البحث

عبارات مقترحة:

الأعلى

كلمة (الأعلى) اسمُ تفضيل من العُلُوِّ، وهو الارتفاع، وهو اسمٌ من...

القاهر

كلمة (القاهر) في اللغة اسم فاعل من القهر، ومعناه الإجبار،...

الآخر

(الآخِر) كلمة تدل على الترتيب، وهو اسمٌ من أسماء الله الحسنى،...

مۇسۇلمان ھاياتىدا ۋاقىتنىڭ ئەھمىيىتى

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات مناسبات دورية
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 23/6/1429 ھـ / 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا مۇسۇلمان ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى،ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىل پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ۋاقتلىرىنى پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىش كىرەكلىكى،ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا تەشەببۇس قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئەخلاقسىز دوست-بۇرادەرلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قەتئى چەكلىشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بىرىدۇ.

التفاصيل

    مۇسۇلمان ھاياتىدا ۋاقىتنىڭ ئەھمىيىتى   23 - 6 - 1429ھ 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى  جۇمە خۇتبىسى. بىرىنچى خۇتبە ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھنى ماختايمىز،ئۇنىڭغا تايىنىمىز،ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمىز، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، ناچارئەمەللىرىمىزدىن ئاللاھغا پاناھ تىلەيمىز . ئاللاھ ھېدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى يوقتۇر . ئاللاھ ھېدايەت قىلمىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلىغۇچى مەدەتكار يوقتۇر. ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز . ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.  ئې ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! سىلەر ئاللاھتىن ھەقىيقى قورقۇڭلار، ئىسلامنىڭ مۇستەھكەم يىمىرىلمەس ھالقىسىغا چىڭ ئىسىلىڭلار.      ئې مۇسۇلمانلەر! ئاللاھ شۈكۈر ئېتقۇچىلارنىڭ شۈكرىنى، ئۆزىنى ياد ئەتكۈچىلەرنىڭ زىكرىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن دەۋرىنى ئايلاندۇرىدۇ ۋە زاماننىڭ ئىشلىرىنى مۇناسىپ ھالدا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ئۆزىگە شۈكۈر ئېيتىشنى ۋە زىكىر ئېيتىشنى مەخسەت قىلغۇچى كىشىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ -تائالا- ۋاقىتنىڭ ناھايتى مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ زاماننىڭ مەلۇم تۈرلىرى بىلەن قەسەم قىلدى، سۈبھى ۋاختى، بامدات ۋاختى، چاشكا ۋاختى، ئەسىر ۋاختى بىلەن قەسەم قىلدى، زاماننىڭ ھەممىسى بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دىدى: « قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى،يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،. ..» ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن بىرگە ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈش، ئىنسانغا ئاللاھ تەرەپتىن بىرىلگەن بۈيۈك نېئمەت بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: «كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۇش بىلەن بىرگە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنغان كىشىلەردۇر».  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن ھاياتى كېچە بولسۇن، كۈندۈز بولسۇن ھەممىسى ئاللاھ رازى بولىدىغان تائەت ئىبادەتلەر بىلەن تاماملاندى . ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دىگەن: « مىنىڭ نامىزىم، ھەج پائالىيەتلىرىم، ھايات ماماتلىغىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا مەنسۇپتۇر دىگىن » .  ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلارنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىنى مەدھىيلەپ مۇنداق دىدى: « مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، مۇھەممەدئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆز ئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىغى ۋە پەزلىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە  سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار. ..» سۈرە پەتىھ 29-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.  