البحث

عبارات مقترحة:

الخالق

كلمة (خالق) في اللغة هي اسمُ فاعلٍ من (الخَلْقِ)، وهو يَرجِع إلى...

الآخر

(الآخِر) كلمة تدل على الترتيب، وهو اسمٌ من أسماء الله الحسنى،...

المحيط

كلمة (المحيط) في اللغة اسم فاعل من الفعل أحاطَ ومضارعه يُحيط،...

قەرزدارنىڭ  قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات القرض
يولدىشىم تىجارەتتە چوڭ زىيان تارتىپ بانكىغا ۋە تۇغقانلارغا قەرزدار بولۇپ قالدى، بۇنى ئادا قىلىشقا بىرقانچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بىزنىڭ مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ ھەج- ئۆمرە قىلىشىمىز توغرا بولامدۇ؟.

التفاصيل

  قەرزدارنىڭ  قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى.   11771-نومۇرلۇق سوئال سوئال: يولدىشىم تىجارەتتە چوڭ زىيان تارتىپ بانكىغا ۋە تۇغقانلارغا قەرزدار بولۇپ قالدى، بۇنى ئادا قىلىشقا بىرقانچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بىزنىڭ مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ ھەج- ئۆمرە قىلىشىمىز توغرا بولامدۇ؟. جاۋاپ: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. ھەجنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ھەج قىلماقچى بولغان كىشى ھەج قىلىشقا ئۆز مال- دۇنياسى بىلەن قۇدرىتى يېتىدىغان بولىشى كېرەك. (بۇ يەردە مالىيە جەھەتتىكى ئەھۋالى كۆزدە تۇتىلىدۇ). قەرزدار كىشىنى قەرز ئىگىلىرى قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشتىن توسىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە ئاتلىنىشى توغرا ئەمەس، چۈنكى ئۇ كىشى ھەج قىلىشقا مالىيە جەھەتتىن قادىر بولالمايدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە بېرىشىنى توسماستىن ئەپۇ قىلغان بولسا ياكى قەرزنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بەرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھەج قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ ۋە ھەج ئىبادىتىمۇ توغرا بولىدۇ. شۇنىڭدەك قەرزنى ئادا قىلىشنىڭ ۋاقتى بېكىتىلمىگەن بولسا  قاچان پۇل تاپسا قەرزنى شۇ ۋاقىتتا ئادا قىلىدىغان بولسا  ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە ئالدىرىشى ياخشى، بەلكى ھەج مەۋسۇمى ئۇ كىشىنىڭ قەرزنى تولۇق ئادا قىلىشىدا ياخشى ياردەمچى  بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.  توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچى.  پەتىۋا كومتىتىنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 11-توم 46-بەتكە، ئىسلام پەتىۋالىرى 2-توم 190- بەتكە قارالسۇن    

المرفقات

2

قەرزدارنىڭ قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى
قەرزدارنىڭ قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى