بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ28/11/1431ھـ2010-يىلى11-ئاينىڭ05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ھەج ئىبادىتىنىڭ پەزىلىتى ۋە ماھىيىتى، زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئونىنى غەنىمەت بىلىش كېرەكلىكى قاتارلىق ھەج پائالىيىتىگە ئائىت مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بايان قىلىپ بېرىدۇ.
التفاصيل
ھەجنىڭ ماھىيىتى ۋە پەزىلەتلىرى 2010 -يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ياخشىلىق كۈنلىرى بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلمەكتە. مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكى ھەر كۈنى زېمىندا ئىبادەت قىلىشنىڭ سىمۋولى بولغان ئاللاھنىڭ ئۆيىگە تەلپۈنمەكتە. ئاللاھنىڭ «نامازدا يۈزۈڭنى مەسجىدىل ھەرام تەرەپكە قىلغىن»، دېگەن سۆزى بۇنى قەتئى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە!. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنى بىز تىنچ ھەرەمگە ئورۇنلاشتۇرمىدۇقمۇ؟ ھەرەمگە تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن رىزقتۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ.» [سۈرە قەسەس 57-ئايەتنىڭ بىر قىسمى]. ئەمىر ئىبنى ئاس دىنىنى قوبۇل قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «بىلگىنكى! شۈبھىسىزكى، ئىسلام بۇرۇنقى گۇناھلارنى يۇيىۋېتىدۇ، ھىجرەتمۇ بۇرۇنقى گۇناھلارنى يۇيىۋېتىدۇ، ھەجمۇ بۇرۇنقى گۇناھلارنى يۇيىۋېتىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. ھەج قىلىش بىلەن خاتالىق ۋە گۇناھ-مەسىيەتنىڭ كىرلىرى يۇيۇلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «جېدەل-ماجرا قىلماستىن ھەج قىلغان كىشى ئانىدىن تۇغما ھالەتتە دۇنياغا كەلگەندەك پاك بولىدۇ». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «تولۇق ئادا قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. ھەجنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى، تەۋھىد ئەقىدىسىنى نامايەن قىلىپ، ئاللاھنىڭ يەككە-يىگانە، ئىبادەتتە ھېچ قانداق شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. ھەج پائالىيەت جەريانىدىكى بارلىق ئەمەللەر، ئاللاھنى بىر بىلىش، تەۋھىد ئەقىدىسىنى ئوچۇق ئىزھار قىلىش، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى باراۋەرلىك، ئۆز-ئارا رەھىم-شەپقەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى قولغا كەلتۈرۈرشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھاجىلارنىڭ يىڭنىدە تىكىلگەن كىيىملەرنى كەيمەستىن ئاددى رەختلەرگە ئورىنىشى ئۇلارغا ئاخىرەتتە كىيىدىغان كىپەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇلاربۇنىڭ بىلەن يوغانچىلقنى تاشلاپ، كەمتەرلىك، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھغا يۈزلىنىپ، ھامان بىركۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىش ئىستىكى بىلەن ئىبادەتكە يۈزلىنىدۇ. ھەج ئەمەللىرىدە ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەش لازىم، رىياخورلۇق، ھاجى بولۇشدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولماسىلىق كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار». [سۈرە بەقەرە 196-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. شۇنڭدەك ھەجەر ئەسۋەدتىن ئىبارەت بولغان قارا تاشنى سۆيۈش بىلەن گەرچە بۇنىڭ ھېكمىتى بىلىنمىسىمۇ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەجەر ئەسۋەدكە خىتاب قىلىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن سىنىڭ كىشىلەرگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر تاش ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن، ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام مەنمۇ سېنى سۆيمەيتتىم» دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى]. مۇسۇلمانلار ھەج ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ كۆرسەتكەن كۆرسەتمىسى بۇيىچە قىلىش لازىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەج پائالىيەتلىرىنى مەندىن ئۈگۈنۈڭلار» دېگەن چاقىرىقى بويۇنچە سۈننەتكە مۇۋاپىق ئادا قىلىشى، ھەرقانداق ئىبادەت ئىشلىرىدا رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدا مېڭىشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار». [سۈرە ھەشر 7-ئايەتنىڭ بىر قىسمى]. ئەرەپات كۈنى بىر مۇبارەك كۈن بولۇپ، ئۇ كۈندە بارلىق ھەج قىلغۇچى مۇسۇلمانلار بىر جايغا جەم بولىدۇ. بۇ مۇبارەك ۋاقىت ۋە مۇقەددەس زېمىندا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۈمىت قىلىنىدۇ، ھەممە كىشى ئاللاھدىن قورقۇپ تۆۋەنچىلىك بىلەن باش ئېگىپ تۇرىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چەكسىز ئېسىل بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «دۇئالارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەپات كۈنىدە قىلىنغان دۇئادۇر. مەن ۋە مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەرەپات كۈنىدە ئېيتقان سۆزىنىڭ ئەڭ ياخشىسى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر. ئاللاھ بىر دۇر. ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. بارلىق ماختاش ۋە پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. [تىرمىزى رىۋايىتى]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا دوزاختىكى گۇناھكارلارنى ئەڭ كۆپ ئازات قىلىدىغان كۈن ئەرەپات كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە ئاللاھ زېمىننىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ ھاجىلارغا يېقىنلىشىدۇ. ئۆزىگە يېقىن بولغان پەرىشتىلەرگە ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىپ، ئۇلار نېمە خالايدۇ؟! دەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى]. ھەجدىكى يىغىلىش قىيامەت مەيدانىدا كىشىلەرنىڭ جەننەت ياكى دوزاخقا ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۆرۈنىشىنى ئەسلىتىدۇ. ھەج ئىبادىتى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىبادەت بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئۆز پەرۋەردىگارىغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن مال بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھغا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر». [سۈرە ھەج 37-ئايەت]. ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىش پۇرسىتى بولمىغان مۇسۇلمانلار زۇلھەججە ئېىيىنىڭ دەسلەپكى ئۆن كۈنىنى غەنىمەت بىلىپ، بۇ كۈنلەرنى نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزىشى، ئۆي ۋە ئىش ئورۇنلىرى، بازارلاردا بولسۇن ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇستۇن قىلىدىغان زىكىر ۋە تەكبىر، ھەمدۇ-سانالارنى ھەركىشى ئۆز شارائىتىغا يارىشا ئېيتىشى چەكسىز ئەجرى ساۋابلارغا مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز رەھمىتىگە مۇۋەپپەق قىلسۇن.