ئىنسان ھاياتىنى ئاللاھنى ياد ئىتىش ۋە تائەت ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش نىمە دىگەن كاتتا ئىش ھە؟! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئىككى تۈرلۈك نېئمەت بار بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ، ئۇ ساقلىق ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت». تەتىل مەزگىلى ۋە باشقا بوش ۋاقىتلاردا قىلىشقا بۇيرىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمنى يادلاش ۋە تەكرارلاشتىن ئىبارەت بولۇپ بۇ ئىسىل بايلىققا  كېمكى ئېرىشىدىكەن شەرەپ قازىنىدۇ، تېلاۋەت قىلىدىكەن (ئوقۇيدىكەن) ئىززەتكە ئىرىشىدۇ، ئەمەل قىلىدىكەن كۈچكە تولىدۇ، كىشىلەرنىڭ جەننەتتە ئېرىشىدىغان مەرتىۋىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ دۇنيادا تىلاۋەت قىلىپ ئوقۇغان ئايەتلىرىنىڭ ئاز كۆپلۈگى بىلەن پەرىقلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلىش دىگەن ئەڭ پايدىلىق تىجارەت بولۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئەتتىگەندە مەسچىتكە كىلىپ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئىككى ئايەت ياد قىلغىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئىككى تۆگە پايدا بولغاندىن ياخشى، ئۈچ ئايەت بولسا ئۈچ تۈگىدىن ياخشى، تۆگۈلەرنىڭ سانى ئايەتنىڭ سانى بويىنچە زىيادە بولىدۇ » . پىتنە - پاساتلار تارالغان، شەك شۈبھىلەر يامرىغان بۇگۇنكى زاماندا  ئاللاھنىڭ كىتابىغا مۇستەھكەم ئىسىلىش ۋە ئۇنىڭغا يىقىن تۇرۇش زۆرۈلدۇر . پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا سىلەر چىڭ ئىسىلساڭلار ئىزىپ كەتمەيدىغان ئىككى نەرسىنى قويۇپ كەتتىم، بىرى ئاللاھنىڭ كىتابى يەنە بىرى مىنىڭ سۈننىتىم ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ۋە ئالىملارنىڭ شەرئې ئىلىملەر توغۇرسىدا يىزىلغان كىتاپلىرىنى ئوقۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىلەن مۇسۇلماننىڭ ئېلمى قۇۋۋىتى ئاشىدۇ، مەرتىۋىسى كۆتىرلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن: « ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئېمان ئېيتقان ۋە ئېلىملىك بولغان كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ ».   ئىمام مالىك (ئاللاھ ئۇكىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: نەپلە ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئېلىم ئۈگۈنۈش ۋە ئۈگۈتۈشتىن ئىبارەت.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئالىملار يۇرۇتلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ جاپا مۇشەققەتلەرنى چىكىپ ئېلىم ئۈگەندى، ئۈگەنگىنىگە ئەمەل قىلدى، باشقىلارغا ئۈگەتتى، كىتاپلارنى يىزىپ قالدۇرۇپ تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئىلىپ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.  ئەقىللىق ياشلار تەتىل پەسلىنى ئاتا ئانىلىرىغا يىقىن تۇرۇپ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ توغرا يول تۇتۇش بىلەن بەخىتلىك ئۆتكۈزىدۇ، چۈنكى ئاتا ئانىغا ياخشىلىق  قىلىش دىگەن تائەت ئىبادەت بولۇپ بۇنىڭ بىلەن بالىلار دۇنيا ئاخىرەتنىڭ بەخىت سائادىتىنى تاپىدۇ، ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى » . ئىمام ئىبنى كەسىر  (ئاللاھ ئۇكىشىگە رەھمەت قىلسۇن)   مۇنداق دەيدۇ: كېمكى ئاتا ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىدىكەن ئۇ كىشى كەمتەر، بەخىتلىك بولىدۇ، ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن ئۇلارنىڭ ھايات ۋاختىدىكى دوست بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، ھۆرمەتلەش،ئىززەت ئىكرام قىلىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاتا ئانىلارنىڭ ھايات ۋاختىدىكى بۇرادەرلىرىگە بولغان دوستلىغىنى داۋاملاشتۇرۇش ».سىلە - رەھىم قىلىش بولسا، ئۇرۇق تۇققانلارنى يوقلاش، ئاللاھ رازى بولىدىغان، ئۆمۈرگە بەركەت بىرىدىغان، مال مۈلۈكنى  ساقلايدىغان، ۋاقىتقا بەركەت بولىدىغان، كىشىلەرنى بىر بىرىگە يىقىنلاشتۇرىدىغان، گۈزەل ئەدەپ -ئەخلاق، ئىسىللىكنى نامايەندە قىلىدىغان ئىشلاردىن بولۇپ   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « كېمكى ئومرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى، رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشىنى ياخشى كۆرىدىكەن ئۇرۇق تۇققانچىلىقنى ئۇلىسۇن ».   ئېلىملىك ياخشى كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش بىلەن ئىنساننىڭ روھى دۇنياسى پاكلىنىدۇ، مەنىۋىيىتى يۇكسىلىدۇ، ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ، ھېممىتى ئالى بولىدۇ، ئەھۋالى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەدەپ ئەخلاق، ئېلىم مەرىپەت ھاسىل بولىدۇ، ئېلىملىك كىشىلەر بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىز باسارى، توغرا يولغا چاقىرغۇچىلاردۇر. ياخشى كىشىلەر بىلەن ھەم سۆھبەت بولۇش ئىنساننىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىغا، ناچار ئىشلاردىن ساقلىنىشقا، تائەت ئىبادەتلەرگە قىزىقىشىغا تۈرتكە ۋە ياردەمچى بولىدۇ . ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىلىگىنى ئادا قىلىش، كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدا ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ھەمراھىغا تەسەللى بەرگىنىدىن خەۋەر بىرىپ مۇنداق دەيدۇ: « رەسۇلۇللاھ ھەمراھىغا: "غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە" دەيتتى » .   ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دوست بولۇشقانلارنىڭ ئورنى قىيامەت كۈنى نۇردىن بولغان مۇنبەردە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى پەيغەمبەرلەر ۋە شەھىدلەر ئورايدۇ. ناچار ئەسكى كىشىلەر بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولۇش ئىنساننىڭ ھېممىتىنى يوقىتىدۇ، ياخشىلىق يوللىرىنى توسىدۇ، يامان ناچار ئىشلارنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ . ئاللاھ تائالا ناچار ئەخلاقسىز كىشىلەر بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولۇشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ھەسرەت نادامەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن خەۋەر بىرىپ مۇنداق دەيدۇ: « قىيامەت كۈنى ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغۇچى زالىملار قوللىرىنى چىشلەپ؛ كاشكى! پەيغەمبەرلەر بىلەن بىر يولدا بولغان بولسامچۇ؟ ۋاي ئېسىت! پالانىنى دوست تۇتمىسام بولۇپتىكەن دەيدۇ » .  ھەرخىل تىلىۋىزىيە قاناللىرى، پىتنە پاسات، شەك شۈبھە، شەھۋانى، مۇسۇلمان ئاخلاقىقا زېت نەرسىلەرنى كۆرۈش ۋە ئوقۇش بىلەن ئىنسان ۋەھىمىلىك خىيالى مۇھىتقا غەرق بولىدۇ. ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلماسلىققا ئادەتلىنىدۇ، قانائەت، سەبىرچانلىق كۆتۈرلىدۇ، قەلبىنى زۇلمەت، جاھالەت ئورايدۇ. تەتىل پەسلى بولسا ئاتا بالىلار بىر-بىرىگە يىقىن بولىدىغان، ئاتىلار بالىلار قەلبىنىڭ بوشلۇقىنى مېھرى -مۇھەببەت بىلەن تولدۇرىدىغان، ئەدەپ -ئەخلاقىنى تۈزىتىدىغان، ئىرادىسىنى كۇچلاندۇرىدىغان ۋاقىت، بالىلارمۇ ئاتا ئانىلار بىلەن ئۈلپەتلىشىپ،ھەم سۆھبەتتە بولۇش بىلەن بەخىتلىك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى ئۈگىنىدۇ، ئىسىل سۈپەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرىدۇ، ئاتىلارنىڭ بالىلاردىن يىراقلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ جۇشقۇنلۇغى يوقايدۇ، ئەخلاقى بۇزىلىدۇ، يامان نېيەتتىكى، ئىددىيسى بۇزۇق كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇپ كىتىشكە شارائىت ھازىرلىنىدۇ، كىيىن ئاتا- ئانىلار ئۇلار ئۈچۈن قانچە ھەسرەت نادامەت چەكسىمۇ پايدىسى بولمايدۇ . دۇرۇس بولغان ( ئۇرۇق تۇققان يوقلاش) سەپەرلەرگە بالىلارنى بىرگە ئىلىپ چىقىش بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى مېھرى مۇھەببەت كۈچىيىدۇ، ئارىدىكى بوشلۇق تۈگەيدۇ، مەككىگە بىرىپ ئۆمرە قىلىش ئىبادەت بولۇپ بۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ خاتالىقلىرى تۆكۈلۈپ، مەرتىۋىسى يۇقۇرى كۆتۈرلىدۇ، ھەرەم مەسچىتىدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان يۈزمىڭ رەكەت نامازدىن ئارتۇق بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىپ بىر رەكەت ناماز ئوقۇسا باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان مىڭ رەكەت نامازدىن ئارتۇق بولىدۇ.      