بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ13/10/1430ھـ 2009-يىلى10-ئاينىڭ02-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئىنساپ ۋە ئادالەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرى، ئىنسان ھاياتىدا ئىنساپ ۋە ئادالەت يوقالسا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
التفاصيل
مۇسۇلمان ھاياتىدا ئىنساپ ۋە ئادالەتنىڭ رولى 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 02-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدە -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا ئىنساپ قىلىش لازىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى: ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر. بىز دۇنيانىڭ مۇدھىش تەرەققىياتى، ماددىي مەنپەئەتلەر دولقۇنى، شەخسىيەتچىلىك ئېڭىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە رىقابەت ئېڭى چېكىدىن ئاشقان بىر پەيتتە ياشاۋاتىمىز. ئىنسانلار شەخسى مەنپەئەتلىرىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىۋاتقان بىر زامان بولۇپ، كىشىلەر مېھرىبانلىق ئورنىغا غەزەپلىنىش، رازىمەنلىك ئورنىغا ئاچچىقلىنىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ئورنىغا نەپسىگە چوغ تارتىش، بىر كىشىلىك شەخسى مەنپەئەتى بەدىلىگە شەرىئەت مەنپەئەتلىرىنى ئوتقا تاشلايدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەكتە. بۇنداق بىر جەمئىيەت تەبىئىي ھالدا ئۆزىدىكى يۈكسەك ئەخلاقنى يوقىتىپ، كىشىلەر ئارىسىدا كەچۈرۈمچانلىق، ئەدلى-ئادالەت، باشقىلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش تۇيغۇلىرىنى يوقىتىدۇ. كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقىدە بولسۇن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بولسۇن، مەمۇرىي ئورگانلاردا بولسۇن، تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرىدا بولسۇن ئىنساپ ۋە ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلىپ ياشىشى كېرەك. ئىنساپ سۆزى ئادالەت ۋە ئېھسان دېگەننى ئۆزئىچىگە ئالغان سۆز بولۇپ، زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزنىڭ ئەكسىدۇر. شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىش ھاۋايى -ھەۋەسكە ئەگەشكەننىڭ ئەكسىدۇر. ئىنساپ پرىنسىپىنى ھاياتتا ئۆلچەم قىلىپ ياشاش، ئاللاھنىڭ كىتابى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى، ساھابىلار ۋە سەلەپ سالىھلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر. شەرىئەت كۆرسەتمىسىدىكى ئىنساپ نىسبى بولماستىن بەلكى مۇتلەق ۋە ئۇمۇميۈزلۈك بولۇپ، شەرىئەتنىڭ بارلىق قانۇن-پرىنسىپلىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسان ئىنساپلىق بولۇپ ئەينى چاغدا زالىم بولىشى مۇمكىن ئەمەس. جەمئىيەتتە ئىنساپ پرىنسىپى بەرپا بولغاندا شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئارا ئامانلىق تۇيغۇسى بارلىققا كېلىدۇ. ئىنساپ قىلغان ئامان تاپىدۇ، توغرا يولدا ماڭالايدۇ، ئاللاھنى "پەرۋەردىگارىم" دەپ ئۇنىڭ ھۆكمىگە رازى بولىدۇ، ئىسلامنى دىنىم دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ ئىمان ئېيتىدۇ. ئىنساپلىق ئادەم زۇلۇم، ھەسەت، ھاۋايى-ھەۋەسلەردىن تامامەن يىراق بولىدۇ. ئىنساپلىق ئادەم دىنى ئىتىقاد، ۋەتەن سۆيگۈسى، مىللەتپەرۋەرلىككە ئۆخشىغان سەزگۇر مەسىلىلەرگە ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا ئىنساپنىڭ يوقىلىشى ھەسەتخورلۇق، چىدىماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ھەسەتخوردىن ئىنساپ كۈتمەسلىك كېرەك. باشقىلارنى ياخشى كۆرگەن ئىنسان زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەمما ھەر ئىشتا ئوتتۇراھال بولۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مەيلى ماختايلى مەيلى سۆكەيلى ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا- ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار». ئاللاھ ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلىپ، دىن ۋە مىللەت، ۋەتەن كۆز قارىشىمىزدا ئادالەت ۋە ئىنساپنى لازىم تۇتۇشىمىزغا مۇيەسسەر قىلسۇن. دۇنيا-ئاخىرەتتە بارچىمىزگە رەھىم قىلسۇن، ئامىن...