البحث

عبارات مقترحة:

الرب

كلمة (الرب) في اللغة تعود إلى معنى التربية وهي الإنشاء...

الحسيب

 (الحَسِيب) اسمٌ من أسماء الله الحسنى، يدل على أن اللهَ يكفي...

المتين

كلمة (المتين) في اللغة صفة مشبهة باسم الفاعل على وزن (فعيل) وهو...

ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين ، مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات الإيمان بالقدر
ئىنسان ئىشلاردا مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟بۇ توغرىدا تەپسىلى چۇشەنچە بىرىلگەن بولسا.

التفاصيل

  ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟   34898 -نومۇرلۇق سوئال سوئال: ئىنسان ئىشلاردا مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟ جاۋاب: شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين بۇ ھەقتە سورالغان ۋە مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: سورىغۇچى ئۆزىدىن سورىسۇنكى: ئۇ ئالماقچى بولغان ماشىنىنىڭ تۈرىنى ئۆزى تاللامدۇ؟ بۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنى ئۆزىدىن سورىسا ئۇنىڭغا بۇ سوئالنىڭ جاۋابى روشەنلىشىدۇ. ئاندىن يەنە سورىسۇنكى، ئۇنىڭغا بىرەر خاپىلىق يەتسە، ئۇنىڭ ئىختىيارى بىلەن يېتەمدۇ؟ ئۇ ئۆزى ئىختىيار قىلىپ كىسەل بولامدۇ؟ ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆلەمدۇ؟ يۇقىرىدىكىدەك سوئاللارنى ئۆزىدىن سوراپ پىكىر قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ جاۋابىنى تاپالايدۇ. جاۋاب شۇكى، ئەقلى جايىدا ئىنسان ئۆزى قىلغان ئىشىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئاڭلاڭ: « خالىغان كىشى رەببى تەرەپكە يول ئالسۇن» .« سىلەردىن دۇنيانى خالايدىغانلار ۋە سىلەردىن ئاخىرەتنى خالايدىغانلار بار». لېكىن بەندە بىر ئىشنى قىلىشنى خالاپ شۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا بىلىمىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇ ئىشنى قىلىشنى ئىرادە قىلغان. خۇددى قۇرئان كەرىمدە دېيىلگىنىدەك:« سىلەردىن خالىغان كىشى توغرا يولدا ماڭىدۇ»، ئاللاھ خالىمىغىچە سىلەر خالىيالمايسىلەر» ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچقانداق ئىش ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشىسىز يۈز بەرمەيدۇ. ئىنسانغا ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز يۈز بېرىدىغان ئىشلاردا بەندىنىڭ تاللىشى ۋە ئىختىيار قىلىشى يوقتۇر. مەسىلەن: كېسەللىك، ئۆلۈم ۋە بەزى ھادىسىلەرگە ئوخشاش. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچى زاتتۇر.  

المرفقات

2

ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟
ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