البحث

عبارات مقترحة:

القادر

كلمة (القادر) في اللغة اسم فاعل من القدرة، أو من التقدير، واسم...

الباسط

كلمة (الباسط) في اللغة اسم فاعل من البسط، وهو النشر والمدّ، وهو...

الحفيظ

الحفظُ في اللغة هو مراعاةُ الشيء، والاعتناءُ به، و(الحفيظ) اسمٌ...

كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىش، ئائىلە مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتىدۇر

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف صالح بن عبد الله بن حميد ، ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات السيرة النبوية - النكاح
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 21/8/1429ھـ 2008-يىلى 08-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، ئائىلە تۇرمۇشىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈش، چەكلەش، تەھدىت سېلىش، ئىنتىقام ئېلىش دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ بولمايدىغانلىقى، كىشىلىك تۇرمۇشىدا تۇراقسىزلىق، ئائىلىسىدە ئىزتىراپ، قىيىنچىلىقلاردىن شىكايەت قىلغان ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كارۋىنىغا قوشۇلۇپ، ھىدايە مۇھەممەدىيگە ئېسىلىشى كېرەكلىكى، ئائىلە تۇرمۇشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى يولباشچى ۋە ئۈلگە ئىكەنلىكى، ھەر قانداق مەسئۇلىيەت ئىگىسى ئەر ئۆز مەجبۇرىيىتىنى دىكتاتور تۈزىمى بىلەن ئەمەس، بەلكى مېھرى-مۇھەببەت بىلەن ئادا قىلىش ۋە ئائىلە باشقۇرۇش كىرەكلىكى توغرىسىدا تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

التفاصيل

كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىش، ئائىلە مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتىدۇر2008-يىلى 08-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى. ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا: "ئىسلام دىنى ئائىلە قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختىلىقى، مۇقىملىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.دۇنيادىكى ھەر قايسى جەمئىيەتلىرىگە بەزەر سالىدىغان بولساق ئائىلىدە بۆلۈنۈش، تۇرمۇشتا چۈشىنىشمەسلىك، زوراۋانلىق، جېدەل-ماجرا، ئاتا-بالا، ئۇرۇق-تۇغقان، قېرىنداشلار ئارىسىدا ئاداۋەت، تالاق نىسبىتىنىڭ يوقىرى بولۇشىدەك ئىللەتلەرگە ئەڭ ئېغىر دۇچ كەلگەن بىر زامان بولۇپ كۆرۈنىۋاتىدۇ. بۇنداق سەلبىي ۋەقەلەرنىڭ تۈپ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىپ كۆرىدىغان بولساق دەل ئىنساندىكى شەخسىيەتچىلىكنىڭ كۈچىيىشى، ئىسلام دىنىمىزغا يات ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ھۆكۈم سۆرىشى، ياتلاردىن سىڭىپ كىرگەن سېسىق مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىدىن بولغانلىقىنى كۆرۈۋالماق ئانچە قىيىنغا چۈشمەيدۇ. ھەرقانداق بىر ئائىلىدە ئەدەپ-ئەخلاق، ئىسلام تەلىماتى، شەرىئەت مىزانى، مىللى ئۆرپ-ئادەتكە ئېتىبار بېرىش يوقىلىدىكەن، ئۇنداق ئائىلىدە ۋەيرانلىق، بۇزۇلۇش يۈز بېرىشى تەبىئىي ئەھۋال. ئەر-ئايال جىنسنىڭ مۇناسىۋىتىدە سۈركىلىش مەدەنىيىتىنىڭ يامرىشى، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىدا بوشلۇق دائىرىسىنىڭ كەڭرىپ كېتىشى، ئادالەت، رەھىمدىللىق، مېھرىبانلىق خىسلەتلىرىنىڭ ئېسىمىزدىن چىقىپ كېتىشى مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويىدۇ.ئائىلە تۇرمۇشىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈش، چەكلەش، تەھدىت سېلىش، ئىنتىقام ئېلىش دېگەندە ئىبارىلەر بولمايدۇ. خۇددى ئىنسان ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغاندەك، ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىلا غەزەپلىنىدىغاندەك ئەھۋاللارنىڭ كۈرىلىشى توغرا ئەمەس. ئائىلە ئالاقىلىرىدە كەسكىن بۇيرۇق بولمايدۇ. كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىلمايدۇ، قوپال جېدەل-ماجىرامۇ بولمايدۇ. ئۆيىدە تۇراقسىزلىق، ئائىلىسىدە ئىزتىراپ، قىيىنچىلىقلاردىن شىكايەت قىلغان ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كارۋىنىغا قوشۇلۇپ، ھىدايە مۇھەممەدىيگە ئېسىلىشى كېرەك. ئائىلە تۇرمۇشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇۋەسسالام ئەڭ ياخشى يولباشچى ۋە ئۆرنەكتۇر. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان، بۇيرىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۆز جايىدا بىجا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلغانمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىزنىڭ دىن- دۇنيالىق ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىدە بىزگە ئۈلگىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەت، ئىبادەت دىن-تەشۋىقات يولىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتلىرى ھېچقاچان ئائىلىسىنىڭ ھېسابىغا بولمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئائىلە ئىشىغا خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە ئىشىدىن باشقا ئىشى يوقتەك ئەھمىيەت بېرەتتى. ئىمام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىزلەرگە بىر قانچە مىساللارنى كەلتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇھەممەد مۇستاپا ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مېھرىبان ئەر ئىدى. ئىشەنچىلىك نەسىھەتچى ئىدى. سەمىمىي مەسلەھەتچىدى. يالغۇز چاغلاردا ئائىلىسىگە چاقچاق قىلىپ قوياتتى. بېشىغا كۈن چۈشسە بېشىنى سىلايتتى. ئۇلارنىڭ شىكايىتىنى دىققەت بىلەن ئاڭلايتتى. يىغلىسا يېشىنى سۈرتەتتى. تىلى ئارقىلىق ئازار بەرمەيتتى. سۆز-ھەرىكىتىدە ھاقارەت قىلمايتتى. ئۇلاردىن ئەزىيەت كەلسە ھېچكىشى كۆتۈرەلمەيدىغان ئېغىرلىقنى كۆتۈرەتتى. قولى بىلەن ھاياتىدا ئايال كىشىنى ئۇرۇپ باقمىغان. ئائىلىسىدىن ئەيىب ئىزدەپ يۈرمەيتتى. مەسىلە كۆرۈلسە كۆپتۈرمەيتتى. خاتالىشىپ قالغان تەقدىردە دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ كايىمايتتى. تاپا-مالامەتنى كۆپ قىلمايتتى. كۆپ ۋاقىتلاردا خاتالىقلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالاتتى. كۆپ رەھمەت ئېيتاتتى. ئائىلىگە بولغان مۇئامىلىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە تۇراتتى. ھەقىقىي ئەرلىك سالاھىيىتىنى نامايەن قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى:"سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلار، مەن ئائىلىسىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتا ھەممىڭلاردىن ياخشىراقىمەن".پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە بولغان مۇئامىلىسى بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مىزان بولىشى كېرەك. مۆمىنلەر ئۈچۈن سۈننەت بولىشى كېرەك. ئائىلە تۇرمۇشىنى باشقۇرۇشتا مۇھەممەدى پرىنسىپى ئەڭ ياخشى مىزاندۇر. ئائىلە بىلەن چاقچاقلىشىش، ئوينىشىش بولسا دىلنى سۆيۈندۈرىدۇ، مېھرى-مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ، غەشلىكنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. ئائىلىنىڭ چوڭ-كىچىك بار لىق ئەزاسى رەھىمدىللىق، كۆڭۈل بۆلۈش، دىققەت ئېتىبار بېرىشنى تەقەززا قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇۋەسسالامنىڭ ئاياللىرى بولغان مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى بارلىق ئىشلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېلىپ مەسلىھەتىنى ئالاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن پۇتۇن بىركۈن، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن يىراق تۇرىدىغان ئايال ئاز تېپىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەۋىرچان ئىدى. ئۆزىنىڭ گېپىنىلا توغرا دەپ تۇرمايتتى. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بارلىق ئىنسانىيەتكە ئائىلە تۇرمۇشىدا ئۆرنەك ئىدى. ياخشى ئەخلاقلىق بولۇشلا ئائىلە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى ئائىلىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، غەزەپلىنىش ۋاقتىدا ئۆزىنى بېسىۋېلىش، ئاچچىقىنى يۇتۇۋېلىش ھەقىقى ئائىلە باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىلدۇر. چىرايلىق سۆز، مۇلايىملىق، ماختاپ تۇرۇش، ھەدىيە- سوۋغاتلارنى بېرىپ تۇرۇش، چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، سۆز ھەرىكەتكە دىققەت قىلىش، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاردا ئائىلىگە مەسلىھەت سېلىش، ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش، ھاقارەتلىمەسلىك ئائىلىنى مۇستەھكەملەيدىغان ئامىللاردۇر. نورمال ئىشلاردىمۇ ئۆزرە سوراپ، كۆڭلىنى ياساپ تۇرۇش، خاتالىقلارغا كۆز يۇمۇش، ئۆيدىن يىراق ۋاقىتلاردا ئالاقىلىشىپ تۇرۇش، تىلفۇندا بولسىمۇ ئالاقىلىشىپ تۇرۇش ئارىدا ئۇنسى-ئۇلپەتنى كۈچەيتىدۇ. ئائىلىدە جېدەل ماجىرانىڭ بولماسلىقى ھەقىقىي بەخت -سائادەت ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا بولغان ئىماننى مۇستەھكەملەش، ئەدەپ-ئەخلاق، شەرىئەت كۆرسەتمىسى ئىچىدە بولۇش ھەقىقىي بەختتۇر.(ئۇنداق دېگەنلىك سايىمئاخۇن بولاڭ دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى ئىمان نۇرىغا چۆمگەن ئىللىق بىر ئائىلىڭىز بولسۇن دېگەنلىك، چۈنكى سىز يۇقىرىدىكى كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزدا يات بولغان، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدىن ئارىيە ئىلىنغان ئەخلاق ۋە مۇھەببەتنى بەرپا قىلىشتا يېتەكچى قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۆزى ئاددى تەسىرى كۈچى كۈچلۈك، ھەر قانداق كىشى بەجا كەلتۈرەلەيدىغان ئىشلار تەۋسىيە قىلىندى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر قانداق مەسئۇلىيەت ئىگىسى ئەر ئۆز مەجبۇرىيىتىنى دىكتاتور تۈزىمى بىلەن ئەمەس، بەلكى مېھرى-مۇھەببەت بىلەن ئادا قىلىشقا چاقىرىلىدۇ. بۇ بۈيۈك ئىسلام دىنىمىزنىڭ تەۋسىيەلىرىدىندۇر.-مۇھەررىر-)

المرفقات

2

كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىش، ئائىلە مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتىدۇر
كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىش، ئائىلە مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتىدۇر