الحج

تفسير سورة الحج

الترجمة الأويغورية

Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

الترجمة الأويغورية

.ترجمة معاني القرآن الكريم للغة الأويغورية ترجمها الشيخ محمد صالح ، نشرها مجمع الملك فهد لطباعة المصحف الشريف.عام الطبعة 1416هـ. ملاحظة: ترجمات بعض الآيات (مشار إليها) تم تصويبها بمعرفة مركز رواد الترجمة، مع إتاحة الاطلاع على الترجمة الأصلية لغرض إبداء ال

﴿بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ ۚ إِنَّ زَلْزَلَةَ السَّاعَةِ شَيْءٌ عَظِيمٌ﴾

ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن (يەنى ئازابىدىن) قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر[1].

﴿يَوْمَ تَرَوْنَهَا تَذْهَلُ كُلُّ مُرْضِعَةٍ عَمَّا أَرْضَعَتْ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمْلٍ حَمْلَهَا وَتَرَى النَّاسَ سُكَارَىٰ وَمَا هُمْ بِسُكَارَىٰ وَلَٰكِنَّ عَذَابَ اللَّهِ شَدِيدٌ﴾

ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئايال (قاتتىق قورقۇنچتىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن) ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست كۆرۈسەن، ھالبۇكى، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مەست ئەمەس (دېمەك، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس ـ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[2].

﴿وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُجَادِلُ فِي اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّبِعُ كُلَّ شَيْطَانٍ مَرِيدٍ﴾

بەزى كىشىلەر ئاللاھ (نىڭ قۇدرىتى ۋە سۈپەتلىرى) ئۈستىدە ھېچقانداق دەلىلسىز مۇنازىرىلىشىدۇ، ھەر بىر سەركەش شەيتانغا (يەنى ھەقتىن توسقۇچى كۇففارلارنىڭ كاتتىباشلىرىغا) ئەگىشىدۇ[3].

﴿كُتِبَ عَلَيْهِ أَنَّهُ مَنْ تَوَلَّاهُ فَأَنَّهُ يُضِلُّهُ وَيَهْدِيهِ إِلَىٰ عَذَابِ السَّعِيرِ﴾

ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇكى، كىمكى شەيتانغا ئەگىشىدىكەن، شەيتان ئۇنى ئازدۇرىدۇ ۋە جەھەننەمنىڭ ئازابىغا سۆرەيدۇ[4].

﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنْ كُنْتُمْ فِي رَيْبٍ مِنَ الْبَعْثِ فَإِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ مِنْ مُضْغَةٍ مُخَلَّقَةٍ وَغَيْرِ مُخَلَّقَةٍ لِنُبَيِّنَ لَكُمْ ۚ وَنُقِرُّ فِي الْأَرْحَامِ مَا نَشَاءُ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ثُمَّ نُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ ۖ وَمِنْكُمْ مَنْ يُتَوَفَّىٰ وَمِنْكُمْ مَنْ يُرَدُّ إِلَىٰ أَرْذَلِ الْعُمُرِ لِكَيْلَا يَعْلَمَ مِنْ بَعْدِ عِلْمٍ شَيْئًا ۚ وَتَرَى الْأَرْضَ هَامِدَةً فَإِذَا أَنْزَلْنَا عَلَيْهَا الْمَاءَ اهْتَزَّتْ وَرَبَتْ وَأَنْبَتَتْ مِنْ كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ﴾

ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار (گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار)، بىز سىلەرگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق.
بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا ـ ئاستا كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرۇلىسىلەر، (ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق، ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ[5].

﴿ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّهُ يُحْيِي الْمَوْتَىٰ وَأَنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ﴾

بۇ (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يۇقىرىقىدەك يارىتىشى)، ئاللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر[6].

﴿وَأَنَّ السَّاعَةَ آتِيَةٌ لَا رَيْبَ فِيهَا وَأَنَّ اللَّهَ يَبْعَثُ مَنْ فِي الْقُبُورِ﴾

شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى، قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى (ئۆلۈك زېمىننى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش بىلەن تىرىلدۈرگەندەك) ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر[7].

﴿وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُجَادِلُ فِي اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَلَا هُدًى وَلَا كِتَابٍ مُنِيرٍ﴾

بەزىلەر (توغرا تونۇشقا ئېلىپ بارىدىغان) ھېچقانداق ھەقىقىي ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ئاللاھ توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ، (ئۇنىڭ مۇنازىرىلىشىشى نوقۇل نەپسى - خاھىشى ۋە تەرسالىقىدىندۇر)[8].

﴿ثَانِيَ عِطْفِهِ لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۖ لَهُ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَنُذِيقُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَذَابَ الْحَرِيقِ﴾

ئۇ (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز[9].

﴿ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ يَدَاكَ وَأَنَّ اللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ﴾

(ئۇنىڭغا): «(خارلىق بىلەن ئازاب) سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ يەنى كۇفرىڭ بىلەن گۇمراھلىقىڭ) تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرگىز زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر» (دېيىلىدۇ)[10].

﴿وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَعْبُدُ اللَّهَ عَلَىٰ حَرْفٍ ۖ فَإِنْ أَصَابَهُ خَيْرٌ اطْمَأَنَّ بِهِ ۖ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ انْقَلَبَ عَلَىٰ وَجْهِهِ خَسِرَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ﴾

بەزىلەر ئاللاھقا شەك ـ شۈبھە بىلەن (يەنى تۇراقسىز ھالدا) ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ (بۇنداق ئادەم ئاللاھقا دىلى بىلەن ئەمەس، پەقەت تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر[11].

﴿يَدْعُو مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُ وَمَا لَا يَنْفَعُهُ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الضَّلَالُ الْبَعِيدُ﴾

ئۇ ئاللاھنى قويۇپ پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، بۇ چوڭقۇر گۇمراھلىقتۇر[12].

﴿يَدْعُو لَمَنْ ضَرُّهُ أَقْرَبُ مِنْ نَفْعِهِ ۚ لَبِئْسَ الْمَوْلَىٰ وَلَبِئْسَ الْعَشِيرُ﴾

ئۇ ئەلۋەتتە زىيىنى پايدىسىدىن يېقىن بولغان نەرسىگە چوقۇنىدۇ، (ئۇ مەبۇد) راستتىنلا يامان مەدەتكاردۇر، راستتىنلا يامان ھەمراھتۇر[13].

﴿إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ﴾

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى خالىغان ئادەمگە ساۋاب بېرىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ)[14].

﴿مَنْ كَانَ يَظُنُّ أَنْ لَنْ يَنْصُرَهُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ فَلْيَمْدُدْ بِسَبَبٍ إِلَى السَّمَاءِ ثُمَّ لْيَقْطَعْ فَلْيَنْظُرْ هَلْ يُذْهِبَنَّ كَيْدُهُ مَا يَغِيظُ﴾

كىمكى ئاللاھ پەيغەمبەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئۇ تورۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇپ ئالسۇن، قارىسۇنكى، ئۇنىڭ (بۇ) تەدبىرى غەزىپىنى باسالامدۇ؟ (يەنى ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەرمەيدۇ، دەپ ئويلايدىكەن، ئۇ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالسۇن، ئەگەر بۇ ئۇنىڭ خاپىلىقىنى باسالايدىغان بولسا. چۈنكى ئاللاھ پەيغەمبەرگە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ)[15].

﴿وَكَذَٰلِكَ أَنْزَلْنَاهُ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ وَأَنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يُرِيدُ﴾

شۇنىڭغا ئوخشاش (يەنى ئىلگىرىكى كىتابلارنى نازىل قىلغىنىمىزغا ئوخشاش)، قۇرئاننى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) روشەن ئايەتلەر قىلىپ نازىل قىلدۇق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى يوق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ)[16].

﴿إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالصَّابِئِينَ وَالنَّصَارَىٰ وَالْمَجُوسَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا إِنَّ اللَّهَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ﴾

مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار، ناسارالار، مەجۇسىيلەر (يەنى ئاتەشپەرەسلەر) ۋە مۇشرىكلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، (يەنى ئاللاھ تائالا مۆمىنلەر بىلەن مەزكۇر بەش پىرقە ئارىسىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، مۆمىنلەرنى جەننەتكە، كۇففارلارنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[17].

