السميع
كلمة السميع في اللغة صيغة مبالغة على وزن (فعيل) بمعنى (فاعل) أي:...
ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن) تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىڭلار، ئاللاھ (دىنغا ياردەم بېرىشكە ئۈممەتلەر ئارىسىدىن) سىلەرنى تاللىدى. (ئەڭ مۇكەممەل شەرىئەت ۋە ئۇلۇغ پەيغەمبەرنى سىلەرگە خاس قىلدى). سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى). (بۇ) ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر (بۇ توغرا دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مەھكەم ئۇچلاڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرى (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرىكى كىتابلاردا) مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان ئىدى. قۇرئاندىمۇ شۇنداق ئاتىدى.
(ئاللاھ) پەيغەمبەرنى سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا ۋە سىلەرنى كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا (تاللىدى)، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا يېپىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار![78].