البحث

عبارات مقترحة:

العلي

كلمة العليّ في اللغة هي صفة مشبهة من العلوّ، والصفة المشبهة تدل...

الخالق

كلمة (خالق) في اللغة هي اسمُ فاعلٍ من (الخَلْقِ)، وهو يَرجِع إلى...

الطيب

كلمة الطيب في اللغة صيغة مبالغة من الطيب الذي هو عكس الخبث، واسم...

ئۆمرە پائالىيىتى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات صفة العمرة
ئۆمرى قىلىشقا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

التفاصيل

  ئۆمرە پائالىيىتى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە   31819-نومۇرلۇق سوئال سوئال: ئۆمرى قىلىشقا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟. جاۋاپ: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر.   ئىبادەتنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك شەرت ھازىر بولىشى كېرەك: بىرىنچى: ئىبادەت رىيا-پەخىرلىنىش ۋە دۇنيا مەنپەئەتى نىشان قىلىنمىغان ھالدا خالىس ئاللاھ رازىلىقى ۋە ئاخىرەت ھاياتىنى كۆزلىگەن ھالدا ئىشلىنىشى كېرەك. ئىككىنچى: ئەمەلىي ۋە ئاغزاكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا ئەگىشىش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش سۈننەتنى بىلىش بىلەن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. ئاللاھغا كامىل ئىبادەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى، ھەج-ئۆمرە ياكى باشقا ئىبادەتلەردە بولسۇن، سۈننەتكە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۆگىنىشى لازىم. ئۆمرە پائالىيىتىنىڭ تەپسىلاتىنى سۈننەتتە بايان قىلىنغان بويۇنچە ئىخچاملاشتۇرۇپ بايان قىلىشقا تىرىشىمىز. ئۆمرە پائالىيىتى تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك ئىش بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ: 1-ئېھرام كىيىش. 2-ھەرەم بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىش. 3-ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش. 4-بىشىنىڭ چېچىنى قىسقارتىش ياكى تولۇق ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت. 1- ئېھرام كىيىش: بۇ ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ نىيەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئېھرامغا كېرىشنى مەقسەت قىلغان كىشى سۈننەت بويۇنچە؛ پاكىزە يۇيۇنۇپ، خۇش-بۇي نەرسىلەرنى بىشىغا ۋە ساقاللىرىغا سۈركەش كېرەك، بۇنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ئېھرامغا تەسىرى بولمايدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېھرامغا كېرىشنى مەقسەت قىلغاندا خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتەتتى، ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىدا ۋە ساقىلىدا خۇش-بۇي نەرسىلەرنىڭ چاقنىغىنىنى كۆرەتتىم» دېگەن.(بۇخارىي271). ئېھرامغا كېرىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇنۇش ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۈچۈن ھەتتا ھەيز- نىپاسدار ئاياللار ئۈچۈنمۇ سۈننەتتۇر، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسما بىنتى ئۇمەيسنى  نىپاسدار بولۇپ قالغاندا يۇيۇنۇپ كىيىملەر بىلەن ئورۇنۇپ ئېھرامغا كېرىشكە بۇيرىغان. يۇيۇنۇپ خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئېھرام كىيىمىنى كىيىپ ھەيز- نىپاسدار ئاياللاردىن باشقىلار پەرز نامازنىڭ ۋاقتى بولغان بولسا شۇ نامازنى ئوقۇيدۇ، بولمىسا ئىككى رەكئەت تاھارەت نامىزى ئوقۇپ نامازدىن كېيىن قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلىپ ئېھرامغا كېرىدۇ.(يەنى نىيەت قىلىدۇ) ئېھرام نىيىتىنى ماشىنا-ئاپتوبۇسلارغا چىقىپ ئورنىدىن قوزغالغاندا قىلسىمۇ بولىدۇ. مەككىگە كېرىشتىن ئىلگىرى مىيقاتتىن (يەنى بەلگىلەنگەن جاي) ئېھرامغا كىرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن: «ئى ئاللاھ! مەن ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرامغا كىردىم دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەببەيكە ئېيتقاندەك:«لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيك لەببەيكە لا شەرىكە لەكە لەببەيكە، ئىننەل ھەمدە ۋەننىئمەتە لەكە ۋەلمۇلۇك لا شەرىكە لەكە» دەپ لەببەيكە ئېيتىدۇ، ئەرلەر ئۈنلۈك ئاۋازدا، ئاياللار پەس ئاۋازدا ئېيتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسىدە: «ھازىر مىنىڭ يېنىمغا جىبرەئىيل ئەلەيھىسسالام كېلىپ، مەن بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقانلارنى ئۈنلۈك تەلبىيە ئېيتىشقا بۇيرۇشۇمنى ئېيتتى» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ھەجنىڭ ئەۋزىلى ئۈنلۈك تەلبىيە ئېيتىلغان ۋە ئاللاھ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان ھەج»دېگەن. ئاياللار ئۆز يېنىدا يات ئەرلەر بولمىغاندا يىنىدىكىلەر ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا تەلبىيە ئېيتىدۇ، يات ئەرلەر بولسا ئاۋازىنى چىقارمايدۇ. بىرەر قىيىنچىلىق يۈزبىرىپ ھەجنى ئادا قىلالماسلىقتىن( كېسەللىك، دۈشمەن ياكى چېگرادىن ئۆتەلمەسلىك ياكى ھەرەم چېگرىلىرىدىن كىرگۇزۇلمەسلىك قاتارلىق ئىشلاردىن) ئەنسىرەپ ئېھرامغا كىرگەن كىشى، ئېھرامغا كىرگەندە، «مەن قەيەردە توسۇلۇپ قالسام شۇ يەر مىنىڭ ئېھرامدىن چىقىش ئورنۇم» دېگەن شەرتلىك نىيەتنى قىلىشى كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىبائە بىنتى زۇبەيرنى كىسەل ۋاقتىدا ئېھرامغا كىرگەندە شەرتلىك نىيەت قىلىشقا بۇيرۇپ: «پەرۋەردىگارىڭغا شەرت قىلغان نەرسە سەن ئۈچۈن ئىستىسنا بولىدۇ» دېگەن. بۇخارىيدىن(5089). شەرت بىلەن ئېھرامغا كېرىپ توسۇلۇپ قالغان كىشى ئېھرامدىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ، ئۇ كىشىگە ھېچقانداق جازا كەلمەيدۇ. ئەمما قىيىنچىلىق يۈزبىرىشتىن قورقمىغان كىشىنىڭ شەرت بىلەن ئېھرامغا كېرىشى توغرا ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىبائە بىنتى زۇبەيردىن باشقا كىشىلەرنى شەرت بىلەن ئېھرامغا كېرىشكە بۇيرۇمىغان. ئېھراملىق كىشىلەردىن، زامان-ماكان ئۆزگەرگەندە يەنى كېچە-كۈندۈزدە، ئۈستۈن جايغا چىققاندا ۋە تۆۋەن جايغا چۈشكەندە تەلبىيەنى كۆپ ئېيتىش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە جەننەتنى سوراش، دوزاختىن پاناھ تىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆمرە پائالىيىتىدە تەلبىيە ئېيتىش ئېھرامغا كىرگەندە باشلىنىپ تاۋاپ باشلانغاندا ئاخىرلىشىدۇ. ئىمكانىيەت بولسا مەككە شەھىرىگە كېرىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇش كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ  مەككە شەھىرىگە كىرىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇنۇپ كىرگەن. 2-ھەرەم بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىش: ھەرەم مەسچىتىگە ئوڭ پۇتى بىلەن بىسمىللاھ دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاپ، ئاللاھدىن گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى، رەھمەت-مەغپىرەت ئېشىكىنى ئېچىۋېتىشنى، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىپ كېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەجەر ئەسۋەدكە كېلىپ  مۇمكىن بولسا سۆيۈش، بولمىغاندا قولىدا سىلاش ياكى ئىشارەت قىلىپ تاۋاپنى باشلاش كېرەك. ھەجەر ئەسۋەدنى سىلاشنىڭ پەزىلىتى كاتتا بولۇپ  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ھەجەر ئەسۋەدكە كۆرىدىغان كۆز ۋە سۆزلەيدىغان تىل ئاتا قىلىدۇ، ھەجەر ئەسۋەد ئۆزىنى ھەق بىلەن سىلىغان ۋە سۆيگەن كىشىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. كىشىلەر كۆپ بولسا باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قول بىلەن ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ كېتىش ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «ئى ئۆمەر! سەن كۈچلۈك ئادەم، ھەجەر ئەسۋەدتە قىستاڭچىلىق بولسا باشقىلارغا ئازار يەتكۈزمە، بوش بولسا سۆيگىن، بولمىسا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ كەتكىن». بەيتۇلھەرەمنى سول تەرىپىگە قىلىپ ئوڭ تەرەپتىن ماڭىدۇ، رۇكنۇل يەمانىيغا كەلگەندە(بۇ ھەجەر ئەسۋەدتىن كېيىنكى كەبىنىڭ ئۈچىنچى بۇلىڭى) سۆيمەستىن ۋە تەكبىر ئېيتماستىن مۇمكىن بولسا سىلاپ ماڭىدۇ، مۇمكىن بولمىسا كىشىلەر بىلەن قىستاشماستىن كېتىۋېرىدۇ. ھەجەر ئەسۋەد بىلەن رۇكنۇل يەمانىينىڭ ئارىسىدا: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. ھەر قېتىم ھەجەر ئەسۋەدتىن ئۆتكەندە ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تەكبىر ئېيتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن دۇئا، زىكىرلەرنى ئېيتىدۇ ياكى  قۇرئان ئوقۇيدۇ، چۈنكى كەبىنى تاۋاپ قىلىش ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ تاۋاپتا ئەرلەرنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئىشنى قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ: 1- تاۋاپ باشلىنىپ ئاخىرلاشقىچە ئوڭ دولىسىنى ئىچىۋېتىپ مېڭىش كېرەك، تاۋاپ ئاخىرلاشقاندا دولىسىنى يېپىش لازىم، چۈنكى دولىسىنى ئېچىۋىتىش پەقەت تاۋاپتىلا بۇيرۇلغان. 2- ئەۋۋەلقى ئۆچ قېتىملىق تاۋاپتا سوكۇلداپ مېڭىش كېرەك، قالغانلىرىدا ئادەتتىكىدەك مېڭىش كېرەك. كەبىنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن دولىسىنى يېپىپ ماقامى ئىبراھىمغا كېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ( ئەۋۋەلقى رەكئەتكە قۇليا ئەييۇھەل كاپىرۇننى ئىككىنچى رەكئەتكە ئىخلاس سۈرىسنى ئوقۇش ياخشى) نامازدىن كېيىن مۇمكىن بولسا ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈپ ياكى سىلاش، مۇمكىن بولمىسا ئىشارەت قىلماستىن قايتىش كېرەك. 3- ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش: ساپاغا يېقىنلاشقاندا:«ساپا-مەرۋە ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر» دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە بايان قىلغاندەك: «ئاللاھ باشلىغان ئورۇندىن باشلايمىز»، ساپا تېغىغا چىقىپ كەبىگە قاراپ قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ ئۇنىڭدىن كېيىن خالىغان دۇئالارنى قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساپادا مۇنداق دۇئا قىلغان: «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، پۈتكۈل ھۆكۈمرانلىق ۋە ماختىلىش ئاللاھغا خاستۇر ۋە ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ ئۆز ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، بەندىسىگە ياردەم بەردى، بىرلەشكەن قوشۇننى ئۆزى يالغۇز مەغلۇب قىلدى»  دېگەن دۇئانى ئۈچ قېتىمدىن تەكرارلاپ ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەرۋىگە ماڭىدۇ، يېشىل بەلگە بار جايغا كەلگەندە باشقىلارغا ئازار يەتكۈزمەستىن نورمال يۈگۈرەيدۇ. بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساپا-مەرۋە ئارىسىدا ماڭغاندا قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىشلاردىن. ئىككىنچى يېشىل بەلگىگە يەتكەندە  يۈگۈرۈشتىن توختاپ مەرۋىگە ئادەتتىكىدەك ماڭىدۇ، مەرۋىدە ساپادا قىلغان دۇئالارنى تەكرارلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ساپاغا قايتىدۇ بۇنى ئىككى تەرەپكە يەتتە قېتىم بېرىش ئارىسىدا تەكرارلايدۇ، ساپاغا بارسا بىر بولىدۇ، مەرۋىگە كەلسە ئىككى بولىدۇ، بۇ ئارىلىقتا قۇرئان ئوقۇسىمۇ ياكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن دۇئالارنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ئاگاھلاندۇرۇش: « ساپا-مەرۋە ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر» دېگەن ئايەتنى ئەۋۋەلدە ساپاغا يېقىنلاشقاندا ئوقۇيدۇ، باشقا ۋاقىتلاردا ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. 4- بىشىنىڭ چېچىنى قىسقارتىش ياكى تولۇق ئالدۇرۇش: ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش تاماملانغاندىن كېيىن ئەر كىشى بىشىنىڭ چېچىنى تولۇق ئالدۇرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ، لېكىن تولۇق ئالدۇرۇش تولۇق قىسقارتقاندىن ياخشى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىشىنىڭ چېچىنى تولۇق ئالدۇرغانلار ئۈچۈن ئۈچ قېتىم، تولۇق قىسقارتقانلارغا بىر قېتىم دۇئا قىلغان. ئەمما ئايال كىشى  چېچىدىن بارمىغىنىڭ ئۈچىدەك مىقداردا قىسقارتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆمرە پائالىيىتى تامام بولىدۇ. ئاللاھتىن ھەممىمىزنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىشىنى، ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلىشنى سورايمىز. شەيخ ئالبانىنىڭ « ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرى»، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ «ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرى»  ناملىق ئەسەرلىرىگە قارالسۇن.