﴿أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَسْجُدُ لَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ وَالنُّجُومُ وَالْجِبَالُ وَالشَّجَرُ وَالدَّوَابُّ وَكَثِيرٌ مِنَ النَّاسِ ۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ الْعَذَابُ ۗ وَمَنْ يُهِنِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ مُكْرِمٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ ۩﴾

بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)، زېمىندىكىلەر (يەنى ئىنسانلار، جىنلار ۋە زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋاناتلار ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ) ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر (كۇفرى سەۋەبلىك) ئازابقا دۇچار بولدى، ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى ئازاب قىلىش، رەھىم قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، باي قىلىش، كەمبەغەل قىلىش ئاللاھنىڭ خاھىشىدىكى ۋە ھېكمىتىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھقا ھېچ كىشى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)[18].

﴿۞ هَٰذَانِ خَصْمَانِ اخْتَصَمُوا فِي رَبِّهِمْ ۖ فَالَّذِينَ كَفَرُوا قُطِّعَتْ لَهُمْ ثِيَابٌ مِنْ نَارٍ يُصَبُّ مِنْ فَوْقِ رُءُوسِهِمُ الْحَمِيمُ﴾

(مۆمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى (پىرقە) پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كۇففارلار ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستىدە بەس ـ مۇنازىرە قىلىشىپ، مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى، كۇففارلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى)، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قۇيۇلىدۇ[19].

﴿يُصْهَرُ بِهِ مَا فِي بُطُونِهِمْ وَالْجُلُودُ﴾

ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ -باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ[20].

﴿وَلَهُمْ مَقَامِعُ مِنْ حَدِيدٍ﴾

ئۇلار تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ[21].

﴿كُلَّمَا أَرَادُوا أَنْ يَخْرُجُوا مِنْهَا مِنْ غَمٍّ أُعِيدُوا فِيهَا وَذُوقُوا عَذَابَ الْحَرِيقِ﴾

ھەر قاچان ئۇلار (يېتىۋاتقان) غەم ـ قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ، (ئۇلارغا) كۆيدۈرگۈچى (دوزاخ) ئازابىنى تېتىڭلار (دېيىلىدۇ)[22].

﴿إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِنْ ذَهَبٍ وَلُؤْلُؤًا ۖ وَلِبَاسُهُمْ فِيهَا حَرِيرٌ﴾

ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بۇيۇملىرى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ[23].

﴿وَهُدُوا إِلَى الطَّيِّبِ مِنَ الْقَوْلِ وَهُدُوا إِلَىٰ صِرَاطِ الْحَمِيدِ﴾

ئۇلار ياخشى سۆزگە (يەنى كەلىمە تەۋھىدكە) ھىدايەت قىلىندى. ئاللاھنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىندى[24].

﴿إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ الَّذِي جَعَلْنَاهُ لِلنَّاسِ سَوَاءً الْعَاكِفُ فِيهِ وَالْبَادِ ۚ وَمَنْ يُرِدْ فِيهِ بِإِلْحَادٍ بِظُلْمٍ نُذِقْهُ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ﴾

كاپىرلارغا، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقۇچىلارغا _ ئۇ ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن ياكى سىرتتىن كەلگەن بولسۇن _ بىز كىشىلەرگە ئىبادەتگاھ قىلغان مەسجىدى ھەرەمدىن توسقۇچىلارغا (يەنى ھەج پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسجىدى ھەرەمگە كەلگەن مۆمىنلەرنى توسقۇچىلارغا) (قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز)، كىمكى مەسجىدى ھەرەمدە زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز[25].

﴿وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَنْ لَا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ﴾

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئورنىنى تەيىنلەپ بەردۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، تاۋاپ قىلغۇچىلارغا، قىيامدا تۇرغۇچىلارغا، رۇكۇ قىلغۇچىلارغا، سەجدە قىلغۇچىلارغا مېنىڭ ئۆيۈمنى پاك قىلغىن[26].

﴿وَأَذِّنْ فِي النَّاسِ بِالْحَجِّ يَأْتُوكَ رِجَالًا وَعَلَىٰ كُلِّ ضَامِرٍ يَأْتِينَ مِنْ كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٍ﴾

كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئورۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ[27].

﴿لِيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَعْلُومَاتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ ۖ فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْبَائِسَ الْفَقِيرَ﴾

كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن». سىلەر قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار[28].

﴿ثُمَّ لْيَقْضُوا تَفَثَهُمْ وَلْيُوفُوا نُذُورَهُمْ وَلْيَطَّوَّفُوا بِالْبَيْتِ الْعَتِيقِ﴾

ئاندىن ئۇلار كىرلىرىنى تازىلىسۇن (يەنى ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن چاچلىرىنى، تىرناقلىرىنى ئالسۇن)، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن، قەدىمىي بەيت (يەنى بەيتۇللاھنى) تاۋاپ قىلسۇن[29].

﴿ذَٰلِكَ وَمَنْ يُعَظِّمْ حُرُمَاتِ اللَّهِ فَهُوَ خَيْرٌ لَهُ عِنْدَ رَبِّهِ ۗ وَأُحِلَّتْ لَكُمُ الْأَنْعَامُ إِلَّا مَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ ۖ فَاجْتَنِبُوا الرِّجْسَ مِنَ الْأَوْثَانِ وَاجْتَنِبُوا قَوْلَ الزُّورِ﴾

(ھەج ئىبادىتى) ئەنە شۇدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا (يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە)، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن ياخشىدۇر، سىلەرگە چاھارپايلاردىن قۇرئاندا (ھاراملىقى) بايان قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرى ھالال قىلىندى. سىلەر بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن ساقلىنىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار[30].

﴿حُنَفَاءَ لِلَّهِ غَيْرَ مُشْرِكِينَ بِهِ ۚ وَمَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ السَّمَاءِ فَتَخْطَفُهُ الطَّيْرُ أَوْ تَهْوِي بِهِ الرِّيحُ فِي مَكَانٍ سَحِيقٍ﴾

ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ[31].

﴿ذَٰلِكَ وَمَنْ يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّهِ فَإِنَّهَا مِنْ تَقْوَى الْقُلُوبِ﴾

ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنىي ئىشلارنى (جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى، قۇربانلىقلارنى) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر[32].

﴿لَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ثُمَّ مَحِلُّهَا إِلَى الْبَيْتِ الْعَتِيقِ﴾

مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى بوغۇزلايدىغان ۋاقىتقىچە قۇربانلىق ماللىرىدىن (سېغىپ، نەسىللەندۈرۈپ، مىنىپ) پايدىلىنىسىلەر، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلاشقا تېگىشلىك جاي بەيتۇللاھنىڭ يېنىدۇر (يەنى ھەرەمدۇر)[33].

﴿وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا لِيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ ۗ فَإِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ فَلَهُ أَسْلِمُوا ۗ وَبَشِّرِ الْمُخْبِتِينَ﴾

ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇشخەۋەر بەرگىن[34].

﴿الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَالصَّابِرِينَ عَلَىٰ مَا أَصَابَهُمْ وَالْمُقِيمِي الصَّلَاةِ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ﴾

ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ (تىترەيدۇ)، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) بېرىدۇ[35].

﴿وَالْبُدْنَ جَعَلْنَاهَا لَكُمْ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ لَكُمْ فِيهَا خَيْرٌ ۖ فَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهَا صَوَافَّ ۖ فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّ ۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرْنَاهَا لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾

(كەبىگە ئېلىپ بېرىلىدىغان) تۆگىنى ئاللاھنىڭ (دىننىڭ) ئالامەتلىرىدىن (يەنى ھەجنىڭ ئەھكاملىرىدىن) قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەرگە نۇرغۇن پايدا بار، ئۇلارنى قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ (يەنى ئۇلارنىڭ ئالدى سول پۇتىنى باغلاپ، ئۈچ پۇت بىلەن تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىغىنىڭلاردا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار (يەنى بىسمىللاھ دەڭلار)، ئۇلار بوغۇزلىنىپ جېنى چىققاندا، ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق[36].

﴿لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَٰكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَىٰ مِنْكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمْ لِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ ۗ وَبَشِّرِ الْمُحْسِنِينَ﴾

ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا (ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن[37].

﴿۞ إِنَّ اللَّهَ يُدَافِعُ عَنِ الَّذِينَ آمَنُوا ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ خَوَّانٍ كَفُورٍ﴾

ئاللاھ مۆمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەر قانداق خىيانەتچى، ناشۈكۈر بەندىنى دوست تۇتمايدۇ[38].

﴿أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَاتَلُونَ بِأَنَّهُمْ ظُلِمُوا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ نَصْرِهِمْ لَقَدِيرٌ﴾

ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر[39].

﴿الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ بِغَيْرِ حَقٍّ إِلَّا أَنْ يَقُولُوا رَبُّنَا اللَّهُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَهُدِّمَتْ صَوَامِعُ وَبِيَعٌ وَصَلَوَاتٌ وَمَسَاجِدُ يُذْكَرُ فِيهَا اسْمُ اللَّهِ كَثِيرًا ۗ وَلَيَنْصُرَنَّ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ﴾

(ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى.
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر ـ بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[40].

﴿الَّذِينَ إِنْ مَكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنْكَرِ ۗ وَلِلَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ﴾

(ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھقا قايتىدۇ)[41].

﴿وَإِنْ يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَثَمُودُ﴾

ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]

﴿وَقَوْمُ إِبْرَاهِيمَ وَقَوْمُ لُوطٍ﴾

ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]

﴿وَأَصْحَابُ مَدْيَنَ ۖ وَكُذِّبَ مُوسَىٰ فَأَمْلَيْتُ لِلْكَافِرِينَ ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ﴾

ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]

﴿فَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ فَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَبِئْرٍ مُعَطَّلَةٍ وَقَصْرٍ مَشِيدٍ﴾

نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن (شەھەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ) ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان، نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر (ئاھالىسىز) قالغان[45].

﴿أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَا أَوْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۖ فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَٰكِنْ تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ﴾

ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار (يەنى سەير قىلىپ) چۈشىنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ (يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، قەلبى كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ)[46].

﴿وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ وَلَنْ يُخْلِفَ اللَّهُ وَعْدَهُ ۚ وَإِنَّ يَوْمًا عِنْدَ رَبِّكَ كَأَلْفِ سَنَةٍ مِمَّا تَعُدُّونَ﴾

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ (ئازاب چوقۇم نازىل بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نازىل بولۇشىنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى ـ سائىتى بولىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ (ئاللاھ بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر[47].

﴿وَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ أَمْلَيْتُ لَهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ ثُمَّ أَخَذْتُهَا وَإِلَيَّ الْمَصِيرُ﴾

نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا مەن مۆھلەت بەردىم (ئۇلار بۇ مۆھلەتكە مەغرۇر بولۇپ كەتتى)، ئاندىن (يەنى ئۇلارغا ئۇزاق مۇددەت مۆھلەت بەرگىنىمدىن كېيىن) ئۇلارنى جازالىدىم، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر (يەنى ئاخىر ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ)[48].

﴿قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّمَا أَنَا لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ﴾

(ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ تېز نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[49].

﴿فَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ﴾

ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ[50].

﴿وَالَّذِينَ سَعَوْا فِي آيَاتِنَا مُعَاجِزِينَ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ﴾

بىزنى ئاجىز بىلىپ ئايەتلىرىمىزنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشقۇچىلار ـ ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر[51].

﴿وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ وَلَا نَبِيٍّ إِلَّا إِذَا تَمَنَّىٰ أَلْقَى الشَّيْطَانُ فِي أُمْنِيَّتِهِ فَيَنْسَخُ اللَّهُ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ ثُمَّ يُحْكِمُ اللَّهُ آيَاتِهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ﴾

بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن قايسىبىر رەسۇل، قايسىبىر پەيغەمبەر بولمىسۇن، ئۇ (ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈپ قەۋمىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقاندا)، شەيتان ھامان ئۇنىڭ ئۈمىدىگە (شۈبھە) سالىدۇ. ئاللاھ شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسىنى بەربات قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[52].

﴿لِيَجْعَلَ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ فِتْنَةً لِلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَفِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ﴾

(ئاللاھتائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) دىللىرىدا كېسەل بارلارنى، دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى (يەنى ئاللاھنىڭ زىكرىگە دىلى ئېرىمەسلەرنى) شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر. زالىملار (يەنى يۇقىرىدىكى مۇناپىقلار، مۇشرىكلار) ھەقىقەتەن (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە) قاتتىق ئاداۋەتتىدۇر[53].

﴿وَلِيَعْلَمَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ فَيُؤْمِنُوا بِهِ فَتُخْبِتَ لَهُ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَهَادِ الَّذِينَ آمَنُوا إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ﴾

(ئاللاھتائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشلىرى، دىللىرىنىڭ قۇرئانغا بوي سۇنۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر[54].

﴿وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي مِرْيَةٍ مِنْهُ حَتَّىٰ تَأْتِيَهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً أَوْ يَأْتِيَهُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَقِيمٍ﴾

كاپىرلار تاكى ئۇلارغا قىيامەت ئۇشتۇمتۇت كەلگۈچە ياكى ئۇلارغا قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى يەتكۈچە قۇرئاندىن ھامان شەكلىنىدۇ[55].

﴿الْمُلْكُ يَوْمَئِذٍ لِلَّهِ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ ۚ فَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ﴾

بۇ كۈندە پادىشاھلىق (يالغۇز) ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ بەندىلەر ئارىسىدا (ئادىل) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار (تۈرلۈك) نازۇ- نېمەتلەر بار جەننەتلەردە بولىدۇ[56].

﴿وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ﴾

كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار (دوزاختا) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[57].

﴿وَالَّذِينَ هَاجَرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ قُتِلُوا أَوْ مَاتُوا لَيَرْزُقَنَّهُمُ اللَّهُ رِزْقًا حَسَنًا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ﴾

ئاللاھنىڭ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا، ئاندىن (جىھاد قىلىپ) ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە ياكى (كېسەل بىلەن) ئۆلگەنلەرگە ئاللاھ چوقۇم ياخشى رىزىق (يەنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلىدۇ. رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھەقىقەتەن يالغۇز ئاللاھتۇر[58].

﴿لَيُدْخِلَنَّهُمْ مُدْخَلًا يَرْضَوْنَهُ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَعَلِيمٌ حَلِيمٌ﴾

ئاللاھ ئۇلارنى ئەلۋەتتە ئۇلار مەمنۇن بولىدىغان جايغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدىغان نەرسىلەرنى) بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[59].

﴿۞ ذَٰلِكَ وَمَنْ عَاقَبَ بِمِثْلِ مَا عُوقِبَ بِهِ ثُمَّ بُغِيَ عَلَيْهِ لَيَنْصُرَنَّهُ اللَّهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ﴾

ئىش مانا شۇنداق، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[60].

﴿ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَأَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ﴾

(شۇ نەرسە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇركى) ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[61].

﴿ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ هُوَ الْبَاطِلُ وَأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ﴾

(بۇ قۇدرەت) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر، ئاللاھ (ھەممە نەرسىدىن) ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر[62].

﴿أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَتُصْبِحُ الْأَرْضُ مُخْضَرَّةً ۗ إِنَّ اللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ﴾

ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن زېمىننى يېشىلزارلىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[63].

﴿لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ﴾

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، ھەمدۇساناغا لايىقتۇر[64].

﴿أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ سَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ وَالْفُلْكَ تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَيُمْسِكُ السَّمَاءَ أَنْ تَقَعَ عَلَى الْأَرْضِ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ﴾

ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (ئاسماننىڭ زېمىنغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئاسماننى توختىتىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن (ئاسماننىڭ قىيامەت بولغان چاغدا) چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[65].

﴿وَهُوَ الَّذِي أَحْيَاكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ۗ إِنَّ الْإِنْسَانَ لَكَفُورٌ﴾

ئاللاھ سىلەرگە ھاياتلىق بېرىدۇ، ئاندىن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر[66].

﴿لِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا هُمْ نَاسِكُوهُ ۖ فَلَا يُنَازِعُنَّكَ فِي الْأَمْرِ ۚ وَادْعُ إِلَىٰ رَبِّكَ ۖ إِنَّكَ لَعَلَىٰ هُدًى مُسْتَقِيمٍ﴾

ھەر ئۈممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ، (مۇشرىكلار) شەرىئەت ئىشىدا سەن بىلەن جېدەللەشمىسۇن، كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن شەكسىز توغرا يولدىدۇرسەن[67].

﴿وَإِنْ جَادَلُوكَ فَقُلِ اللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَعْمَلُونَ﴾

ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن جېدەللەشسە، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ[68].

﴿اللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ﴾

ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ»[69].

﴿أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۗ إِنَّ ذَٰلِكَ فِي كِتَابٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ﴾

بىلمەمسەنكى، ئاللاھ ئاسمان، زېمىندىكى شەيئىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن لەۋھۇلمەھپۇزدا (يېزىلغان)، بۇ (يەنى بىلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان[70].

﴿وَيَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا وَمَا لَيْسَ لَهُمْ بِهِ عِلْمٌ ۗ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ نَصِيرٍ﴾

ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، (ئىبادەت قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقىغا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار يوق[71].

﴿وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ تَعْرِفُ فِي وُجُوهِ الَّذِينَ كَفَرُوا الْمُنْكَرَ ۖ يَكَادُونَ يَسْطُونَ بِالَّذِينَ يَتْلُونَ عَلَيْهِمْ آيَاتِنَا ۗ قُلْ أَفَأُنَبِّئُكُمْ بِشَرٍّ مِنْ ذَٰلِكُمُ ۗ النَّارُ وَعَدَهَا اللَّهُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ﴾

كاپىرلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ چېھرىلىرىدە (قوشۇمىسى تۈرۈلگەنلىكتىن) ئىنكار قىلغانلىقنى كۆرۈسەن، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بەرگۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى تاس قىلغانلىقىنى كۆرۈسەن. ئېيتقىنكى، «سىلەرگە مەن بۇنىڭدىنمۇ يامانراقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ دوزاختۇر. ئاللاھ ئۇنى كاپىرلارغا ۋەدە قىلدى، ئۇلار قايتىپ بارىدىغان جاي نېمىدېگەن يامان!»[72].

﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٌ فَاسْتَمِعُوا لَهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَنْ يَخْلُقُوا ذُبَابًا وَلَوِ اجْتَمَعُوا لَهُ ۖ وَإِنْ يَسْلُبْهُمُ الذُّبَابُ شَيْئًا لَا يَسْتَنْقِذُوهُ مِنْهُ ۚ ضَعُفَ الطَّالِبُ وَالْمَطْلُوبُ﴾

ئى ئىنسانلار! بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ (ئەقلى بار ئادەم قانداقمۇ مۇشۇنداق بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋېلىپ ئۇلارغا چوقۇنىدۇ!)، چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى (يەنى بۇتقا سۈركەپ قويۇلغان خۇش پۇراق بىر نەرسىنى) ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، بۇتمۇ ۋە (ئۇنىڭغا) چوقۇنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر[73].

﴿مَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ﴾

ئۇلار (ئەرزىمەس بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ) ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[74].

﴿اللَّهُ يَصْطَفِي مِنَ الْمَلَائِكَةِ رُسُلًا وَمِنَ النَّاسِ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ﴾

ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈش ئۈچۈن)، ئىنسانلاردىنمۇ (شەرىئەتنى بەندىلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن) ئەلچىلەرنى تاللايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلمىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[75].

﴿يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۗ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ﴾

ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە ھازىرقى ئىشلىرىنى) ۋە ئارقىسىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىنى) بىلىدۇ، (بەندىلەرنىڭ) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارغا يا مۇكاپات، يا جازا بېرىدۇ)[76].

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ارْكَعُوا وَاسْجُدُوا وَاعْبُدُوا رَبَّكُمْ وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ ۩﴾

ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار (يەنى تەزەررۇ بىلەن ناماز ئوقۇڭلار)، (يالغۇز) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى (يەنى خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىش، يېتىم ـ يېسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلاش، كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىڭلار[77].

﴿وَجَاهِدُوا فِي اللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِ ۚ هُوَ اجْتَبَاكُمْ وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ ۚ مِلَّةَ أَبِيكُمْ إِبْرَاهِيمَ ۚ هُوَ سَمَّاكُمُ الْمُسْلِمِينَ مِنْ قَبْلُ وَفِي هَٰذَا لِيَكُونَ الرَّسُولُ شَهِيدًا عَلَيْكُمْ وَتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ ۚ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَاعْتَصِمُوا بِاللَّهِ هُوَ مَوْلَاكُمْ ۖ فَنِعْمَ الْمَوْلَىٰ وَنِعْمَ النَّصِيرُ﴾

ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن) تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىڭلار، ئاللاھ (دىنغا ياردەم بېرىشكە ئۈممەتلەر ئارىسىدىن) سىلەرنى تاللىدى. (ئەڭ مۇكەممەل شەرىئەت ۋە ئۇلۇغ پەيغەمبەرنى سىلەرگە خاس قىلدى). سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى).
(بۇ) ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر (بۇ توغرا دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مەھكەم ئۇچلاڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرى (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرىكى كىتابلاردا) مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان ئىدى. قۇرئاندىمۇ شۇنداق ئاتىدى.
(ئاللاھ) پەيغەمبەرنى سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا ۋە سىلەرنى كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا (تاللىدى)، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا يېپىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار![78].

الترجمات والتفاسير لهذه السورة: