البحث

عبارات مقترحة:

العالم

كلمة (عالم) في اللغة اسم فاعل من الفعل (عَلِمَ يَعلَمُ) والعلم...

العزيز

كلمة (عزيز) في اللغة صيغة مبالغة على وزن (فعيل) وهو من العزّة،...

الرحيم

كلمة (الرحيم) في اللغة صيغة مبالغة من الرحمة على وزن (فعيل) وهي...

رامزان كېچىلىرىدە تەھەججۈد ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز ، نىزامىددىن تەمكىنى
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات صلاة التطوع - صلاة التراويح
ئاپتۇر ماقالىسىدا تەھەججۈد نامىزىنىڭ پەزىلىتى، كىمىكى ئىنسانلار ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىنى ئۈمىد قىلىپ نەپلە نامازغا تۇرۇدىكەن، ئاللاھنىڭ كېچىدە تەھەججۈد نامىزى قىلغۇچىلارغا تەييارلىغان بۈيۈك ئەجرىگە نائىل بولىدىغانلىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.

التفاصيل

  رامزان كېچىلىرىدە تەھەججۈد ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا   ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن كېچىدە قىيامدا تۇرۇش ياخشى كۆرۈلىدىغان سۈننەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ھەقىقى تەقۋادار كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە (ئېقىپ تۇرغان) بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى. ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى. ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى.» سۈرە زارىيات 15-18 ئايەتكىچە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتتە بىر ئۆي بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتىدىن ئېچ تەرىپى ۋە ئېچ تەرىپىدىن سىرتى كۆرىنىدۇ، ئاللاھ ئۇ ئۆينى كىشىلەرگە تائام بەرگەن، چىرايلىق، مۇلايىم سۆزلىگەن، روزا تۇتقان، كىشىلەر ئۇيقۇدا ياتقان كېچىلەردە تەھەججۈد نامىزى ئوقۇغان بەندىلىرى ئۈچۈن تەييارلىدى.» [سەھىھۇلجامىئ]. كېچىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقى رامزان ئېيىدا ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى رامزاننىڭ كېچىلىرىدە قىيامدا تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «كىمىكى رامزاننىڭ كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئېشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ ناماز ئوقۇسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.» [بۇخارىي ۋە مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن سەھىھ ھەدىس]. كېچىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ ۋاقتى خۇپتەن نامىزىدىن كىيىن باشلىنىپ بامدات ۋاقتى كىرگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلدى، ئۇ ۋىتىر نامىزى بولۇپ، ئۇ نامازنى خۇپتەندىن كېيىن بامدات ۋاقتى كىرگىچە ئوقۇڭلار.» [ئەھمەد رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس]. رامزاندا ياكى رامزاننىڭ غەيرىدە كېچىدە قىيامدا تۇرغاندا ئوقۇيدىغان نامازنىڭ سانى ۋە تۇرۇشنىڭ ۋاقتى بەلگىلەنگەنمۇ؟ دېگەن سوئالغا پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: رامزاندا كېچىدە ئوقۇيدىغان نامازنىڭ سانى ۋە ۋاقتى بەلگىلەنمىگەن، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممەتلىرى ئۈچۈن بۇ توغرىدا مەلۇم ۋاقىت ۋە سان بەلگىلەپ بەرمىگەن، بەلكى ئۇلارنى رامزاندا كېچىدە قىيامدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېچىدە ئوقۇيدىغان ناماز ھەققىدە سورالغاندا: «كېچىدە ئوقۇيدىغان ناماز ئىككى رەكەت-ئىككى رەكئەتتىن بولىدۇ، تاڭ يورۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىسەڭلار ئاخىردا بىر رەكەت ئوقۇڭلار دېگەن.» [بۇخارىي ۋە مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. يۇقىرىقى دەلىللەردىن بۇ ئىبادەتتە كەڭرىچىلىك بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. كىمىكى كېچىدە 20 رەكەت ناماز ئوقۇپ كىيىن 3 رەكەت ۋىتىر ئوقۇشنى ياخىشى كۆرىدىكەن شۇنداق قىلسۇن. كىمىكى كېچىدە 10 رەكەت ناماز ئوقۇپ كىيىن 3 رەكەت ۋىتىر ئوقۇشنى ياخىشى كۆرىدىكەن شۇنداق قىلسۇن. بۇنىڭدىن ئاز ئوقۇسۇن ياكى كۆپ ئوقۇسۇن بۇنىڭدا ھېچ چەكلىمە يوق. ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆپ ۋاقىتلاردا قىلغاندەك قىلىش كېرەك. بۇخارىي ۋە مۇسلىمدا ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە بۇ مەسىلە ئوچۇق بايان قىلىنغان. كېچىدە ناماز ئوقۇش ئىشىدا كۆپ كەڭرىچىلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا مەلۇم بەلگىلىمە يوق، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلى، رەھمىتى ۋە ئۆز بەندىلىرىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ پەتىۋالار توپلىمى7-توم 212-بېتىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن. ئاللاھ تائالادىن ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمىز.