البحث

عبارات مقترحة:

القادر

كلمة (القادر) في اللغة اسم فاعل من القدرة، أو من التقدير، واسم...

المجيد

كلمة (المجيد) في اللغة صيغة مبالغة من المجد، ومعناه لغةً: كرم...

روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم ، نىزامىددىن تەمكىنى
القسم كتب وأبحاث
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات أحكام الصيام
روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ناملىق بۇ رىسالىدە، رامىزان روزىسى ۋە نەپلە روزىلارغا دائىر بولغان بارلىق ئەھكاملار، روزىنىڭ ۋاجىب ۋە شەرتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى، تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ ۋە سەدىقە پىتىر قاتارلىق رامىزان ئېيىدىكى مۇھىم ئەمەللەرنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

التفاصيل

﴿ روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ﴾ بىرىنچى بۆلۈم: رامىزان روزىسى رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەتلىرى رامىزان روزىسىنىڭ ھۆكمى روزىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى روزىنىڭ پايدىلىرى روزىنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىلىرى روزىنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى روزا تۇتۇشنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىلىرى روزا تۇتۇشنىڭ ئىجتىمائىي پايدىلىرى روزا ئىنساننى گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر روزا گۈزەل ئەقلاقنى يېتىلدۈرىدۇ روزا تۇتۇش ئىرادىنى تاۋلايدۇ روزا ئىنسانغا پەرھىزنى ئۈگىتىدۇ رامىزان روزىسىنىڭ بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمەتلىرى رامىزان روزىسى قاچان پەرز قىلىنغان؟ روزىنى تەرك قىلىشنىڭ گۇناھى ئىككىنچى بۆلۈم رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى قانداق ئىسپاتلىنىدۇ؟ ئاي كۆرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىش ئىبادەتتۇر بىر دۆلەتتە كۆرۈنگەن ئاي باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭمۇ روزا تۇتۇشلىرى ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟ روزا تۇتۇش كۈنىنى دۆلەت تەرەپتىن بەلگىلىشى شەرتمۇ؟ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئىسپاتلىنىشى ئاي كۆرۈنگەنلىكىگە بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى يېتەرلىكمۇ؟ ئاي كۆرۈشنىڭ ۋاقتى:   ئۈچىنچى بۆلۈم روزىنىڭ مەنىىسى: روزىنىڭ ھەقىقىتى روزا كىملەرگە پەرز بولىدۇ؟ روزا تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى: روزىنىڭ پەرزلىرى نىيەتتە روزىنىڭ تۈرىنى تەيىنلەش مەسىلىسى: روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار: بىرىنچى، قازا بىلەن كاپارەتنى لازىم قىلىدىغان ئامىللار: مۇلاھىزە:  ئىككىنچى، قازانىلا لازىم قىلىدىغان ئامىللار: روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن مەكرۇھ بولىدىغان ئىشلار:  روزىدا ئېسىدە يوق يەپ ياكى ئىچىپ قويغان كىشىنىڭ ھۆكمى: روزا تۇتقۇچىلارغا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار روزا تۇتقۇچىلارغا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە: روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن مۇستەھەب بولىدىغان ئىشلار: ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەققىدە: مۇساپىر ۋە كېسەل كىشىلەر ھەققىدە: مۇساپىر ئۈچۈن روزا تۇتۇش ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتماسلىقمۇ؟ ھامىلدار، بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ۋە ياشىنىپ قالغان كىشىلەر ھەققىدە ئۈستىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك روزىسى قالغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ھەققىدە فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە فىتىر سەدىقىسىنىڭ ھۆكمى فىتىر سەدىقىسىنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرى فىتىر سەدىقىسى قاچان بېرىلىدۇ؟ فىتىر سەدىقىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى فىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟ تۆتىنچى بۆلۈم روزىنىڭ تۈرلىرى روزىنىڭ تۈرلىرى پەرز بولغان روزىلار ۋاجىپ بولغان روزا  سۈننەت بولغان روزىلار ئەرەفات كۈنىنىڭ پەزىلىتى  ھارام قىلىنغان روزا  مەكرۇھ بولىدىغان روزا  نەپلە روزىلار بەشىنچى بۆلۈم رامىزاندىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلار رامىزان ئېيى ئىبادەت ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئېيىدۇر تەراۋىھ نامىزى تەراۋىھ نامىزى توغرۇلۇق بەزى مەسىلىلەر رامىزان ئېيىدا جىبرىئىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەلىم بېرىشى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلەتلىرى قەدىر كېچىسى ئىسلام مىللىتىگە بېرىلگەن ئىمتىيازدۇر فىتىر سەدىقىسى (سەدەقايى پىترى) ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى  فىتىر سەدىقىسىنى بېرىلىدىغانلار ئالتىنجى بۆلۈم ئېتىكاپ توغرىسىدا ئېتىكاپنىڭ ۋە ئۇنىڭ قائىدە ـ تەرتىپلىرى ئېتىكاپنىڭ بۇيرۇلىشى ئېتىكاپنىڭ پەزىلەتلىرى ئېتىكاپنىڭ تۈرلىرى ئېتىكاپنىڭ شەرتلىرى ئېتىكاپنى بۇزىدىغان ئامىللار ئېتىكاپ قىلغان كىشى ئۈچۈن مۇستەھەب بولغان ئىشلار ئېتىكاپ قىلغان كىشى ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار ئاياللار نەدە ئېتىكاپ قىلىدۇ؟ روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سوئاللارغا جاۋابلار  ﴿ روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ﴾ئۇيغۇرچە-الأويغورية]-uyghur]مۇھەممەد يۇسۇپتەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنىنەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپبِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِِ﴿شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِيَ أُنزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِّنَ الْهُدَى وَالْفُرْقَانِ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ وَمَن كَانَ مَرِيضاً أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ يُرِيدُ اللّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلاَ يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُواْ الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُواْ اللّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ﴾ (الآية 185من سورة البقرة) تەرجىمىسى:﴿رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا (يەنى ئاللاھدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈشكە) باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن، كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ﴾. [بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت].بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِِجىمى ھەمدۇ سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن ساھابىلىرىغا، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۆمىنلەرگە سالام يوللايمەن. روزا تۇتۇش ئىبادىتى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ساماۋىي دىنلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بۇيرۇلۇپ كەلگەن قەدىمىي ئىبادەتتۇر، ئەمما ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارغا پەرز بو بۇلغان رامىزان روزىسى بولسا، ئايلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك، مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە قۇرئان چۈشۈشكە باشلىغان بىر مۇبارەك ئايغا بەلگىلەنگەن كاتتا ۋە خاسىيەتلىك ئىبادەتتۇر. رامىزان روزىسىنى تۇتۇش ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدىن بىرى ۋە ھەقىقى مۆمىنلىكنىڭ نامايەندىسىدۇر.روزا ئىنساننى پەس ھەۋەسلەردىن يۈكسەلتىپ، روھانىي خىسلەتلەرگە ئېرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرىدىغان، ئىنسانغا چىدام ۋە سەبىرچانلىقنى ئۈگىتىش ئارقىلىق ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدىغان تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەتتۇر. ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى «روزا ۋە ئۇنىڭ قائىدە ـ تەرتىپلىرى» ناملىق بۇ كىتاب ھەرقانداق كىشىنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىغا ئوڭاي ۋە چۈشىنىشلىك ھالدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلدى. بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشتا قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنى ئاساسىي مەنبە قىلدىم. ئىسلام دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق ئەسەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ پايدىلاندىم. فىقھى مەسىلىلەردە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىبىنى ئاساس قىلدىم. كىتابنىڭ ئىخچام ھەم چۈشىنىشلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بەردىم. جانابى ئاللاھتىن بۇ ئاددى ئەسەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق بولۇشىنى ۋە بۇ ئىشىمنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولىشىنى تىلەيمەن.مۇھەممەد يۈسۈپ بىرىنچى بۆلۈم: رامىزان روزىسى رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەتلىرى1ـ رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم نازىل بولغان ئايدۇررامىزان ئېيى بارلىق ئايلارنىڭ كاتتىسى ۋە ئەڭ شەرەپلىكىدۇر، چۈنكى ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھىدايەتنىڭ بىردىن بىر مەشئىلى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشقا (يەنى چۈشۈشكە) باشلىنىشى رامىزان ئېيىدا ئەمەلگە ئاشقان. ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولغانلىقى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە بېغىشلانغان ئەڭ بۈيۈك نېمەتنىڭ تاماملانغانلىقى ئىدى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:﴿ رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان كەرىم ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر﴾(بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت).رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشى بىلەن شەرەپلەندۈرۈلگەن ئالاھىدە بىر ئاي بولغاچقا ئۇنىڭ باشقا ئايلاردىن شەرەپلىك، بەرىكەتلىك ۋە ئۇلۇغ بولۇشى تەبىئىيدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە « بەندىلەر ئەگەر رامىزان ئېيىدىكى ياخشىلىقلارنى بىلسە ئىدى، مېنىڭ ئۈممىتىم يىلنىڭ ھەممە ئېيىنىڭ رامىزان بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولاتتى» دېگەن(تەبەرانى رىۋايىتى).2 - رامىزان ئېيى قەدىر كېچىسى بىلەن شەرەپلەنگەن ئايدۇرمىڭ ئايدىن خەيرلىك بولغان قەدىر كېچىسىنىڭ رامىزان ئېيىغا بەلگىلەنگەنلىكى بۇ ئاينىڭ شەرەپ ئۈستىگە شەرەپ قازانغان ئەڭ قەدىرلىك ئاي بولۇشىغا يىتەرلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ﴿ قەدىر كېچىسى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر﴾(قەدىر سۈرىسى 3- ئايەت).3 - رامىزان ئېيى مۇكاپات ئېيىدۇرپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:«ئىنسان ئوغلىنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈن بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى مېنىڭ ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى ئۆزۈملا بېرىمەن» (بۇخارى رىۋايىتى). بۇ ھەدىستىكى: « ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى مېنىڭ ئۈچۈن » دېگەن ئىبارە ئاللاھ تائالانىڭ روزىغا ھاجىتى بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە روزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى (يەنى روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىنى) پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزىلا بىلىدۇ. ئەمما روزىدىن باشقا ئىبادەتلەرنى باشقىلارمۇ كۆرىدۇ، شۇڭا بەزى كىشىلەر بۇ ئىبادەتلەرنى رىيا (باشقىلارغا كۆرسىتىش) ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. لېكىن روزىدا رىيا يوقتۇر. شۇڭلاشقا روزا ئاللاھ تائالا ئۈچۈندۇر. يەنە بىر رىۋايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىدا مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنغان:«روزا تۇتقان كىشى يېمىكىنى،ئىچمىكىنى ۋە جىنسىي ھەۋىسىنى مېنىڭ ئۈچۈن (يەنى مېنىڭ رازىلىقىمغا ئېرىشىش ئۈچۈن) تەرك ئېتىدۇ، شۇڭا روزا تۇتقاننىڭ مۇكاپىتىنى بېرىش ماڭا خاستۇر، بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىمەن»(بۇخارى رىۋايىتى).4 - رامىزان ئېيى مەغپىرەت ئېيىدۇرئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىمكى رامىزان روزىسىنى چىن ئىمانى بىلەن، ئاللاھ تائالادىن ساۋاب كۈتۈش مەقسىتىدە تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى). بۇ ھەدىستىكى: « ئىمانى بىلەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتقان بەندىلىرىگە ئاتا قىلىدىغان ئەجىر ۋە ساۋابلار ھەققىدە قىلغان ۋەدىسىگە چىن ئىشەنگەن ھالدا روزا تۇتسا دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن:« بەش ۋاخ ناماز، جۈمەدىن جۈمەگىچە، رامىزاندىن رامىزانغىچە بولغان ۋاقىتلار گۇناھلارنى يوققا چىقىرىدىغان ۋاقىتلاردۇر، ئەگەر چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىلسا» (مۇسلىم رىۋايىتى).چوڭ گۇناھلار- ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا- ئانىنى قاخشىتىش، يالغانغا گۇۋاھلىق بېرىش، زىنا قىلىش، ھاراق ئىچىش ۋە باشقىلاردۇر. بۇ ھەدىستىن شۇ مەنا چىقىدۇكى، بەش ۋاخ نامازنى ۋە جۈمە نامازلىرىنى ۋاقتىدا، دۇرۇس ئادا قىلىدىغان، رامىزان روزىسىنى تۇتىدىغان كىشى ئەگەر چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنالىسا ئۇنىڭ كىچىك گۇناھلىرى يۇقۇرىدىكى ئىبادەتلەرنىڭ يۈزىسىدىن كەچۈرۈم قىلىنىپ تۇرىدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى تەكىتلىمەكتە: ﴿ ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل جەننەتكە كىرگۈزىمىز﴾(نىسا سۈرىسى 31- ئايەت).5 - رامىزان ئېيى بەرىكەت ئېيىدۇرئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«بەرىكەتلىك رامىزان ئېيى سىلەرگە يېتىپ كەلدى، بۇ ئايدا ئاللاھ تائالا سىلەرنى رەھمەت ۋە مەغپىرەت بىلەن قارشى ئالىدۇ، خاتالىقلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىدۇ، بۇ ئايدا ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللەرگە بەس- بەستە ئالدىرىشىڭلارغا نەزەر سالىدۇ، پەرىشتىلەر سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ، بۇ ئايدىكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنئاملىرىغا ئېرىشىشكە ئالدىراڭلار! ھەقىقىي بەختسىز ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايدىكى رەھمەتلىرىدىن مەھرۇم قالغان كىشىدۇر»(ئەھمەد رىۋايىتى).ھەقىقەتەن رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەنىۋى مول ھوسۇل ئېيىدۇر. تېنى ساق تۇرۇپ رامىزان روزىسىنى تۇتماي بۇ مۇبارەك ئاينىڭ بەرىكەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالمىغان، نەتىجىدە گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنمىغان ئادەمدىنمۇ بەختسىز ئادەم بولامدۇ؟!مەلۇمكى رامىزان ئېيى رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيىدۇر. ئىنسان مۇشۇ ئاينى غەنىمەت بىلىپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق گۇناھلاردىن پاكلانمىسا، باشقا قايسى ئايدا بۇ ئايدىكىچىلىك ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ ۋە گۇناھلىرىنى يۇيالايدۇ؟!6 - رامىزان ئېيى نىجاتلىق ئېيىدۇرئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى ئاللاھ تائالا يولىدا بىر كۈن روزا تۇتىدىكەن، ئاللاھ تائالا بۇ كۈننىڭ يۈزىسىدىن ئۇ كىشىنى دوزاختىن يەتمىش يىللىق مۇساپىگە يىراقلاشتۇرىدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى). ئەرەپ تىلىدا «يەتمىش» ۋە «يەتتە» سانلىرى كۆپلۈك ۋە كامالەتنى ئىپادىلەيدۇ. خۇددى ئۇيغۇر تىلىدىكى توققۇز ۋە توقسان سانلىرى « توققۇزى تەل بولدى» ۋە «توقسىنى تولدى» دېگەن ئىبارىلەردىكىدەك كامالەتنى ۋە كۆپلۈكنى ئىپادىلىگەندەك، بۇ ھەدىستىكى «يەتمىش» كۆپلىكنى ۋە مەڭگۈلۈكنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، بۇ ھەدىسىنىڭ مەنىسى، ئاللاھ تائالا يولىدا بىر كۈن روزا تۇتقان كىشى دوزاختىن مەڭگۈ يىراق قىلىنىدۇ دېگەنلىكتۇر. مانا بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى تەكىتلىمەكتە: ﴿بىز تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت- سائادەتكە تېگىشلىك بولغانلار دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ﴾ (ئەنبىيا سۈرىسى 101- ئايەت).7 - رامىزان ئېيى شەيتانلار باغلىنىدىغان ئايدۇرئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى). بۇ ھەدىستىكى «شەيتانلار باغلىنىدۇ» دېگەن ئىبارە رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى بىلەن شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش كۈچى ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭمۇ بۇ ئايدا شەيتانى ھەۋەسلەرگە ئالدانمايدىغان تەقۋالىققا ھەم چىن ئىرادىگە ئېگە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.8 - رامىزان ئېيى جەننەتنى قازىنىش ئېيىدۇرسەھل ئىبنى سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« جەننەتتە رەييان (ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلىنمايدىغان) ئىسىملىك بىر ئىشىك بار بولۇپ، روزا تۇتقۇچىلار قىيامەت كۈنى بۇ ئىشىكتىن كىرىدۇ، ئۇلاردىن باشقىلار بۇ ئىشىكتىن كىرەلمەيدۇ. قىيامەت كۈنىدە: روزا تۇتقانلار قېنى؟ دېيىلىدۇ ۋە روزا تۇتقۇچىلار توپلىشىپ بۇ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىشىدۇ. ئاندىن ئۇلار بۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم بۇ ئىشىكتىن كىرەلمەيدۇ. ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىشىك يېپىلىدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى).مانا بۇ، بۇ دۇنيادا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ روزا تۇتقان كىشىلەرگە ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان كاتتا ئىنئاملارنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى ئۇلار بۇ دۇنيادا روزا تۇتۇش جەريانىدا ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق دەردى چەككەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ئالاھىدە پەرقلىق مۇكاپاتلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.9 - رامىزان ئېيى دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئايدۇرپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى، ئادالەتلىك پادىشاھنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى»(ئىبنى ماجە رىۋايىتى).10 - رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ئۆمرە ھەجگە تەڭدۇررامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى ۋە ئۇلۇغلىقىدىن بۇ ئايدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە خۇددى ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانغا ئوخشاش ساۋابلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە (ساۋاب جەھەتتە) ھەج قىلغانغا ئوخشاشتۇر »(بۇخارى رىۋايىتى). رامىزان روزىسىنىڭ ھۆكمى رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش ھەرقانداق مۇسۇلمان، بالىغ (يەنى 14 ياشتىن ئاشقان)، ئاقىل (يەنى ئەقىل ھوشى جايىدا بولغان) كىشىگە پەرز ئېيىدۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ سۆزىدۇر:﴿ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى﴾ (بەقەرە سۈرىسى 183- ئايەت). روزىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنىئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارغا پەرز بولۇپ بۇيرۇلغان رامىزان روزىسى ئىسلام دىنىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى بەش چوڭ ئاساسنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان:1 - ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىپ، گۇۋاھلىق بېرىش،2 - ناماز ئوقۇش.3 - زاكاتنى ئادا قىلىش.4 - رامىزان روزىسىنى تۇتۇش.5 - قۇدرىتى يەتسە بەيتۇللانى ھەج قىلىش»(بۇخارى رىۋايىتى). ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى ئىنسانلارغا ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىبادەتلەرنىڭ تۈرلۈك بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى ناماز، زىكىر ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇشتىنلا ئىبارەت بولغان بولسا ئىدى، بۇ خىل ئىبادەتلەردىن كىشىلەر مالاللىق ۋە زېرىكىش ھېس قىلىش ئېھتىمال ئىدى، شۇڭا ئىسلام دىنىدىكى ئىبادەتلەر تۆۋەندىكىدەك تۈرلەنگەن:1 - جىسمانىي ئىبادەت.2 - ئىقتىسادىي ئىبادەت.3 - جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ھەر ئىككىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىبادەت.بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:1 - ناماز جىسمانىي ئىبادەتتۇر يەنى قىيام، رۇكۇ، سەجدە قاتارلىق پائالىيەتلەردە بەدەننىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇش، دۇرۇت- دۇئالارنى ئوقۇشتا تىلنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر، شۇنىڭدەك روزىمۇ جىسمانىي ئىبادەتتۇر يەنى بەدەننىڭ يېمەك- ئىچمەككە ۋە جىنسىي ھەۋەسكە بولغان ئېھتىياجلىرىنى ۋاقىتلىق مەنئى قىلىش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر.2 - زاكات ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپ، بۇ ئىبادەت بەدەن بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىقتىساد بىلەن(يەنى ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان زاكاتنى ئادا قىلىش نىيىتى بىلەن مال- مۈلۈكتىن مەلۇم مىقدارنى كەمبەغەللەرگە ئايرىپ بېرىش ئارقىلىق) ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر.3 ــ ھەج بولسا جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي ھەر ئىككىسىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئىبادەت بولۇپ، ھەج قىلغۇچى كىشى ھەجنىڭ تاۋاپ، سەئيى، ئەرەپاتتا تۇرۇش، شەيتانغا تاش ئېتىش ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلىرىنى بەدىنى بىلەن ئادا قىلىدۇ، بۇلار جىسمانىي ئىبادەتلەردۇر. ئۇ، ھەرەمگە بېرىش، قۇربانلىق قىلىش ۋە باشقىمۇ خىراجەتلەر ئۈچۈن پۇل- مال سەرپ قىلىدۇ، مانا بۇلار ئىقتىسادىي ئىبادەتلەردۇر. شۇڭا ھەجنى ھەم جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەت دەيمىز. مەلۇمكى، ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنىڭ تۈرلۈك بولغانلىقى بەدەن ۋە روھنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە پايدىلىقتۇر. چۈنكى مۇسۇلمان كىشى ھەرتۈرلۈك ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش جەريانىدا پىكرىي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئىلگىرىلەش ۋە پائالىيەتچانلىق ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇ ئاللاھ تائالاغا گاھ ناماز بىلەن، گاھ تىلاۋەت بىلەن، گاھ روزا تۇتۇش بىلەن، گاھ ھەج قىلىش ياكى ئېلىم تەھسىل قىلىش يولىدا سەپەر قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئىبادەتلەرنىڭ بۇنداق تۈرلىنىشى كىشىلەرنىڭ ئىبادەتلەرگە بولغان ئىشتىياقلىرىنى ئاشۇرىدۇ. خۇددى ھەرخىل مېۋىلەر بىلەن تولغان باغقا كىرگەن كىشى ئۇنىڭدا ھەرتۈرلۈك مېۋىلەردىن ئىستېمال قىلىشتىن ھوزۇرلىنىپ، ھېچقانداق زېرىكىش ھېس قىلمىغاندەك، ھەرخىل ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولغان كىشىمۇ بۇ ئىبادەتلەردىن زېرىكىش ياكى مالاللىق ھېس قىلمايدۇ، بەلكى ھەمىشە ھۇزۇر، ھالاۋەت ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. روزىنىڭ پايدىلىرىئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەر ھېچقانداق دۇنياۋىي مەنپەئەت ۋە پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا قىلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ دىنىمىزدىكى ھەرقانداق ئىبادەتنىڭ ئاخىرەتلىك ۋە بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى باردۇر. مەسىلەن: ناماز پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىسى جەننەتنى قازىنىشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ﴿ نامازلىرىنى (ۋاقتىدا، تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلىدىغان مۆمىنلەر (جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر، ئۇلار (يوقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ﴾(مۇئمىنۇن سۈرىسى 9- 10- 11- ئايەتلەر).نامازنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى بولسا، ئۇنىڭ كىشىنى يامان ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسۇشى ۋە گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلىشىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴾ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ﴿(ئەنكەبۇت سۈرىسى 45- ئايەت). روزىنىڭمۇ خۇددى نامازغا ئوخشاش ئاخىرەتلىك ۋە بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى باردۇر. روزىنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىلىرىروزىنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر:1 ـ ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن روزا تۇتقان كىشى ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئالاھىدە قىممەتلىك بولغان مەخسۇس مۇكاپاتىغا لايىق بولىدۇ. بۇھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « ئادەم بالىسىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ھەممىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا 10دىن 700 ھەسسىگىچىلىك ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا دېدىكى: روزا تۇتقان كىشىنىڭ مۇكاپىتىنى بېرىش ماڭا خاستۇر، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى روزا تۇتقان كىشى مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ يېمەك- ئىچمىكىنى ۋە ھەۋىسىنى تەرك قىلىدۇ، روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن ئىككى چوڭ خوشاللىق باردۇر: ئۇنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى خوشاللىقى، يەنە بىرى، ئۇنىڭ ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالاغا مۇلاقات بولغان چېغىدىكى خوشاللىقىدۇر». (مۇسلىم رىۋايىتى).2 ـ روزا تۇتقان كىشىنىڭ بۇرۇن قىلغان بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامىزان روزىسىنى چىن ئىمانى بىلەن ساۋابنى كۆزلەپ تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ». (بۇخارى مۇسلىم رىۋايىتى).3 ـ روزا تۇتقان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ. تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« بىركۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا نەجدىلىك بىر ئادەم كەلدى، ئۇ يىراقتىن بىرنەرسە دەۋاتاتتى، لېكىن بىز ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىدۇق، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىسلام ھەققىدە سوراۋاتقانلىقىنى بىلدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ،- بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش - دېدى، بۇ ئادەم يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن- ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمە قىلىشىم كېرەك؟- دەپ سورىۋىدى،- باشقا يوق، پەقەت ئۆز ئىختىيارىڭ بىلەن نەپلە نامازلارنى ئوقۇساڭ بولىدۇ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇشۇڭ كېرەك.- دەپ جاۋاب بەردى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. بۇ ئادەم يەنە ، باشقا نېمە قىلىشىم كېرەك؟-دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام- باشقا يوق، پەقەت نەپلە روزىلارنى تۇتساڭ بولىدۇ،- دەپ جاۋاب بەردى ۋە زاكاتنىڭ پەرىزىنى چۈشەندۈردى. بۇ ئادەم يەنە- باشقا نېمە قىلىشىم كېرەك؟- دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ،- باشقا يوق، پەقەت ئىختىيارى ھالدا سەدىقە بەرسەڭ بولىدۇ ،- دەپ جاۋاب بەردى.بۇ ئادەم قايتىپ كېتىۋېتىپ،- ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۇلارنى كام- زىيادە قىلماي ئورۇندايمەن!- دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋاقىتتا- بۇ ئادەم ئەگەر سۆزىدە راستچىل بولغان بولسا، جەننەتكە لايىق بولدى- دېدى» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).4 ـ ئىنسان روزىنىڭ سايىسىدا پەرىشتىلەرنىڭ مەرتىۋىسىگە يېتىدۇ. چۈنكى ئىنسان بىز سىرتتىن كۆرىۋاتقاندەك، پەقەتلا يەپ- ئىچىدىغان، ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە سۆزلەيدىغان جانلىق ھەيكەل ئەمەس، بەلكى ئىنساننى ئىنسان قىلغان نەرسە ئۇنىڭدىكى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان روھانىي جەۋھەردۇر. ئىنسان بۇنىڭ بىلەن تەپەككۇر قىلىدۇ، ھەقىقەتلەرنى بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېس قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن لەززەتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساندىكى مۇشۇ قىممەتلىك روھانىي جەۋھەرنىڭ يۈزىسىدىن پۈتۈن پەرىشتىلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان. ئىنسان شۇنداق ئۇلۇغ يارىتىلغان بىر مەۋجۇداتكى، ئۇنىڭ روھى ئاللاھ تائالادىن، بەدىنى توپراقتىندۇر. ئىنسان ھەمىشە ئۇنى ئۇلۇغلۇققا كۆتۈرىدىغان روھى بىلەن، ئۇنى رەزىللىكلەرگە چۈشۈرىدىغان نەپسىي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بىلەنلا ياشايدۇ. ئەگەر ئۇ، روھىنى نەپسىي ھەۋىسىگە بويسۇندۇرۇپ، نەپسىنى روھىغا ھاكىم قىلىۋالسا، ئۇ، ھايۋانلىق دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغاندەك، ئەگەر ئۇ، ئۆزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنى تونۇپ، نەپسىنى روھىنىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇندۇرسا، ئۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش مەرتىۋىگە يېتىدۇ، بەلكى گاھىدا پەرىشتىلەردىنمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھايۋانلارغا ئەقىل ۋە روھ ئاتا قىلماستىن، پەقەت نەپسىي ھەۋەسنىلا ئاتا قىلغان ۋە پەرىشتىلەرگە نەپسىي ھەۋەس بەرمەستىن، پەقەت ئەقىل بىلەن روھنىلا ئاتا قىلغان بولسا، ئىنسانغا ھەم روھ بىلەن ئەقىل ھەم نەپسىي ھەۋەس ئاتا قىلغان. شۇڭا نەپسىگىلا بېرىلىپ ئۆز قەدىر- قىممىتىنى يوقاتقان ئىنسان ھايۋانغا ئوخشاش ئورۇنغا چۈشۈپ قالغاندەك، ئەقىل ۋە روھىنى ئىشقا سېلىپ، نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىنى ئەقىل ۋە شەرىئەت بىلەن مۇھاكىمە قىلغان كىشىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە پەرىشتىلەردىن ئۇلۇغ سانىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە :﴿ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار ھەقىقەتەن ئۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر﴾ دەيدۇ. [بەييىنە سۈرىسى 7 – ئايەت]. پەرىشتىلەرمۇ مەخلۇقاتنىڭ قاتارىدىن بولغاچقا، بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان سۈپەتتىكى ئىنسانلار پەرىشتىلەردىن ياخشى ۋە ئۇلۇغدۇر. نەپسىي ھەۋىسى ئۈچۈنلا ياشاپ ئاللاھ تائالانى تونۇمىغان ئىنسانلار توغرىلىق ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسىي خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە، نەپسىي خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاشقا ھامىي بولالامسەن؟ ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر﴾ (فۇرقان سۈرىسى 43 - 44 - ئايەتلەر). نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا ھۆكۈم قىلىشىنى ئۈگىنىپ، لەززەتلەرنى ۋاقىتلىق تەرك ئېتىش ۋە يېرىكچىلىكلەرگە ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، ئۆزىنى ئىنسانلىققا - مۇھىم بولغىنى مۇسۇلمانلىققا- لايىق كەلمەيدىغان تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماستىن، بەلكى ئىنسانلىق ھۆرمىتىگە لايىق ھالدا پەرىشتە مەقامىغا يېتىش، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىگە ۋە ئالى مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن روزا تۇتۇش ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. چۈنكى روزا ئىنساننىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنى يېڭىپ، روھىي مەنىۋىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئىبادەتتۇر.  روزىنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرىروزىنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر، ئۇلاردىن:1- روزا ئىنساننى دۇنيادا ئۆزىگە ئىشىنىپ، ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىغاندەك، ئۇنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلايدۇ.2- روزا ئىنساننى ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن تەربىيەلەيدۇ.3- روزا ئىنساننى گۇناھ، ئەيشى- ئىشرەت قىرلىرىدىن ساقلايدۇ.4- روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىپار، ئەنبەردىنمۇ خۇشپۇراق پۇرايدۇ.5- روزا ئىنساننى كېسەللىكلەردىن ساقلىققا ئېلىپ بارىدۇ.6- روزا تۇتقان ئادەم ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ.7- پەرىشتىلەر روزا تۇتقان كىشىنىڭ گۇناھلىرىغا مەغپىرەت تىلەيدۇ.8- روزا سايىسىدا ئىنسان پەرىشتىلەر ھاسىل قىلالمىغان پەزىلەتلەرگە ئېرىشىدۇ.9- روزا ئىنسانغا سەۋىر قىلىشنى ئۈگىتىدۇ ۋە يېرىكچىلىكلەرگە چېنىقتۇرىدۇ.10- روزا ئىنسانغا نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىگە ھاكىم بولۇشنى ئۈگىتىدۇ.11- روزا ئىنسانغا ئىقتىساد قىلىشنى ئۈگىتىدۇ. چۈنكى روزا تۇتقان كىشى كۈندۈزدە خالىغىنىنى يېيىشتىن، ئىچىشتىن توسىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئۈگىنىدۇ.12- روزا ئىنسان تۇغۇلىشىدىن ئۆلگىچە تۇرماي ئىشلەپ تۇرغان ئاشقازاننى ئارام ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاجىزلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.13- روزا ئىنساننى ئارتۇقچە سەمرىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. چۈنكى ئارتۇق سېمىزلىك كېسەللىكنىڭ ئالامىتىدۇر.14- روزا ئىنسان بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەخپى ئەمەلدۇر. چۈنكى كىمنىڭ روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ.15- روزا ئىنساننى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيلىنىشكە قۇدرىتى يەتمىگەن ياشلارغا روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن:« ئەي ياشلار جامائەسى! توي قىلىشقا قادىر بولالىغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى ۋە ئەزالارنى ھارامدىن ساقلايدۇ. توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ»(بۇخارى رىۋايىتى)16- روزا ئىنساننىڭ ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، مېھرى- شەپقەتلىك ۋە ساخاۋەتلىك بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا يېتەكچى بولىدۇ. روزا تۇتۇشنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىلىرىروزا تۇتۇشنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. كۈنىمىزدىكى زامانىۋىلاشقان مېدىتسىنا روزا تۇتۇشنى بەزى كېسەللىكلەر ئۈچۈن داۋا ئورنىدا قوللانماقتا. روزا تۇتۇش، بەزى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن پەرھىز(رېژىم) قىلىش دوختۇرلارنىڭ نەقەدەر مۇھىم تەۋسىيەسىگە ئايلانغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. پۈتۈن دۇنيا دوختۇرلىرى كېسەل كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى يەپ، نېمىلەرنى يېمەسلىكىنى ۋە قانداق ۋاقىتتا يەپ، قانداق ۋاقىتتا يېمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. روزا تۇتۇش ئومۇمەن ئىنساندىكى ھەزم قىلىش سېستىمىلىرىنى راھەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ داۋاملىق نورمال ئىشلەپ تۇرۇشىنى ساقلاپ قېلىشىغا ئالاھىدە ياردەمچى بولىدۇ.روزا تۇتۇش يەنە جىگەرنىڭ ساقلىقىنى ساقلايدۇ، چۈنكى روزا تۇتقان ياكى پەرھىز قىلىپ بىرنەرسە يېمىگەن كىشىنىڭ جىگىرى ئارام ئالىدۇ. جىگەر راھەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن كۆپلىگەن زەھەرلىك ماددىلارنى ئۇڭايلىقچە بۇزۇپ تاشلاپ، باشقا ئەزالارنىڭ زەھەرلىنىشىنىڭ ۋە چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەنە كۆپلىگەن دوختۇرلار بەزى كېسەللىكلەرگە روزا تۇتۇش ئارقىلىق رېژىم قىلىشىنى تەۋسىيە قىلماقتا. خۇسۇسەن قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۈچۈن روزا تۇتۇشنىڭ نەقەدەر پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دوختۇرلار تەۋسىيە قىلماقتا. ئارتۇقچە سەمرىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاشلىرى ئۈچۈن روزا تۇتۇشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپتۇر.مۇسۇلمانلار«ئاشقازان كېسەللىكلەرنىڭ ئۆيى، داۋالىنىشنىڭ بېشى پەرھىز (يەنى يېمەك- ئىچمەكلەرنى سالامەتلىككە ئۇيغۇن دەرىجىدە ئىستىمال قىلىش)دۇر» دېگەن تەۋسىيەلەرنى ياخشى بىلىدۇ.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ«روزا تۇتۇڭلار ساغلام بولۇڭلار» دېگەن نەسىھىتىگە ئۇيغۇن ھالدا زامانىۋىلاشقان مېدىتسىنا «روزا تۇتۇڭ كېسەلدىن ئامان بولۇڭ» دەپ تەۋسىيە قىلماقتا. روزا تۇتۇشنىڭ ئىجتىمائىي پايدىلىرىروزا تۇتقان كىشى يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىلىرى يوق، ھالى ئېغىر، يېتىم- يېسىر يوقسۇللارنىڭ مۇڭ ـ زارىنى روزا تۇتۇش جەريانىدا ياخشىراق چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولىدۇ. چۈنكى ئاچلىقنىڭ دەردىنى چەكمىگەن كىشى ئاچ قالغانلارنىڭ ھالىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇ، ئۆزى توق يۈرگەنلىكتىن ھەممە كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش توق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ، روزا تۇتۇپ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تېتىپ كۆرسە ، شۇ چاغدىلا كۈنلۈك ئوزۇقىنى تاپالمايدىغان كەمبەغەل بىچارىلەرنىڭ ھالىنى چۈشىنىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ ھاللىرىدىن خەۋەر ئېلىپ، ياردەم قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن ئىنسانىي بۇرچ دەپ بىلىدۇ. مۇسۇلمانچىلىقنىڭ كامالىتى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ يۇمشاق بولۇشى، ئۆزىنىلا ئويلىماستىن باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىشى، خەير- ساخاۋەتلىك بولۇشى ۋە ھەركىمگە مېھرى- شەپقەتلىك بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ناھايىتى شەپقەتلىك بولۇپ، ئۇ پەقەت شەپقەتلىك كىشىلەرگىلا رەھىم شەپقەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« شەپقەتلىك كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھىم قىلىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە رەھىم قىلىڭلار! سىلەرگە ئاسماندىكى زات (ئاللاھ تائالا ) رەھىم قىلىدۇ ».يۇسۇف ئەلەيھىسسالام مىسىرنىڭ خەزىنىسىگە مەسئۇل بولغان ۋاقىتلىرىدا روزىنى كۆپ تۇتىدىكەن. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە سورالغىنىدا:« مەن توق يۈرسەم ، پېقىرلارنىڭ ئاچلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمدىن قورقىمەن» دېگەن ئىكەن. روزا ئىنساننى گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇرئىنساندىكى جىنسىي ھەۋەسلەرنىڭ قوزغۇلۇشى قاندىكى ھۇرمۇناتلارنىڭ كۈچى ۋە شىددىتىگە باغلىقتۇر. ھۇرمۇناتلارنىڭ كۈچىيىشى بولسا، كۆپ يېيىشتىن مەيدانغا كېلىدۇ. روزا تۇتۇش بۇخىل ھۇرمۇناتلارنىڭ قاندىكى سەۋىيەسىنى ۋە كۈچىنى ئازايتىدۇ. روزا تۇتقان كۈنلەردىكى ھەۋەسسىزلىك قاندىكى ھۇرمۇناتلارنىڭ ئازايغىنىدىندۇر. روزا تۇتقان كىشىنىڭ مەنىۋى قۇۋۋىتىنىڭ ۋە شەخسىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۇنىڭدىكى ھايۋانىي ھەۋەسلەر ئازايغان ۋە ئاجىزلىغان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. روزا تۇتۇشنىڭ جىنسىي ھەۋەسلەرنى كونترول قىلىشتا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنۇ ھەدىسىدە ئىپادىلىگەن:«ئەي ياشلار جامائەسى! توي قىلىشقا قادىر بولالىغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى ۋە ئەزالارنى ھارامدىن ساقلايدۇ. توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنى ھارامدىن ساقلايدۇ»(بۇخارى رىۋايىتى). جىنسىي ھەۋەسنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە خەتەرلىك بولىدىغان بىر باسقۇچىدا ياشاۋاتقان ياشلارغا ئۇلارنىڭ جىنسىي كۈچلىرىنى تىزگىنلىشى ئارقىلىق قاراملىقنىڭ ھالاكەتلىرىدىن ساقلىنىشى ۋە ئىففەت نومۇسلىرىنى قوغدىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا بۇ تەۋسىيەنى قىلغانلىقىنىڭ نەقەدەر ھەق ۋە توغرا بولغانلىقى بۈگۈنكى ئىلمىي ھەقىقەتلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا. روزا گۈزەل ئەقلاقنى يېتىلدۈرىدۇئىنسان نەپسى كۆپۈنچە ھاللاردا غەپلەتلەر بىلەن ئۆزىنى تېز ئۇنۇتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، پېقىرلىقىنى ۋە خاتالىقلىرىنى كۆرمەيدۇ، كۆرۈشنىمۇ خالىمايدۇ. خۇددى ھېچ ئۆلمەيدىغاندەك ھېرىس بىلەن دۇنيا ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. لەززەتلىك ۋە مەنپەئەتلىك بولغان ھەممە نەرسىگە باغلىنىدۇ. ئۆزىنى ياراتقاننى ئۇنۇتىدۇ، ئاخىرەت ھەققىدە ئانچە ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. روزا بولسا، ھەرقانداق غاپىل، ھاكاۋۇر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، پېقىرلىقىنى ۋە بىچارە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ، روزا تۇتۇش جەريانىدىكى ئاچلىق ۋاستىسى بىلەن ئاۋۋال ئاشقازىنىنى ئويلايدۇ ۋە ئاشقازاننىڭ ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىدۇ، ئاجىز بەدىنىنىڭ نەقەدەر كىچىك ۋە چىدامسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۆزىنىڭ شەپقەتكە قانچىلىك مۇھتاج بولىدىغان ئاجىز بىر مەۋجۇدات ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا، ئەقىللىق ئىنسان ئۆز نەپسىنىڭ پىرئەۋنلىقىنى تاشلاپ، ئاجىزلىقىنى ۋە مۇھتاجلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش يولىغا كىرىدۇ. روزا تۇتۇش ئىرادىنى تاۋلايدۇھاياتلىق ئاللاھ تائالانى تونۇش يولىدىكى بىر سەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ كامالىتى ۋە غايىسى ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا شۈكۈر ئەيلەپ، بەندىچىلىكنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۇنى رازى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. روزا تۇتۇش بولسا، بۇ سەپەردىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق مەشىقتۇر. ئىنسان بۇ مەشىق ئارقىلىق بەدەن ۋە نەپسىي ھەۋەسلىرىنىڭ تىزگىنىنى ئۆزى تۇتۇپ باشقۇرۇش بىلەن ئۆزىنىڭ خوجايىنلىقىنى يۈرگۈزىدۇ ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلىغان بولىدۇ. نەپسىي- ھەۋەسلەرنىڭ ۋە كۆڭۈلنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ باشقۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئىرادە كېرەك. ئىرادە ئەقىل بىلەن ۋىجداننىڭ تەلەپلىرىگە ماسلىشىشقا ئۆزىنى كۆندۈرۈش ئارقىلىق كۈچىيىدۇ ۋە پىشىپ يېتىلىدۇ. روزا تۇتۇش ئىرادىنى كۈچەيتىش ۋە سەۋىرچانلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. روزا تۇتقان كىشى ئالدىدا يېمەك- ئىچمەكلەر تەييار تۇرسىمۇ، يېمەي- ئىچمەي ئاچلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىدۇ. ئۇنى يېيىش- ئىچىشتىن ۋە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن پەقەت ئۇنىڭ ۋىجدانى توساپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنى نازارەت قىلىدىغان ئاللاھ تائالا بىلەن ۋىجدانىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوقتۇر. بۇخىل چېنىقىش ھەركۈنى 15 سائەت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ياكى ئازراق ۋاقىت داۋام قىلىدۇ. دۇنيادا قانداق مەكتەپ ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى ۋە سەۋىرچانلىقىنى يېتىشتۈرۈشتە ئىسلامىي روزىغا يېتەلىسۇن؟!گېرمانىيىلىك بىر پىسخولوگىيە دوختۇرى ئۆزىنىڭ «ئىرادىنى تىكلەش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ ئامىللىرى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىرادىنى تىكلەش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئامىل روزا تۇتۇشتۇر». ئەمما ئىسلام دىنى ھازىرقى پىسخولوگىيە ئالىملىرى ئەمدىلا ئىسپاتلاپ چىققان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى مۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇنلا ئىسپاتلىغان. بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ- بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ھەدىستىكى- ياشلارغا قىلغان تەۋسىيەسى يېتەرلىك بولسا كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىنىڭ كىشىگە سەۋىرچانلىقنى ئۈگىتىدىغانلىقى توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «روزا تۇتۇش سەۋرنىڭ يېرىمىدۇر» (ئىبنى ماجە رىۋايىتى). چۈنكى ئىنساندا ئۈچ خىل قۇۋۋەت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى : نەپسىي ھەۋەس قۇۋۋىتى، يەنە بىرى: يىرتقۇچىلاردا بولىدىغان غەزەپ قۇۋۋىتى، يەنە بىرى: پەرىشتىلەردە بولىدىغان روھى قۇۋۋەتتۇر. ئىنساننىڭ روھى قۇۋۋىتى يۇقىرىقى ئىككى قۇۋۋەتنى بېسىپ ئۆتەلىگەن ۋاقىتتا، ئۇ، ھەقىقىي سەۋىرنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى كۈرەش ۋە جىھاد دىنىدۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھاياتلىقنىڭ كۈرەشلىرىگە تاقابىل تۇرالىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ۋە ئەڭ ئاۋۋالقى كۈچ- قۇۋۋىتى سەۋىر بىلەن قەتئىي ئىرادىدۇر. ئۆز نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىنى يېڭەلمىگەن كىشى دۈشمەننى ھەرگىزمۇ يېڭەلمەيدۇ. بىرەر كۈنلۈك ئاچلىققا چىدىيالمىغان كىشى ئۇلۇغۋار غايىگە يېتىش يولىدا بەدەل تۆلەشكە چىدىمايدۇ. روزا ئىنسانغا پەرھىزنى ئۈگىتىدۇروزا ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى پەرھىز ھەم تىببىي جەھەتتىكى قوغدىنىشتۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى خالىغانچە يېيىش- ئىچىش بىلەن ھەركەت قىلىدىغان بولسا، ئىنتىزامسىز يېيىش ـ ئىچىش بىلەن ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەم ھالال- ھارامنى ئىلغىماستىن ھەر نەرسىگە بېرىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىگە زىيان سالغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا روھنىڭ ۋە ئەقىلنىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇنۇش ئېغىر تۇيۇلىدۇ- دە، ئاستا- ئاستا نەپسىي ھەۋەس ئۇنى تىزگىنلەشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنى نەپسىي ھەۋىسى باشقۇرىدىغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئىنسانلىق خىسلىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىنسان روزا سايىسىدا بۇ روزىنىڭ ۋاستىسى بىلەن پەرھىز قىلىشنى ئۈگىنىدۇ. رىيازەت چېكىشكە كۆنىدۇ ۋە بىچارە ئاشقازاننى ئارقا- ئارقىدىن يېمەك بىلەن تولدۇرمىغاچقا كېسەللەردىن ئامان بولىدۇ. رامىزان روزىسىنىڭ بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمەتلىرى رامىزان - قەمەرىيە (ئىسلامىي) ئايلىرىدىن 9- ئاينىڭ نامى بولۇپ، بۇ ئاي قۇرئان كەرىمدە ئىسمى بىلەن بايان قىلىنغان يىگانە ئايدۇر. رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز بولۇپ بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمەتلىرى تۆۋەندىكىچە :1 - رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاي بولۇپ تۇنۇلغان بۇ ئايدا روزا ۋاستىسى بىلەن نەپسىنىڭ تەلەپلىرىنى ۋاقىتلىق رەت قىلىش ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنى چېنىقتۇرىدۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۇناھلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق تەقۋالىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادەتلىرىگە لايىق بولىدۇ.2 - روزا ئىنساننى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى- پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ۋە مەنئى قىلغانلىرىدىن يېنىشتىن ئىبارەت ئىتائەتمەنلىككە كۆندۈرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىتائەتمەنلىك قىلىش بولسا ھەقىقىي مۆمىنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە مەرھەمەتلىرى ئەنە شۇنداق مۆمىنلەرگە خاستۇر.3 - روزا ئىنسان نەپسىنى تەربىيەلەپ تاكامۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان بىر تەربىيە ۋاستىسىدۇر. روزا تۇتقان كىشى لەززەتلىك يېمەكلىكلەرنى ۋە سۇغۇق سۇنى كۆز ئالدىدا كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى كۆزلەپ سەۋىر قىلىدۇ، ئاچلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىدۇ. ئىنسان شۇنداق نەپسىنى كونترول قىلىش ئىشىغا بىرەر ئاي داۋام قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىدە ھەقىقىي سەۋرچانلىقنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« روزا سەۋرنىڭ يېرىمىدۇر » دەپ كۆرسەتكەن (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).4 - روزا ئىنساندا ياخشى ئىشلارنى سۆيىدىغان، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، يوقسۇللارغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىز بىر قۇل ئىكەنلىكىنى تونۇيدىغان گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرىدۇ.مەلۇمكى، گۈزەل ئەخلاق ئىسلام دىنىنىڭ ئالدىنقى چاقىرىقى ۋە ئىماننىڭ بىر پارچىسىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تاماملاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم» دېگەن(بۇخارى رىۋايىتى). رامىزان روزىسى قاچان پەرز قىلىنغان؟ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەن مەككە دەۋرىدە روزا پەرز قىلىنمىغان، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ۋە مەدىنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتى بەرپا بولغاندىن كېيىن ھىجرىيەنىڭ 2- يىلى مۇسۇلمانلارغا رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان. بۇھەقتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى چۈشكەن: ﴿ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى﴾(بەقەرە 183- ئايەت).بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رامىزان روزىسىنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىشتا » ئى مۆمىنلەر « دېگەن خىتاب بىلەن سۆزىنى باشلىشىدىكى سىر شۇكى: مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئىماننىڭ تەقەززاسى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قۇبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى يادلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ ئەمىرلەرنى ئورۇنلاشقا ئۈندەش ۋە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا قۇرئان كەرىمدىكى كۆپلىگەن ئەمىر ۋە مەنئىلەر﴿ ئى مۆمىنلەر! ﴾ دېگەن خىتاب بىلەن باشلانغان.يۇقىرىقى روزا ئايىتىدىكى بەدىئىي ئىشارەتلەرئاللاھ تائالا يۇقىرىقى روزا ئايىتىدە مۆمىن بەندىلىرىگە تۆۋەندىكى ئۈچ ھەقىقەتنى يادلاندۇرماقتا :1 - ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىنغان روزا، ئىسلام دىنىدىلا مەۋجۇد بولغان بىر پەرز بولماستىن، بەلكى بۇرۇنقى ساماۋىيي دىنلاردىمۇ بۇيرۇلۇپ كەلگەن قەدىمىي ئىبادەت ئىكەنلىكىگە بۇ ئايەتتىكى﴿سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە پەرز قىلىنغاندەك﴾ دېگەن ئىبارە ئارقىلىق ئىشارەت قىلماقتا. ھەسەنۇلبەسرىي بۇماۋزۇدا مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بىزدىن بۇرۇن يەھۇدىي، خرىستىئانلارغىمۇ رامىزان روزىسىنى پەرز قىلغان، ئەمما يەھۇدىلار بۇ مۇبارەك ئاينى تەرك ئېتىپ، روزا تۇتۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى باشقا بىر كۈننى بەلگىلەپ چىققان ۋە ئۆز گۇمانلىرىدا بۇ كۈننى ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى پىرئەۋننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە پىرئەۋننى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ سۇدا غەرق قىلغان كۈن دەپ ئېتىقاد قىلغان. خرىستىئانلارمۇ بۇرۇن رامىزان ئېيىدا روزا تۇتاتتى، كېيىن رامىزان ئېيى قاتتىق ئىسسىق ياز كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالغانلىقتىن ئۇلار روزا تۇتۇش ئېيىنى يىلنىڭ سالقىن ۋە ئۆزگەرمەيدىغان باھار ئېيىغا بەلگۈلىۋالغان ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكتىن ئىبارەت بۇ خاتالىقلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن يەنە 20 كۈننى قوشۇپ جەمى 50 كۈن روزا تۇتۇشقا ئۆتكەن. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ پەتىۋالىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. ئاللاھ تائالا ئۇلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى مەبۇد قىلىۋالدى﴾(تەۋبە سۈرىسى 31- ئايەت).2 - رامىزان روزىسى بەش ۋاخ نامازغا ئوخشاش كۈندىلىك ئادا قىلىنىدىغان ۋە يىل بويى ئۈزمەستىن ئورۇنلاشقا بۇيرۇلغان پەرز بولماستىن، بەلكى رامىزان روزىسى يىلدا بىر ئاي تۇتۇشقا بۇيرۇلغان پەرزدۇر.قەمەرىيە ئايلىرى گاھىدا 29 كۈن، گاھىدا 30 كۈن بولىدۇ، مۇندىن ئارتۇق بولمايدۇ.3 - ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشنى باشلىشىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمىتىنى مۇسۇلمانلارغا يادلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئاينى رامىزان روزىسى بىلەن شەرەپلەندۈرگەن. بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتى، غەلىبىسى ۋە نىجاتلىقى قولغا كەلگەن ئەڭ مۇبارەك ئايدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىدى. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچىدۇر ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن﴾(بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت). گوياكى ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى سۆزىدە: ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادەتلىرىڭلار ئۈچۈن يېتەكچى بولىدىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشىمدىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمىتىمنى تونۇشۇڭلار ۋە ياد قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئايدا- يەنى قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدا- روزا تۇتۇش سىلەرگە پەرز قىلىندى، دېمەكتە. روزىنى تەرك قىلىشنىڭ گۇناھىرامىزان روزىسىنى تۇتماسلىقنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىردۇر، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا ئۆزرىسىز تۇرۇپ روزا تۇتمىغانلىقنىڭ گۇناھىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ، رامىزان روزىسىدىن بىرەر كۈننى ئۆزرىسىز تەرك قىلغان ئادەم ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«رامىزان ئېيىدا ئۆزرىسىز تۇرۇپ بىرەر كۈنلۈك روزىنى تەرك قىلغان كىشى ئەگەر ئۆمۈر بويى روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ »(بۇخارى رىۋايىتى).رامىزان روزىسى ئادەتتە كىشىلەرگە مالاللىق بېرىدىغان ياكى بەش ۋاخ نامازغا ئوخشاش كۈندىلىك ئادا قىلىنىدىغان بىر ئىبادەتمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ، يىلدا بىر ئاي تۇتۇشقا بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا بىزلەرگە بىر ئايدىن كۆپ روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى تۇتۇشقا مەجبۇر ئىدۇق. چۈنكى مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسى بۇيرۇلغانلارنى تولۇق ئورۇنلاش ۋە مەنئى قىلىنغانلاردىن قەتئى يېنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىنسانلارنىڭ ماددىى ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بۇيرۇلغان بۇ بىر ئايلىق روزىنىمۇ تولۇق تۇتماسلىق ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلغانلىقتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزرىسىز بىرەر كۈنلۈك روزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئىككىنچى بۆلۈمرامىزان ئېيىنىڭ ئىسپاتلىنىشى رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى قانداق ئىسپاتلىنىدۇ؟رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى رامىزان ئېيىنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ. رامىزان ئېيى ۋە روزا ھېيتى كالېندار بىلەن ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى ئىسلام شەرىئىتى بۇ مەسىلىدە ئاي كۆرۈشنى ئاساس قىلىپ بەلگىلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرنى ئاي كۆرۈش ئارقىلىق رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلىپ، ئاندىن روزا تۇتۇشقا ئەمىر قىلغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: « ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار ۋە ئاي كۆرۈپ ھېيت قىلىڭلار، ئەگەر (ھاۋا بۇلۇتلۇق بولغان سەۋەبتىن) ئاينى كۆرەلمىسەڭلار شەبان ئېيىنى (يەنى رامىزاننىڭ ئالدىدىكى ئاينى) ئوتتۇز كۈن قىلىپ تولۇقلاڭلار (يەنى ئاينى كۆرەلمىگەن كۈنۈڭلاردا شەبان ئېيىغا ئوتتۇز كۈن توشقان بولسا ئاينى كۆرەلمىگەن بولساڭلارمۇ روزا تۇتۇڭلار، ئەگەر ئۇ كۈنى شەبان ئېيىغا تېخى يىگىرمە توققۇز كۈن بولغان بولسا شەبان ئېيىنى ئوتتۇز كۈن قىلىپ تولۇقلاپ ئاندىن روزا تۇتۇڭلار)» (مۇسلىم رىۋايىتى). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرسەڭلار روزا تۇتۇڭلار، شەۋۋال ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرسەڭلار ھېيت قىلىڭلار، ئەگەر (ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ) ئاينى كۆرەلمىسەڭلار ھېساب بىلەن ئىش كۆرۈڭلار (يەنى شەبان ئېيىنىڭ كۈنلىرىنى ھېسابلاپ چىقىپ ئەگەر بۇ ئايغا ئوتتۇز كۈن توشقان بولسا روزا تۇتۇڭلار، چۈنكى قەمەرىيە ئايلىرى ئوتتۇز كۈندىن ئارتۇق بولمايدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى). بۇ مەسىلە مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ فىقھى مەجمۇئەسىدە مۇنداق بەلگىلەنگەن: رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ: 1- ئاسمان ئاينى كۆرۈشكە توسقۇن بولىدىغان بۇلۇت، تۈتۈن، تۇمان قاتارلىقلاردىن خالى بولغان ھالدا سۈزۈك ۋە ئوچۇق بولسا رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى ئاينى كۆرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ. 2- ئەگەر ئاسمان بۇلۇتلۇق ياكى تۈتۈنلۈك ياكى تۇمانلىق بولغانلىق سەۋەبتىن ئاينى كۆرۈش ئىمكانسىز بولسا شەبان ئېيىنى ئوتتۇز كۈن قىلىپ تولۇقلاپ، ئاندىن روزا تۇتۇش كېرەك «.بۇ ماۋزۇنىڭ خۇلاسىسى شۇكى: ئاسمان ئاينى كۆرۈشكە توسقۇن بولىدىغان بارلىق توسالغۇلاردىن خالى ھالدا ئوچۇق ۋە سۈزۈك بولغاندا روزا تۇتۇش ئىشى ئاي كۆرۈشكىلا باغلىق بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاي كۆرمەستىن روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئاسمان بۇلۇتلۇق ياكى تۈتۈنلۈك ياكى تۇمانلىق بولغانلىقتىن ئاينى كۆرۈش مۇمكىن بولمىغاندا شەبان ئېيىنى ساناپ چىقىپ بۇ ئاي كىرگىنىگە ئوتتۇز كۈن توشقان بولسا روزا تۇتۇشنى باشلايمىز، ئەگەر تېخى 29 كۈن بولغان بولسا ئۇنى 30 كۈن قىلىپ تولۇقلاپ، ئاندىن روزا تۇتۇشنى باشلايمىز. ئاي كۆرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىش ئىبادەتتۇرمۇسۇلمانلار ئۈچۈن شەبان ئېيىنىڭ ۋە رامىزان ئېيىنىڭ 29 - كۈنلىرى شامدىن كېيىن ئاي كۆرۈشكە ئىزدىنىش پەرز كۇپايە بولۇپ، بۇ، ساۋابى كاتتا بولغان ئىبادەتلەردىن سانىلىدۇ. پەرز كۇپايە- پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە ئورتاق بۇيرۇلغان بولۇپ، بەزى كىشىلەرنىڭ ئىجرا قىلىشى بىلەن باشقىلاردىن ساقىت بولىدىغان پەرز دېمەكتۇر.مۇسۇلمانلار شەبان ئېيىنىڭ 29- كۈنى شامدىن كېيىن رامىزان ئېيىنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى كۆرۈش ئارقىلىق روزا تۇتۇشنى باشلايدۇ، ئۇلار رامىزان ئېيىنىڭ 29- كۈنى شامدىن كېيىن شەۋۋال (رامىزاندىن كېيىنكى ئاي)نىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى كۆرۈش ئارقىلىق ھېيت قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا روزا تۇتۇش، ھېيت قىلىش ۋە ھەج ئىشلىرىنى ئاي كۆرەش ئارقىلىق ئورۇنلاشقا بەلگىلىگەن. ئاي كۆرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىش پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە بۇيرۇلغان پەرز كۇپايە بولغان ئىكەن، ھەرقانداق مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاي كۆرۈش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە بۇ پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى مۇھىمدۇر. ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن ھېچبىر كىشى ئاي كۆرۈشكە ئىزدەنمىسە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ. بىر دۆلەتتە كۆرۈنگەن ئاي باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭمۇ روزا تۇتۇشلىرى ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى شۇكى: بىر دۆلەتتە كۆرۈنگەن ئاي باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭمۇ روزا تۇتۇشلىرى ئۈچۈن يىتەرلىكمۇ؟ ياكى روزا تۇتۇش ئۈچۈن ھەر دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە ئاي كۆرۈشلىرى شەرتمۇ؟ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ پەرقلىق كۆز قاراشلىرى باردۇر: ھەنەفىي، مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرىگە كۆرە، ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ قايسى بىرىدە ئاينىڭ كۆرۈنگەنلىكى ئىسپاتلانسا باشقا مەملىكەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ھەممىسىگە روزا تۇتۇش پەرز بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاي كۆرۈپ ھېيت قىلىڭلار» دېگەن سۆزى ئارقىلىق پۈتۈن ئىسلام مىللىتىگە ئورتاق خىتاب قىلغان. بۇ ھەدىستىكى خىتاب بىرلا مەدىنە ئەھلىگە ياكى مەككە ئەھلىگە ياكى شام ئەھلىگە خاس بولماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئورتاق بۇيرۇقدۇر. زۇلھەججە ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق پۈتۈن مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيتنى تەنتەنە قىلغاندەك ۋە ئەرەفاتتا تۇرۇش پۈتۈن ھاجىلارغا بىر ۋاقىتتا بولغاندەك رامىزان ئېيىنىڭ كۈرۈنگەنلىكى قايسى بىر مەملىكەتتە ئىسپاتلىنىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا روزا تۇتۇش پەرز بولىدۇ. شۇنىڭدەك شەۋۋال ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى قايسى بىر مەملىكەتتە ئىسپاتلىنىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ھېيت قىلىش بەلگىلەنگەن بولىدۇ.شافىئى مەزھىبىگە كۆرە، ھەر دۆلەت خەلقى ئۆزىنىڭ ئاي كۆرگىنىگە ئاساسەن روزا تۇتىدۇ ۋە ھېيت قىلىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، بىر مەملىكەتتە كۆرۈنگەن ئاي باشقا مەملىكەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى لازىم قىلمايدۇ. چۈنكى ئاينىڭ كۆرۈنىشى ھەممە مەملىكەتتە بىر ۋاقىتتا بولمايدۇ. بۇ مەزھەبنىڭ دەلىلى شۇكى، ئىمام مۇسلىم كۇرەيب ئىسىملىك بىر ساھابىنىڭ مۇنۇ سۆزىنى رىۋايەت قىلغان :«مەن شامدا ئىدىم، ئۇ جايدا جۈمە ئاخشىمى رامىزان ئېيىنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى كۆردۈم، ئاندىن بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا مەدىنىگە كېلىۋىدىم ئىبنى ئابباس مەندىن- ئاينى قاچان كۆرگەنتىڭلا؟- دەپ سورىدى، مەن- جۈمە ئاخشىمى كۆرۈپ ئەتىسى روزا تۇتقان ئىدۇق- دەپ جاۋاب بەردىم، ئۇ يەنە مەندىن- سەن راستىنلا ئاينى جۈمە ئاخشىمى كۆردۈڭمۇ؟- دەپ سورىدى، مەن- ئەلۋەتتە كۆردۈم، باشقىلارمۇ كۆردى، مۇئاۋىيەمۇ شۇ كۈنى ئاي كۆرۈپ ئەتىسى روزا تۇتتى- دېۋىدىم، ئىبنى ئابباس دېدىكى، ئەمما بىز ئاينى شەنبە ئاخشىمى كۆردۇق، شۇڭا بىز 30 كۈن توشقىچە روزا تۇتۇشنى داۋام قىلىمىز ياكى ئاي كۆرىمىز. مەن- مۇئاۋىيەنىڭ ئاينى كۆرگەنلىكى ۋە روزا تۇتقانلىقى كۇپايە قىلمامدۇ؟- دەپ ئۇنىڭدىن سورىۋىدىم- ياق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى ئاي كۆرسەك روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان، ئەمما بىز جۈمە ئاخشىمى ئاي كۆرمىدۇق- دېدى» (مۇسلىم رىۋايىتى).بۇ ماۋزۇنىڭ خۇلاسىسى شۇكى: بىز بۇ مەسىلىگە دىققەت بىلەن قارايدىغان بولساق، يوقۇرىدىكى ھەنەفىي، مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئەڭ توغرا دەپ باھا بېرىمىز، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاي كۆرۈپ ھېيت قىلىڭلار» دېگەن ھەدىسىدىكى خىتابنىڭ پۈتۈن ئىسلام مىللىتىگە ئورتاق، ئومۇمى ئەمىر ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىقتۇر. مەلۇمكى، شەرىئەتنىڭ ئەمىر ۋە مەنئىلىرى ھەممىگە ئورتاق ۋە ئۇمۇمىيدۇر، مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولمىسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۈممەتتۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشلىرى بىلەن ھېيت قىلىشلىرىمۇ، ھەج پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا بولۇشى كېرەك.ئەمدى بۇ يەردە مۇنداق بىر سۇئال تۇغۇلىشى مۇمكىن: ئانداقتا نېمە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقىتلىرىمۇ ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا بولمايدۇ؟ بۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب يېرىمىز: روزا تۇتۇش مەسىلىسى نامازدىن پەرقلىقتۇر. چۈنكى نامازنىڭ ۋاقىتلىرى- تاڭنىڭ يورۇشى، قۇياشنىڭ ئېگىلىشى، ئۇنىڭ پېتىشى ۋە ئۇپۇقتىكى قىزىللىقنىڭ يوقىلىشى قاتارلىق ئالامەتلەرگە باغلىقتۇر. ئەمما روزا ئاي كۆرۈش ئارقىلىقلا پەرز بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ناماز ۋاقىتلىرىنى يۇقىرىقى ئالامەتلەرگە باغلىغان بولسا، روزا تۇتۇشنىڭ ۋاقتىنى ئاي كۆرۈشكە باغلىغان. مۇسۇلمانلاردىن بەزى كىشىلەرنىڭ ئاينى كۆرگەنلىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كۆرگىنىگە ئوخشاشتۇر. ئىبنى ئابباسنىڭ يۇقىرىقى«ھەر مەملىكەت ئەھلى ئۆزىنىڭ ئاي كۆرگىنىگە ئاساسلىنىپ روزا تۇتىدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزىمۇ شۇ زامانلارغا نىسبەتەن مەنتىقلىق ۋە ئەقىلغا مۇۋاپىق سۆزدۇر. چۈنكى ئۇ زامانلاردا- كۈنىمىزدە بولغاندەك- رادىئو، تېلېۋىزور، تېلېفۇن ۋە باشقا خەۋەرلىشىش ۋاستىلىرى بولمىغاچقا، ھەر بىر شەھەر ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ ئاي كۆرۈشلىرىگىلا ئاساسلىناتتى، مەسىلەن: مەدىنە ئەھلى ئاي كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭ خەۋىرى مەككىگە يېتىپ كەلگۈچىلىك ئاز دېگەندە 10 كۈن ئۆتۈپ كېتەتتى، شاملىقلار ئاي كۆرگەن بولسا ئۇنىڭ خەۋىرى مەدىنىگە يېتىپ كەلگۈچىلىك بىر ئاي ئۆتۈپ كېتەتتى. ئەمما كۈنىمىزدە زامان تەرەققى قىلغاچقا، قانداقلا بىر خەۋەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچىلىك ئارىلىقتا دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق جايلىرىغىچە يېتىپ بولىدۇ. ھەر مەملىكەت ئەھلىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاي كۆرۈشلىرىنى ئاساس قىلىپ ئىش كۆرۈشلىرى باشقا مەملىكەتلەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئاي كۆرگەنلىك خەۋىرىنى ئالالمىغانلىقتىن ئىدى. ھەتتا ئوسمانىيە خەلىپىلىك دەۋرىدە دۆلەتنىڭ بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پۈتۈن ئىسلام مەملىكەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشلىرى، ھېيت قىلىشلىرى ۋە باشقىمۇ ئايەم كۈنلىرى بىرلا ۋاقىتتا بولاتتى. مانا بۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە ئۆزئارا قېرىنداش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدىغان بىر دىنىي مەنزىرىدۇر. كاشكى، پۈتۈن ئىسلام مەملىكەتلىرىدىكى دۆلەت باشلىقلىرى، مۇپتىلار بۈگۈنكى كۈندە ئۆزئارا بىرلىشىپ، ھەمكارلىشىپ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ۋەسىلە بولغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولار ئىدى- ھە! )يۇقىرىدىكى كۆزقاراش ئاپتورغا مەنسۇپ-م(. روزا تۇتۇش كۈنىنى دۆلەت تەرەپتىن بەلگىلىشى شەرتمۇ؟رامىزان ئېيىنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا ۋە روزا تۇتۇشقا باشلاشتا دۆلەتنىڭ قارار قىلىشى شەرت ئەمەس. ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن بىرەر كىشى رامىزان ئېيىنى كۆرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، دۆلەت ئۇنىڭ ئاي كۆرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقتىن باشقىلار روزا تۇتمىسىمۇ ئاي كۆرگەن كىشىنىڭ ئۆزى يالغۇز بولسىمۇ روزا تۇتۇشى پەرز بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. ئىسلام شەرىئەت ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە : رامىزان ئېيىنى كۆرگەن كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى پەرزدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى: » سىلەردىن كىمكى رامىزانىڭ ئېيىنى كۆرسە روزا تۇتسۇن «دېگەن ئەمرى ئاي كۆرگەن كىشىنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر دۆلەت قايسى بىر يول بىلەن بولمىسۇن رامىزان ئېيىنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىپ، مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتۇشقا ئەمىر قىلسا- بۇ ئەمىر بەزى كىشىلەرنىڭ مەزھىبىگە ياكى كۆزقاراشلىرىغا زىت كەلگەن تەقدىردىمۇ- پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى پەرز بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. چۈنكى دۆلەتنىڭ قارارى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىدۇ. شەۋۋال ئېيىنىڭ ئىسپاتلىنىشىشەۋۋال ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى رامىزان ئېيىنىڭ 29- كۈنى شامدىن كېيىن ئاي كۆرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ. شۇ ئاخشىمى شەۋۋالنىڭ ئېيى كۆرۈنسە ئەتىسى ھېيت قىلىنىدۇ، ئەگەر بۇ ئاخشىمى ئاي كۆرۈنمىسە رامىزاننى 30 كۈن قىلىپ تولۇقلاپ، ئاندىن ھېيت قىلىنىدۇ. ئەگەر رامىزانغا 30 كۈن توشقاندىن كېيىنمۇ يېڭى ئاينى كۆرگىلى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، رامىزانغا 30 كۈن توشقاندىن كېيىنمۇ ھاۋا ئوچۇق تۇرۇپ شەۋۋالنىڭ ئېيى كۆرۈنمىسە ھېيت قىلىشقا بولمايدۇ. بەلكى يەنە بىر كۈن روزا تۇتۇپ، ئاندىن ئاي كۆرۈنسۇن ياكى كۆرۈنمىسۇن ھېيت قىلىنىدۇ. بۇنداق شارائىتتا، رامىزاننىڭ بېشىدىكى روزا تۇتۇشقا باشلىغان بىرىنچى كۈن رامىزاندىن سانالمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتىكى ئاي كۆردۇق دېگەن شاھىدلار يالغانچى ياكى خاتالاشقان دەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق قىلمىغاندا رامىزان ئېيى 31 كۈن بولۇپ قالغان بولىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس، چۈنكى قەمەرىيە ئايلىرى 30 كۈندىن ئارتۇق بولمايدۇ، بەلكى 29 بىلەن 30 كۈن ئارىسىدا داۋام قىلىدۇ. ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولغانلىق سەۋەبتىن ئاي كۆرۈنمىگەن بولسا، 30 كۈن توشقاندىن كېيىن ئەتىسى ھېيت قىلىش پەرزدۇر. ئاي كۆرۈنگەنلىكىگە بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى يېتەرلىكمۇ؟ئاسماندا بۇلۇت ياكى تۇمان قاتارلىق ئاينى كۆرۈشكە توسالغۇ بولىدىغان سەۋەبلەر مەۋجۇد بولغان ۋاقىتتا، ئادالەتلىك بىر ئادەمنىڭ ئاينى كۆرگەنلىكى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئادالەتلىك دېگەندىن مەقسەت- دىنىغا مەھكەم، تەقۋا، بىرەر قېتىممۇ يالغان سۆزلىگەنلىكى مەلۇم بولمىغان، دىندار ئادەم دېمەكتۇر. چۈنكى ئاي كۆرۈش مەسىلىسىمۇ شەرىئەت ئەھكاملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە بولغانلىقتىن، بۇنىڭدىمۇ گۇۋاھچىنىڭ ئادالەتلىك بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئاسماندا بۇلۇت، تۇمان قاتارلىقلار بولماي، ھاۋا ئوچۇق بولغان بولسا، بۇنداق ۋاقىتتا بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ، بەلكى ئاي كۆرگەنلىككە بىردىن كۆپ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى كېرەك بولىدۇ. ھەنەفىي ۋە مالىكى مەزھەبلىرىگە كۆرە، بۇنداق ۋاقىتتا (يەنى ھاۋا ئوچۇق بولغان ۋاقىتتا)، ئىككى ئادەمنىڭ ئاينى كۆردۇق دەپ بەرگەن گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. شاپىئىي ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرىگە كۆرە، ئادالەتلىك بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىك سانىلىدۇ. چۈنكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«كىشىلەر ئاي كۆرۈشكە چىقىشتى، (مەنمۇ بىرگە چىقىپ ئاينى كۆرگەندىن كېيىن)، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رامىزان ئېيىنى كۆرگەنلىكىمنى خەۋەر قىلىۋىدىم، ئۇ، روزا تۇتتى ۋە باشقىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى»(ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى)ئىمام نەۋەۋىي بۇ مەسىلىدە مۇنداق دەيدۇ: «رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئادالەتلىك بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ دېگەن قاراش ئەڭ توغرىسىدۇر. ئەمما شەۋۋال ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىك ئەمەس، بەلكى- ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن- ئاز دېگەندە ئادالەتلىك ئىككى ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ».بۇ ماۋزۇنىڭ خۇلاسىسى شۇكى: رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئادالەتلىك بىر ئادەمنىڭ ئاي كۆردۈم دەپ بەرگەن گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يالغۇز گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىپ روزا تۇتقانلىقى ۋە باشقىلارنىمۇ تۇتۇشقا بۇيرىغانلىقى بۇنىڭغا دەلىلدۇر. بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشتا، ئۇنى ئاي كۆرگەنلىكىدە خاتالاشقان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمما شەۋۋالنىڭ ئېيىنى ئىسپاتلاشتا بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئەگەر بۇ ئادەم ئاي كۆرۈشتە خاتالاشقان بولسا روزا كام بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا روزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ھېيت قىلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئادالەتلىك ئىككى ئادەمنىڭ ئاي كۆردۇق دەپ گۇۋاھلىق بېرىشى شەرتتۇر. ئاي كۆرۈشنىڭ ۋاقتى:كۈندۈزى كۆرۈنگەن ئاي ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. بەلكى شامدىن كېيىن كۆرۈنگەن ئاي ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى شەبان ئېيىنىڭ 29- كۈنى شامدىن كېيىن ئاي كۆرۈشكە چىقىپ، ئاينى كۆرسە روزا تۇتۇشقا، ئەگەر ھاۋا بۇلۇتلۇق ياكى تۇمانلىق بولغان سەۋەبتىن ئاينى كۆرگىلى بولمىغاندا، شەبان ئېيىنى 30 كۈن قىلىپ تولۇقلاپ، ئاندىن روزا تۇتۇشقا، رامىزاننىڭ 29- كۈنى شامدىن كېيىن شەۋۋالنىڭ ئېيىنى كۆرۈشكە چىقىپ، ئاي كۆرۈنسە ئەتىسى ھېيت قىلىشقا، ئەگەر ھاۋا بۇلۇتلۇق ياكى تۇمانلىق بولغانلىقتىن ئاينى كۆرەلمىسە رامىزان ئېيىنى 30 كۈن قىلىپ تولۇقلاپ، ئاندىن ھېيت قىلىشقا بۇيرىغان. بۇنىڭغا بىنائەن، ئەگەر رامىزاننىڭ 29- كۈنى ئەتىگەندە ئاي كۆرۈنسە بۇ ئاي ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى شامدىن كېيىن كۆرۈنگەن ئايلا ھېساب قىلىنىدۇ.   ئۈچىنچى بۆلۈمروزىنىڭ ئەھكاملىرى روزىنىڭ مەنىىسى:روزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى- ئۆزىنى بىر نەرسىدىن مەنئى قىلىش دېمەكتۇر. روزىنىڭ شەرىئەت ئىستېمالىدىكى مەنىسى - تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ قۇياش پاتقانغا قەدەر، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن يېمەك- ئىچمەك ۋە جىنسىي ھەۋەستىن ئۆزىنى مەنئى قىلىش دېمەكتۇر. روزىنىڭ ھەقىقىتىروزىنىڭ ھەقىقىتى - ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مەنئى قىلغان: جېدەل- ماجرا قىلىش، يالغان سۆزلەش، غەيۋەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىش، كىشىلەرنى ئالداش ۋە باشقىلارغا ئازار قىلىش قاتارلىق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە رامىزان روزىسىنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىنىڭ غايىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالا مەنئى قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى ئارقىلىق تەقۋالىق مەرتىۋىلىرىگە يېتىشلىرى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:﴿ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار (بۇ ئارقىلىق تەقۋالىق مەرتىۋىلىرىگە يۈكسىلىشىڭلار ) ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان) روزىسى پەرز قىلىندى﴾(بەقەرە سۈرىسى 183- ئايەت).پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ روزىنىڭ ھەقىقىتى- ئەزالارنى ۋە تىلنى ئاللاھ تائالا مەنئى قىلغان بارلىق يامان ئىشلاردىن ساقلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: » روزا كىشىنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. سىلەرنىڭ ھېچ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈنىدە جىنسىي ئالاقە قىلمىسۇن، گۇناھ ئىشلىمىسۇن، يامان سۆز قىلمىسۇن، سۆزلىگەندە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرمىسۇن. بىرەرسى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن جېدەل قىلماقچى بولسا «مەن روزىدارمەن، مەن روزىدارمەن»دېسۇن. ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىپار، ئەنبەردىنمۇ ئارتۇق خوشپۇراقلىقتۇر. روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن ئىككى چوڭ خوشاللىق باردۇر: بىرى، ئۇنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى خوشاللىقى، يەنە بىرى، ئاللاھ تائالاغا مۇلاقات بولغان ۋاقتىدىكى خوشاللىقىدۇر» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا راۋا كۆرمەيدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىش ئارقىلىق روزىسىنى بىكار قىلىۋېتىپ، روزا تۇتتۇم دەپ بىھۇدە ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق دەردى چەككىنىگە ھېچقانداق ساۋاب تاپالمايدىغان ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى ناھايىتى زۆرۈردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇخىل كىشىلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «بەزى كىشىلەر روزا تۇتتۇق دەپ ئۆزلىرىنى بىھۇدە ئاچ قويغان بولۇپ، تۇتقان روزىسىدىن ھېچقانداق ساۋاب تاپالمايدۇ»(ئىبنى ماجە رىۋايىتى).يەنە بىر ھەدىستە:«روزا تۇتتۇم دەپ يالغان سۆز قىلىشنى، كىشىلەرنى ئالداشنى تەرك قىلالمىغان كىشىنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنى تەرك ئەتكىنىگە ئاللاھ تائالانىڭ ھاجىتى يوقتۇر» (بۇخارى رىۋايىتى).يەنى: روزىدا يالغان سۆزلەش، كىشىلەرنى ئالداش ۋە مۇندىن باشقا ئاللاھ تائالا مەنئى قىلغان پۈتۈن ئىشلاردىن توسالماي تۇرۇپ، يېمەك- ئىچمەكتىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن توسالغانلىق روزا تۇتقانغا ياتمايدۇ ۋە بۇنداق روزىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلمايدۇ، دېگەنلىكتۇر. روزا كىملەرگە پەرز بولىدۇ؟يىلدا بىر ئاي رامىزان روزىسىنى تۇتۇش- ھەرقانداق مۇسۇلمان، ئاقىل، بالىغ كىشى ئۈچۈن پەرزدۇر. چۈنكى ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنىشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى: مۇسۇلمان بولۇش، ئاقىل ۋە بالىغ بولۇشتىن ئىبارەتتۇر، شۇڭا كاپىرلار ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنىشقا لايىق ئەمەس، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە چاھارپايلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلارغا مۇنداق باھا بېرىدۇ: ﴿ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى كاپىرلىقىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، ئىمان ئىيتمايدىغانلاردۇر﴾ (ئەنفال سۈرىسى 55- ئايەت).ھەقىقەتەن، ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونۇمىغانلار ھايۋاندىنمۇ بەتتەر مەخلۇقلاردۇر.ئەمما ئاقىل، بالىغ بولمىغانلارغا كەلسەك، بۇلار شەرىئەتنىڭ تەكلىپلىرىدىن ئەپۇ قىلىنغانلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنانى مۇنداق ئىپادىلىگەن:« ئۆچ خىل كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلدى (يەنى ئۇلارغا گۇناھ ياكى ساۋاب يېزىلمايدۇ): ئۇخلىغان كىشىدىن تاكى ئۇ ئويغانغىچىلىك، نارىسىدە بالىلاردىن تاكى ئۇلار بالاغەت يېشىغا يەتكىچىلىك، ئەقلى يوقالغان كىشىدىن تاكى ئۇ، ئەقلىگە كەلگىچىلىك» (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى). روزا تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى:روزا تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى: تېنى ساق بولۇش، مۇقىم (سەپەر ئۈستىدە بولماسلىق)، ئاياللارنىڭ ھەيز (ئايلىق ئادىتى) ۋە نەپاس (تۇغۇتلۇق ھالى) دىن پاك بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. ئايال كىشى ئەگەر ھەيز ياكى نەپاسنىڭ قانلىرىدىن پاك بولمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر روزا تۇتسىمۇ، تۇتقان روزىسى قوبۇل ئەمەس. ئايال كىشىلەر رامىزاندا ھەيز ياكى نەپاس سەۋەبى بىلەن تۇتالمىغان روزىسىنى رامىزاندىن باشقا قايسى بىر ئايدا، تۇتالمىغان بىر كۈنىگە بىر كۈندىن ھېسابلاپ تۇتىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇھەقتە مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا، ھەيز كۆرگەن كۈنلىرىمىزدە تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، ئەمما (ھەيز ۋە نەپاس سەۋەبىدىن ئوقۇيالمىغان) نامازلىرىمىزنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلمايتتۇق»(بۇخارى رىۋايىتى). روزىنىڭ پەرزلىرىروزىنىڭ پەرزلىرى ئىككى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:1 - يېيىش- ئىچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى مەنئى قىلىش. 2 - پەرز روزا ئۈچۈن تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن نىيەت قىلىش.بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:روزىنىڭ بىرىنچى پەرزى، روزا تۇتقان كىشىنىڭ تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ، كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ۋاقىت ئىچىدە، يېيىش- ئىچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن توسۇلۇشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿ تاكى تاڭنىڭ ئاق يېپى قارا يېپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار﴾ (بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت). ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتقان ۋاقىتلىرىدا، تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ، كۈن پاتقىچىلىك، يېيىش- ئىچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزلىرىنى مەنئى قىلىشلىرىغا ئەمىر قىلغان.مۇلاھىزە: رامىزان روزىسى پەرز قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكتىن، رامىزان كېچىلىرى ئاياللىرىغا يېقىنلاشمايتتى. بەزى كىشىلەر سەۋر قىلالماي رامىزان كېچىلىرىدە ئاياللىرىغا يېقىنلىشىپ قويىدۇ. ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا بىر ئاي جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۇزاقلىشىش قىيىن تۇيۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا كەڭچىلىك ۋە ئاسانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رامىزان كېچىلىرىدە ئاياللىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشلىرىغا رۇخسەت قىلىپ، مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلىدۇ: ﴿روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەر ئەر- ئايال ئارىلىشىپ ياشايسىلەر، كىيىم بەدەننى ئىسسىق- سوغۇقتىن ساقلىغاندەك، سىلەرمۇ بىر- بىرىڭلارنى گۇناھ ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلايسىلەر، خۇددى كىيىم سىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرىڭلارنى ياپقاندەك، سىلەرمۇ بىر- بىرىڭلارنىڭ ئېيىپلىرىنى ياپىسىلەر). ئاللاھ تائالا ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئالدىغانلىقىڭلارنى بىلدى. ئاللاھ تائالا تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يېپى قارا يېپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار﴾(بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت).روزىنىڭ ئىككىنچى پەرزى، تاڭ ئاقىرىشتىن بۇرۇن روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن نىيەت قىلىنمىغان روزا ھېسابقا ئېلىنمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام«ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى پەقەت نىيەتلەر بىلەن بولىدۇ، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسىگە يېتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن (بۇخارى رىۋايىتى).نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. پەقەت دىلدا روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىش يىتەرلىكتۇر.نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش شەرت ئەمەس، ئەمما دىلدىكى نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش ئەۋزەلدۇر. نىيەتنىڭ ھەقىقىتى- ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى كۆزلەپ روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ۋە شۇ مەقسىتىگە بىنائەن ئاغزىنى ياپقان كىشى ھەقىقىي روزىدار كىشىدۇر.روزىدا نىيەتنىڭ پەرز بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى- ئىبادەتنى ئادەتتىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئىنسان گاھىدا پەرھىز سەۋەبى بىلەن ياكى تاپالمىغانلىقتىن ياكى ئىشى ئالدىراش بولۇپ، ۋاقتى يەتمىگەنلىكتىنمۇ بەزىدە كۈن بويى يېمەك- ئىچمەكتىن توسۇلىدۇ. بۇ ھالەتتە ئۇنى روزىدار دىيىشكە بولمايدۇ. نىيەت پۈتۈن ئەمەل- ئىبادەتلەر ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ رامىزان روزىسىدا نىيەت مۇھىم پەرزلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:«تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ»(تىرمىزى رىۋايىتى).يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىز، رامىزان روزىسى، قازا ۋە كاپارەت روزىلىرى ئۈچۈندۇر. ئەمما نەپلە (ئۆز ئىختىيارى بىلەن تۇتۇدىغان) روزىنىڭ نىيىتىنى شۇ كۈننىڭ پېشىن ۋاختىغىچىلىك قىلسا بولىدۇ. بۇھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنۇ ھەدىسىنى رىۋايەت قىلىدۇ: « بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيۈمگە كىردى ۋە- يەيدىغان بىر نەرسە بارمۇ؟ -دەپ سورىدى، مەن- يوق- دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ- ئۇنداقتا، مەن روزا تۇتتۇم-دېدى»(مۇسلىم رىۋايىتى). نىيەتتە روزىنىڭ تۈرىنى تەيىنلەش مەسىلىسى:رامىزان ئېيىنىڭ روزىسى ياكى نەپلە روزىلار ئۈچۈن نىيەت قىلىشتا، روزىنىڭ تۈرىنى تەيىنلەش شەرت ئەمەس، يەنى «بۈگۈنكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇشقا نىيەت قىلدىم» ياكى « نەپلە روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلدىم » دەپ، تۇتماقچى بولغان روزىنىڭ تۈرىنى نىيەتتە تەيىنلەش تەلەپ قىلىنمايدۇ. بەلكى «ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلدىم» دەپ نىيەت قىلىش يىتەرلىكتۇر. چۈنكى رامىزان ئېيىدا رامىزان روزىسىدىن باشقا روزا تۇتۇلمايدۇ. بۇ ئايدا تۇتۇلغان قانداقلا روزا ئۆزلىكىدىن رامىزان روزىسىغا كىرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تۈرىنى ئوچۇقلاشقا ھاجەت قالمايدۇ. ئەمدى، نەپلە روزىلارغا كەلسەك، نەپلە روزىلارنى تۇتۇشنىڭ مۇئەييەن بىر ۋاقتى يوقتۇر. شۇڭا ئۇنىڭغا نىيەت قىلىشتا، مۇتلەق روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلسىمۇ يىتەرلىكتۇر. ئەمما رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى، كاپارەتنىڭ روزىسىنى ۋە نەپلە ئۈچۈن تۇتۇپ، بۇزىۋاتقان روزىسىنىڭ بەدىلىنى تۇتماقچى بولغان كىشى ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا تۇتماقچى بولغان روزىسىنىڭ تۈرىنى نىيەتتە تەيىنلىشى شەرتتۇر. روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار: روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى: روزىنى بۇزۇش بىلەن بىرگە قازا ۋە كاپارەتنى لازىم قىلىدىغان ئامىللار. ئىككىنچىسى: روزىنى بۇزۇش بىلەن بىرگە قازانىلا لازىم قىلىدىغان ئامىللار. بىرىنچى، قازا بىلەن كاپارەتنى لازىم قىلىدىغان ئامىللار:روزا تۇتقان كىشىنىڭ رامىزان كۈندۈزىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى، يېيىشى، ئىچىشى روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازا بىلەن كاپارەتنى لازىم قىلىدۇ. كاپارەت- ماددىي جازا دېمەكتۇر. ئۆزۈرسىز ھالدا رامىزان روزىسىنى قەستەن بۇزغان كىشىنىڭ مۇشۇ دۇنيادا بۇ گۇناھىنى يۇيۇشى ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدىلى كاپارەت دەپ ئاتىلىدۇ. كاپارەتتىن ئىبارەت بۇ جازا- بىر قۇلنى ئازات قىلىش، ئەگەر ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئىككى ئاي ئارقا-ئارقىدىن، ئۈزمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە يوقسۇللاردىن ئاتمىش كىشىگە بىرقېتىم تاماق بېرىش بىلەن ئادا تاپىدۇ.قازا- ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغان ئىبادەتلەرنى باشقا بىر ۋاقىتتا ئادا قىلىش دېمەكتۇر. روزىنىڭ قازاسى بىر كۈنگە بىر كۈن روزا تۇتۇش بىلەن ئادا تاپىدۇ. روزىسنى بۇزغان كىشىگە قازانىڭ لازىم كېلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، رامىزان كۈندۈزىدە روزىسىنى بۇزغان كىشى، بۇ بىر كۈنلۈك روزىنى يوققا چىقارغان بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىنىڭ رامىزاندىن باشقا كۈنلەردە ئۆزىنىڭ بۇزغان روزىسىنىڭ بىر كۈنىگە بىر كۈندىن ھېسابلاپ روزا تۇتۇشى ئۇنىڭ رامىزاندا بۇزغان روزىسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:﴿كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن﴾(بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت).چۈنكى روزا تۇتۇپ، ئۇنى بۇزىۋەتكەن كىشى روزا تۇتمىغانغا ئوخشاشتۇر. شۇڭا بۇنداق كىشىگە قازا لازىم كېلىدۇ. ئەمما مۇنداق كىشىگە كاپارەتنىڭ لازىم كېلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، روزا تۇتقان كىشى رامىزان كۈندۈزىدە، ھېچ بىر زورلانماستىن، بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن ھالدا روزىسىنى بۇزۇش ئارقىلىق مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ ھۆرمىتنى بۇزغان بولىدۇ. شۇڭا مۇنداق كىشىگە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بەلگىلىگەن جازاسى ئېغىر بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بۇزغان ھەربىر كۈنى ئۈچۈن بىر قۇلنى ئازات قىلىش، ئەگەر ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئىككى ئاي ئارقا- ئارقىدىن ئۈزمەي روزا تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئىككى ئاي ئىچىدە بىرەر كۈننى روزىسىز ئۆتكۈزۈپ قويغان كىشنىڭ تۇتقان بارلىق روزىسى بېكار بولۇپ كېتىدۇ. مۇنداق ۋاقىتتا، ئۇ كىشى ئىككى ئايلىق بۇ روزىنى قايتىدىن باشلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. ئىككى ئاي ئارقا- ئارقىدىن روزا تۇتالمايدىغان كىشى يوقسۇللاردىن ئاتمىش كىشىنى ئۆزى يەيدىغان نورمال تاماق بىلەن بىرقېتىم غىزالاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ كاپارەتنى ئادا قىلىدۇ.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق، بىر ئادەم كېلىپ، - يا رەسۇلۇللاھ! مەن ھالاك بولدۇم- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: - سېنى نېمە ھالاك قىلدى؟- دەپ سورىۋىدى، بۇ ئادەم:- مەن روزىدار تۇرۇپ ئايالىمغا يېقىنچىلىق قىلىپ قويدۇم- دەپ جاۋاب بەردى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:- بىر قۇل ئازات قىلالامسەن؟ -دەپ سوئال قويدى، ھېلىقى ئادەم،- ياق- دەپ جاۋاب بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇنىڭدىن،- ئىككى ئاي ئارقا- ئارقىدىن روزا تۇتالامسەن- دەپ سورىدى، ئۇ ئادەم- ياق - دەپ جاۋاب بەردى، يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن،- 60 پېقىرغا تائام بېرەلەمسەن- دەپ سورىۋىدى بۇ ئادەم- ياق-دېدى، بۇ ئارىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچ نەرسە دېمەي تۇرۇۋىدى، ئۇنىڭغا بىر تاغار خورما كەلتۈرۈلدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :- سۇئال سورىغان كىم؟-دەپ نىدا قىلىۋىدى، ھېلىقى ئادەم- مەن يا رەسۇلۇللاھ- دەپ ئورنىدىن تۇردى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا،- بۇنى ئال ۋە سەدىقە قىلىۋەت- دېدى، ھېلىقى ئادەم- يا رەسۇلەللاھ! بۇنى مەندىنمۇ پېقىر بىرسىگە سەدىقە قىلامدىمەن؟ ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،مەدىنىدە مېنىڭ ئائىلەمدىنمۇ پېقىر ئائىلە يوق- دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمنىڭ سۆزىگە كۈلۈپ كەتتى، ھەتتا چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالدى، ئاندىن - بولدى، بۇنى ئېلىپ كېتىپ ئائىلەڭگە سەدىقە قىل- دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام» (بۇخارى رىۋايىتى).بۇ ھەدىس، رامىزان روزىسىنى بۇزغاننىڭ كاپارىتىنى بايان قىلغان. كاپارەت- بۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگەن تەرتىپ بويىچە ئادا قىلىنىدۇ، يەنى بىر قۇل ئازات قىلىش، ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە، ئىككى ئاي ئۈزمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە، 60 پېقىرغا تائام بېرىش ئارقىلىق ئادا تاپىدۇ. مۇلاھىزە:1 - بۇ ھەدىستە رامىزان روزىسىنى بۇزغانلىقنىڭ كاپارىتى ئۈچۈن، رامىزان كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغانلىق مەسىلىسىلا كۆرسىتىلگەن. شۇڭا شاپىئىي ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرى بۇ ھەدىسقىلا ئاساسلىنىپ، رامىزان كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىش ئارقىلىق روزىسىنى بۇزغان كىشىگە كاپارەت بىلەن قازا كېلىدۇ. ئەمما يېيىش ياكى ئىچىش ئارقىلىق روزىسىنى بۇزغان كىشىگە كاپارەت كەلمەيدۇ، بەلكى قازا لازىم كېلىدۇ، دەپ قارار قىلىدۇ. ئەمما ھەنەفىي ۋە مالىكى مەزھەبلىرى رامىزان روزىسىنى مەيلى جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن بۇزسۇن، مەيلى يېيىش ياكى ئىچىش بىلەن بۇزسۇن، ھەر ھالەتتە كاپارەت ۋە قازا لازىم كېلىدۇ، چۈنكى رامىزان كۈندۈزىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، يېيىش ۋە ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردۇر، دەپ قارا قىلىدۇ. بۇلار ھەدىستە بايان قىلىنغان يېقىنچىلىق مەسىلىسىگە، يېيىش ۋە ئىچىشلەرنى قىياس قىلىش( ئوخشىتىش) ئارقىلىق بۇ ھۆكۈمنى چىقارغان. بۇ مەسىلىدە، ھەنەفىي ۋە مالىكى مەزھەبلىرىنىڭ كۆرۈشلىرى كۈچلۈكتۇر، چۈنكى كاپارەت رامىزان ئېيىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىيالمىغانلىق ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بىر جازا بولغان ئىكەن، رامىزان روزىسىنى مەيلى جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن بۇزسۇن، مەيلى يېيىش ياكى ئىچىش بىلەن بۇزسۇن ھەر ئىككى ھالەتتە ئۇ، رامىزان ئېيىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغان بولىدۇ. مەسىلىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىشتا قىياس بىلەن ئىش كۆرۈش ئىسلام فىقھىشۇناسلىقىنىڭ پرىنسىپلىرىدىن بىرىدۇر. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ، رامىزان كۈندۈزىدە يېيىش- ئىچىش بىلەن روزىسىنى بۇزغان كىشى ئۈچۈن كاپارەتنى بەلگىلىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان، دېمەك ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ قىياس ئارقىلىق ھۆكۈم قىلغان.2 - جىنسىي مۇناسىۋەت سەۋەبى بىلەن لازىم كەلگەن كاپارەت ئەر- ئايال ھەر ئىككىسىگە لازىم كېلىدۇ. ئەگەر ئەر كىشى ئايالىغا زورلۇق بىلەن ياكى ئايالى ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا يېقىنچىلىق قىلغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا كاپارەت ئەر كىشىگىلا كېلىدۇ، ئايال كىشىگە كەلمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىلمەستىن، ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن ۋە زورلانغانلىقتىن ئىشلەنگەن خاتالىقلار ئەپۇ قىلىندى»دېگەن (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).3 - كاپارەت پەقەت رامىزان روزىسىنى بۇزغانلىق ئۈچۈنلا لازىم كېلىدۇ، ئەمما رامىزان روزىسىدىن باشقا، قازا، كاپارەت ۋە نەپلە روزىلارنى بۇزغانغا كاپارەت كەلمەيدۇ. چۈنكى كاپارەت رامىزان ئېيىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ، مۇبارەك ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلىق ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بىر جازا بولغانلىقتىن، ئۇ، پەقەت رامىزان ئېيىغىلا خاستۇر.  ئىككىنچى، قازانىلا لازىم قىلىدىغان ئامىللار:1 - ئادەتتە يېيىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كېتىشى، مەسلەن: قۇم، تۇپراق، كۆپ مىقداردىكى تۇز قاتارلىقلارنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كېتىشى روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازانى لازىم قىلىدۇ.2 - قارنىدىكى يېمەكلەرنى چىقىرىش ئۈچۈن قەستەن قۇسۇش روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازانى لازىم قىلىدۇ. ئەمما ئىختىيارسىز ھالدا قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن:«ئىختىيارسىز قۇسقان كىشىگە قازا كەلمەيدۇ، قەستەن قۇسقان كىشىگە قازا لازىم كېلىدۇ»(ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).3 - ئىپتارنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى گۇمان قىلىپ، ئېغىزىنى ئىپتاردىن بۇرۇن ئېچىۋاتقان ياكى تاڭ يورۇمىدى دېگەن گۇمان بىلەن تاڭ يورۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ يېيىشنى داۋام قىلغان كىشىگە قازا لازىم كېلىدۇ.4 - روزىدار كىشىنىڭ قەستەن ئېھتىلام بولۇشى، يەنى روزىدار كىشىنىڭ ئايالىنى سۆيگەنلىكى ياكى قۇچاقلىغانلىقى سەۋەبتىن مېنى (سىپېرم)نىڭ ئېتىلىپ چىقىشى ياكى قولى بىلەن ئۇنى قەستەن چىقىرىشى روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازانى لازىم قىلىدۇ.5 - قورسىقىدىكى ياكى بېشىدىكى يارىغا دورا قۇيۇش بىلەن، بۇ دورا ئۇنىڭ ئىچىگە ياكى گېلىغا كىرىپ كەتكەن بولسا، بۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە قازا لازىم كېلىدۇ. چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:«روزا (ئادەتتىكى كىرىش ئورگانلىرى ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىچىگە) كىرگەن نەرسىلەر بىلەن بۇزۇلىدۇ»دېگەن ھەدىسىنى رىۋايەت قىلغان.6 - بۇرۇنغا، قۇلاققا دورا تېمىتىش روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازانى لازىم قىلىدۇ. چۈنكى قۇلاق ۋە بۇرۇندىن كىرگەن نەرسىلەر ئېغىزدىن كىرگەنگە ئوخشاشتۇر. شۇنىڭدەك، تومۇرغا سېلىنغان قۇۋۋەت ئۇكۇللىرى روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازانى لازىم قىلىدۇ. ئەمما بەدەننىڭ قايسى بىر يېرىگە سېلىنغان نورمال ئۇكۇللار روزىنى بۇزمايدۇ. چۈنكى بۇرۇن، ئېغىز ۋە قۇلاقتىن باشقا ئەزالار ئادەتتە، ئىچ قىسىمغا سىرتتىن بىرنەرسە قوبۇل قىلىش ئەزالىرىدىن سانالمايدۇ. شۇنىڭدەك كۆزگە سۈرمە تارتىش بىلەنمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ. كۆزىگە تېمىتىلغان دورا ئەگەر گالغا ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:« بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ،- يا رەسۇلەللاھ! كۆزۈم ئاغرىۋاتىدۇ، مەن روزىدارمەن، كۆزۈمگە سۈرمە تارتسام بولامدۇ؟- دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام- ھەئە، بولىدۇ- دەپ جاۋاب بەردى » (تىرمىزى رىۋايىتى).7 - ئاياللارنىڭ رامىزان كۈندۈزىدە ھەيز كۆرۈشلىرى ياكى توغۇشلىرى روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازانى لازىم قىلىدۇ. چۈنكى ئاياللارنىڭ روزىسىنىڭ دۇرۇس بولۇشىنىڭ شەرتى ئۇلارنىڭ ھەيز ۋە نەپاسلاردىن پاك بولۇشىدۇر. روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن مەكرۇھ بولىدىغان ئىشلار:مەكرۇھ - گۇناھغا يېقىن بولغان، ئەمما ئۇنى سادىر قىلىش بىلەن ئەمەل- ئىبادەت بۇزۇلمايدىغان، بەلكى ئەمەل- ئىبادەتنىڭ سۈپىتىگە دەخىل يەتكۈزىدىغان ئىشلار دېمەكتۇر. ھەر ھالدا مەكرۇھ دېيىلگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش ياخشىدۇر.روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن مەكرۇھ بولىدىغان ئىشلار: بىر نەرسىنىڭ تەمىنى تېتىش، چايناش، ئاغزىغا تۈكرۈكنى يىغىپ يۇتۇش، ئەگەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىغا ئىشەنچ قىلالمىسا ئايالىنى قۇچاقلاش، سۆيۈش، تاماقنىڭ تۇزىنى تىلنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ تېتىش، شۇنىڭدەك روزىدار ئانىنىڭ بالىسىغا نان چايناپ بېرىشى قاتارلىقلاردۇر. ئەگەر نان ئانىنىڭ گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسە روزىسى بۇزۇلىدۇ. بوۋاققا نان چايناپ بېرىدىغان باشقا ھېچكىم بولمىغاندا، ئانىسىنىڭ روزىدار بولسىمۇ چايناپ بېرىشى جايىزدۇر.  روزىدا ئېسىدە يوق يەپ ياكى ئىچىپ قويغان كىشىنىڭ ھۆكمى:روزىدار كىشى ئېسىدە يوق ھالدا بىرنەرسە يەپ قويسا ياكى ئىچىپ قويسىمۇ، ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. بەلكى روزىسىنى داۋام قىلدۇرىدۇ، روزىسى دۇرۇستۇر، ئۇنىڭغا قازامۇ كەلمەيدۇ. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: » كىمكى روزىدارلىقى ئېسىدە يوق ھالدا بىرنەرسە يەپ قويسا ياكى ئىچىپ قويسا روزىسىنى بۇزمىسۇن، ھەقىقەتەن ئۇ، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان رىزىقتۇر «(تىرمىزى رىۋايىتى). يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: « بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ،- يا رەسۇلۇللاھ! مەن روزىدار تۇرۇپ، ئېسىمدە يوق ھالدا يەپ- ئىچىپ قويدۇم،- دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: - ئاللاھ تائالا سېنى غىزالاندۇرۇپتۇ، ۋە سۇغۇرۇپتۇ- دەپ جاۋاب بەردى » (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).مۇلاھىزە:روزىدا خاتالاشقان كىشى بىلەن ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ پەرقى شۇكى، روزىدارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ھالدا، ئېسىدە يوق يەپ، ئىچىپ قويغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇنىڭغا قازامۇ لازىم كەلمەيدۇ. ئەمما روزىدا خاتالاشقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە قازا لازىم كېلىدۇ. مەسىلەن : تاڭ ئاقاردى دەپ گۇمان قىلىپ، تاڭدىن كېيىنمۇ يېيىش- ئىچىشىنى داۋام قىلىۋەرگەن ياكى كۈن پاتتى دەپ گۇمان قىلىپ، ئىپتاردىن بۇرۇن ئېغىزىنى ئاچقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا قازا لازىم كەلگەنگە ئوخشاش. روزا تۇتقۇچىلارغا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار روزا تۇتقۇچىلارغا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:1 - مىسۋاك قوللىنىش. روزىدار كىشىنىڭ ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە، ھۆل ياكى قۇرۇق ھەرتۈرلۈك مىسۋاكلارنى قوللىنىشى جايىزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:«مىسۋاك قوللىنىش- ئېغىزنى پاكلايدىغان، ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدىغان خىسلەتتۇر» (نەسائىي رىۋايىتى). يەنە بىر ھەدىستە: «ئۈممىتىمگە قىيىن كەلمەيدىغان بولسا ئىدى، ئۇلارغا ھەر ناماز ئۈچۈن مىسۋاك قوللىنىشنى پەرز قىلغان بولاتتىم» دەيدۇ (بۇخارى رىۋايىتى).2 - روزىدار كىشىنىڭ كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىشى ۋە دورا تېمىتىشى جايىزدۇر. چۈنكى كۆز ئادەتتە، ئىچ قىسىمغا سىرتتىن بىرنەرسە قوبۇل قىلىش ئەزالىرىدىن سانالمايدۇ. ئەگەر كۆزگە تېمىتىلغان دورىنىڭ تەمى گالغا ئۆتۈپ كەتكەن ھالەتتىمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى گالغا ئۆتكەن نەرسە دورىنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئەسىرى سانىلىدۇ. ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئىككى كۆزى ئۇممە سەلىمە سۈرۈپ قويغان سۈرمە بىلەن تولغان ھالدا چىقتى، چۈنكى كۆز ئىچ قىسىمغا نەرسە قوبۇل قىلىش ئەزالىرىدىن ئەمەس. گالغا ئۆتۈپ كەتكەن نەرسە ئۇنىڭ ئەسىرىدۇر، ئۆزى ئەمەس»(تۆھفەتۇلفۇقەھا 1- جىلد 562- بەت)3 - روزىدار كىشىنىڭ رامىزان كۈندۈزىدە يۇيۇنۇشى ياكى ئىسسىقتىن سۆرۈنلەش ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلۈشى جايىزدۇر. بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. بۇھەقتە ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد ساھابىلاردىن مۇنۇ ھەدىسىنى رىۋايەت قىلغان :« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روزا كۈندۈزىدە، ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى ياكى ئۇسسۇزلۇق سەۋەبىدىن بېشىغا سۇ تۆكۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق » (ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايىتى). 4 - روزىدار كىشىنىڭ كۈندۈزدە ئېغىز- بۇرنىغا سۇ ئېلىپ چايقىشى جايىزدۇر. روزىسىنى بۇزمايدۇ. ئېغىزنى چايقىغاندا سۇنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت توغرىلىق سورالغاندا :« يۇيۇشقا تېگىشلىك بولغان ئەزالارنى تولۇق يۇيۇسەن، بارماقلارنىڭ ئارىسىنى سۇ بىلەن سىلايسەن، ئېغىز- بۇرنۇڭغا سۇ ئالغاندا تولۇق ئالىسەن، ئەگەر روزىدار بولغان ۋاقتىڭدا (سۇنىڭ گېلىڭغا كىرىپ كېتىشىدىن) ئېھتىيات قىلغىن» دەپ جاۋاب بەرگەن (تىرمىزى رىۋايىتى). ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، روزىدار كىشى ئېغىز- بۇرنىنى چايقىغاندا سۇ ئۇنىڭ گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسە ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئۆزىنىڭ روزىدار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئېھتىيات قىلمىغانلىقى ئۈچۈن قەستەن روزىسىنى بۇزغان كىشىگە ئوخشاش سانىلىدۇ، دەپ قارار قىلىدۇ.بۇ ماۋزۇدا، باشقا مەزھەب ئالىملىرىنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلىنىپ دەيمىزكى، بۇنداق كىشى روزىدا خاتالاشقان بولۇپ سانىلىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇنىڭ بۇزۇلغان روزىسى ئۈچۈن قازا لازىم كېلىدۇ، لېكىن ئۇ گۇناھكار بولمايدۇ. كاپارەتمۇ كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ، روزىسىنى قەستەن بۇزغان ئەمەس.5 - داۋالىنىش مەقسىتى بىلەن بەدەننىڭ قايسى بىر يېرىگە بولمىسۇن ئۇكۇل سالدۇرۇش ئارقىلىق روزا بۇزۇلمايدۇ. ئەمما غىزالىنىش ياكى كۈچلىنىش مەقسىتى بىلەن قۇۋۋەت ئۇكۇل سالدۇرسا روزىسى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭدەك ئىنساننىڭ ئالدى ۋە كەينىدىن ئىبارەت ئىككى ئەۋرەت ئەزاسىنىڭ قايسى بىرىگە دورا قويۇشى بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ.6 - روزىدار كىشى ئۈچۈن خۇشپۇراق گۈللەرنى، ئەتىرلەرنى پۇراش جايىزدۇر. چۈنكى ئادەمنىڭ ئىچىگە ئۆتكەن ھىدلار ئاشقازانغا بارمايدۇ. شۇڭا خۇشپۇراقلارنى قوللىنىش روزىغا ھېچقانداق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى پايدىلىقتۇر. بۇھەقتە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«روزا تۇتقان كۈنۈڭلاردا خۇشپۇراقلارنى قوللىنىشنى ۋە چېچىڭلارنى تاراشنى ئۇنۇتماڭلار» (بۇخارى رىۋايىتى).7 - روزىدار كىشى جىنابەتتىن يۇيۇنۇش ئىشىنى تاڭ ئاتقاندىن كېيىنكى ۋاقىتلارغىچە كېچىكتۈرسىمۇ بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان كۈنلىرىنىڭ بەزىسىدە، بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن جىنابەتتىن يۇيۇنۇپ، ئاندىن روزىنى داۋاملاشتۇراتتى» (تىرمىزى رىۋايىتى).بۇ ھەدىس، جۇنۇپ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن جۇنۇپ بولغان كىشىنىڭ بامدات نامىزىنى قازا قىلماسلىق ئۈچۈن تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ، پاكلىنىشى لازىم. ئەگەر ئۇ، تاڭدىن بۇرۇن يۇيۇنماي، كۈندۈزى يۇيۇنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇستۇر. ئەمما بامدات نامىزىنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ئايال كىشى ئەگەر كېچىدە ھەيزدىن پاكلىنىپ، روزا تۇتقان ۋە يۇيۇنۇشنى كۈندۈزگىچە كېچىكتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇستۇر. ئەمما بامدات نامىزىنى كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ. روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن مۇستەھەب بولىدىغان ئىشلار:مۇستەھەب- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئورۇنلىغان ئەمەللەر دېمەكتۇر. مۇستەھەب ئەمەللىرىنى ئورۇنلىغان كىشى سۈننەت ئەمەللىرىنى ئورۇنلىغاننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ. مۇستەھەب- تەكىتسىز سۈننەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ.روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن مۇستەھەب بولىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:1 - سۇھۇرسۇھۇر- تاڭ ئاقىرىشتىن بۇرۇن يېيىش، ئىچىش دېمەكتۇر. سوھۇرلۇق يېيىشنىڭ مۇستەھەب ئىكەنلىكى ۋە سوھۇرلۇق يېيىشنى تەرك ئەتكەنگە گۇناھ بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى ئىتتىپاقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار... ﴾. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« سوھۇرلۇق يەڭلار، ئۇنىڭدا بەرىكەت باردۇر»(بۇخارى رىۋايىتى).سوھۇرلۇقتىن ئېغىزىنى يېپىشىنى تاڭ ئاقىرىشقا ئازراق قالغان ۋاقىتقىچىلىك كېچىكتۈرۈش سۈننەتتۇر.سۇھۇرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى توغرۇلۇق زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سوھۇرلۇق يېدۇق، ئاندىن ئۇ، نامازغا تۇردى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن- سۇھۇر بىلەن ئەزاننىڭ ئارىلىقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىدۇ؟- دەپ سورىۋىدىم، ئۇ،- قۇرئان كەرىمدىن ئەللىك ئايەت ئوقۇپ بولغىچىلىك ۋاقىت ئۆتىدۇ،- دەپ جاۋاب بەردى»(بۇخارى رىۋايىتى ).2 - ئىپتارغا ئالدىراشروزىدار كىشىنىڭ قۇياش پېتىشى بىلەن تەڭ كېچىكمەستىن ئىپتار قىلىشى مۇستەھەبتۇر. سەھل ئىبنى سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىشىلەر ئىپتار قىلىشقا ئالدىرىغانلىقىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ھەمىشە كۆرگۈچىدۇر» (بۇخارى رىۋايىتى).ئىپتارنى كۈن پېتىشى بىلەن ھامان قىلىشنىڭ ئەۋزەل بولۇشىدىكى ھېكمەت: روزا تۇتقان كىشىنىڭ زىيادە ماغدۇرسىزلانماسلىقى ۋە ئىپتارنىڭ يەھۇدى، خرىستىئانلارنىڭ ئىپتار قىلىش ئادەتلىرىگە ئوخشاپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇلار روزا تۇتسا ئىپتارنى كۈكتە يۇلتۇزلار كۆرۈنگەنگە قەدەر كېچىكتۈرىدۇ.3 - ئىپتارنى خورما بىلەن قىلىشئىپتار قىلغاندا ئېغىزنى خورما بىلەن، ئەگەر خورما بولمىسا سۇ بىلەن ئېچىش مۇستەھەبتۇر. سەلمان ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«سىلەر ئىپتار قىلغىنىڭلاردا، ئېغىزىڭلارنى خورما بىلەن ئېچىڭلار، چۈنكى خورما بەرىكەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر خورما بولمىسا، سۇ بىلەن ئېچىڭلار، چۈنكى سۇ پاك ماددىدۇر» (تىرمىزى رىۋايىتى).ئىپتارنى ناماز شامنى ئوقۇشتىن بۇرۇن قىلىش ياخشىدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاۋۋال ئىپتار قىلاتتى، ئاندىن كېيىن شام نامىزىنى ئوقۇيتتى» (مۇسلىم رىۋايىتى). شام نامىزىنى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، غىزالىنىش كېرەك. ئەگەر قۇرساق قاتتىق ئاچقان بولسا ياكى تاماق ھازىر بولۇپ قالغان بولسا، ئاۋۋال غىزالىنىپ بولۇپ، ئاندىن نامازغا تۇرۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى قورساقنى تويغۇزۇپ، كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزۇپ، ئاندىن ناماز ئوقۇمىغاندا ، كۆڭۈل غىزا بىلەن مەشغۇل بولۇپ قىلىپ، نامازدىكى دىققەتكە نوقسان يېتىشى ئېھتىمال. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «غىزا ھازىرلىنىپ بولغان بولسا، ئاۋۋال غىزالىنىپ، ئاندىن نامازغا تۇرۇڭلار، غىزالىنىشنى كېچىكتۈرمەڭلار» (بۇخارى رىۋايىتى).4 - ئىپتار ۋاقتىدا دۇئا قىلىشئىپتار ۋاقتىدا قىلىنغان دۇئا رەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئىجابەت قىلىنىدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتقان بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان كاتتا ئىنئاملىرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن:« شۈبھىسىزكى، روزىدار كىشىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ»(ئىبنى ماجە رىۋايىتى).پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىپتار ۋاقتىدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتتۇم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم ۋە سەن ئاتا قىلغان رىزىق بىلەن ئىپتار قىلدىم» ( ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى ). يەنە مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: « ئى رەھمىتى ھەممىگە كەڭ بولغان ئىلاھىم! سېنىڭدىن گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىڭنى تىلەيمەن» ( ئىبنى ماجە رىۋايىتى).5 - روزا تۇتقۇچىلارنى ئىپتار قىلدۇرۇشروزا تۇتقان كىشىلەرنى ئىپتار قىلدۇرۇش ۋە ئىپتار قىلغۇچىلارنىڭ ئۆي ئېگىسىگە دۇئا قىلىشى مۇستەھەبتۇر. ئاللاھ تائالا روزا تۇتقۇچىغا ۋە ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا كاتتا ئەجىر، ساۋاب بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« كىمكى بىرەر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا روزا تۇتقان ئادەمگە بېرىلگەن ساۋابنىڭ ئوخشىشى بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن روزا تۇتقان كىشىنىڭمۇ ئەجرى ھەرگىز كېمىيىپ كەتمەيدۇ» (ئىبنى ماجە رىۋايىتى). يەنى ئاللاھ تائالا روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا بېرىدىغان ساۋابنى، روزىدارنىڭ ساۋابىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز پەزلىدىن بېرىدۇ دېگەنلىكتۇر.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى سەئىد ئىبنى مۇئازنىڭ ئۆيىدە ئىپتار قىلغىنىدا، مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان : « سىلەردە روزىدارلار ئىپتار قىلدى، تائامىڭلارنى ياخشىلار يېدى، پەرىشتىلەر سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىش ئۈچۈن چۈشتى» (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).سۈننەت شۇكى، كىشى گەرچە نەپلە ئۈچۈن روزا تۇتقان بولسىمۇ، كۈندۈزدە ئۇنى بىلمەستىن بىرسى تاماققا تەكلىپ قىلسا «مەن روزىدارمەن» دەپ چىرايلىقچە رەت قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزىدار ۋاقتىدا تاماققا تەكلىپ قىلىنسا، ”مەن روزىدارمەن“دەپ رەت قىلسۇن»(تىرمىزىي رىۋايىتى). چاقىرىلغان كىشىنىڭ- ئۇ ئەگەر نەپلە روزا تۇتقان بولسا- ئۆي ئېگىسىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن روزىسىنى بۇزۇپ، كېيىن قازاسىنى تۇتۇشى ئەۋزەلدۇر. شۇنىڭدەك نەپلە ئۈچۈن روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۆيىگە كۈندۇزى مېھمان كېلىپ قالغاندا، مېھماننىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن روزىسىنى بۇزۇپ، كېيىن قازاسىنى تۇتۇشى ئەۋزەلدۇر. ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەققىدە:ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇشى، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشى، قۇرئان كەرىمنى تۇتۇشى ۋە كەبىنى تاۋاپ قىلىشى جايىز بولمىغاندەك، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشلىرىمۇ جايىز ئەمەستۇر. ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى، ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ قەتئى توغرا ئەمەسلىكىنى، ئەگەر ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ھالەتتە تۇتقان روزىسىنىڭ بېكار بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەيز ۋە نەپاسلىق ۋاقىتلىرىدا تۇتالمىغان پەرز روزىلىرىنى پاك بولغان باشقا ۋاقىتلاردا تۇتۇشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى قارار قىلىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، ئايلىق ئادەت ئىچىدە بولغان ۋاقىتلىرىمىزدا روزا تۇتمايتتۇق، ناماز ئوقۇمايتتۇق. روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، ئەمما نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلمايتتۇق» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى). كىچىك بالىلارغا گەرچە روزا پەرز بولمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى كېچىكىدىن باشلاپ ئىبادەتلەرگە ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى روزا تۇتقۇزۇش ياخشى ئىشتۇر. رۇبەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« كىچىك بالىلىرىمىزنى روزا تۇتقۇزاتتۇق، مەسچىتكە ئىلىپ باراتتۇق، ئۇلارغا يۇڭدىن ئويۇنچۇقلارنى ياساپ بېرەتتۇق، ئۇلار ئاچلىقتىن يىغلاشقا باشلىغاندا، بۇ ئويۇنچۇقلار بىلەن ئۇلارنى مەشغۇل قىلاتتۇق»(بۇخارى رىۋايىتى).پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىچىك بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئىسلام شەرىئىىتىدە بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى ئورۇنلاشقا كۆندۇرۇشكە ئەمىر قىلغان. بۇ ئۇلارنىڭ، ئۇلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىنمۇ، ئەمەل- ئىبادەتلەرنى قىزغىنلىق بىلەن ئادا قىلىدىغان، شەرىئەتنىڭ تەكلىپلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئېغىر كۆرمەيدىغان بولۇپ تەربىيىلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:«بالىلىرىڭلارنى يەتتە يېشىدا ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئۇلار ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار. ئۇلارنىڭ ياتاقلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار»(ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).بۇ ھەدىستىكى: «ياتاقلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار» دېگەن ئەمىر، قىز- ئۇغۇللار ئون ياشقا كىرگەندە، ئۇلارنىڭ ياتاقلىرىنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ، ئوغۇللارنى ئايرىم، قىزلارنى ئايرىم ئۆيدە ياتقۇزۇڭلار دېگەنلىكتۇر. چۈنكى بالىلار ئون ياشتىن كېيىن بالاغەتكە يېتىشكە باشلايدۇ. قىز- ئوغۇللارنى بۇ ياشلىرىدا ئايرىم ياتقۇزمىغاندا، ئۇلارنىڭ بىر- بىرىدىن ھايا قىلىدىغان، بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئەدەپ- ئەخلاقلىق بولۇپ يېتىلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يېتىدۇ. مۇساپىر ۋە كېسەل كىشىلەر ھەققىدە:ئىسلام دىنى شەرىئىتى كېسەل، مۇساپىر (يەنى يول ئۈستىدە بولغان) كىشىلەر ئۈچۈن رامىزان كۈنلىرىدە روزا تۇتماسلىقنى رۇخسەت قىلغان. كېسەللەر شىپا تاپقاندىن، مۇساپىرلار يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، رامىزاندا تۇتمىغان روزىلىرىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:﴿سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا، رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن، كىمكى كېسەل ياكى مۇساپىر بولۇپ، (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن﴾(بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت).ھەرقانداق كېسەل كىشىنىڭ بۇ كېسەللىكىنى باھانە قىلىپ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت يوقتۇر. كېسەل ئادەتتە ئېغىر كېسەللەردىن بولۇشى ۋە بۇ ھالەتتىكى كېسەل كىشى ئەگەر روزا تۇتسا، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغانلىقى ياكى ساقىيىشىنىڭ كېچىكىپ كېتىدىغانلىقى دوختۇرلارنىڭ ئىپادىسى ياكى تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنلىرى ئارقىلىق ئېنىق بىلىنگەن بولسا بۇنداق كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەتتۇر. ئەمما ئادەتتىكى باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى ۋە رېماتىزىمغا ئوخشىغان يېنىك ئاغرىقلار روزا تۇتماسلىققا ئۆزۈر بولالمايدۇ. بۇنداق ئاغرىغان كىشىلەر روزا تۇتۇشتىن باش تارتالمايدۇ. شۇنىڭدەك روزا تۇتسا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، ياكى كېچە- كۈندۈز دورا ئىچىپ تۇرۇشقا تەۋسىيە قىلىنغانلىقتىن، كۈندۈزى دورا ئىچىمىسە كېسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ياكى شىپا تېپىشىنىڭ كېچىكىپ كېتىشى ئېنىق بولغان كېسەللەرنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەتتۇر. چۈنكى ئىسلام دىنى ئاسانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىردىندۇر. شۇڭا دىندا قىيىنچىلىقلارغا كىشىلەرنى زورلاش يوقتۇر. ئەمەل - ئىبادەتلەردە كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇلىدۇ.مۇساپىرلارنىڭ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتماسلىقى ئۈچۈن سەپەرنىڭ، ئادەتتە نامازنى قەسىر قىلىشقا ئۇيغۇن بولغان سەپەر بولۇشى شەرتتۇر. ئۇ بولسىمۇ ئەڭ ئاز 90 كىلو مېتىر مۇساپىلىك يولغا سەپەر قىلىشىدۇر. ئەگەر سەپەر 90 كىلو مېتىردىن قىسقا مۇساپىلىك بولسا بۇنداق كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى بەلگىلىنىدۇ. چۈنكى قىسقا مۇساپىلىك سەپەردە قىيىنچىلىق بولمايدۇ. مۇساپىرنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت قىلىنىشنىڭ سەۋەبىمۇ يولدىكى ئاز ـ تولا قىيىنچىلىقلارنىڭ يۈزىسىدىن بولسا كېرەك.سەپەر مەيلى رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن باشلانغان بولسۇن، مەيلى رامىزان ئىچىدە باشلانغان بولسۇن ھەر ھالەتتە، رامىزان كۈنلىرىدە سەپەردە بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت باردۇر. ئەگەر كىشى مۇقىم ھالىتىدە رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ، شۇ كۈنى سەپەرگە چىقىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ سەپەرگە چىققانلىقى سەۋەبى بىلەن روزىسىنى بۇزۇشى ھەنەفىي ۋە مالىكى مەزھەبلىرىگە كۆرە، توغرا ئەمەستۇر. بۇنداق قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ. شاپىئىي ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرىگە كۆرە، جايىزدۇر. ئۇنىڭغا پەقەت قازالا لازىم كېلىدۇ. ئەمما پۈتۈن مەزھەبلەردە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلە: مۇقىم ھالىتىدە روزا تۇتۇپ، شۇ كۈنى سەپەرگە چىققان كىشى سەپەردە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسا، مۇنداق كىشىنىڭ روزىسىنى بۇزۇشى جايىزدۇر. كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ ھەدىستۇر: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتھى (ئازات) بولىدىغان كۈنى مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى ۋە ”قۇرائۇلغانىم“ دېگەن يەرگە يېتىپ كەلگەنگە قەدەر روزا تۇتتى، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە روزا تۇتقان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، - روزا كىشىلەرنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈردى، ئۇلار سىزنىڭ نېمە دەپ ئەمىر قىلىشىڭلارنى كۈتمەكتە- دېيىلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئىستاكان سۇنى ئېلىپ كېلىپ پېشىن ۋاقتىدا ئۇنى ئىچتى، كىشىلەر ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ تۇراتتى. شۇندىن كېيىنمۇ بەزى كىشىلەرنىڭ روزىغا داۋام قىلىۋاتقانلىق خەۋىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ، ئۇلار ئاسىيلاردۇر،- دېدى»(مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايىتى).مەككە فەتھى بولغان كۈن رامىزان ئىدى. ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، سەپەردە روزا تۇتسا ئۆزىنىڭ ھاياتىغا زىيان يېتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى ھارامدۇر. ئۇنىڭ بۇ ھالەتتە تۇتماسلىقى پەرزدۇر. شۇنىڭدەك سەپەر مۇساپىسىدە بولمىسىمۇ، جىھادتا بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقى ياخشىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈندۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنى شۇنداق قىلغان. يۇقىرىقىلار رامىزان روزىسى ئۈچۈندۇر. سەپەرگە چىققان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى ئەگەر نەپلە روزىلاردىن بولغان بولسا، ئۇنى بۇزۇش شەرتسىز دۇرۇستۇر. كىشى ئەگەر ساقلىق ھالىتىدە روزا تۇتۇپ، شۇ كۈنى قاتتىق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىق سەۋەبتىن روزىسىنى بۇزسا گۇناھ بولمايدۇ. كېيىن ساقايسا قازاسىنى تۇتىدۇ. مۇساپىر رامىزان ئىچىدە سەپەردىن قايتسا ۋە كېسەل كىشى كېسىلىدىن شىپا تاپقان بولسا، روزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇرۇنقى سەپەر ياكى كېسەل سەۋەبى بىلەن تۇتالمىغان روزىلىرىنى رامىزاندىن باشقا ئايلاردا تۇتىدۇ. رامىزاندا تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ روزىسىنى، رامىزاندىن كېيىنكى ئايدىلا تۇتۇشى شەرت ئەمەس، بەلكى كېلىدىغان رامىزانغىچە قايسى بىر ئايدا تۇتۇپ ئادا قىلسا بولىدۇ. مۇساپىر ئۈچۈن روزا تۇتۇش ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتماسلىقمۇ؟پۈتۈن ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى مۇساپىر كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىنىڭ جايىز (يەنى دۇرۇس) ئىكەنلىكى ۋە ئەگەر روزا تۇتسا تۇتقان روزىسىنىڭ قوبۇل بولىدىغانلىقىدا ئىتتىپاقتۇر. ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن،- سەپەردە روزا تۇتايمۇ ياكى تۇتمايمۇ؟- دەپ سورىۋىدىم، ئۇ،- خالىساڭ تۇتقىن، خالىساڭ تۇتمىغىن،- دەپ جاۋاب بەردى» (بۇخارى رىۋايىتى). ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى«مۇساپىر ئۈچۈن روزا تۇتۇش ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتماسلىقمۇ؟ »دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىختىلاپلاشقان. ھەنەفىي، شاپىئىي ۋەمالىكى مەزھەبلىرىگە كۆرە، روزا تۇتسا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ روزا تۇتقىنى تۇتمىغىنىدىن ئەۋزەل، بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ تۇتمىغىنى تۇتقىنىدىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى رامىزاندا روزا تۇتۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى، سەپەر سەۋەبى بىلەن روزا تۇتماسلىق ئۇنىڭ رۇخسىتىدۇر. شۇڭا رۇخسەتكە ئەمەل قىلغاندىن كۆرە، ئەمىرگە ئەمەل قىلىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، مۇساپىرلارنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت قىلغان ئايەتنىڭ ئاخىرىدا:﴿ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن)ياخشىدۇر﴾ دەيدۇ (بەقەرەسۈرىسى 184- ئايەت). ئەمما ھەنبەلى مەزھىبىگە كۆرە، مۇساپىرنىڭ روزا تۇتمىغىنى تۇتقىنىدىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەمىر- پەرمانلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ياقتۇرغاندەك، رۇخسەتلىرىنىڭمۇ ئىجرا قىلىنىشىنى ياقتۇرىدۇ. مۇساپىرنىڭ روزا تۇتماسلىقى ئاللاھ تائالانىڭ رۇخسىتىدۇر. يۇقىرىقىلار چىققان سەپىرىدە ئارتۇق قىيىنچىلىق ياكى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە مۇشەققەت كۆرمەيدىغان مۇساپىرلارغا خاس ھۆكۈملەردۇر. ئەمما روزا تۇتسا ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغان مۇساپىرلارنىڭ تۇتمىغىنى تۇتقىنىدىن ئەۋزەللىكىدە ئىختىلاپ يوقتۇر، ئەلۋەتتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە كېينكى ساھابىلارنىڭ دەۋرلىرىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزاندا سەپەرگە چىققانلاردىن بەزىسى روزا تۇتاتتى، بەزىسى تۇتمايتتى. تۇتقانلا تۇتمىغانلارنى ياكى تۇتمىغانلار تۇتقانلارنى ئېيىپلىمايتتى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن رامىزان ئايلىرىدا سەپەرلەرگە چىقاتتۇق، روزا تۇتقانلار تۇتمىغانلارنى ياكى تۇتمىغانلار تۇتقانلارنى ئېيىپلىمايتتى»(بۇخارى رىۋايىتى).