البحث

عبارات مقترحة:

القريب

كلمة (قريب) في اللغة صفة مشبهة على وزن (فاعل) من القرب، وهو خلاف...

المعطي

كلمة (المعطي) في اللغة اسم فاعل من الإعطاء، الذي ينوّل غيره...

المليك

كلمة (المَليك) في اللغة صيغة مبالغة على وزن (فَعيل) بمعنى (فاعل)...

كېچىكتۈرسە تۆلەم تۆلەش شەرتى بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەپ ئۆي سېتىۋېلىش توغرىسىدا

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات نوازل المعاملات المالية
ئامېرىكىدا ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن قەرز ئالغان بەزى كىشىلەر قەرز تۆلەش جەريانىدا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بانكا ئۆزى بىلەن قەرز ئالغۇچى ئوتتۇرسىدىكى بەلگىلەنگەن توختام بويىچە ئۆيگە ئۆزى ئىگە بولۇپ، ئۆينى سېتىش ئۈچۈن بازارغا سالىدۇ، ئۆينىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا كەلگۈسىدىكى ئوتتۇز يىللىق پايدىنى قېتىپ باھا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇشتەرى كېلىپ ھەر ئايدا مەلۇم مىقدارغا بۆلۈپ تۆلەش شەرتى بىلەن ئۇ ئۆينى سېتىۋالىدۇ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟. تەبىئىيكى بۇ يەردە كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان باشقىلاردىن قەرز ئىلىپ بېرىپ ئۆينى ئۆزى بىۋاستە سېتىۋالىدىغان ھالەت، يەنە بىرى بولسا سېتىۋالىدىغان ئۆي ئوخشاش، قەرز ئالمايدۇ، لېكىن ئۆيگە بانكا ئىگە بولىدۇ، ئۆي باھاسىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆينىڭ پۇلىنى بىراقلا بەرمەستىن ئوتتۇز يىلىغا بۆلۈپ بېرىدۇ. ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ يەنە بىر شەكلى بولۇپ ئۇمۇ دەسلەپكى شەكىلگە ئوخشايدۇ يەنى بەزى قۇرۇلۇشچىلار ئۆينى سىلىپ بازارغا سالىدۇ، ئۆينىڭ باھاسى باشقا ئوخشاش ئۆيلەرگە نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ بانكىغا ئوخشاش ئۆينىڭ ئەسلى باھاسىغا كىيىنكى ئوتتۇز يىللىق پايدىنى قېتىپ ساتىدۇ، سېتىۋالغۇچىمۇ خۇددى بانكىغا تۆلىگەندەك، ئۆينىڭ پۇلىنى ئوتتۇز يىلغا بۆلۈپ تۆلەيدۇ، بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە، ئۆينى سېتىۋالغۇچى ۋەدە ئايلىرىنىڭ بىرىدە بەلگىلەنگەن پۇلنى تۆلەشتىن قىينىلىپ قالسا يەنى ئۆز ۋاقتىدا تۆلىيەلمىسە، پۇلنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئايلىق پۇلغا جەرىمانىنى قېتىپ تۆلەيدۇ، بۇنداق قىلىش پەقەت ئۆي پۇلى تۆلەش ئىشلىرىغا خاس بولماستىن بەلكى تۆك پۇلى تۆلەش، مەكتەپ پۇلى تۆلەش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ بولىدۇ، قويۇلىدىغان جەرىمانە ۋاقتىدا پۇل تاپشۇرمىغان ئايغا خاس بولىدۇ، باشقا ئايلار بىلەن ئالاقىسى بولمايدۇ، ئەمما ئايلىق تۆلەيدىغان پۇلنى كېچىكتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇنداق ئەھۋال تەكرارلىنىدىكەن، تۆلەيدىغان جەرىمانىمۇ تەكرارلىنىدۇ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئۆي سېتىۋالسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

المرفقات

2

كېچىكتۈرسە تۆلەم تۆلەش شەرتى بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەپ ئۆي سېتىۋېلىش توغرىسىدا
كېچىكتۈرسە تۆلەم تۆلەش شەرتى بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەپ ئۆي سېتىۋېلىش توغرىسىدا