البحث

عبارات مقترحة:

الأول

(الأوَّل) كلمةٌ تدل على الترتيب، وهو اسمٌ من أسماء الله الحسنى،...

الصمد

كلمة (الصمد) في اللغة صفة من الفعل (صَمَدَ يصمُدُ) والمصدر منها:...

پەزىلەتكە بۇيرۇپ رەزىللىكتىن چەكلەش جەمئىيەتتە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 28/2/1431ھـ 2010-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ پەزىلىتى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ دەرىجە ۋە ئۆلچەملىرى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ جەمئىيەت ئىسلاھاتىدىكى رولى، دەۋەتچىنىڭ بۇ ئۇلۇغ خىزمەت جەريانىدا دۈچ كىلىدىغان ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىشىنىڭ ۋاجىبلىقى قاتارلىق مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

التفاصيل

پەزىلەتكە بۇيرۇپ رەزىللىكتىن چەكلەش جەمئىيەتتە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى   2009-يىلى 02- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ ئەھمىيىتى" توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى: ئاللاھ بەندىلەرگە ئۆز-ئارا بىربىرىگە ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلىپ، يامانلىقتىن چەكلەشنى پەرز قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭدا ئومۇمى مەنپەئەت ۋە دىن-دۇنيالىق ئۈچۈن بولغان خۇسۇسى مەنپەئەتلەر بولغاندىن تاشقىرى، يامانلىق، بۇزۇقچىلىق، بالا-مۇسىبەت، ئازاب-ئوقۇبەتكە ئوخشاش ئىنسان ھاياتىدا راھەتسىزلىك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.» ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىن ئەرلەر،مۆمىن ئاياللار بىر- بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھغا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». ئىسلام دىنى بۇيرىغان پەرز، ۋاجىپ ۋە مۇستەھەپ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلىق ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان-ھەدىس، كىشىلەرنى ئىككى دۇنيادا ياخشىلىق ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلغان، نېمەتلىك جەننەتلەرگە كېرىشكە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە چەكلەنگەن ھارام، مەكرۇھ ئىشلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىك بولۇپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە يامانلىقى بېكىتىلگەن، يەنى ئاخىرەتتە دوزاخقا كېرىشكە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن چەكلەيدۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇغۇچى ۋە  يامانلىقتىن چەكلىگۈچى كىشى مەزكۇر ئىشنىڭ شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ياخشى ياكى چەكلەنگەن يامان ئىش ئىكەنلىكىنى دەلىل بىلەن بېكىتىشى كېرەك. ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىگۈچى ئىلىم-ھېكمەتلىك بولىشى، ئۆزى بۇيرىغان ياكى چەكلىگەن ئىشىنىڭ شەرئى ھۆكمىنى چۈشىنىشى ۋە قۇرئان-ھەدىس بىلەن ئىسپاتلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز- نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ». ھەقىقەتەن ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش ئەخلاق-پەزىلەت، پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ ۋە رەزىللىك، پەسكەشلىكنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ. جەمئىيەتتە يامانلىق-باتىل ئىشلارنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چەكلەنگەن ئىشلارنى قولى بىلەن ئۆزگەرتىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقانلار بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ. تىلى بىلەن ئۆزگەرتىش ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئەخلاق، ھىكمەت بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ. ئەمما يامانلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقنى كۆرگەندە قەلبى بىلەن ئىنكار قىلىش بولسا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلىگۈچى بۇ جەرياندا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، ئازار-كۈلپەتلەرگە سەبرى قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ يولىدۇر. ئاللاھ تائالا لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر. كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ». ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەش (يەنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى جەمئىيەتتە يېيىش) كىشىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىغا قارشى كېلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرگە نەپسى خاھىشى ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغاچقا ئۇلار بۇ يولنى ياقتۇرمايدۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلىگۈچىلەرگە دۇنيا-ئاخىرەتتە نۇرغۇن خوش-بېشارەتلەر بار. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ دىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ». ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلىگۈچىلەرگە كاتتا ساۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى گۇناھ-مەسىيەت ئارقىلىق دۇچار بولىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن ساقلاپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا (يامانلارنى) يەريۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىگىلىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزۇقچىلىقنى توسۇپ،بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنا كىشلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئەيش- ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ، ئۇلار گۇناھكار ئادەملەردۇر». ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەش ئارقىلىق مال-دۇنيا ۋە ئەھلى-ئەۋلاد ئارقىلىق يۈز بېرىدىغان پىتنىنى كەتكۈزىدۇ. ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پىتنە توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ناماز، روزا، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن چەكلەش ئارقىلىق ئىنساننىڭ مال-مۈلكى ۋە پەرزەنتلىرى سەۋەبلىك دۇچار بولغان سەۋەنلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ» دېگەن. ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرغان كىشىگە نېمەتلىك جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقى ۋە دەرتلىك ئازابتىن قۇتقۇزىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « (گۇناھلىرىدىن) تەۋبە قىلغۇچىلار، (ئىخلاس بىلەن) ئىبادەت قىلغۇچىلار، (ئاللاھغا) ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار (يەنى ئاللاھنىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ،نەھيى قىلغان ئىشلىرىدىن يانغۇچىلار ھەم ئەھلى جەننەتتۇر)؛مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن». ئاللاھ تائالا، دىنى تەشۋىقاتچىلار ئىچىدىكى جەمئىيەتتە ئىزچىل خىزمەت قىلىۋاتقان  كىشىلەر ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان خوش-بېشارەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈندە مۆمىن ئەرلەرنى، مۆمىن ئاياللارنى كۆرىسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدۇ، (ئۇلارغا)  بۈگۈن سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتتۇر، دېيىلىدۇ». ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز-ئارا ياخشىلىققا تەۋسىيە قىلىدىغان ۋە ئۇ يولدا ئۇچرىغان ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىدىغان ئالىجانابلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.  

المرفقات

1

پەزىلەتكە بۇيرۇپ رەزىللىكتىن چەكلەش جەمئىيەتتە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى