البحث

عبارات مقترحة:

الطيب

كلمة الطيب في اللغة صيغة مبالغة من الطيب الذي هو عكس الخبث، واسم...

العلي

كلمة العليّ في اللغة هي صفة مشبهة من العلوّ، والصفة المشبهة تدل...

الرفيق

كلمة (الرفيق) في اللغة صيغة مبالغة على وزن (فعيل) من الرفق، وهو...

ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز ، مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات نوازل الأحوال الشخصية وقضايا المرأة - فقه المرأة المسلمة
سەپەردە ئاياللارغا ئاياللار مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟.

التفاصيل

ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى 9370-نومۇرلۇق سوئال سۇئال: سەپەردە ئاياللارغا ئاياللار مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟. جاۋاپ: بارلىق ھەمدۇ-سانالار جانابى ئاللاھقا خاستۇر. ئاياللار باشقا ئاياللارغا مەھرەم بولالمايدۇ. مەھرەم دېگىنىمىز؛ ئاياللارغا نەسەبدىن ھارام قىلىنغان ئەرلەر، يەنى دادىسى ۋە ئاكىسىغا ئوخشاش. جايىز قىلىنغان ئەرلەردىن يولدىشى، يولدىشىنىڭ دادىسى ۋە يولدىشىنىڭ ئوغلىغا ئوخشاش ۋە ئېمىلداشلىق سەۋەبى بىلەن بولغان دادىسى ۋە ئاكىسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ئەركەكلەرنىڭ يات ئاياللار بىلەن ئارىلىشىشى ۋە ياكى ھەمراھ بولۇپ سەپەر قىلىشى جايىز بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللار مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. يەنە مۇنداق دەيدۇ: «يات ئەر بىلەن يات ئايال يالغۇز قالمىسۇن، شۈبھىسىزكى ئۇلارنىڭ ئۈچىنجىسى شەيتان بولىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەردىن]. ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن. (پەزىلەتلىك شەيخ ئەللامە ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ تاللانغان پەتىۋا ۋە ماقالىلار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 8-توم  336-بەتتىن ئىلىندى).  

المرفقات

2

ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى
ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى