الوتر
كلمة (الوِتر) في اللغة صفة مشبهة باسم الفاعل، ومعناها الفرد،...
بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى شەبى قەدردە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق[3].
ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ئايرىلىدۇ[4].
(شۇ كېچە تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر، بىز ھەقىقەتەن (ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتكۈچى بولدۇق[5].
(شۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىدىندۇر. ئۇ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[6].
ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار، (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[7].
ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالالايدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئىلگىرىكى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[8].
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار ھەقىقىي ئىشەنگۈچى ئەمەس)، بەلكى ئۇلار (قىيامەتتىن) شەكتە بولۇپ (ھەقنى ئىستىھزا قىلىپ) ئوينايدۇ[9].
(ئى مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن[10].
(ئۇ تۈتۈن) كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر[11].
(ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىز ھەقىقەتەن ئىمان كەلتۈرگۈچىدۇرمىز» (دەيدۇ)[12].
(ئازاب كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە) ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن، ھالبۇكى، ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كەلدى (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئىمان ئېيتمىدى)[13].
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئۇ ئۆگىتىلگەن (يەنى قۇرئاننى كىشىلەردىن ئۆگەنگەن) دۇر، مەجنۇندۇر» دېدى[14].
بىز ھەقىقەتەن ئازابنى (سىلەردىن) ئازغىنا ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز، (ئاندىن) سىلەر ھەقىقەتەن (ئىلگىرىكى كاپىرلىق ھالىتىڭلارغا) قايتىۋالىسىلەر[15].
ئۇلارنى قاتتىق تۇتقان كۈنىمىزدە چوقۇم جازالايمىز[16].
ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق، ئۇلارغا ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلدى[17].
(مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى) «ماڭا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك پەيغەمبەر[18].
ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن روشەن مۆجىزە بىلەن كەلدىم[19].
مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارغا سېغىنىپ، سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشۈڭلاردىن پاناھ تىلەيمەن[20].
ئەگەر ماڭا ئىمان كەلتۈرمىسەڭلار مېنى (ئۆز ھالىمغا) قويۇۋېتىڭلار»[21].
مۇسا پەرۋەردىگارىغا: «بۇلار گۇناھكار قەۋمدۇر» دەپ دۇئا قىلدى[22].
(ئاللاھ ئېيتتى) «مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سىلەر ھەقىقەتەن قوغلىنىسىلەر[23].
دېڭىزنى تىپتىنچ (يەنى سەن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن قۇرۇق ھالىتى بويىچە) قويغىن، ئۇلار ھەقىقەتەن غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر»[24].
ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى قالدۇردى[25ـ26].
ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى قالدۇردى[25ـ26].
شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلارغا (يەنى بەنى ئىسرائىلغا) مىراس قىلىپ بەردۇق[28].
ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى[29].
شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى[30 ـ 31].
شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى[30 ـ 31].
ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدۇق[32].
ئۇلارغا (يەنى تەپەككۇر قىلغۇچىلارغا) روشەن سىناق بار نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق[33].
«پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، قايتا تىرىلمەيمىز، ئەگەر (ئاخىرەت بار دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكېلىپ بېقىڭلار»[35ـ36].
«پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، قايتا تىرىلمەيمىز، ئەگەر (ئاخىرەت بار دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكېلىپ بېقىڭلار»[35ـ36].
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۈچلۈكمۇ ياكى تۈببە قەۋمىمۇ؟ ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (نۇرغۇن) قەۋملەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار ئىدى[37].
ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ (يەنى بىكارغا) ياراتقىنىمىز يوق[38].
ئۇلارنى بىز پەقەت ھەق ياراتتۇق ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[39].
باتىل بىلەن ھەقنى ئايرىيدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ (ھېسابى ئۈچۈن) تەيىنلەنگەن ۋاقىتتۇر[40].
ئۇ كۈندە دوست دوستقا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ[41].
پەقەت ئاللاھ رەھمەت قىلغان كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[42].
ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ[45ـ46].
ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ[45ـ46].
(دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ[47ـ48].
(دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ[47ـ48].
(ئۇنىڭغا خارلاش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) «(بۇ ئازابنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ[49].
بۇ (ئازاب) ھەقىقەتەن (ھايات ۋاقتىڭلاردا) سىلەر شەكلەنگەن نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ[50].
ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر ـ بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ[53].
(ئۇلارنى تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز[54].
ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكلەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مېۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ[55].
ئۇلار ئىلگىرىكى (يەنى دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ[56].
(بۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەرھەمىتىدىندۇر، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر[57].
ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق[58].
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابنى) كۈتكىن، شۈبھىسىزكى، ئۇلار (سېنىڭ ھالاك بولۇشۇڭنى) كۈتكۈچىدۇر[59].