البحث

عبارات مقترحة:

المقدم

كلمة (المقدِّم) في اللغة اسم فاعل من التقديم، وهو جعل الشيء...

السيد

كلمة (السيد) في اللغة صيغة مبالغة من السيادة أو السُّؤْدَد،...

الحميد

(الحمد) في اللغة هو الثناء، والفرقُ بينه وبين (الشكر): أن (الحمد)...

ئىسلامدا ۋەتەن سۆيگۈسى

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف صالح بن محمد آل طالب ، ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات الحضارة الإسلامية
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 16/8/1430ھـ 2009-يىلى08-ئاينىڭ07-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. خۇتبىدا ۋەتەننىڭ ئەھمىيىتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن ئىسلام ئەقىدىسى ئوتتۇرىسىدا زىتلىقنىڭ يوقلىقى، بەلكى بۇ ئىككى خىل كۆز قاراش بىربىرى بىلەن بىرىككىنىدە مىللەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى نەتىجىلىك قولغا كەلتۇرۇش ئىمكانىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

التفاصيل

  ئىسلامدا ۋەتەن سۆيگۈسى   2009-يىلى 08- ئاينىڭ 07- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى  ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا: "ئىسلام دىنى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوتتۇرىدا قارمۇ- قارشىلىق يوق" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى: ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار!. ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار!. تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر. ۋەتەنگە مۇھەببەت قىلىش، ۋەتەن خەلقىنى ياخشى كۆرۈش، مىللىتىنى سۆيۈش ئىنسان تەبىئىتىدىكى نورمال بىر ئىش بولۇپ، ئاللاھ ئىنسانلار قەلبىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتىنىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر تۇيغۇنى بەرگەنلىكىدە شەك يوق. ئىنسان ئۈچۈن  ۋەتەنسىزلىكتىن ئارتۇق  خارلىق بولمىسا كېرەك. ئىنسان قايسى دىيارغا مەنسۇپ بولىدىكەن ئۇ دىيارنىڭ شەكلىنىڭ قاقاس چۆللىكى، مۇھىتىنىڭ ناچارلىقى، ھاۋا كىلىماتىنىڭ يېقىمسىز بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇ ۋەتەن، ئىگىسى ئۈچۈن قىممەت باھالىق بايلىقتۇر. ۋەتەننى ياخشى كۆرۈش ئىنسانغا تەبىئىي ھالدا شۇ ۋەتەندە ياشاش رىغبىتىنى تۇغدۇرىدۇ. ۋەتەن ياتلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا تەبئىي ھالدا مۇداپىئەلىنىش تۇيغۇسى قوزغىلىدۇ. بۇنداق بىر تۇيغۇنىڭ ئىنسان تەبىئىتىدە بولىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەستۇر. ئىسلام ھېچقاچان ئىنسانلارنىڭ مىللىتىنى ئۆزگەرتىشكە، ۋەتىنىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنمايدۇ. ئىسلام دەۋرىدىمۇ بىلال ھەبەشىستانلىقىدا، سۇھەيب رۇملۇقلىقىدا، سالمان فارىسقا مەنسۇپلىقىدا ياشاۋەرگەنلىكى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەرەب بولماسلىقى مۇسۇلمانلىقى بىلەن ھېچقاچان زىتلاشمىغان. ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ تەبىئىي ئۇقۇمى بىلەن ئىسلامنىڭ روھىي ھېچقاچان زىت ئەمەس. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ئىسلام ئوتتۇرسىنى زىت قىلىپ كۆرسىتىش ئىسلامغا داغ تەگكۈزۈش ئۈچۈن قىلىنغان سۈيقەستتۇر. ئەمما ھەممە نەرسە ئۆز لايىقىدا بولۇش كېرەككى، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىلىمەن دەپ، ئىسلامنى چەتكە قايرىپ قويۇشقا، يىتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى مەزكۇر ۋەتەندە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەجنەبىيلەر تەرىپىدىن تېڭىلغان، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئېڭىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئىسلام دىنى قوبۇل قىلمايدۇ، مۇستەملىكىچىلەر زورلاپ تاڭىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك مەدەنىيتىمىزگە يات، بۇزۇق ئىللەتلەردىن بولۇپ، ۋەتەننى ئىلاھ تىكلىۋېلىش ئىسلام دىنىغا زىت، ھەتتا  ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىسلام شەرىئىتىگە تائارۇز كەلسىمۇ ئۇنىڭغا ئېسىلىۋېلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك باھانىسى بىلەن شەرىئەتنى چەتكە قېقىش، ئىنسانلارنى تائىپە، پارتىيە، جامائەتلەرگە بۆلۈپ، بىر- بىرىگە قارشى ئۇرۇش ئوتى قوزغاپ ئۆلۈش، ئۆلتۈرۈش دەرىجىسىگە يېتىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش دۈشمەنگە خىزمەت قىلىشتىن باشقا مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىك بولسا، ۋەتەنگە مۇھەببەت قىلىش، ۋەتەندىن پەخىرلىنىش، ۋەتەننى دۈشمەننىڭ خىرىسلىرىدىن مۇداپىئە قىلىش، ۋەتەن ئۈچۈن باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش، ۋەتەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تىرىشىش، ۋەتەن ئەھلىگە ھۆرمەت قىلىش، ئالىملىرىغا ھۆرمەت قىلىش، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوزغاش، مىللەت مەنپەئەتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان مەسئۇللىرىغا بويسۇنۇشتۇر. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنسان ئۈچۈن بىر قانچە تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى تەقەززا قىلىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك؛ ۋەتەنگە خىيانەت قىلماسلىق، ۋەتەنگە سەمىمىي بولۇش، قانۇن-تۈزۈملىرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋەتەننىڭ بايلىرىقلىرىنى قالايمىقان بۇزۇپ چاچماسلىق، ۋەتەننىڭ شەنىگە داغ تەككۈزىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن يىراق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋەتەننى مۇداپىئە قىلىش شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن ۋاجىپتۇر. ۋەتەن مەنپەئەتى يولىدا جاننى قۇربان قىلىش ئېسىللىك ۋە شېھىدلىقتۇر. ئەكسىچە ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش ئېغىر جىنايەت ۋە كۇپۇرلۇقتۇر. ۋەتەننى سۆيۈش ۋەتەننى مۇداپىئە قىلىشتا بەزىلەرنىڭ چۈشەنچىسى خاتا بولۇپ، ئىسلام بايرىقى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق قوراللىرىنىڭ ئۇچىنى ۋەتەن ئەھلىگە تەڭلەيدىغانلار، قوراللاردىكى ئوقلارنى ۋەتەن خەلقىنىڭ مەيدىسىگە ئاتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. بۇنداق كىشىلەر تەبىئىي ھالدا ئازغانلار خاتالاشقانلاردۇر. ئازغۇن ياشلار ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئامانلىقىنى ئاياغ-ئاستى قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلدىم دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ۋە ۋەتەننىڭ دۈشمەنلىرىگە خىزمەت قىلىدۇ. ۋەتەنگە خىيانەت قىلىدىغان يەنە بىر تۈرلۈك كىشىلەر باركى ئۇلار بىزدەك سۆزلەيدۇ، ئۇلار بىزدىن، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبى دۈشمەنلەرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ياخشى كۆرىدىغان، دۈشمەندىن پەخىرلىنىدىغان، تەخسىكەشلىكنى ياخشى كۆرىدىغان، ۋەتەن ساتقۇچ خائىنلاردۇر. ئۇلار ئۆز شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋەتەن ۋە مىللەت دۈشمەنلىرىنىڭ ياخشى يامان ھەممە نەرسىسىنى قارىغۇلارچە ياخشى كۆرىدۇ ۋە چوقۇنىدۇ. ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ دىنى-ئېتىقاد ئۆرپ- ئادەت، تىل-يىزىقلىرىنى كەمسىتىدۇ. ۋەتەننى سۆيگەن كىشى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ بىزنىڭ ۋەتەنلىرىمىزدە تەمەسى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىزگە قارىتا نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ. مۇستەملىكە دۆلەتلەر ھەرۋاقىت مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىق نوقتىلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ بىزگە خىرىس قىلىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاسىتە تاللىماستىن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش ئېغىر جىنايەتتۇر. ۋەتەن خائىنىنى ئاللاھ ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ. تارىختىن بۇيان ۋەتەن ۋە مىللەت ساتقۇچى خائىن مۇناپىقلارنى مىللەت ھەرگىزمۇ كەچۈرمىگەن، بۇندىن كېيىنمۇ كەچۈرمەيدۇ. مىللەت ئۇنداقلاردىن چوقۇم بىر كۈنى ئەجەللىك ھېساب ئالىدۇ. ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش ۋەتەننىڭ زىيىنىغا، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىش كەچۈرگىسىز ئېغىر جىنايەتتۇر. كاشكى مەزكۇر ۋەتەن خائىنلىرى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى دۇنيادا رەسۋا ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازابلار بىلەن جازالىشىنى سىزەلىگەن بولسا ئىدى ئېتىقادى، ۋەتىنى، مىللىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تىل-يېزىقى، مەدەنىيەت ۋە ھازارەتلىرىنىڭ دۇشمەن ۋە مۇستەملىكە كۈچلەرنىڭ نىجىس قەدىمى ئاستىدا ئاياغ ئاستى بولىشىغا تاقەت قىلىپ قاراپ تۇرمىغان بولاتتى.   (دېمەك؛ ۋەتەنپەرلىك روھى بىلەن ئىسلام ئەقىدىسى ئوتتۇرىسىدا زىتلىق يوق، بەلكى بۇ ئىككىسى مىللەتنى تاۋلاپ ئاللاھ يولىدا ۋەتەننى مۇستەملىكىچىلەردىن قۇتقۇزۇزش يولىدا ئىسسىق جىنىنى بېرەلەيدىغان باتۇرانە روھنى يېتىلدۇرىدۇ. شۇنداقلا مىللەتنىڭ دۇنيا ئاخىرەتلىكىنى قولغا كەلتۇرۇشتە بىر بىرى بىلەن بېرىكىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.-م-)