ئەمما مۇساپىر كىشىنىڭ نەپلە روزا تۇتۇشى جايىز ئەمەستۇر. شەرىئەت تەبىرى بىلەن مەكرۇھتۇر. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر ئۈستىدە ئىدى، ئۇ كىشىلەرنىڭ بىر ئادەمگە كۈننىڭ ئىسسىغىدىن سايا سېلىش ئۈچۈن ئۇ ئادەمنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىۋالغىنىنى كۆرۈپ،- بۇ نېمە ئىش؟- دەپ سورىۋىدى، كىشىلەر،- بۇ ئادەم روزا تۇتقان ئىدى،- دەپ جاۋاب بېرىشتى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام،- سەپەردە روزا تۇتۇش ياخشى ئىشلاردىن ئەمەس- دېدى »(بۇخارى رىۋايىتى). ھامىلدار، بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ۋە ياشىنىپ قالغان كىشىلەر ھەققىدەئىسلام شەرىئىتى ھامىلدار(يەنى ئېغىر ئاياق) ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ئەگەر روزا تۇتسا، ئۆزلىرىنىڭ ياكى بوۋاقلىرىنىڭ ساقلىقىغا زىيانلىق بولۇشىدىن قورقسا، ئۇلارنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ياشىنىپ قالغان ئەر ۋە ئايال كىشىلەرنىڭمۇ روزا تۇتماي، رامىزاننىڭ ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن بىر پېقىر تويغۇدەك مىقداردا فىديە (ماددىي بەدەل) بېرىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:﴿ روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر پېقىر تويغۇدەك فىديە بېرىشى لازىم﴾(بەقەرە سۈرىسى 184- ئايەت). ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مۇنداق دېگەن:« ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ئەگەر روزا تۇتمىسا، ئۇلار قازاسىنى كېيىن تۇتىدۇ. فىديە بېرىشى لازىم كەلمەيدۇ»(«ئەل ئىختىيار» دىن). ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن:«قېرىلىقتىن، ئاجىزلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن روزا تۇتمىغان كىشى ئەگەر شىپا تېپىشىدىن ئۈمىدسىز بولسا، تۇتمىغان ھەربىر كۈنى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك مىقداردا فىديە تۆلەيدۇ» («ئەلمۇغنىي» دىن). ئۈستىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك روزىسى قالغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ھەققىدەرامىزان روزىسىنى تۇتۇش- ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇنى ئۆزى تۇتۇشىغا بۇيرۇلغان پەرز ئەينىدۇر. ئۇ جىسمانىي ئىبادەتتۇر. خۇددى بەش ۋاخ ناماز بىرسىنىڭ باشقا بىرسى ئۈچۈن ئوقۇپ قويۇشى بىلەن ئادا تاپمىغاندەك، روزىمۇ باشقا بىرىنىڭ تۇتۇپ قويۇشى بىلەن ئادا تاپمايدۇ. ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشقان. ھەنەفىي، شافىئىي ۋە مالىكىي مەزھەبلىرىگە كۆرە، بىراۋ ئۈستىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان روزىسى قالغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى تۇتۇپ قويۇشى جايىز ئەمەس، پەقەت ئۆلگۈچىنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنىڭ ھەر بىر كۈنلىكى ئۈچۈن پېقىرلارغا ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىر ۋاخلىق تاماقتىن ھېسابلاپ فىديە بېرىشى ئارقىلىق ئۇنىڭ روزىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. بۇلارنىڭ دەلىلى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان مونۇ ھەدىسىدۇر:«بىر ئايلىق روزىسىنى تۇتالماستىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەر بىر كۈنلىكىگە بىر مىسكىننى تويغۇزسۇن»(تىرمىزى رىۋايىتى). بۇھەدىسنىڭ روھى بويىچە، بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىكى ئىبادەتلىرىنى ئورۇنلاپ قويۇشى جايىز ئەمەس، پەقەت ھەج قىلىپ قويالايدۇ. يەنى بىر كىشى ھەج پەرىزىنى ئادا قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكتىن باشقىسىغا ھاۋالە قىلغان بولسا ياكى ئۆلۈشىدىن بۇرۇن ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلىنىشىنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن باشقا بىرىسىنىڭ ھەج قىلىپ قويۇشى جايىز. ئەمما مۇندىن باشقا ئىبادەتلەرنى بىرىنىڭ باشقا بىرى ئۈچۈن قىلىشى جايىز ئەمەستۇر. ئەمما ھەنبەلى مەزھىبىگە كۆرە، ئۈستىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك روزىسى قالغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ روزىسىنى، ئۇنىڭ تۇغقانلىرى تۇتۇپ قويسا بولىدۇ. بۇلارنىڭ دەلىلى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر:«ئۈستىدە تۇتۇشقا تىگىشلىك روزىسى قالغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى، ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئادا قىلىدۇ» (مۇسلىم رىۋايىتى). كۆپچىلىك ئالىملار بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىنى تەۋىل قىلىپ، بۇنىڭ مەنىسى: تۇغقانلىرى ئۇنىڭ تۇتمىغان روزىسى ئۈچۈن مىسكىنلەرگە تائام بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۈستىدە قالغان روزىنى ئادا قىلىدۇ دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ئۇلار مىسكىنلەرگە تائام بەرسە خۇددى ئۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇپ قويغانغا ئوخشاش بولۇپ، ئۆلۈكنىڭ ئۈستىدىكى تۇتالمىغان روزىلىرى ئادا تاپقان بولىدۇ، دەپ قارار قىلىدۇ. بۇ مەسىلىدە يۇقۇرىدىكى مەزھەبلەرنىڭ قارارلىرى ئەڭ كۈچلۈكتۇر. ئۇ بولسىمۇ، ئۈستىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك روزىسى قالغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن تۇغقانلىرى ئۇنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنىڭ ھەر بىر كۈنىگە بىر مىسكىن تويغۇدەك فىديە بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ روزىسىنى ئادا قىلىدۇ، دېگەن قاراردۇر.پۈتۈن ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى، كېسەللىك ياكى سەپەردە بولغانلىق سەۋەبتىن تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ بولغۇچىلىك ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن روزا تۇتۇش ياكى فىديە بېرىشمۇ لازىم كەلمەيدۇ، دېگەن قاراردا ئىتتىپاقتۇر. فىتىر سەدىقىسى ھەققىدەفىتىر- رامىزاننىڭ سەۋەبى بىلەن پېقىرلارغا بېرىش بەلگىلەنگەن سەدىقە دېمەكتۇر. فىتىر سەدىقىسى ھىجرىيىنىڭ ئىككىنچى يىلى رامىزان روزىسى پەرز بولغاندىن كېيىن، زاكات پەرز بولۇشتىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فىتىر سەدىقىسىنى ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئارپىدىن ياكى خورمىدىن بىرسا (3250 گىرام) بېرىشىنى بەلگىلىگەن.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى). فىتىر سەدىقىسىنىڭ ھۆكمىفىتىر سەدىقىسىنى بېرىش ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە ۋاجىپتۇر. يەنى چوڭ-كىچىك، ئەر- ئايال، ئەقىللىق- ئەقىلسىز ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن تاشقىرى بولغان مال- دۇنىياسىدىن بېرىلىدۇ. ۋاجىبنى ئادا قىلىش پەرزگە ئوخشاش زۆرۈردۇر. ئەمما فىتىر سەدىقىسى بەرمىگەن كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى مۇئەللەقتە قالىدۇ دېگەن رىۋايەت خاتادۇر. بەلكى تۇتقان روزا ھەر ھالەتتە تېگىشلىك ساۋابىنى تاپىدۇ. فىتىر سەدىقىسىنى بەرمىگەن كىشىنىڭ ئۈستىدە بۇ سەدىقە زاكاتقا ئوخشاش قەرز بولۇپ قالىدۇ. بىراق تۇتقان روزىسى دۇرۇستۇر.ھەدىسشۇناس ئالىملار كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا مەشھۇر بولۇپ قالغان »فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلمىغان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى ئۇنى ئادا قىلمىغىچىلىك ئاسمان بىلەن زىمىن ئوتتۇرىسىدا مۇئەللەقتە قېلىپ، ئاللاھ تائالاغا يەتمەيدۇ « دېگەن ھەدىسنى راستىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى ئىسپاتلانمىغان يالغان ھەدىس، دەپ قارار قىلىدۇ. فىتىر سەدىقىسىنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرىفىتىر سەدىقىسىنىڭ ۋاجىپ بولۇپ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن شۇكى، فىتىر سەدىقىسى روزىنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلاش ۋە پېقىرلارغا ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ بۇ روزا ھېيت كۈنىدە خوشال قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىبنى جەرراھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «رامىزان ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسى، ناماز ئۈچۈن سەۋەنلىك سەجدىسىگە ئوخشاشتۇر. سەجدە نامازنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلىغاندەك، فىتىر سەدىقىسىمۇ روزىنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلايدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇ كۈندە (يەنى ھېيت كۈنىدە) پېقىرلارنى نەرسە سوراشتىن بېھاجەت قىلىڭلار.» (دارقۇتنى ۋە ھاكىم رىۋايىتى). فىتىر سەدىقىسى قاچان بېرىلىدۇ؟ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، فىتىر سەدىقىسى روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگىنى قۇياشنىڭ چىقىشى بىلەن ۋاجىپ بولىدۇ. "دۇررۇلمۇختار" دېگەن كىتابتا: «روزى ھېيت كۈنى قۇياش چىقىشتىن بۇرۇن ئۆلگەن كىشىگە فىتىر سەدىقىسى ۋاجىپ بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ھېيت كۈنى قۇياش چىققاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بىرسى ئۈچۈن ياكى دۇنياغا كەلگەن بوۋاق ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسى بېرىش لازىم كەلمەيدۇ، دېيىلگەن».بۇنىڭغا بىنائەن، فىتىر سەدىقىسى ھېيت كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن ۋە ھېيت نامىزىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن بېرىلىدۇ. فىتىر سەدىقىسىنى ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن بېرىش جايىز بولغاندەك، ئۇنى ھېيت كۈنىدىن كېيىن بېرىشمۇ جايىزدۇر. ئەمما ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىت ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن بېرىشتۇر. فىتىر سەدىقىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىفىتىر سەدىقىسى ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، تۆت نەرسىنىڭ بىرىدىن بېرىلىدۇ. ئۇلار: بۇغداي، ئارپا ، خورما، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار. فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بۇغدايدىن يېرىم سا، ئارپا، خورما ۋە قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سادۇر. ئەمما شافىي، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەبلىرىگە كۆرە، فىتىر سەدىقىسى ئاشلىق، زىرائەتلەردىن ۋە يېمەك ئورنىدا قوللىنىلغان خورمىغا ئوخشاش مېۋىلەردىن بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ مىقدارى بىر سادۇر. يەنى فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى ئىراق كەمچەكلىرى بىلەن بىر سادۇر. بىر سا ـ نورمال بويلۇق ئەر كىشىنىڭ ئۇۋۇچلىرى بىلەن تۆت ئۇۋۇچتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بېرىلىدىغان فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بۇ ئېدى. بۇنىڭ مىقدارى كۈنىمىزدە 2751 گىرام، ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، 3250 گىرامدۇر.فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشتا ئاشلىق، زىرائەت ۋە مېۋىلەرنىڭ قايسى بىرىدىن بېرىش دۇرۇس بولغىنىدەك، بەرمەكچى بولغان نەرسىلەرنى پۇلغا ھېسابلاپ قىممىتىنى بېرىشمۇ جايىزدۇر. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىنىڭ ۋاجىپ بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ پېقىرلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن بولغاچقا، ئۇلارغا ئاشلىق ياكى مېۋە بەرگەندىن كۆرە بۇلارنىڭ پۇلىنى بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر. فىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟فىتىر سەدىقىسى زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىمۇ ئىقتىسادى ئىبادەت بولغانلىقتىن، ئۇمۇ زاكاتقا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:﴿زاكات پېقىرلارغا (زاكات بېرەلمەيدىغان كەمبەغەللەرگە)، مىسكىنلەرگە (ھېچ نەرسىسى يوق، ئاجىز يوقسۇللارغا)، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازات قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا، يولدا قالغان پۇلسىز مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ﴾ (تەۋبە سۈرىسى 60 - ئايەت). تۆتىنچى بۆلۈم روزىنىڭ تۈرلىرى روزىنىڭ تۈرلىرىروزا 6 تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت، ھارام، مەكرۇھ ۋە نەپلىدۇر. بۇلارنىڭ تەپسىلى بايانى تۆۋەندىكىچە: پەرز بولغان روزىلارپەرز روزىلار: رامىزان ئېيىنىڭ روزىسى، كاپارەتنىڭ روزىسى ۋە رامىزاندا تۇتالمىغان روزىلارنىڭ قازاسى قاتارلىقلاردۇر. كاپارەتنىڭ روزىسى - رامىزان روزىسىنى قەستەن بۇزغانلىق ياكى قەسىمىنى بۇزغانلىق ياكى ھەجگە ئېھرام باغلىغاندا، ئېھرامغا نۇقسان يېتىدىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلىق سەۋەبتىن جازا ئورنىدا بەلگىلەنگەن روزىدۇر. ۋاجىپ بولغان روزاۋاجىپ روزا: نەپلە ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۇنى بۇزۇۋەتكەنلىك ياكى مەلۇم ۋاقىتتا روزا تۇتىمەن دەپ ئاتىۋاتقانلىق سەۋەبى بىلەن ئۈستىگە يۈكلەنگەن روزا بولۇپ، ئۇنى تۇتۇش ۋاجىپتۇر.  سۈننەت بولغان روزىلار(1) ئەرەفات كۈنىنىڭ روزىسىئەرەفات - زۇلھەججىنىڭ 9 - كۈنى (يەنى ئەتە قۇربان ھېيت دېگەن كۈن)، ئەرەفات كۈنى قەدىر كېچىسىدىن قالسا ئىسلام نەزىرىدە ئەڭ ئۇلۇغ كۈندۇر، چۈنكى بۇ كۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرگە جەم بولۇپ، ھەج پەرزىنى ئادا قىلىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق گۇناھلاردىن پاكلىنىدىغان كۈنىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى بۇ كۈندە روزا تۇتۇشقا تەشەببۇس قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:﴿ ئاللاھ تائالانىڭ ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۆتكەن ۋە كېيىنكى يىلدىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن﴾(تىرمىزى رىۋايىتى).يەنە ئۇ، ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق سورالغاندا:«ئۆتكەن ۋە كېلىدىغان يىلدىكى (ئىككى يىللىق) گۇناھلارنى يوققا چىقىرىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن(مۇسلىم رىۋايىتى).ئەرەفات كۈنىنىڭ روزىسىنى ئەرەپاتتا ھازىر بولمىغانلار يەنى ھاجىلاردىن باشقىلارنىڭ تۇتۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى ئەرەپاتتا بولغان كىشى ئۈچۈن بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ھەقىقەتەن قىيىن كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلاردىن روزا تۇتۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ. بەلكى تۇتماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىكرەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« مەن ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەرەپاتتا تۇرغان ئادەمنىڭ روزا تۇتۇشى ھەققىدە سورىۋىدىم، ئۇ،- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتا بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشىنى مەنئى قىلغان،- دەپ جاۋاب بەردى» (ئىبنى ماجە رىۋايىتى). ئەرەفات كۈنىنىڭ پەزىلىتىئەرەفات كۈنى بولسا، پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەڭ بۈيۈك بايرام كۈنىدۇر. بۇ كۈن زېمىن ئەھلى بىلەن ئاسمان ئەھلىنىڭ (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ) جەم بولىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشىدىغان ئالاھىدە ئۇلۇغ بىر كۈنىدۇر. شۇڭا بۇ كۈندە ئەرەپاتتا ھازىر بولغان كىشىنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ، خۇددى ئانىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىدىكىدەك پاك بولىدۇ. بۇ كۈندە- ئەرەپاتتا بولالمىسىمۇ - روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىككى يىللىق گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. قۇرئان كەرىم قەدىر كېچىسىدە چۈشۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئەرەفات كۈنىدە تاماملانغان. قۇرئان كەرىمدىن ئەڭ ئاخىرىدا چۈشۈش بىلەن ئىسلام دىنى تاكامۇللاشقان ۋە قۇرئان كەرىم پۈتۈنلەنگەن ئايەت بۇ دۇر: ﴿بۇگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم﴾(مائىدە سۈرىسى 3- ئايەت). بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «يەھۇدىلاردىن بىر ئادەم ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ،- ئەي مۆمىنلەرنىڭ سەردارى! سىلەرنىڭ كىتابىڭلاردا بىر ئايەت بار، ئەگەر ئۇ ئايەت بىز يەھۇدىلارغا چۈشكەن بولغان بولسا ئىدى، بىز شۇ ئايەت چۈشكەن كۈننى بايرام كۈنى دەپ ئېلان قىلغان بولاتتۇق،- دېگەندە، ئۆمەر- ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۇ ئايەتنىڭ رەسۇلۇللاھقا چۈشكەن كۈنىنى ۋە سائىتىنى ياخشى بىلىمەن. بۇ ئايەت ئەرەفات كۈنى كەچ ۋاقتىدا چۈشكەن، ئۇ كۈن جۈمە كۈنلۈك ئىدى »(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).دېمەك، جۈمە كۈنلۈكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەپتىلىك بايرام كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغىدۇر. ئەرەفات كۈنى بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك بايرام كۈنىدۇر. قۇرئان كەرىم مۇشۇنداق ئىككى بايرامنىڭ بىرلەشكەن كۈنىدە نازىل بولغاچقا، بۇ كۈن بايرام ئۈستىگە بايرام بولغان ئەڭ شەرەپلىك ۋە قىممەتلىك بىر كۈندۇر. بۇ كۈننى قەدىرلەش ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر. (2) ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى ئاشۇرا- قەمەرىيە ئايلىرىدىن مۇھەررەم ئاينىڭ 10- كۈنى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈندە روزا تۇتاتتى ۋە باشقىلارنىمۇ تۇتۇشقا تەشەببۇس قىلاتتى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگىنىدە، يەھۇدىلارنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ كۈندە روزا تۇتىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇلار جاۋاب بېرىپ،- بۇ كۈن مۇبارەك كۈندۇر، بۇ كۈندە ئاللاھ تائالا مۇسا پەيغەمبەر بىلەن ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، پىرئەۋننى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ سۇدا غەرق قىلغان كۈندۇر. مۇسامۇ بۇ كۈندە روزا تۇتاتتى- دېيىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام -مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئۈچۈن مەن سىلەردىن ھەقلىقمەن،- دەيدۇ ۋە بۇ كۈندە روزا تۇتىدىغان بولىدۇ. باشقىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ.» (بۇخارى رىۋايىتى) ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ بۇ كۈنگە ئالدىدىن ياكى كەينىدىن بىرەر كۈننى قوشۇپ تۇتۇشى سۈننەتتۇر. بۇ، ئىسلامىي روزىنى ئەھلى كىتابلارنىڭ روزىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى يەھۇدىلار ئاشۇرا كۈنىدىلا بىر كۈن روزا تۇتىدۇ. مۇسۇلمانلار ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولسا، مۇھەررەمنىڭ 9-10- كۈنلىرى ياكى 10- 11-كۈنلىرى ئىككى كۈن تۇتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇڭلار، بىراق بۇ روزىنى يەھۇدىلارنىڭ روزىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاشۇرا كۈنىنىڭ ئالدىدىن ياكى كەينىدىن بىر كۈننى قوشۇپ تۇتۇڭلار» (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى). شۇڭا ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتقان ئادەم مۇسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلغان بولۇپ، كۆپ ساۋابقا ئېرىشىدۇ.(3) دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىنىڭ روزىسىدۈشەنبە كۈنلۈكى بولسا، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى، بۇ، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇبارەك كۈندۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئىزھار قىلىش يۈزىسىدىن بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنى ئادەت قىلغان ۋە باشقىلارنىمۇ تۇتۇشقا تەشەببۇس قىلغان. ئۇ، نېمە ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنىدە روزا تۇتىدىغانلىقى توغرىلىق سورالغىنىدا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «بۇ كۈندە مەن دۇنياغا كۆز ئاچتىم، بۇ كۈندە ماڭا ۋەھى كېلىشكە باشلىدى.» (بۇخارى رىۋايىتى).پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، دۈشەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇشىنىڭ غايىسىنى ۋە سەۋەبىنى ئوچۇقلاپ، بۇ كۈن ئۆزىنىڭ دۇنياغا كەلگەن ۋە ۋەھىيىنىڭ باشلانغان كۈنى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. شۈبھىسىزكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ئاللاھنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن تەقدىر قىلغان كاتتا نېمىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىدى.” پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ سائادىتى“ دېگەن سۆزۈمگە بەزىلەر، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ئەمەسقۇ؟ دەپ قايىل بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇلارغا دەيمەنكى: گەرچە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولمىغان بولسىمۇ، ئىسلام دىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھەقىقەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن كەلگەن بىر دىندۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىنىڭ ئادالەتلىك قانۇن، پرىنسىپلىرى سايىسىدا سائادەتكە ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى غەيرىي دىندىكىلەرنىڭمۇ ھەق- ھوقۇقلىرىنى، خۇددى ئۆز تەۋەلىرىنى قوغدىغاندەك قوغداپ، ھىمايە قىلىدىغان، ئادالەتتە چېكىگە يەتكەن بىرلا دىندۇر. تارىخ بۇنىڭغا شاھىتتۇر.﴿ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى گۇناھلاردىن پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى ﴾(ئال ئىمران سۈرىسى 164- ئايەت).گەرچە ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى بىۋاسىتە كۆرۈپ تۇرسىمۇ، دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئاللاھ تائالاغا كۆرسىتىلىدىغان كۈنلەردۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە روزا تۇتاتتى، بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشىنىڭ سەۋەبى توغرىلىق سورالغىنىدا، ئۇ،- ئەمەللەر ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە ئاللاھ تائالاغا كۆرسىتىلىدۇ. بۇ كۈنلەردە ئاللاھ تائالا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. پەقەت بۇ كۈنلەرنى قەدىرلىمىگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىش ئىشى كېچىكتۈرۈلىدۇ،- دېگەن»(ئەھمەد رىۋايىتى).يەنە بىر ھەدىستە، ئۇنىڭ: «دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە ئەممەللەر ئاللاھ تائالاغا كۆرسىتىلىدۇ. مېنىڭ ئەمەللىرىمنىڭ مەن روزىدار ھالىتىمدە كۆرسىتىلىشىنى ياقتۇرىمەن»دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان(تىرمىزى رىۋايىتى).(4) ھەر ئايدىن ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشھەر ئايدىن ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلاتتى. بۇ، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋاب بولىدىغان ئەمەلدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى ھەر ئايدىن ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان ۋە ھەر ئاينىڭ نەپلە روزا تۇتۇش ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل كۈنلىرى قەمەرىيە ئايلىرىنىڭ 13ـ 14ـ ۋە 15ـ كۈنلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ھەر ئاينىڭ بۇ كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ يىل بويى ئۈزمەستىن روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن»(نەسائىي رىۋايىتى).ھەر ئايدىن ئۈچ كۈن نەپلە روزا تۇتقان ئادەمنىڭ يىل بويى ئۈزمەستىن روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ «بىر ياخشى ئىشقا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىش» پرىنسىپى بويىچە؛ بىر كۈنلۈك نەپلە روزا 10 كۈنلۈك روزىغا ، ھەر بىر ئايدىن تۇتۇلغان ئۈچ كۈنلۈك روزا 30كۈنلۈك روزىغا تەڭ كېلىدۇ، يەنى ھەر ئايدىن تۇتقان 3كۈننى 10غا كۆپەيتكەندە،(x10=303)كۈن بولىدۇ. ئاندىن بۇ 30 كۈننى 12ئايغا كۆپەيتكەندە،(x12=36030)كۈن بولىدۇ. شۇڭا ھەر ئايدىن ئۈچ كۈن روزا تۇتقان ئادەم يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋاب تاپىدۇ دەيمىز. (5) شەۋۋال ئايدىن 6 كۈن روزا تۇتۇششەۋۋال- قەمەرىيە ئايلىرىدىن 10- ئاينىڭ ئىسمى. بۇ، رامىزاندىن كېيىنكى ئاي. بۇ ئايدا 6 كۈن روزا تۇتۇش سۈننەتتۇر. مەيلى ئارقا- ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتسۇن، مەيلى پارچە- پارچە تۇتسۇن، شەۋۋال ئېيى ئىچىدە 6 كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋابلىقتۇر. چۈنكى «بىر ياخشى ئىشقا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىش» پرىنسىپى بويىچە: رامىزان ئېيى ئىچىدە تۇتقان 30 كۈن روزا 10غا كۆپەيتىلىپ 300 كۈنگە يەنى (30x10=300 ) گە تەڭ، شەۋۋال ئېيى ئىچىدە تۇتقان 6 كۈن روزا 10غا كۆپەيتىلىپ 60 كۈنگە يەنى (6x10= 60 ) گە تەڭ. ئىككىسىنى قوشقاندا، جەمى 360 كۈن بولىدۇ. شۇڭا رامىزان روزىسىنى تولۇق تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، شەۋۋال ئېيىدىن يەنە 6 كۈن روزا تۇتقان كىشى يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ دەيمىز. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تولۇق تۇتۇپ، يەنە شەۋۋال ئېيىدىن 6كۈن روزا تۇتىدىكەن، خۇددى ئۇ، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ»(مۇسلىم رىۋايىتى). (6) بىر كۈن روزا تۇتۇپ، بىر كۈن ئارا بېرىشنەپلە روزىلارنى بىر كۈن تۇتۇپ، بىر كۈن ئارا بېرىش سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى يىل بويى روزا تۇتۇشتىن مەنئى قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن:« ئۈزمەي يىل بويى روزا تۇتقان ئادەم روزا تۇتمىغانغا ئوخشاشتۇر»(بۇخارى رىۋايىتى). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئۈزمەي يىل بويى روزا تۇتقان كىشىگە روزا ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ - دە، ئۇ كىشى ئۈچۈن روزىنىڭ ئالاھىدىلىكى قالمايدۇ. شۇڭا ئۇ، ئۆزىنى ئاچ ھەم ئۇسسۇز قويغاندىن باشقا ھېچقانداق ساۋاب ياكى پەزىلەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، دېگەنلىكتۇر. ساھابىلاردىن بەزى كىشىلەر يىل بويى روزا تۇتماقچى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇنداق روزا تۇتۇشتىن توسقان ۋە بىركۈن تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق كېلىدىغان روزا- داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىدۇركى، ئۇ، بىر كۈن تۇتۇپ بىر كۈن ئارا بېرەتتى (يەنى تۇتمايتتى)»(تىرمىزى رىۋايىتى). (7) شەبان ئېيىنىڭ روزىسىرامىزان ئېيىنىڭ روزىسىدىن قالسا ئەڭ پەزىلەتلىك روزا شەبان ئېيىنىڭ روزىسىدۇر. چۈنكى بۇ ئاي بەندىلەرنىڭ بىر يىللىق ئەمەللىرى ئاللاھ تائالاغا كۆرسىتىلىدىغان ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئايدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان ئېيىدىن باشقا ئايلاردا بىر ئاي تولۇق روزا تۇتقىنىنى ۋە شەبان ئېيىدىن باشقا بىر ئايدا بۇنچىلىك كۆپ روزا تۇتقىنىنى كۆرمىدىم »(بۇخارى رىۋايىتى). يەنە بىر ھەدىستە، مۇنداق دەپ كەلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچ بىر ئايدا شەبان ئېيىدا تۇتقاندەك كۆپ روزا تۇتمايتتى. ئۇ، شەبان ئېيىنىڭ ھەممىسىنى روزا بىلەن چىقىراتتى. ئۇ ھەمىشە:”كۈچۈڭلار يەتكەن ئەمەللەرنى قىلىڭلار، ھەقىقەتەن، سىلەر ئىبادەت قىلىشتىن زېرىكىپلا قالمىساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ساۋاب بېرىشتىن زېرىكمەيدۇ“ دەيتتى» (بۇخارى رىۋايىتى). ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام - رامىزاننىڭ روزىسىدىن قالسا قايسى ئاينىڭ روزىسى ئەۋزەل؟ - دەپ سورالغىنىدا، ئۇ،- رامىزاننى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن شەبان ئېيىنىڭ روزىسى ئۇلۇغدۇر،- دەپ جاۋاب بەرگەن» (تىرمىزى رىۋايىتى).  ھارام قىلىنغان روزائىسلام شەرىئىتى تۆۋەندىكى كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى ھارام (يەنى مەنئى) قىلغان:(1) روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى روزا تۇتۇش ھارامدۇر. چۈنكى بۇ كۈن رامىزاننىڭ شاراپىتى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا بايرام قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن كۈنىدۇر. بۇ كۈندە ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلەپ بەرگەن زىياپىتىنى قوبۇل قىلىپ، كەڭتاشا يەپ، ئىچىپ ۋە كۆڭۈل ئېچىپ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئادا قىلىش لازىم. بۇ كۈندە روزا تۇتقان ئادەم گۇناھكار بولىدۇ.(2) قۇربان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچىلىك بولغان ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش ھارامدۇر. پۈتۈن ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى روزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدا روزا تۇتۇشنىڭ جايىز ئەمەسلىكىدە ئىتتىپاقتۇر. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشتىن مەنئى قىلغان. چۈنكى روزا ھېيت كۈنى رامىزاننى تۈگىتىپ، ئېغىز ئاچىدىغان كۈنۈڭلار، قۇربان ھېيت كۈنلىرى بولسا، بايرام كۈنلىرىدۇر. بۇ كۈنلەردە قۇربانلىق قىلغان ماللىرىڭلارنىڭ گۆشلىرىدىن يەڭلار» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).ئەمما مالىكى مەزھىبىدە، ھەج قىلىپ قۇربانلىق قىلىشقا ئىقتىسادى يەتمىگەن كىشىلەرنىڭ تەشرىق (قۇربان ھېيتنىڭ 2-3 - 4 -) كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشلىرىغا رۇخسەت قىلىنغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئىبنى ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان: « تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش، پەقەت ھەجدە قۇربانلىق قىلالمىغان ھاجىلار ئۈچۈنلا رۇخسەتتۇر»(بۇخارى رىۋايىتى).ھەجدە قۇربانلىق قىلالمىغان كىشىنىڭ قۇربان ھېيتنىڭ 2- كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچىلىك بولغان تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشلىرى قىلالمىغان قۇربانلىقنىڭ ئورنىغا ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتكەن ئۇڭايلىقلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿(پۇلى يوقلىقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلىقتىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان كىشى ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ﴾(بەقەرە سۈرىسى 196- ئايەت).  مەكرۇھ بولىدىغان روزا(1) ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ، ئاشۇرا كۈنىنى يالغۇز تۇتۇشى مەكرۇھتۇر. سۈننەت ئۇنىڭ ئالدىدىن ياكى كەينىدىن بىر كۈننى قوشۇپ تۇتۇشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەدىسى يۇقىرىدا ئۆتتى.(2) نەپلە ئۈچۈن روزا تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ جۈمە كۈنىنىلا ئايرىپ بۇ كۈندە روزا تۇتۇشى مەكرۇھتۇر. جۈمە كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەپتىلىك بايرام كۈنى. ئىسلام دىنى يالغۇز بۇ بۇ كۈندىلا نەپلە روزا تۇتۇشنى مەنئى قىلغان. سۈننەت شۇكى، جۈمە كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولغان كىشى ئۇنىڭ ئالدىدىن ياكى كەينىدىن بىرەر كۈننى قوشۇپ تۇتۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار جۈمە كۈنىدە روزا تۇتمىسۇن. ئەگەر تۇتماقچى بولسا، جۈمەنىڭ ئالدىدىن ياكى كەينىدىن بىر كۈننى قوشۇپ تۇتسۇن» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، جۈمە كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولغان كىشى ئۇنىڭغا پەيشەنبىنى ياكى شەنبىنى قوشۇپ تۇتۇشى لازىم.(3) شەنبە كۈنىنى ئايرىپ روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « شەنبە كۈنىدە نەپلە روزا تۇتماڭلار، پەقەت رامىزان روزىسىنى، كاپارەت روزىسىنى، قازا روزىلارنى شەنبە كۈنلىرىدە بولسىمۇ تۇتۇڭلار»(تىرمىزى رىۋايىتى). شەنبە كۈنلۈكتە روزا تۇتۇشنىڭ مەنئى قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، شەنبە كۈنلۈك يەھۇدىلارنىڭ بايرام كۈنىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلار بايرام قىلغان كۈنلەردە بايرام قىلىشى، ئۇلار ئۇلۇغلىغان كۈنلەرنى ئۇلۇغلىشى توغرا ئەمەس. بەلكى بىز ئۇلارغا ھېچبىر ئىشتا ئوخشىماسلىققا بۇيرۇلغان. ئاشۇرا كۈنىدە بىر كۈن روزا تۇتۇشنىڭ مەنئى قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتىمۇ بۇ سەۋەبتىن ئىدى.(4) شەك كۈنىدە روزا تۇتۇش چەكلەنگەندۇر. پەيغەمبەر ئۇنىڭدىن مەنئى قىلغان. شەك كۈنى- كىشىلەر ئۇنى شەبان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنىمۇ ياكى رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنىمۇ دەپ شەك قىلىپ قالىدىغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنىڭ مەنئى قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ رامىزان روزىسىنىڭ سانىنى ئۇزارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر دىنىمىز بۇنداق ھۇشيارلىق بىلەن ئىش كۆرمىگەن بولسا ئىدى، كىشىلەر شەك كۈنىنى رامىزانغا قوشۇپ، روزىنىڭ سانىنى 30 كۈندىن ئاشۇرۋالغان بولار ئىدى. چۈنكى بۇرۇنقى ساماۋىيي دىنلارمۇ شۇ سەۋەبتىن ئۆز ئەسلىنى يوقاتقان. بىز ئاي كۆرسەك روزا تۇتۇشقا، ئەگەر ئاي كۆرمىسەك روزا تۇتماسلىققا بۇيرۇلدۇق. ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «شەك كۈنىدە روزا تۇتقان كىشى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ»( تىرمىزى رىۋايىتى).(5) ئىپتارسىز ئۇلاپ روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر. ئەگەر بۇ ئىش روزا تۇتقۇچىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيان يەتكۈزسە ھارامدۇر. ئۇلاپ روزا تۇتۇش ـ روزا تۇتۇپ ئىپتار بولغاندىمۇ ـ ئېغىز ئاچماستىن ياكى سوھۇرلۇق يېمەستىن ئەتىسى ئاخشامغىچە روزىسىنى داۋام قىلدۇرۇش دېمەكتۇر. بۇنداق قىلىش تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولۇشتىن ئاۋۋال دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپتۇر. چۈنكى ئىسلام دىنى ئاسانلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ. ئۆزىنى بىھۇدە قىينىغانلىق ئىبادەتكە ياتمايدۇ. بەلكى ئىبادەت دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىش بىلەن قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۇلاپ روزا تۇتاتتى. چۈنكى ئۇلار تاقەت قىلالايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئۇلاپ روزا تۇتقان ۋاقىتلىرىدا ساھابىلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى مەنئى قىلاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن مەنئى قىلغاندا، ساھابىلار، ـ يارەسۇلۇللاھ! سىز ئۇلاپ تۇتىسىز ئەمەسمۇ؟ ـ دېيىشكەندە ـ ئۇ، مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، ئاللاھ تائالا مېنى(ئۇلاپ روزا تۇتقىنىمدا) ئوزۇقلاندۇرىدۇ ۋە سۇغىرىدۇ ـ دېگەن»( بۇخارى رىۋايىتى).  نەپلە روزىلارنەپلە( ئىختىيارىي) روزىلارنى تۇتۇشنىڭ بەلگىلىك ۋاقىتلىرى يوقتۇر. روزا تۇتۇش ھارام ۋە مەكرۇھ بولغان كۈنلەرنىڭ سىرتىدا، يىلنىڭ قايسى بىر كۈنلىرىدە نەپلە روزىسىنى تۇتۇش جايىزدۇر. نەپلە ئىبادەتلەر ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ رەھمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش مەقسىتىدە قىلىنىدىغان ئىختىيارىي ئىبادەتتۇر. نەپلە ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى كۆپتۇر. بەشىنچى بۆلۈم رامىزاندىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلار رامىزان ئېيى ئىبادەت ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئېيىدۇرمۇسۇلمان كىشى رامىزان ئېيىنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئىبادەتلەرنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئورۇنلاش ۋە دىنى بىلىملەرنى كۆپلەپ ئۆگىنىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە بىر دىنى مەدرىسە ھېسابلىشى لازىم. چۈنكى رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئاي بولغانلىقتىن، بۇ ئاي ئىبادەتكە بېرىلىش، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ھەرتۈرلۈك دىنى بىلىملەرنى تەھسىل قىلىش ئېيىدۇر. بۇ ئايدا قىلغان ياخشىلىقلارغا نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بېرىلىدۇ. چۈنكى رامىزان ئېيى ئىچىدىكى قەدىر كېچىسى ساۋابتا ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان ئىكەن، بۇ ئايدا قىلىنغان بىر ياخشىلىقنىڭ مىڭ ھەسسە بولۇپ يېزىلىشى تەبىئىيدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىغا ئاساسەن، قۇرئان كەرىمدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشىگە ئون ساۋاب يېزىلىدۇ. ئادەتتىكى كۈنلەردە قۇرئان كەرىمدىن بىر ھەرپ ئوقۇغانغا ئون ساۋاب يېزىلسا، رامىزان ئېيىدا ئوقۇلغان قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر بىر ھەرىپىگە ئون مىڭ ھەسسە يەنى (10x1000= 10000) ساۋاب يېزىلىشى ئېنىقتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا پۈتۈن ياخشىلىقلارغا ئالدىرايتتى ۋە كۆپ قىلاتتى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەقەدە قىلىشتا ئەڭ سېخى زات ئىدى. بولۇپمۇ رامىزاندا جىبرائىل بىلەن ئۇچراشقىنىدا تېخىمۇ سېخى بولۇپ كېتەتتى. جىبرائىل ئۇنىڭغا رامىزاننىڭ ھەر كېچىسى ئۇچرىشىپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدىن ئۆگىتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرائىل بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئەڭ سېخى بولۇپ كېتەتتى »(بۇخارى رىۋايىتى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « روزا بىلەن قۇرئان كەرىم قىيامەت كۈنى مۆمىن كىشىگە شاپائەتچى بولىدۇ: روزا دەيدۇ - ئى رەببىم! مەن ئۇنى يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە جىنسىي ھەۋەستىن مەنئى قىلدىم، مېنى ئۇنىڭغا شاپائەت قىلدۇرغىن،- قۇرئان كەرىم دەيدۇ - مەن ئۇنى تاتلىق ئۇيقۇسىدىن مەھرۇم قىلدىم، مېنى ئۇنىڭغا شاپائەت قىلدۇرغىن،- شۇنداق قىلىپ روزا بىلەن قۇرئان كەرىم مۆمىن كىشىگە شاپائەت قىلىدۇ »(ئەھمەد رىۋايىتى). قۇرئان كەرىم ئوقۇش، ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنلاش ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش ھەممە ۋاقىتتا تەلەپ قىلىنىدىغان مۇھىم ئەمەللەردۇر. ئەمما رامىزان ئېيىدا بۇ ئەمەللەرنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ تولۇق ئورۇنلاش ئالاھىدە جىددىي تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى رامىزان ئېيى ئاخىرەتلىك ئۈچۈن مول ھوسۇلنىڭ پەيتىدۇر. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەپسۇسلىنىش بىلەن ئېيتقاندەك، مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ ئاينى غەنىمەت بىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئىزدىمىگەن، نەتىجىدە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغان كىشىدىنمۇ بەخىتسىزرەك بىرسى يوقتۇر! تەراۋىھ نامىزى تەراۋىھ نامىزى ― رامىزان ئېيىدا ئاخشاملىرى خۇپتەندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان 20 رەكئەتلىك نامازدۇر. تەراۋىھ - ئارام ئېلىش، تەنەپپۇس قىلىش دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەر تۆت رەكئەت نامازدىن كېيىنكى ئارام ئېلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. رامىزان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش سۈننەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئايلىرىدا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنى ھېچ تەرك ئەتمىگەن. تەراۋىھ نامىزى رامىزان ئاخشاملىرى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن، ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن جامائەت بىلەن ئوقىلىدۇ. مەسجىدكە چىقالمىغان كىشىنىڭ ئۆيىدە يالغۇز ئوقۇشىمۇ جايىزدۇر. تەراۋىھ نامىزى 20 رەكئەتتۇر. ئۇنى تۆت رەكئەتتە بىرسالام بېرىپمۇ، ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپمۇ ئوقۇش مۇمكىن. تەراۋىھ نامىزىنى كېچىنىڭ يېرىمىغا قەدەر كېچىكتۈرۈش ياخشىدۇر. بىر ئايلىق تەراۋىھ نامىزىدا قۇرئان كەرىمنى خەتمە قىلىش ئايرىم بىر سۈننەتتۇر. بۇ نامازنى كىشىلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويمايدىغان شەكىلدە يېنىك ئوقۇش ئەڭ ياخشىدۇر. تەراۋىھ نامىزىنىڭ ساۋابى كۆپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ تائالا رامىزان روزىسىنى پەرز قىلدى. مەن مۇسۇلمانلارغا رامىزان كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشنى سۈننەت قىلدىم.» (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).ئىمام نەۋەۋىي ھەدىستىكى« رامىزان كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش»تىن تەراۋىھ نامىزى مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىغا پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇنىڭغا بىنائەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« كىمكى رامىزاننى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە بولغان چىن ئىشەنچ ۋە ساۋاب كۆزلىگەن ھالدا ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»دېگەن ھەدىسىتىكى رامىزاننى«ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش» تىن مەقسەت: زامىزاننى كۈندۈزىدە روزا تۇتۇش، كېچىسى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە باشقا ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈش دېگەنلىكتۇر. تەراۋىھ نامىزى توغرۇلۇق بەزى مەسىلىلەر1- تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ، مەسجىدتە ئوقۇش سۈننەت كىفايەدۇر. يەنى بىر مەھەللىدىكى جامائەتنىڭ بىر قىسمى بۇ نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، قالغانلىرى ئۆز ئۆيلىرىدە ئوقۇسىمۇ ئۇلاردىن جامائەت بىلەن ئوقۇش سۈننىتى ساقىت بولىدۇ. ئەمما مەسجىدتە ئوقۇغانلار ھەم تەراۋىھ نامىزىنىڭ ھەم جامائەت بولۇپ ئوقۇغاننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ.(رەددۇلمۇختار 2-توم 55-بەت). 2- بالاغەتكە يەتمىگەن بالىنىڭ تەراۋىھ نامىزىغا ئىمام بولۇشى توغرۇلۇق ئىسلام فىقھىشۇناسلىرى ئىختىلاپلاشقان. بەزىسى دۇرۇس ئەمەس دېگەن قاراشتا بولسا، كۆپ سانلىقى دۇرۇسلىقىنى سۆزلىگەن. بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارنىڭ تەراۋىھ نامىزىغا ئىمام بولۇشىنى دۇرۇس دېگۈچىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى)غا ئىمام بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن. ئەمما پەرز نامازلاردا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئىمام بولۇشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدە ئىسلام فىقھىشۇناسلىرى بىرلىككە كەلگەن.(مۇختەسەر ئەلقۇدۇرى 1-توم 99-بەت).3- تەراۋىھ نامىزىنى خۇپتەندىن بۇرۇن ئوقۇسا ئۇ تەراۋىھ ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ خۇپتەندىن كېيىن ئوقۇش بەلگىلەنگەن نامازدۇر. ئەمما ۋىتىر نامىزىنى تەراۋىھتىن بۇرۇن ئوقۇش جايىزدۇر. (شەرھۇل ھىدايە 269-بەت). رامىزان ئېيىدا جىبرىئىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەلىم بېرىشىھەر رامىزان ئېيىدا جىبرائىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەلىم بېرەتتى ۋە قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭغا ئوقۇتۇپ باشتىن ئاخىر بىر قېتىم تىڭشايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن ئالدىنقى رامىزاندا جىبرائىل ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنى ئىككى قېتىم ئوقۇتۇپ تىڭشىغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن ئولتۇراتتى،(رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى) فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ يېنىغا تەمكىن ھالدا مېڭىپ كەلدى. ئۇنىڭ مېڭىشى خۇددى رەسۇلۇللاھنىڭ مېڭىشىغا ئوخشاپ كېتەتتى. رەسۇلۇللاھ- خوش كەپسىز قىزىم،- دەپ ئۇنى قارشى ئالدى ۋە سول يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ قولىقىغا مەخپى بىر نەرسە دېۋىدى، ھەزرىتى فاتىمە يىغلاشقا باشلىدى، ئاندىن يەنە ئۇنىڭ قولىقىغا بىر نەرسە دېۋىدى، ئۇ كۈلدى. مەن فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن - مەن بۈگۈنكىدەك بىرئاندا غەمكىنلىك بىلەن خوشاللىقنى كۆرمىگەن ئىدىم، رەسۇلۇللاھ سىزگە نېمە دېگەندە يىغلىدىڭىز ۋە نېمە دېگەندە كۈلدىڭىز؟- دەپ سورىۋىدىم، ھەزرىتى فاتىمە - مەن رەسۇلۇللاھنىڭ سىرىنى ئاشكارا قىلمايمەن - دەپ جاۋاب بەردى. كېيىن رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن،- رەسۇلۇللاھ سىزگە شۇ ۋاقىتتا نېمە دېگەن ئىدى؟- دەپ سورىۋىدىم، ـ ئۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ ماڭا،- جىبرائىل ھەر يىلى مېنى بىر قېتىم قۇرئان كەرىمنى تامام قىلدۇراتتى، بۇ يىل ئىككى قېتىم تامام قىلدۇردى، بۇنىڭدىن ئەجىلىمنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، ئائىلەم ئىچىدىن سىز ماڭا بىرىنچى بولۇپ يېتىشىسىز،- دېۋىدى يىغلىدىم، ئاندىن ئىككىنچى قېتىم قولىقىمغا،- پۈتۈن مۆمىنە ئاياللارنىڭ سەردارى بولۇشقا رازى بولمامسىز؟!- دېۋىدى، بۇ ۋاقىتتا كۈلدۈم،- دېدى.» (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن 6 ئايدىن كېيىن ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغان. بۇ ھەدىستىن رامىزاندا قۇرئان كەرىمنى خەتمە قىلىشنىڭ ۋە ئۇنى ئۈگىنىشنىڭ نەقەدەر ئەۋزەل ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ پەزىلىتىپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا كۈنلەرگە نىسبەتەن، رامىزان ئايلىرىدا ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلەتتى ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا تەشەببۇس قىلاتتى. خۇسۇسەن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلىشكە ۋە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزىمۇ بۇ كۈنلەردە ئىبادەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنۇتاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا باشقا كۈنلەردىكىدىن بەك ئىبادەتكە بېرىلەتتى» (مۇسلىم رىۋايىتى). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى يېتىپ كېلىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن ئۇزاقلىشىپ، ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولاتتى، كېچىلىرى ئۇخلىمايتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى كېچىلىرى ئىبادەت قىلىشقا ئۇيغىتاتتى» (بۇخارى رىۋايىتى). يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «رەسۇلۇللاھ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپ قىلاتتى ۋە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا تىرىشىڭلار! دەپ مۇسۇلمانلارنى تەشەببۇس قىلاتتى» (بۇخارى رىۋايىتى).ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھدىن،- ئەگەر مەن قەدىر كېچىسىنىڭ بولىدىغان ۋاقتىنى بايقىسام، بۇ كېچىدە نېمە دەپ دۇئا قىلسام بولىدۇ؟-دەپ سورىۋىدىم، ئۇ ماڭا مۇنۇ دۇئانى ئۈگەتكەن: (‏اَللّهُمّ اِنّكّ عَفُوّ تُحِبّ الْعَفْوَ فاَعْفُ عَنّيِ﴾ يەنى « ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن گۇناھلارنى ئەپۇ قىلىدىغان ۋە ئەپۇ قىلىشنى ياقتۇرىدىغان ئىلاھىمسەن، گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغايسەن» (تىرمىزى رىۋايىتى). قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلەتلىرىئاللاھ تائالا قەدىر كېچىسىنى ئۇلۇغ قىلىپ، ئۇنى رامىزاننىڭ باشقا كېچىلىرىدىن ئالاھىدە شەرەپلىك ۋە خەيرلىك قىلىپ بەلگىلىدى. چۈنكى بۇ كېچە قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرى تۇنجى قېتىم يەرشارىدا پارلاشقا باشلىغان بىر كېچە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كېچىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى تاق كېچىلەرنىڭ بىرىدە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ۋە بۇ كېچىنى تېپىش ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان ھەم ئۆزىمۇ شۇنداق قىلغان. چۈنكى بۇ كېچىدە قىلىنغان ئەمەل- ئىبادەتلەر پەزىلەتتە ۋە ساۋابتا مىڭ ئايلىق ئەمەل- ئىبادەتتىن ئارتۇقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿قەدىر كېچىسى (پەزىلەت ۋە ساۋابتا) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر ﴾ دەيدۇ (قەدىر سۈرىسى 3- ئايەت). دېمەك، قەدىر كېچىسى مىڭ ئايغا تەڭ بولغان ئىكەن، ئۇ بىر ئىنساننىڭ ئۆمرىدىن 83 يىلغا تەڭ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىر ئىنسان 83 يىل ھەمىشە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان تەقدىردىمۇ، بىرىمىزنىڭ قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگىنىمىزنىڭ ساۋابى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا 83 يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەلدۇر، ئەلۋەتتە.شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەرىمنىڭ پارلاق نۇرى ئىسانىيەتنىڭ قەلبلىرىگە نۇر چېچىشقا باشلىغان بۇ كېچە، باشقا ھەرقانداق كېچىلەردىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىكتۇر. ھېچقانداق كېچە ئۇنىڭغا تەڭ بولالمايدۇ. لېكىن شۇنى ياخشى بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق ئۇلۇغ ئاينىڭ، ھەرقانداق ئۇلۇغ كۈن ياكى كېچىنىڭ ۋە ھەرقانداق ئۇلۇغ سائەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ياخشىلىقلىرى، پەقەت ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىپ، ئۇنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنالىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئەمما بۇ كېچىنى قەدىرلىمەي، ئۆزىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدا جىمىقىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ كېچىنىڭ باشقا كېچىلەردىن ھېچبىر پەرقى يوقتۇر. قەدىر كېچىسى ئىسلام مىللىتىگە بېرىلگەن ئىمتىيازدۇرئىمام خەتتابىي قەدىر كېچىسىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىسلام مىللىتىگە مەخسۇس ئاتا قىلىنغان بىر كاتتا ئىمتىياز ئىكەنلىكىگە پۈتۈن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنى قۇرئان كەرىم بىلەن شەرەپلەندۈردى. قۇرئان كەرىم بولسا، ئىسلام مىللىتىنىڭ ئەڭ مۆتۈۋەر دەستۇرىدۇر. ئىمام مالىك ئۆزىنىڭ « ئەلمۇۋتتەء» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ياشىغان ئۆمۈرلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۈممەتلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ بۇرۇنقىلارنىڭ ئۆمرىگە نىسبەتەن قىسقا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۈممەتلىرىنىڭ بۇ قىسقا ئۆمرىدە بۇرۇنقىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى قىلالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەندە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈممىتىگە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسىنى ئاتا قىلغان.» ("ئەلمۇۋتتە" دىن).ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنىڭ قايسى كېچىدە ئىكەنلىك ۋاقتىنى بىزگە مەلۇم قىلمىغان. بۇ، كىشىلەر شۇ كېچىنى تېپىش مەقسىتى بىلەن رامىزان كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتكە بېرىلسۇن ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى ۋە قۇرئان كەرىمدىكى ئۇنى ئوقۇپ نېمە تىلسە بېرىلىدىغان ئىسمۇلئەزەمنى بىزگە بىلدۈرمىگەن. بۇمۇ كىشىلەرنىڭ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى ۋە ئىسمۇلئەزەمنى تېپىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت دۇئا قىلسۇن ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇسۇن ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر قەدىر كېچىسىنىڭ ۋاقتى، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت ۋە ئىسمۇلئەزەم ئېنىق بىلدۈرۈلگەن بولسا ئىدى، كىشىلەر قەدىر كېچىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا، شۇ سائەتتىلا دۇئا قىلىشقا، ئىسمۇلئەزەمنىلا ئوقۇشقا ئۈگىنىۋېلىپ، باشقىلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولاتتى.ئىمام ئىبنى ھەجەر قەدىر كېچىسىدە بولىدىغان ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «قەدىر كېچىسىنىڭ ئەتىگىنىدە قۇياش شولىسىز چىقىدۇ» ("فەتھۇلبارى" دىن). ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «قەدىر كېچىسىدە ئاسمان تىپ- تىچ، سۈپ- سۈزۈك بولىدۇ، ھاۋا ئىسسىقمۇ ئەمەس سۇغۇقمۇ ئەمەس نورمال بولىدۇ» (ئەھمەد رىۋايىتى). «رۇھۇلبايان» ناملىق تەپسىرنىڭ ئاپتورى ئىبنى خۇزەيمەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ بىر ھەدىسنى بايان قىلىدۇ: « قەدىر كېچىسىدە يەر يۈزىگە تارقىلىدىغان پەرىشتىلەرنىڭ سانى ئۇششاق تاشلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ » ("فەتھۇلبارىي" دىن). فىتىر سەدىقىسى (سەدەقايى پىترى) ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىفىتىر سەدىقىسى (ياكى سەدىقايى فىترى) رامىزان روزىسى ۋە ھېيت خوشاللىقى سەۋەبى بىلەن پېقىرلارغا بېرىش بەلگىلەنگەن سەدىقە بولۇپ، خۇددى نامىزىنىڭ نۇقسانلىرىنى سەجدە سەھۋە تولۇقلىغاندەك، فىتىر سەدىقىسىمۇ رامىزان روزىسىنى تۇتۇشجەريانىدىكى نۇقسانلارنى تولۇقلايدۇ.فىتىر سەدىقىسى بېرىش ۋاجىپ بولغانلار:فىتىر سەدىقىسىنى بېرىش مەيلى چوڭ بولسۇن، مەيلى ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاق بولسۇن، مەيلى باي بولسۇن، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە ۋاجىپتۇر. مۇسۇلمان ئادەم بۇ سەدىقىنى ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ كاپالىتىدىكى ئائىلە ئەزالىرى، ئاتا - ئانىسى قاتارلىق ھەر بىر كىشى ئۈچۈن بېرىدۇ. فىتىر سەدىقىسىنى بېرىش ۋاقتى:فىتىر سەدىقىسى روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگىنى تاڭ ئېتىشى بىلەن ۋاجىپ بولىدۇ. ئۇنى ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن بېرىش ئەۋزەل. ھېيت كۈنلىرى ئىچىدە بەرسىمۇ ياكى رامىزان ئىچىدە بەرسىمۇ بولىدۇ.فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى يېرىم سا (بىر كىلو 625گرام) بۇغداينىڭ ئۆزى ياكى خەلق پۇلىدىكى قىممىتىدۇر.  فىتىر سەدىقىسىنى بېرىلىدىغانلارفىتىر سەدىقىسى زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.فىتىر سەدىقىسىنى بەرمىگەن كىشىنىڭ روزىسى قانداق بولىدۇ؟فىتىر سەدىقىسى روزىدىن ئايرىم بىر ئىبادەت بولۇپ، فىتىر سەدىقىسى بەرمىگەن كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇس، بىراق فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلمىغۇچە بۇ سەدىقە ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىدە قەرز بولۇپ قالىدۇ. ئەمما روزىسىغا دەخلى يەتمەيدۇ. ئالتىنجى بۆلۈم ئېتىكاپ توغرىسىدا ئېتىكاپنىڭ ۋە ئۇنىڭ قائىدە ـ تەرتىپلىرى ئېتىكاپ- ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن مەسجىدتە ئولتۇرۇش دېمەكتۇر. ئېتىكاپنىڭ بۇيرۇلىشىئېتىكاپ قىلىشنى دەسلەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشلىغان. ئۇ، ھەر يىلى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە مەسجىدتە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئېتىكاپ قىلاتتى. كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرى، ئاندىن ساھابىلار ئېتىكاپ قىلىشقا باشلىغان. شۇنداق قىلىپ، ئېتىكاپ ئىسلام دىنىدا ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولۇپ ئورۇن ئالغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېتىكاپنى قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ ئۇنىڭ شەرتلىرى توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا، (كۈندۈزى بولسۇن، كېچىسى بولسۇن) ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار»(بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت).ئېتىكاپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيالىق ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، مەسجىدتە ئولتۇرۇپ تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىبادەتتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپ قىلاتتى. ئۇ، ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى يىلقى رامىزاندا 20 كۈن ئېتىكاپ قىلغان ئىدى»(بۇخارى رىۋايىتى).ئىمام ئەتائىي مۇنداق دېگەن: «ئېتىكاپ قىلغان كىشى، خۇددى پادىشاھتىن سورايدىغان ھاجىتى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تەلمۈررۈپ، ھاجىتىم راۋا بولمىغىچىلىك ھېچ كەتمەيمەن دەپ تۇرىۋالغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بىرى بولغان مەسجىدتە ئولتۇرىدۇ ۋە گۇناھلىرىم مەغپىرەت قىلىنىپ، ھاجەتلىرىم راۋا بولمىغىچىلىك مەسجىدتىن چىقمايمەن، دەپ ئېتىكاپقا داۋام قىلىدۇ»(«ئەلئىختىيار» دىن). ئېتىكاپنىڭ پەزىلەتلىرىئېتىكاپنىڭ پەزىلەتلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. شۇڭا ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچىلىك ھېچ تەرك قىلمىغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلى ئېتىكاپتا كۆپرەك ئولتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئېتىكاپنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدۈرگەن. چۈنكى ئىنسان تۇرمۇشنىڭ تەلەپلىرى ۋە غەپلەتلەر سەۋەبى بىلەن گاھىدا ئاللاھ تائالادىن ئۇزاقلىشىپ قالىدۇ، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئېتىكاپ قىلىش بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا تەرەپكە قايتىشى ۋە دۇنيانىڭ تۈگىمەيدىغان مەشغۇلاتلىرىدىن بىرئاز بولسىمۇ ئازات بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيتىنى كۈچەيتىشى ھەم يۈكسەلدۈرۈشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. ئېتىكاپنىڭ تۈرلىرىئېتىكاپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى: سۈننەت بولغان ئېتىكاپ. يەنە بىرى، ۋاجىپ بولغان ئېتىكاپتۇر.1- سۈننەت بولغان ئېتىكاپ- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن قىلىنىدىغان ئىختىيارى ئېتىكاپتۇر. بۇ ئېتىكاپ ئومۇمەن، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قىلىنىدۇ. باشقا كۈنلەردە قىلسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاساسەن، رامىزاندا ئېتىكاپ قىلاتتى، ئۇنىڭ شەۋۋال ئېيىدا ئېتىكاپ قىلغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنغان. 2- ۋاجىپ بولغان ئېتىكاپ- ئېتىكاپ قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئاتىۋاتقان سەۋەبتىن ۋاجىپ بولىدىغان ئېتىكاپ دېمەكتۇر. مەسىلەن: كىشىنىڭ ئۆز ئۆزىگە :«ئەگەر مەن بۇ كېسەلدىن ساقايسام ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مانچە كۈن ئېتىكاپ قىلىمەن ياكى بۇ ئىمتىھاندىن قازانسام ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مانچە كۈن ئېتىكاپ قىلىمەن» دېگەنگە ئوخشاش ۋەدە بېرىشى ئارقىلىق بۇ ئېتىكاپنى ئورۇنلاش ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولىدۇ. ۋاجىبنى تەرك ئەتكەن كىشى پەرزنى تەرك ئەتكەنگە ئوخشاش گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئۇلار ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن﴾ دەپ ئەمىر قىلىدۇ (ھەج سۈرىسى 29- ئايەت). ئېتىكاپنىڭ شەرتلىرىئېتىكاپنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:1- مەسجىدتە ئولتۇرۇشئېتىكاپنى جامائەت توپلىشىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن سالاھىيەتلىك بولغان مەسجىدتە قىلىش شەرتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى: ﴿سىلەر مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا....﴾ دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئېتىكاپنىڭ مەسجىدلەردە قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئېتىكاپنى ھەمىشە مەسجىدتە قىلاتتى. شۇڭا ئېتىكاپنى ئەرلەرنىڭ مەسجىدلەردە قىلىشى شەرتتۇر، ئۇنى ئۆيدە قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئايال كىشىلەر ئېتىكاپنى ئۆز ئۆيلىرىدە قىلىدۇ. چۈنكى ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، ئاياللارنىڭ مەسجىدلەردە ئېتىكاپ قىلىشى مەكرۇھتۇر. ئەمما شاپىئىي مەزھىبىگە كۆرە، ئايال كىشىمۇ مەسجىدتە قىلىدۇ. ھەنبەلى مەزھىبىگە كۆرە، ئايال كىشىنىڭ ئېرى بىلەن بىرگە مەسجىدتە ئېتىكاپ قىلىشى جايىزدۇر. قانچىلىك ئۇلۇغ مەسجىدتە قىلىنغان ئېتىكاپنىڭ قەدرى شۇنچىلىك ئۇلۇغ بولىدۇ. مەسىلەن: مەسچىدى ھەرەمدە قىلىنغان ئېتىكاپ، باشقا ئادەتتىكى مەسجىدلەردە قىلىنغان ئېتىكاپلاردىن ئۇلۇغ ۋە پەزىلەتلىك بولىدۇ، ساۋابىمۇ كۆپ بولىدۇ.2 - ئېتىكاپنى نىيەت قىلىشھەرقانداق ئەمەل- ئىبادەتلەردە نىيەت قىلىش شەرت بولغىنىدەك، ئېتىكاپ قىلىش ئۈچۈنمۇ نىيەت قىلىش شەرتتۇر. نىيەتنىڭ شەرت قىلىنىشى ئىبادەتلەرنى ئادەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى كىشىلەر ئادەتتە باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈنمۇ مەسجىدلەردە ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنى مەسجىدتە ئولتۇرغىنى ئۈچۈنلا ئېتىكاپ قىلغۇچىلار دېيىشكە بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەمەللەرنىڭ مەقبۇل بولۇشى پەقەت نىيەتلەر بىلەن بولىدۇ، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ»(بۇخارى رىۋايىتى).3 - ئېتىكاپتا روزا تۇتۇشرامىزاندا ئېتىكاپ قىلغان كىشى زادى روزا تۇتماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئېتىكاپ قىلغان كىشىنىڭمۇ، ئەگەر قىلماقچى بولغان ئېتىكاپىنىڭ تۈرى ۋاجىپ بولغان ئېتىكاپلاردىن بولسا روزا تۇتۇشى شەرتتۇر. ئەگەر ئېتىكاپنىڭ تۈرى سۈننەت بولغان ئېتىكاپلاردىن بولغان بولسا، ئۇنىڭدا روزا تۇتۇش شەرت ئەمەس، بىراق تۇتۇش ئەۋزەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىسىز ئېتىكاپ قىلغان ئەمەس. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىتىكاپتىكى كىشىنىڭ كېسەل يوقلىشى، جىنازە نامىزىغا بېرىشى، ئايالىنى تۇتۇشى ياكى يېقىنچىلىق قىلىشى، تەبىئىيي ئېھتىياجىدىن (يەنى تەرەتكە بېرىشتىن ياكى ئېھتىلام بولۇپ قالغان بولسا غۇسلە قىلىشتىن) باشقا ھاجەتلەر ئۈچۈن مەسجىدتىن چىقىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئېتىكاپ پەقەت روزا تۇتۇش بىلەن بولىدۇ. ئېتىكاپ پەقەت چوڭ مەسجىدلەردە قىلىنىدۇ» (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى). 4 - ئاياللارنىڭ ھەيز ۋە نەپاسلاردىن پاك بولۇشى ئېتىكاپ قىلماقچى بولغان ئاياللارنىڭ ھەيز ۋە نەپاسلاردىن پاك بولۇشى شەرتتۇر. ئەگەر ئاياللار ئېتىكاپ ئەسناسىدا ھەيز كۆرۈپ قالسا ياكى تۇغسا، ئېتىكاپتىن ھامان چىقىپ كېتىدۇ ۋە كېيىن پاك بولغاندا خالىسا ئېتىكاپنى كەلگەن يېرىدىن داۋام قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى ئەگەر ئېھتىلام بولۇپ قېلىپ، مەسجىدتە غۇسلە قىلىدىغان جاي بولمىسا، مەسجىدتىن چىقىپ، يۇيۇنۇپ كېلىدۇ ۋە ئېتىكاپنى كەلگەن يېرىدىن داۋام قىلىدۇ. ئېتىكاپنى بۇزىدىغان ئامىللارئېتىكاپنى بۇزىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە:1 - جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشئېتىكاپتا بولغان كىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى ئېتىكاپنى بۇزىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:﴿سىلەر مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا، ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار﴾(بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت).2 - ئەقلىدىن ئايرىلىشساراڭ بولۇش، ئايلىنىش ياكى مەس بولۇش سەۋەبىدىن ئەقلىنى يوقاتقان كىشىنىڭ ئېتىكاپى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى ئېتىكاپ ئىبادەتتۇر. ھەر قانداق ئىبادەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئەقىل- ھۇشىنىڭ جايىدا بولۇشى شەرتتۇر.3 - ئاياللارنىڭ ھەيز كۆرۈشى ياكى تۇغۇشىئاياللارنىڭ ئېتىكاپ ئەسناسىدا ھەيز كۆرۈپ قېلىشى ياكى تۇغۇشى ئېتىكاپنى بۇزىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پاكلىق شەرت بولغاندەك، ئېتىكاپنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈنمۇ ئاياللارنىڭ پاك بولۇشى شەرتتۇر.4 - ئېھتىلامئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشىنىڭ ئايالىنى سۇيۈشى ياكى قۇچاقلىشى نەتىجىسىدە ئېھتىلام بولۇشى ئېتىكاپنى بۇزىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى مۇقەددىمىلەرنى ئىشلىمەستىن، ئىختىيارسىز ھالدا ئېھتىلام بولغان بولسا ئېتىكاپ بۇزۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك گەرچە ئايالىنى قۇچاقلىغان بولسىمۇ ئېھتىلام بولمىغان بولسا يەنە ئېتىكاپ بۇزۇلمايدۇ.5 - مەسجىدتىن چىقىشتەبىئىيي ئېھتىياجلاردىن تاشقىرى ئادەتتىكى ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن مەسجىدتىن سىرتقا چىققان كىشىنىڭ ئېتىكاپى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى ئېتىكاپنىڭ تەقەززاسى مەسجىدتە تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بىرەر كىشىنىڭ ھاياتىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ياكى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەسجىدتىن چىققان كىشىنىڭ ئېتىكاپى بۇزۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك ئەگەر ئۆزى ئولتۇرغان مەسجىد جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدىغان مەسجىدلەردىن بولغان بولسا، ئېتىكاپ قىلغان كىشىنىڭ مەسجىدتىن چىقىپ، جۈمە نامىزىنى ئوقۇشى بىلەن قىلغان ئېتىكاپى بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى جۈمە نامىزىنى ئوقۇش پەرز، ئېتىكاپ قىلىش بولسا سۈننەتتۇر. پەرزنى ئورۇنلاش سۈننەتنى ئورۇنلاشتىن مۇھىمدۇر، ئەلۋەتتە. ئېتىكاپ قىلغان كىشى ئۈچۈن مۇستەھەب بولغان ئىشلارئېتىكاپ قىلىشتىن مەقسەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئاللاھتىن ھاجەتلىرىنى سوراپ ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى مەسجىدكە بەنت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىكەن، ئېتىكاپ قىلغان كىشىنىڭ بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ناماز ئوقۇش، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش، ئىستىغفار ئېيتىش (يەنى تەۋبە قىلىش)، پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئىېيتىش، بىلىم ئۆگىنىش قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىشى مۇستەھەبتۇر. ئېتىكاپ قىلغان كىشى ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلارئېتىكاپ قىلغان كىشىنىڭ ئېلىم- سېتىم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئېتىكاپ قىلغان بولسۇن ياكى قىلمىغان بولسۇن ھەرقانداق كىشىنىڭ مەسجىدنىڭ ئىچىدە ئېلىم- سېتىم ئىشلىرىنى قىلىشى مۇتلەق ھارامدۇر. چۈنكى مەسجىدلەر ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان مۇبارەك جايلاردۇر. بۇ جايلاردا دۇنيالىق سودىلارنى قىلىش خاتادۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مەسجىدتە بىر نەرسە ئېلىش ياكى سېتىش بىلەن سودا قىلغان كىشىنى كۆرسەڭلار، ئۇلارغا "سوداڭلارغا ئاللاھ تائالا بەرىكەت بەرمىسۇن!، مەسجىدلەر تىجارەت قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان ئەمەس" دەڭلار»(تىرمىزى رىۋايىتى). ئاياللار نەدە ئېتىكاپ قىلىدۇ؟ئاياللار ئېتىكاپ قىلماقچى بولسا، ئۇنى نەدە ئولتۇرۇپ قىلىدۇ دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى ئىختىلاپ قىلىشقان. ھەنەفىي مەزھىبىدىن باشقا مەزھەبلەرگە كۆرە، ئايال كىشىمۇ ئېتىكاپنى مەسجىدتە قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿سىلەر مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ۋاقتىڭلاردا...﴾ دېگەن سۆزى ئېتىكاپنى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ھەرقانداق كىشىنىڭ پەقەت مەسجىدتىلا قىلىشى لازىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، ئايال كىشى ئېتىكاپنى ئۆز ئۆيىدە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەسجىدلەردە ئېتىكاپ قىلىشى مەكرۇھتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتىكاپتىن مۇھىم بولغان بەش ۋاخ نامازلارنىمۇ ئاياللارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە ئوقۇشىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئاياللار ئەگەر بىلسە، ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (مەسجىدلەرگە بارغىنىدىن) ياخشىدۇر» دېگەن. بۇ مەسىلىدە ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرۈشى بويىچە ئەمەل قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتىكاپ قىلماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئاياللىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېتىكاپ قىلماقچى بولغىنى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۆۋەتتىكى ئېتىكاپنى تەرك قىلىپ، كېيىن شەۋۋال ئېيىدا قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. بۇ ھەدىسمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارنىڭ مەسجىدلەردە ئېتىكاپ قىلىشىنى ياقتۇرمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سوئاللارغا جاۋابلار1- روزا تۇتۇش ئۈچۈن كالېندار ئەمەس، بەلكى ئاي كۆرۈش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.2- رامىزان روزىسىغا تاڭ يورۇشتىن ئاۋۋال نىيەت قىلىش شەرتتۇر.3- نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش شەرت ئەمەس، بەلكى دىلدا نىيەت قىلىش يىتەرلىكتۇر.4- نەپلە روزا ئۈچۈن شۇ كۈننىڭ پېشىن ۋاختىغىچىلىك نىيەت قىلسىمۇ يىتەرلىكتۇر.5- ئاز مىقداردا بىرنەرسە يېيىش بىلەنمۇ، ھەتتا بىرەر دانە نۇقۇت ياكى بىرتامچە يامغۇرنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنمۇ روزا بۇزۇلىدۇ.6- روزا تۇتقىنى ئېسىدە يوق ھالدا بىرنەرسە يەپ، ئىچىپ قويغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.7- روزا تۇتقان كىشىنىڭ گېلىغا چىۋىن ياكى چاڭ- توزان كىرىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.8- ئۆزىگە ئەتىر چېچىش ياكى گۈللەرنى پۇراش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.9- ئۇششاق تاش ياكى كىچىك چالما چاغلىق نەرسىلەرنى يۇتۇپ سالغان كىشىنىڭمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر كۈنلۈك قازا لازىم كېلىدۇ.10- ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ئەگەر روزا تۇتسا ئۆزلىرىنىڭ ياكى بالىلىرىنىڭ ساقلىقىغا زىيانلىق بولۇشىدىن قورقسا روزا تۇتمايدۇ ۋە كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.11- رامىزان كۈندۈزىدە ئېھتىلام بولۇپ قالغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئۇنىڭغا غۇسۇل قىلىش پەرز بولىدۇ. شۇ ھامان غۇسۇل قىلسىمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.12- روزا تۇتۇش كۈنىنىڭ دۆلەت تەرەپتىن بەلگىلىنىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئاينى كۆرگەن كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى پەرزدۇر.13- شەك كۈنىدە (يەنى كىشىلەر شەبانغا تەۋەمۇ ياكى رامىزانغىمۇ دەپ شەك قىلىپ قالىدىغان كۈن - شەباننىڭ 30 - كۈنىدە) روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.14- دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىنىڭ روزا تۇتىدىغان كۈنى شەك كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغان بولسا، بۇ كۈندە روزا تۇتۇشى مەكرۇھ سانالمايدۇ.15- رامىزان كۈندۈزىدە ئىختىيارسىز قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئەمما قەستەن قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ.16- رامىزان كۈندۈزىدە قان ئالدۇرغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.17- رامىزان كۈندۈزىدە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە تۆت مەزھەبنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە بۇنداق كىشىگە قازا بىلەن كاپارەت لازىم كېلىدۇ.18 - كاپارەت- بىر قۇل ئازات قىلىش، ئەگەر تاپالمىسا ئىككى ئاي ئۈزمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئاتمىش مىسكىنگە بىرۋاخ تاماق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. 19 - رامىزان كۈندۈزىدە يېيىش ياكى ئىچىش ئارقىلىق روزىسىنى بۇزغان كىشىگە ھەنەفىي مەزھىبى بويىچە قازا بىلەن كاپارەت لازىم كېلىدۇ. 20 - ھەيز ياكى تۇغۇت سەۋەبى بىلەن رامىزان روزىسىنى تۇتالمىغان ئاياللار كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. بىراق ئوقۇيالمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدۇ.21 - ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى جايىز ئەمەس. تۇتقان تەقدىردىمۇ ھېسابلانمايدۇ. 22 - رامىزان كۈندۈزىدە ھەيز كۆرگەن ياكى تۇغقان ئاياللارنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. ئۇلار كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ. 23 - سوھۇرلۇق يەۋاتقان ۋاقىتتا بامداتقا ئەزان ئوقۇلغان بولسا ھامان يېيىشنى توختىتىپ نىيەت قىلىش كېرەك. تۇتقان روزا دۇرۇستۇر. 24 - جىنابەتتىن پاك بولۇش ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شەرتتۇر. ئەمما جىنابەت بىلەن روزا تۇتۇش دۇرۇستۇر. 25 - مۇساپىرلارنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت باردۇر. ئەمما تۇتقىنى ئەۋزەلدۇر. 26 - روزا تۇتماسلىق ئۈچۈن سەپەر مۇساپىسىنىڭ85 كىلومېتىردىن كۆپ بولۇشى شەرتتۇر. 27 - روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىنغان كېسەلنىڭ ئادەتتىكى باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى ۋە كۆز ئاغرىقىغا ئوخشىغان يېنىك كېسەللەردىن بولماستىن، بەلكى روزا تۇتسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ئېغىر كېسەللەردىن بولۇشى شەرتتۇر. 28 - زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان سەپەرلەردە بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى مەكرۇھتۇر. 29 - رامىزان كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغان كىشى ئەگەر بۇ ئىشنى ئايالىنىڭ رازىلىقى بىلەن قىلغان بولسا، ئەر- ئايال ھەر ئىككىسىگە كاپارەت كېلىدۇ. ئەگەر ئايالىنىڭ ئىختىيارى بولماستىن مەجبۇرى قىلغان بولسا، ئەر كىشىگىلا كاپارەت لازىم كېلىدۇ.30 - رامىزاننىڭ قازاسىنى تۇتۇشتا ئارقا - ئارقىدىن ئۈزمەي تۇتۇش شەرت ئەمەس. بەلكى پارچە- پارچە تۇتسىمۇ بولىدۇ.31 - كاپارەت پەقەت رامىزاننىڭ روزىسىنى قەستەن بۇزغانلىق ئۈچۈنلا لازىم كېلىدۇ. ئەمما كاپارەت روزىسى قازا روزا ۋە نەپلە روزىلارنى بۇزغانغا كاپارەت لازىم كەلمەيدۇ. 32 - نەپلە ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۇنى بۇزغان كىشى ئۈچۈن ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، قازا لازىم كېلىدۇ. ئەمما باشقا ئۈچ مەزھەبكە كۆرە، بۇ روزا ئىختىيارى روزا بولغانلىقتىن قازا لازىم كەلمەيدۇ. 33 - روزا ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ۋە قۇربان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تۆتىنجى كۈنىگىچىلىك روزا تۇتۇش ھارامدۇر.34 - يالغۇز جۈمە كۈنىدە ۋە يالغۇز شەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر. 35 - ئىپتار قىلماستىن ئۇلاپ روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر. 36 - روزىدار كىشىنىڭ كۈندۈزدە ئايالىنى سۈيۈشى روزىنى بۇزمايدۇ. ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىنىڭ ئايالىنى قۇچاقلىشى مەكرۇھتۇر. 37 - روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزدە ئۆز تۈكرۈكىنى يۇتۇشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ. 38 - روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزدە كۆزىگە سۈرمە تارتىشى ۋە دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك داۋالىنىش مەقسىتى بىلەن بەدىنىگە ئۇكۇل سالدۇرۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. 39 - روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزدە ئېغىزىغا، بۇرنىغا ۋە قۇلىقىغا دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ، شۇنىڭدەك ئالدى ۋە كەينىدىن ئىبارەت ئىككى ئەۋرەت ئەزاسىغا دورا قويۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ. 40 - روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزدە قايسى بىر سەۋەب بىلەن يۇيۇنۇشى بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

المرفقات

2

روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار
روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار