البحث

عبارات مقترحة:

الأول

(الأوَّل) كلمةٌ تدل على الترتيب، وهو اسمٌ من أسماء الله الحسنى،...

النصير

كلمة (النصير) في اللغة (فعيل) بمعنى (فاعل) أي الناصر، ومعناه العون...

الحافظ

الحفظُ في اللغة هو مراعاةُ الشيء، والاعتناءُ به، و(الحافظ) اسمٌ...

ئېتىكاپنىڭ ئەڭ ئاز مۇددىتى

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز ، سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات الاعتكاف
ئېتىكاپنىڭ ئەڭ ئاز مۇددىتى قانچىلىك بولىدۇ؟، قىسقا ۋاقىت ئېتىكاپ قىلسىمۇ بولامدۇ ياكى بىرقانچە كۈن قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا.

التفاصيل

  ئېتىكاپنىڭ ئەڭ ئاز مۇددىتى   49002-نومۇرلۇق سوئال سوئال: ئېتىكاپنىڭ ئەڭ ئاز مۇددىتى قانچىلىك بولىدۇ؟، قىسقا ۋاقىت ئېتىكاپ قىلسىمۇ بولامدۇ ياكى بىرقانچە كۈن قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا. جاۋاپ: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر. ئۆلىمالار ئېتىكاپنىڭ ئەڭ ئاز مۇددىتى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، ھەنەفىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىپىدىكى كۆپچىلىك ئالىملار ئېتىكاپنىڭ ئاز مۇددىتى بىر مىنۇتتىن ياكى كۆز يۇمۇپ ئاچقىچىلىك مۇددەتتە بولسىمۇ بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى ئىستىگەن كىشىلەر: "دۇررۇل مۇختار" ناملىق ئەسەر 1-توم 445-بەت، "ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 6-توم 489-بەت، "ئەلئىنساپ" ناملىق ئەسەر 7-توم 566-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلسۇن. ئىمام نەۋەۋىي "ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 6-توم 514-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن كەسكىن كۆز قاراشتا ئېتىكاپنىڭ ئەڭ قىسقا مۇددىتى مەسچىتتە بىرئاز تۇرۇش بولۇپ، مەسچىتتە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرسىمۇ ياكى قىسقا ۋاقىت يەنى بىر سائەت ياكى بىر قانچە مىنۇت تۇرسىمۇ بولىدۇ". بۇ سۆزىنى تۆۋەندىكى دەلىللەر بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ: 1- ئېتىكاپ قىلىش دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا: بىر ئورۇندا تۇرۇش دېگەننى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، شەرىئەت بۇ ئىبادەتكە كەسكىن بىر مۇددەت بەلگىلەپ بەرمىگەن بولۇپ، بۇ سۆزلۈك قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتكە بىردەك قوللىنىدۇ. ئىبنى ھەزمى مۇنداق دەيدۇ: "ئېتىكاپ قىلىش دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا: بىر ئورۇندا تۇرۇش دېگەننى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئاللاھغا يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىپ مەسچىتتە تۇرۇش ئاز ياكى كۆپ بولسۇن بۇنىڭ ھەممىسى ئېتىكاپ بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان-ھەدىستە بۇ ئىبادەتكە ئېنىق مۇددەت بەلگىلەنمىگەن. ئەلمۇھەللا 5-توم 179-بەتكە قارالسۇن. 2-ئىبنى ئەبى شەيبە يەئلا ئىبنى ئۇمەييە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: "مەن مەسچىتتە مەلۇم ۋاقىت ئېتىكاپ قىلىش مەقسىتىدە تۇرىمەن،  ئىبنى ھەزمى بۇ سۆزنى ئەلمۇھەللا ناملىق ئەسەردە (5\179)دەلىل قىلىپ بايان قىلغان. ئىبنى ھەجەر بۇنى پەتھۇل بارىدا بايان قىلىپ مەسچىتتە بىر سائەت تۇرىمەن دېگەن سۆز ھازىرقى بىز بىلىدىغان 60 مىنۇت ۋاقىتنى ئىپادىلەيدىغان بىر سائەت بولماستىن بەلكى ئۇ شۇ ۋاقىتنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدىن ئىبارەت دەپ ئىزاھات بېرىدۇ. بەزى ئالىملار ئېتىكاپنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقتى بىر كۈن دېگەن قاراشقا بارغان بولۇپ، بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىيپە ۋە بەزى مالىكىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى. شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 15-توم 441-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئېتىكاپ قىلىش ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش بىلەن مەسچىتتە تۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىبادەت ئۈچۈن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن ياكى بۇنىڭدىن ئازراق دەپ ئېنىق ۋاقتىنى بەلگىلەيدىغان دەلىللەر بايان قىلىنمىغان، بۇ شەرىئەت يولغا قويغان ئىبادەت بولۇپ، ئەگەر ئىنسان ئۆزىگە ئېتىكاپ قىلىشنى نەزىر قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ئېتىكاپ قىلىش شۇ كىشى ئۈچۈن پەرز بولىدۇ، بۇ ھۆكۈم  ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئوخشاشتۇر. ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.