۇرئاننى ياد ئوقۇغاندىمۇ تاھارەت بىلەن تىلاۋەت قىلىش ئەۋزەل. چۈنكى ئۇ، ئاللاھ تائالانىڭ كالامى، قۇرئاننى تاھارەت بىلەن تىلاۋەت قىلغاندا، ئۇنى كامىل ئۇلۇغلىغان بولىدۇ.قۇرئان كەرىمنى تۇتۇپ ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولۇشى شەرتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان مەشھۇر ھەدىسلەردە: «قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك كىشى تۇتسۇن» دېيىلگەن. بۇ توغرىدا ساھابىلار ۋە تابىئىنلاردىنمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەر بايان قىلىنغان. جۇمھۇر ئۆلىمالار، تاھارەتسىز كىشىنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشى ياكى تۇتۇشىنى چەكلىگەن يەنى ھارام دېگەن قاراشتا بولغان.        شۇنىڭغا ئاساسەن تېلېفون ياكى باشقا قۇرئان كەرىم پىروگراممىلىرى چۈشۈرۈلگەن ئۈسكۈنىلەرگە قۇرئان كەرىمگە بېرىلگەن ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ. چۈنكى، قۇرئان كەرىم ھەرپلىرىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك ۋە ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەسلىك قاتارلىق تەرەپلىرى بۇ ئۈسكۈنىلەردىكى خەت شەكلىگە ئوخشىمايدۇ. بەلكى بۇ ئۈسكۈنىلەردە ھەرپلەرنىڭ خەت شەكلى قۇرئاندا ئوقۇلغاندەك بولماستىن بەلكى ئوقۇشنى تەلەپ قىلغاندا ئېكراندا ئاشكارا بولىدۇ، باشقا پىروگراممىغا يۆتكەلگەندە خەت شەكلى يوقاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قۇرئان كەرىم پىراگراممىلىرى چۈشۈرۈلگەن تېلېفون ياكى لىنتا قاتارلىق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بولغان نەرسىلەرنى تاھارەتسىز تۇتسا ياكى ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ. [نۇرۇل ئىسلام توربېكىتى]     شەيخ سالىھ ئىبنى ئەلفەۋزان جانابلىرىدىن بىر كىشى: مەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا بەك ھېرىسمەن، ئادەتتە مەسچىتكە بۇرۇن كىرىمەن، مېنىڭ قولۇمدا قۇرئان كەرىم پىروگراممىلىرىنىڭ تولۇق نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون بار، بەزى ۋاقىتتا تاھارەت ئالمايلا تېلېفوندا بىر قانچە سۈرە ياكى بىرەر پارە قۇرئان ئوقۇۋاتىمەن، تېلېفوندا قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئىلىش كېرەكمۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: بۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئومۇملىشىۋاتقان باياشاتلىق ۋە راھەت پاراغەتنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئاللاھقا مەدھىيىلەر بولسۇنكى، مەسچىتلەردە ئېسىل ۋە سۈپەتلىك بېسىلغان قۇرئان كەرىم ناھايىتى يېتەرلىك، تېلېفوندا قۇرئان ئوقۇشقا ھاجەت بولمايدۇ. لېكىن تېلېفون ئارقىلىق قۇرئان ئوقۇشنى، قۇرئاننىڭ ئۆزىدىن تىلاۋەت قىلغاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ دەپ قارىمايمىز. «قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك كىشىلا تۇتسۇن،» دېگەن ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، قۇرئاننى تەرەتسىز كىشى تۇتسا بولمايدۇ. ئەمما قۇرئان قاچىلانغان تېلېفون مۇسھەف دېيىلمەيدۇ. (يەنى قۇرئان دېيىلمەيدۇ) تۈگىدى.    تېلېفوندا قۇرئان ئوقۇش ئايلىق ئادەت كۆرۈپ قالغان خانىم-قىزلار، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قېيىن بولغان كىشىلەر ياكى تەرەت ئىلىش قىيىن بولغان ئورۇنلاردىكى  كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئاسانلىقتۇر. خۇلاسە: يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، تېلېفوندا قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ.     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

المرفقات

2

ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون ئارقىلىق قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرتمۇ؟
ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون ئارقىلىق قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرتمۇ؟