دۇرۇس بولمىغان سەپەرلەرنى قىلىش بولسا مالنى ئىسراپ قىلىش، ئۆز نەپسىنى پىتنە پاساتقا يۈزلەندۈرگەنلىك، بالىلارنىڭ قەلبىگە شەك شۈبھە، شەھۋانى خىياللار پەيدا قىلىدۇ، كىيىن ئاتا ئانىلار بالىلارنى بۇنىڭدىن تۇسۇشقا ياكى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمايدۇ . بەزى ۋاقىتلاردا ئىنساننىڭ ئەھۋالى سەپەردىن قايىتقاندا سەپەرگە چىقىشتىن بۇرىنقىدىنمۇ بەكراق ناچارلىشىپ كىتىدۇ. تەتىل مەزگىللىرىدە ئائىلىلەر ئارىسىدا توي مەرىكىلىرى كۆپىيدۇ، ئاللاھنىڭ بۇ نېئمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىش ئۈچۈن توي مەرىكىلىرىنى ھەرخىل ئىسراپچىلىق، يىرىم يالىڭاچلىق، چەكلەنگەن ناخشا مۇزىكىلار ... ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن ھارام ئىشلارنى ئارلاشتۇرماستىن دىنى ئىتىقات ،مىللى ئۆرپ-ئادەتلەرگە ھۆرمەت قىلغان ھالدا ئىلىپ بىرىش كىرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن بۇرۇن ئۇخلاپ ۋىتىر نامىزىنى كىچىنىڭ ئاخىردا ئوقۇش، ئەبۇ بەرزەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلاشنى، خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن سۆزلىشىشتىن چەكلىگەن ». ئۇيقۇ سىزلىق ياكى كىچىكىپ ئۇخلاش كىشىنىڭ ھىممىتىنى يوقۇتۇپ، بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشتىن چەكلەپ قويىدۇ . بۇنداق قىلىش ھارام دەپ قارىلىدۇ.  مۇسۇلمان كىشى ھەر ۋاقىت ۋە ھەرجايدا ئۆزىنىڭ بارلىق ئەھۋاللىرىدا ئاللاھنىڭ كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىغىنى ئىسىدىن چىقارماسلىقى، ئاللاھنىڭ ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا ئۆزىنىڭ بارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىغىنى ھىس قىلىشى كىرەك . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: « سىلەر قايسى بىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۈزۈتۈپ تۇرىمىز ».  ئىنسان ھەرقانداق جايدا بولىدىكەن قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن جازاغا ياكى ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «سەن قەيەردە بولساڭ ئاللاھتىن قورىققىن، يامان ئىشقا ياخشى ئىشنى ئەگەشتۈرگىن، ئۇ يامانلىقنى ئۆچۈرىدۇ، كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن » . ئاللاھ كىشىلەرنى سەپەردە بولسۇن ياكى مۇقىم تۇرغان ۋاقىتلاردا بولسۇن ئۆزى چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىشتىن قورۇيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى ئۆزى چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىشتىن قورۇيدۇ(كۈنلەيدۇ) » .   سەن سەپەردە ياكى سەپەر قىلمىغان ۋاقىتلاردا بولسۇن خاتالىقتىن يىراق بولغىن، ئاز بولسىمۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ تۇرغىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: « قىرىندىشىڭغا تەبەسسۇم بىلەن قاراشقا ئوخشاش ئىشلار ئاددى  كۆرۇلسىمۇ ئۇنى تۆۋەن كۆرمىگىن » .  ئىنسان راھەتتە ياشىغان ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، ساق تۇرغان كىسەل بولغان ۋاقىتلاردا سىنىلىدۇ، توغرا يولغا مۇۋەپپەق بولغان كىشى تەقۋالىققا تايىنىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقى، مەغپىرىتى تەرەپكە ۋە ئاسمان زىمىندىنمۇ نەچچە ھەسسە كەڭرى بولغان جەننەتنىڭ تەرىپىگە ئاتلىنىدۇ . ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قوغلانغۇچى شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سىغىنىمەن، پۈتۈن ئاسمان زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ بەركىتى بۈيۈكتۈر، ئاللاھ ھەرنەرسىگە قادىردۇر . سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىپتۇر، تەۋبە قىلغۇچىنى ناھايتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.   ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىم بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەركەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن. مەن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى بەك كەچۈرگۈچىدۇر ۋە بەك مېھرىباندۇر.   ئىككىنچى خۇتبە  ئاللاھھ بىزگە قىلغان خەيرى ئېھسانلىرى ئۈچۈن چەكسىز ماختاش ۋە مەدھىيەلەشكە ئەڭ ھەقلىق زاتتۇر . بەرگەن نېئمەتلىرىگە ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ھىساپسىز شۈكرى ئېيتىمىز . ئاللاھنىڭ شەئنىنى كاتتىلاپ ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەيمىز ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز . ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، يۇكلەنگەن بولۇپ، دائىم ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ تۇرۇش، سىرىتلارغا چىققاندا كېملەر بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلىش، ئۇلارنى گۈزەل ئەدەپ ئەخلاققا يېتەكلەش، بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئاللاھنىڭ كىتابىنى يادد قىلىشقا، مەنپەئەتلىك ۋەز نەسىھەت، زىكىرلەرگە قۇلاق سىلىشقا، ئائىلىدە خىزمەتچىلەر تولۇق بولسىمۇ ئۇلارنى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا، ئىپپەتلىك بولۇشقا، ھىجاپ قىلىشقا، ننامەھرەمدىن يىراق بولۇشقا، دىنىغا،يۈز ئابرۇيىغا،ئىسلامى ئەدەپ ئەخلاققا زىت كىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كىرەك.    دۇنيا قىسقىغىنە بىر ھايات،مەنپەئەتلىرى چەكلىك، ئىنسان دۇنياغا مۇساپىر، خۇددى بىر كىشى ياقا يۇرىتتا تۇرۇپ ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ ئۆز يۇرتىغا قايتقاندەك بىر ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « دۇنيانى ئاخىرەتكە سىلىشتۇرغاندا دۇنيا خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار بارمىقىنى دىڭىز سۈيىگە چۆكۈرۈپ ئالغانغا ئوخشاش، بارمىقىڭلارغا قاراڭلار نىمە بار ئىكەن؟. »   سەن ئۈچۈن دۇنيادا يىمەكلىكتىن سىنىڭ يەپ تۈگەتكىنىڭ، كىيىم كىچەكتىن سەن كىيىپ كونىراتقىنىڭ، مىلىڭدىن سەن سەدىقە قىلغىنىڭ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنى ئالاھىدە بىر ئىشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاشتىن ئىبارەت . ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىگەن: « ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ . ئې مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار ».  ئې ئاللاھ!پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تىلەيمىز.  ئې ئاللاھ ! توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى،ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى( ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن . ئې ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خارقىلغىن، دىن دۇشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، بۇ شەھەرنى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىنى  تىنىچ، خاتىرجەم، پاراۋان قىلغىن. دۇنيادىكى ئىزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ياردەم بەرگىن ۋە ئۇلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۇرگىن. ئې ئاللاھ!بىز دۇنيا ئاخىرەتتە بەخىت سائادەتلىك بولۇشنى،توغرا يولغا مۇۋەپپەق بولۇشىمىزنى سورايمىز . بىزنى نەپسىمىزنىڭ يامانلىغىدىن ساقلىغىن، بىزگە دۇنيا ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن،دوزاخ ئازابىدىن يىراق قىلغىن.  پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ،بىز چوقۇم زىيان تارىتقۇچىلاردىن بولىمىز . ئې ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇققانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرىيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئىشىشتىن توسىدۇ، سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ناھايتى كاتتا بولغان ئاللاھنى يادئىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھىساپسىز نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتساڭلار، سىلەرگە نېئمىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بىرىدۇ، ئاللاھنى يادئېتىش كاتتا ئىش دۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.